مۇسۇلمانلار

ئىش ۋە ئىشچى

ئىش ۋە ئىشچى
مۇقەددىمە
ئىسلام دىنى ھەر كىشىنى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاشقا، تىلەمچىلىكتىن ۋە تەمەخورلۇقتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. كىشىنىڭ ئۆزى ئىشلەپ ئېرىشكەن يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ئەڭ ئوبدان يېمەك-ئىچمەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان ئەمەل-ئىبادەتنى ھەر كىشىنىڭ ئۆزى قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى، دۇنيا ئىشلىرىدىمۇ ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۇرۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق قىلىپ باشقىلارغا تايىنىپ ئۆزىنى خار قىلماسلىقنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر كىشىنى جانلىق، كۈچلۈك، ئىشچان ۋە پائالىيەتچان بولۇشقا، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە قولىدىن كەلگەن ئىشنى قىلىپ ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ھالال بىلەن بېقىشقا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قولۇم-قوشنىلىرىغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ ھەقتە توختىلىمىز:
1- كۈندۈزنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ھېكمىتى
 ئاللاھ تائالا كۈندۈزنى ئىنسانلار ئىشلەپ ئۆز رىزىقلىرىنى قولغا كەلتۈرسۇن، دەپ ياراتقان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
﴿وَلَقَدْ مَكَّنَّاكُمْ فِي الأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ
«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە زېمىندا كۈچ-قۇۋۋەت بەردۇق ۋە زېمىندا سىلەرگە ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىلىكلىرىنى بار قىلدۇق. بەك ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»- ئەئراف 7/10.
﴿وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ آيَتَيْنِ فَمَحَوْنَا آيَةَ اللَّيْلِ وَجَعَلْنَا آيَةَ النَّهَارِ مُبْصِرَةً لِتَبْتَغُواْ فَضْلاً مِّن رَّبِّكُمْ وَلِتَعْلَمُواْ عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ وَكُلَّ شَيْءٍ فَصَّلْنَاهُ تَفْصِيلاً﴾
«بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئايەت قىلدۇق. ئاندىن كېچە ئايىتىنى ئۆچۈردۇق، كۈندۈز ئايىتىنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق[1]. بۇ رەببىڭلاردىن پەزل تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر ۋە يىللارنىڭ سانى بىلەن ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بىز ھەر نەرسىنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلدۇق»- ئىسرا 17/12.
﴿وَمِن رَّحْمَتِهِ جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
«ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى. شۈكۈر ئېيتقايسىلەر!»- قەسەس 28/73.
﴿وَجَعَلْنَا النَّهَارَ مَعَاشًا﴾
«بىز كۈندۈزنى مەئىشەت ۋاقتى[2] قىلدۇق»-نەبەئ 78/11.
ئاللاھ تائالا ئىشلەشكە تەشۋىق قىلىدۇ ۋە بۇيرۇيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
﴿هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِن رِّزْقِهِ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ﴾
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەرگە كۆنۈك بىر ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇ ھالدا زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە ئۇ زاتنىڭ رىزقىدىن يەڭلار، قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»- مۇلك 67/15.
﴿اللّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَأَنزَلَ مِنَ السَّمَاء مَاء فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَّكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الأَنْهَارَ. وَسَخَّر لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَآئِبَينَ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ. وَآتَاكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِن تَعُدُّواْ نِعْمَتَ اللّهِ لاَ تُحْصُوهَا إِنَّ الإِنسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ﴾
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك-تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا ئېقىپ يۈرىدىغان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرىدىغان كۈننى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»- ئىبراھىم 14/32-34.
﴿لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُواْ فَضْلاً مِّن رَّبِّكُمْ
«ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر»- بەقەرە 2/198.
2- ئىسلام دىنى چاقىرغان ئىشلار:
ئا- تىجارەت (سودىگەرچىلىك)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَأْكُلُواْ أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلاَّ أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ وَلاَ تَقْتُلُواْأَنفُسَكُمْ إِنَّ اللّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا﴾
«ئى مۇئمىنلار! بىر–بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە مېھرىباندۇر»- نىسا 4/29.
﴿فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِن فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾
«ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- جۇمۇئە 62/10.
﴿وَهُوَ الَّذِي سَخَّرَ الْبَحْرَ لِتَأْكُلُواْ مِنْهُ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُواْ مِنْهُ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبْتَغُواْ مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن تازا گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن-سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن-، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى»- نەھل 16/14.
﴿وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَمِن كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾
«ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى ئاسان ئىچىلىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن تازا گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»- فاتىر 35/12.
ئە- زىرائەت(دېھقانچىلىق)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَهُوَ الَّذِي أَنشَأَ جَنَّاتٍ مَّعْرُوشَاتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَاتٍ وَالنَّخْلَ وَالزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُتَشَابِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآتُواْ حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ وَلاَ تُسْرِفُواْ إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى ۋە ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- ئەنئام 6/141.
﴿وَآيَةٌ لَهُمُ الْأَرْضُ الْمَيْتَةُ أَحْيَيْنَاهَا وَأَخْرَجْنَا مِنْهَا حَبًّا فَمِنْهُ يَأْكُلُونَ. وَجَعَلْنَا فِيهَا جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ وَفَجَّرْنَا فِيهَا مِنَ الْعُيُونِ. لِيَأْكُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ وَمَا عَمِلَتْهُ أَيْدِيهِمْ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
«ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىل ئۆلۈك زېمىندۇر. بىز ئۇنى تىرىلدۈردۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقاردۇق. ئۇلار ئەنە شۇ ئاشلىقتىن يەيدۇ. بىز ئۇ زېمىندا خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردۇق، ئۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق. بىز ئۇلارنى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن ۋە ئۆز قوللىرى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەردىن يېسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر ئېيتمامدۇ؟»- ياسىن 36/33-35.
﴿وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّا عَلَى ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ. فَأَنْشَأْنَا لَكُمْ بِهِ جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ لَكُمْ فِيهَا فَوَاكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ. وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِنْطُورِ سَيْنَاءَ تَنْبُتُ بِالدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِلْآكِلِينَ
«بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ يېتىدۇ. بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر. بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىنا تېغىدا چىقىدىغان بىر دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەختىن ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بىر خىل قوشۇمچە يېمەكلىك چىقىدۇ.»- مۇئمىنۇن 23/18-20.
﴿هُوَ الَّذِي أَنزَلَ مِنَ السَّمَاء مَاء لَّكُم مِّنْهُ شَرَابٌ وَمِنْهُ شَجَرٌ فِيهِ تُسِيمُونَ. يُنبِتُ لَكُم بِهِ الزَّرْعَ وَالزَّيْتُونَ وَالنَّخِيلَ وَالأَعْنَابَ وَمِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لآيَةً لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
«ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇ سۇدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار[3].»- نەھل 16/10-11.
ب- چارۋىچىلىق قىلىش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالأَنْعَامَ خَلَقَهَا لَكُمْ فِيهَا دِفْءٌ وَمَنَافِعُ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ. وَلَكُمْ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسْرَحُونَ. وَتَحْمِلُ أَثْقَالَكُمْ إِلَى بَلَدٍ لَمْ تَكُونُوا بَالِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ الْأَنْفُسِ إِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ. وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً وَيَخْلُقُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن سوغۇقتىن ساقلىغۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئەكەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئاپارغان چاغلىرىڭلاردا باشقىچە بىر زوق ئالىسىلەر. ئۇلار سىلەر ناھايىتى جاپا تارتمىساڭلار بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئۇلاغ ھەمدە زىننەت قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ»- نەھل 16/5-8.
﴿وَإِنَّ لَكُمْ فِي الأَنْعَامِ لَعِبْرَةً نُّسْقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِ مِن بَيْنِ فَرْثٍ وَدَمٍ لَّبَنًا خَالِصًا سَآئِغًا لِلشَّارِبِينَ
شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكەنلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر»- نەھل 16/66.
﴿وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً نُّسقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ. وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ﴾
«تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنىسىلەر ۋە گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ۋە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر»- مۇئمىنۇن 23/21-22.
﴿أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ. وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ. وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ أَفَلَا يَشْكُرُونَ﴾
«ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ياراتتۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا يەنە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»- ياسىن 36/71-73.
پ- ھەسەلچىلىك قىلىش
﴿وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِأَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ. ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
«رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر ياساڭلار. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يەڭلار، ئاندىن رەببىڭلار سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا مېڭىڭلار». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭگىلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىك ئىنسانلارغا شىپا بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.»- نەھل 16/68-69.
ت- سانائەت
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاللّهُ جَعَلَ لَكُم مِّن بُيُوتِكُمْ سَكَنًا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ الأَنْعَامِ بُيُوتًا تَسْتَخِفُّونَهَا يَوْمَ ظَعْنِكُمْ وَيَوْمَ إِقَامَتِكُمْ وَمِنْ أَصْوَافِهَا وَأَوْبَارِهَا وَأَشْعَارِهَا أَثَاثًا وَمَتَاعًا إِلَى حِينٍ. وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِمَّا خَلَقَ ظِلَالًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنَ الْجِبَالِ أَكْنَانًا وَجَعَلَ لَكُمْ سَرَابِيلَ تَقِيكُمُ الْحَرَّ وَسَرَابِيلَ تَقِيكُمْ بَأْسَكُمْ كَذَلِكَ يُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْلِمُونَ
«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە بىر ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن ۋە تۇرغان كۈنلىرىڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم- كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ ياراتقان نەرسىلىرىنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن سايىلارنى قىلىپ بەردى، تاغلارنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن ئۇۋىلارنى قىلىپ بەردى، يەنە سىلەر ئۈچۈن سىلەرنى ئىسسىقتىن ساقلايدىغان كىيىملەرنى ۋە سىلەرنى ئۇرۇشتا ساقلايدىغان كىيىملەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە نېمىتىنى ئەنە شۇنداق تاماملايدۇ. تەسلىم بولغايسىلەر!»- نەھل 16/80-81.
﴿وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَّكُمْ لِتُحْصِنَكُم مِّن بَأْسِكُمْ فَهَلْ أَنتُمْ شَاكِرُونَ
«ئۇرۇشلاردا دۈشمەن زەربىلىرىدىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز داۋۇدقا ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. شۈكۈر قىلامسىلەر؟»- ئەنبىيا 21/80.
﴿وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ مِنَّا فَضْلًا يَا جِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُ وَالطَّيْرَ وَأَلَنَّا لَهُ الْحَدِيدَ. أَنِ اعْمَلْ سَابِغَاتٍ وَقَدِّرْ فِي السَّرْدِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ﴾
«بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىر ئۈستۈنلۈك بەردۇق: ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق. داۋۇتقا: كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ تۇقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن»، دەپ ۋەھىي قىلدۇق. داۋۇتقا ۋە ئائىلىسىگە: ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن، دېدۇق»- سەبەئ 34/10-11.
﴿لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ وَأَنزَلْنَا الْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَن يَنصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ﴾
«بىز ئەلچىلىرىمىزنى مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەرگە كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك بىر كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈك ۋە غالىبتۇر»- ھەدىد 57/25.
ج- ئوۋچىلىق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَمَا عَلَّمْتُم مِّنَ الْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ اللّهُ فَكُلُواْ مِمَّا أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَاذْكُرُواْ اسْمَ اللّهِ عَلَيْهِ وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
«ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگۈتۈپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ سىلەرگە تۇتقان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. ئۇلارنىڭ سىلەرگە تۇتقىنىدىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر»- مائىدە 5/4.
﴿أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَّكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًا وَاتَّقُواْ اللّهَ الَّذِيَ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
«سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئېھرامدا چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئاللاھدىن قورقۇڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»- مائىدە 5/96.
چ- پۈتۈكچىلىك
بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك قەرز مۇئامىلە، ئۆتنە-يېرىم، ئېلىم-سېتىم ۋە توختام، كېلىشىملىرى توغرۇلۇق ھۆججەت يېزىپ بېرىش، ئەدلىيە گۇۋاھلىقى تۈزۈپ بېرىش، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ چىقىرىپ بېرىش، تەرجىمە قىلىپ بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى قىلىشنى، شۇنداقلا ئۇلارنى رەسمىي ۋە تەرتىپلىك بىر شەكىلدە يۈرۈتۈش ئۈچۈن مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى فَاكْتُبُوهُ وَلْيَكْتُب بَّيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ وَلاَ يَأْبَ كَاتِبٌ أَنْ يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ اللّهُ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلِ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ وَلْيَتَّقِ اللّهَ رَبَّهُ وَلاَ يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْئًا فَإن كَانَ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لاَ يَسْتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُ بِالْعَدْلِ وَاسْتَشْهِدُواْ شَهِيدَيْنِ من رِّجَالِكُمْ فَإِن لَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّن تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاء أَن تَضِلَّ إْحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الأُخْرَى وَلاَ يَأْبَ الشُّهَدَاء إِذَا مَا دُعُواْ وَلاَ تَسْأَمُوْاْ أَن تَكْتُبُوْهُ صَغِيرًا أَو كَبِيرًا إِلَى أَجَلِهِ ذَلِكُمْ أَقْسَطُ عِندَ اللّهِ وَأَقْومُ لِلشَّهَادَةِ وَأَدْنَى أَلاَّ تَرْتَابُواْ إِلاَّ أَن تَكُونَ تِجَارَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلاَّ تَكْتُبُوهَا وَأَشْهِدُوْاْ إِذَا تَبَايَعْتُمْ وَلاَ يُضَآرَّ كَاتِبٌ وَلاَ شَهِيدٌ وَإِن تَفْعَلُواْ فَإِنَّهُ فُسُوقٌ بِكُمْ وَاتَّقُواْ اللّهَ وَيُعَلِّمُكُمُ اللّهُ وَاللّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾
«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ، رەببى ئاللاھدىن قورقسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيىسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەرلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ، ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ، ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان بىر تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازماسلىقىڭلاردا سىلەرگە بىر گۇناھ يوق. ئېلىم-سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- بەقەرە 2/282.
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
ئەبۇ ئابدۇللاھ زۇبەير ئىبن ئاۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ چىقىپ تاغدىن بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ، سېتىپ ئۆزىنى تەمىنلىسە، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى تىلەش ۋە تەمە قىلىشتىن ساقلاپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر مەيلى بىر نەرسە بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن كىشىدىن تىلىگىنىدىن ياخشى»[4].
بۇ ھەدىس بەندىنى مەيلى ناھايىتى ئاددىي، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تۆۋەن سانىلىدىغان بولسۇن ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھالال رىزىق ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ياغاچچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى»[5].
مىقداد ئىبن مەئدى كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ يېگەن تامىقى ئەڭ ھالال تاماقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى»[6].
رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئەنەس (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ:
ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بىر نەرسە تىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۆيۈڭدە ھېچ نەرسە يوقمۇ؟» دېدى ، ئۇ كىشى: «ياق  (تۆگىنىڭ ئۈستىگە سالىدىغان) بىر ئۇچىلىق بار، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يېپىنچا قىلىمىز، يەنە بىر قىسمىنى ئاستىمىزغا سالىمىز، يەنە بىر جام بار، ئۇنىڭدا سۇ ئىچىمىز» دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۇ ئىككى نەرسىنى مىنىڭ قېشىمغا ئەكەل» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۇ نەرسىلەرنى ئەكەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ نەرسىلەرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ :« بۇلارنى كىم سېتىۋالىدۇ؟» دېدى ، بىر ئادەم: مەن، ئۇنى بىر دىرھەمگە ئالاي دەيدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم: كىم بىر دىرھەمدىن ئارتۇق ئالىدۇ؟ دېدى . بىر ئادەم: مەن، ئىككى دىرھەمگە ئالاي دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئىككى دىرھەمنى ئېلىپ پۇلنى ھېلىقى ئەنسارىغا بەردى. ۋە ئۇنىڭغا: بىر دىرھەمگە تائام سېتىۋېلىپ ئائىلەڭگە ئاپىرىپ بەرگىن، يەنە بىر دىرھەمگە بىر پالتا سېتىۋېلىپ قېشىمغا كەل دېدى. ئۇ كىشى كېتىپ بىر پالتا ئېلىپ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن  پالتىنى دەستىلەپ بەردى، ئاندىن ئۇ كىشىگە: بېرىپ ئوتۇن يىغقىن، ۋە ساتقىن، مەن سېنى ئون بەش كۈنگىچە كۆرمەي دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى ۋە ئون بەش دىرھەم تېپىپ كەلدى. ئۇ پۇلىنىڭ بىر قىسمىغا كىيىم كېچەك، يەنە بىر قىسمىغا تائام سېتىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىش سەن ئۈچۈن تىلەمچىلىكنىڭ قىيامەت كۈنى يۈزۈڭدە بىر داغ بولۇپ كېلىشىدىن ياخشىدۇر» دېدى [7].

[1]– بۇ يەردىكى ئىزافەت مەنىۋىدۇر. يەنى «مىن» دېگەن ھەرفى جەرنىڭ مەناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ «فَمَحَوْنَا آيَةَ اللَّيْلِ وَجَعَلْنَا آيَةَ النَّهَارِ مُبْصِرَةً» دېگەن سۆزىنىڭ مەناسى، بىز كېچىدىن ئىبارەت بولغان ئايەتنى ئۆچۈردۇق (قاراڭغۇ قىلدۇق)، كۈندۈزدىن ئىبارەت بولغان ئايەتنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق (يورۇق قىلدۇق)، دېگەن بولىدۇ

[2]– تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەش ۋاقتى.
[3]– يەنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىل بار.

[4]– بۇخارى، زاكات 50، بۇيۇئ 15 (2074)، مۇساقات 14 (2374) نەسائى، زاكات 2589؛ مۇسنەد ئەھمەد 12/459.

[5]– مۇسلىم، فەدائىل 45 169 – (2379)؛ ئىبن ماجە تىجارات 5/ 2150؛ مۇسنەد ئەھمەد 13/329.

[6]– بۇخارى، بۇيۇئ 15(2072) ئىبن ماجە، تىجارات 1 (2138)، بەيھەقى، سۇنەن 6/127؛ تابەرانى، ئەلكەبىر 20/633؛ مۇسنەد ئەھمەد 28/418، 427.

[7]ئەبۇ داۋۇد، زاكات 26 (1641)؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 10 (1218)؛ ئىبن ماجە، تىجارەت 25 (2198).

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر