مۇسۇلمانلار

ياغلىق ئارتىش پەرزدۇر

مۇئمىنەگە خاس ئىلاھىي پەرمانلارنىڭ بىرى ياغلىق ئارتىشتۇر
مۇقەددىمە
بىزنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتقان[1] ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان ئەر-ئايال (تەقۋادار)لارغا بولسۇن[2]. ئاللاھ تەرىپىدىن ئەر-ئايال پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن[3] ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد[4]نىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن[5]. ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن[6]، ئەر-ئايال ئەسھابىلىرىدىن ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئەر-ئاياللاردىن رازى بولسۇن[7].
جانلىقلار ئالەمىنىڭ ئىنسان تۈرى ئەر ۋە ئايال، دەپ ئىككى جىنسقا ئايرىلىدۇ[8]. ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادا ئاللاھقا بەندە، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇپ ياشاش تەكلىپى ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش قارىتىلىدۇ[9]. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان[10] ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىغان كىشى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ[11].
ئاللاھقا بەندە بولۇش ئاللاھ قاچان، قەيەردە، قانداق ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىش[12]، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇش بولسا، ياشاش شەكلىدە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىش دېمەكتۇر[13].
ئاللاھ تائالا نۇرغۇنلىغان ساھەدە ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش ئەمرلەر چۈشۈرگەن ۋە ئوخشاش چەكلىمىلەر قويغان[14] بولسىمۇ بەزى ساھەلەردە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە خۇسۇسىي ۋەزىپىلەر يۈكلىگەن. مەسىلەن: بالىلارنى ئېمىتىش ۋەزىپىسى ئانىلارغا، بالىلارنىڭ ۋە ئانىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ۋەزىپىسى ئاتىلارغا يۈكلەنگەن[15]. ئائىلىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى ئەرلەرگە، ئائىلىنىڭ ئامانەتدارلىق مەسئۇلىيىتى ئاياللارغا تاپشۇرۇلغان[16].
جۈملىدىن ھەر ئىككى جىنس نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن ئوخشاشلا مەنئى قىلىنغان، ئىپپەتلىرىنى ساقلاشقا ئوخشاشلا بۇيرۇلغان. لېكىن بۇ ساھەدە ئاياللار ئەرلەردىن ئايرىم ھالدا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلاشتىن مەنئى قىلىنغان، باش، بويۇن ۋە گاللىرىنى يۆگەشكە بۇيرۇلغان[17].
ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئورتاق بولغان ئىلاھى ئەمىر-پەرمانلارغا تولۇق بويسۇنغاندىن سىرت، ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈلگەن مەزكۇر خۇسۇسىي ئەمىر-پەرمانلارغىمۇ بويسۇنغاندا ئاللاھقا بەندە بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي ۋەزىپىلىرىنى تونۇشى ۋە ئادا قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇلار تولۇق مۇسۇلمان بولغان بولمايدۇ[18].
ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر، چۈنكى مۇسۇلمانلار بىر-بىرىگە مەسئۇل، ھەممىسى بىرلىكتە ئىسلامغا مەسئۇل[19]. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا ئەقىدە، سالىھ ئەمەل، گۈزەل ئەخلاق ۋە دۇرۇس مۇئامىلە ئۈستىدە بولۇپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولۇشى[20] ئەنە شۇ تەلىم-تەربىيەگە باغلىقتۇر[21]
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئاياللارنىڭ خۇسۇسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولغان «باشنى يۆگەش» ھەققىدە توختىلىمەن. ئىنشائاللاھ بۇ ماقالە مۇسۇلمان ئايال قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغۇسى!
ماقالىدە ئالدى بىلەن ئايەتنى تەپسىر قىلىش توغرىسىدىكى ئۇسۇلىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن، ئاندىن ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- ئايەتنى ئايەت تەپسىر قىلىدۇ
ئايەتنى ئايەت تەپسىر قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاننى قوغداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندەك[22]، قۇرئاننى تەپسىر قىلىشنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان[23]. پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ ۋەزىپىسى قۇرئانغا ئەمەل قىلىش[24]، قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش (يەتكۈزۈش)[25]، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇش[26] ۋە قۇرئاندىكى ھېكمەتنى تېپىپ چىقىپ ئۆگىتىشتۇر[27]، خالاس.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ﴾
«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىخچام ۋە ئېنىق رىۋىشتە تۈزۈلگەن ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر»[28]– ھۇد 11/1-2.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان ئايەتنى ئاللاھتىن غەيرىي تەپسىر قىلغان تەقدىردە بۇ تەپسىرنى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلغان بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە مۇئمىن ئاياللارنىڭ قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت بار: بىرى ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتى، يەنە بىرى نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئايەتنى ئايەت تەپسىر قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا مەزكۇر ئىككى ئايەت بىر-بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ، شۇنداقلا سىرتقا چىقماقچى بولغان مۇئمىن ئاياللارنىڭ قانداق قىياپەت بىلەن چىقىشىنىڭ لازىملىقىنى بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
2- ئايال كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر
مۇئمىن ئاياللارنىڭ نامەھرەم كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا ئۈستلىرىگە كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى باشتىن-ئاخىر يۆگىشى، ئەگەر ئۇ كىيىملەر بويۇنلىرىدىن تارتىپ يۆگەيدىغان پاسوندا بولسا، باشلىرىغا چوڭ ياغلىقلارنى ئارتىش بىلەن باش، بويۇن ۋە كۆكسىلىرىنى يۆگەشلىرى پەرزدۇر.
1- دەلىل ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتى
ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ﴾
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن»- ئەھزاب 33/59.
ئايەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1- ﴿يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ﴾
بۇ پېئىل ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن ۋە بۇيرۇق پېئىلى بولغان قۇل ﴿قُلْ﴾نىڭ جاۋابى. بۇ پېئىلنىڭ بېشىغا بۇيرۇق لامى تەقدىر قىلىنىپ ئۆز ئالدىغا لاملىق بۇيرۇق پېئىلى بولۇشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بار[29].
ئىشقىلىپ بۇ پېئىل مەيلى ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قۇل ﴿قُلْ﴾نىڭ جاۋابى بولسۇن، مەيلى ئۆز ئالدىغا بۇيرۇق پېئىلى بولسۇن مەنە ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى بۇ پېئىل كەسكىن بۇيرۇقنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ پېئىل يېقىنلاشتۇرماق، دېگەن مەنىدىكى ئىدنا «إدناء» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، پەردىنى چۈشۈرۈۋەتمەك، پەردىنى ساڭگىلاتماق، پەردىنى قويۇۋەتمەك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سەدل (سدل) ياكى ئىرخائ (إرخاء) مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن مەپئۇلى (ئوبيېكتى)نىڭ بېشىغا ئەلا ھەرپى «على» كەلگەن[30].  
2- ﴿مِن جَلَابِيبِهِنَّ﴾
بۇ يەردىكى مىن ﴿مِن تەبئىز (تبعيض) ئۈچۈندۇر، يەنى بۇ مىن ئۆزىنىڭ كەينىدىن كەلگەن نەرسىنىڭ بەزىسىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ[31]. جەلابىيب ﴿جَلَابِيب بولسا، جىلباب «جِلْبَاب»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، جىلباب لۇغەتتە بەدەننىڭ ھەممىنى يۆگەيدىغان كىيىم، كۆڭلەك، پۈركەنجە، يېپىنچا، باش بىلەن كۆكسىنى يۆگەيدىغان كىيىم، ياغلىق، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[32]. ھىننە ﴿ِهِنَّ﴾ ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالماش بولۇپ جەلابىبنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىدۇر.
كەششاف جىلبابنى، خىمار (ياغلىق) دىن كەڭ، رىدادىن كىچىك بىر كىيىم بولۇپ ئايال كىشى ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى يۆگەيدۇ، قالغان قىسمىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ[33].
بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتنىڭ ﴿يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّدېگەن قىسمىنىڭ مەنىسى بولىدۇ:
«مۇئمىن ئاياللار پۈركەنچىلىرى بىلەن بەدەنلىرىنى ئورىۋالسۇن»، «مۇئمىن ئاياللار ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن ۋە تۈگمىلىرىنى ئېتىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرسۇن، باشلىرىغا چوڭ ياغلىقلىرىنى ئارتىپ ئەتراپىنى تۆۋەن تەرىپىگە قويۇۋېتىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنلىرىنى يۆگىسۇن».
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى يۆگەشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن شەكىل توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتكە ئاساسەن يۆگەش بەدەننى باشتىن-ئاخىر يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىمنى كىيىش ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، بويۇننىڭ ئاستى قىسمىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىمنى كىيىش بىلەن بىرگە باشقا ئايرىم بىر ياغلىق ئارتىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.
2- دەلىل نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى
 ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ
«مۇئمىن ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن- ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرسۇن»- نۇر 24/31.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئۈچ جۈملىدىن تەركىب تاپىدۇ:
1- چەكلەش پېئىلى، 2- ئىستىسنا جۈملىسى، 3- بۇيرۇق پېئىلى.
بىرىنچى جۈملە: ﴿وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ﴾
ۋەلا يۇبدىينە (﴿وَلَا يُبْدِينَ﴾)بۇئاشكارا قىلماق دېگەن مەندىكى ئۆتۈملۈك مەسدەر ئىبدا «إبداء»دىن تۈرلەنگەن بولۇشسىز پېئىلىدۇر، پائىلى (ئىگىسى) مۇئەننەس كۆپلۈك ئالماش بولغان نۇندۇر. مەنىسى: «مۇئمىن ئاياللار ئاشكارا قىلمىسۇن» دېگەن بولىدۇ.
﴿زِينَتَهُنَّزىينەت ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالمىشى بىلەن بىرىككەن ئىدافەتلىك بىرىكمىدۇر. تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «زىننەت» توغرىسىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك كۆز قاراش بار: بىرى ئايال كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنى، يەنە بىرى ئايال كىشىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى[34]. «زىننەت»نىڭ مەنىسى نېمە بولسا بولسۇن ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئاياللارنى ئۇنى ئاشكارا قىلىشتىن توسىدۇ. ئايەتنىڭ بۇ قىسمىنىڭ مەنىسى ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.
ئىككىنچى جۈملە: ﴿إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا﴾
بۇ ئىستىسنا جۈملىسى بولۇپ، باشتا مۇئمىن ئاياللار ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەنگەن ئومۇمىي زىننەتنىڭ ئىچىدىن ئىستىسنا قىلىنغان قىسمىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى بۇ جۈملە مۇئمىن ئاياللارنىڭ ئۆز زىننەتلىرىدىن ئاشكارا بولغان قىسمىنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەنمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۈچىنچى جۈملە: ﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ﴾
بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- ﴿وَلْيَضْرِبْنََ﴾
بۇ بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە شىددەت بىلەن چۈشۈرمەك، قاتتىق قويماق ۋە تېز تاشلىماق، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان دەرب «ضَرْب» مەسدىرىدىن[35] تۈرلەنگەن لاملىق بۇيرۇق پېئىلىدۇر، پائىلى (ئىگىسى) مۇئەننەس كۆپلۈك ئالماش بولغان نۇندۇر. مەنىسى: «مۇئمىن ئاياللار تاشلىسۇن، قويۇپ بەرسۇن» دېگەن بولىدۇ.
2- ﴿ِبخُمُرِهِنََّّ﴾
﴿ب ھەرپى توغرىسىدا ئىككى ئېھتىمال ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ: بىر ئارتۇق بولۇشى، يەنە بىرى بەزىسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلىشى[36]. بىزچە بۇ «ب» ھەرپى بەزىسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامىدا ئارتۇق نەرسە يوق!
خۇمۇر ﴿خُمُر خىمار «خِمَار»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. خىمار يېپىش، يۆگەش، ئۈستىنى ئېتىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان خەمر«خَمْر» سۆز تومۇرىدىن تۈرەتىلگەن بىر ئىسىم بولۇپ مەنىسى ياغلىق، لېچەك، رومال، دېگەن بولىدۇ. ئەرەبچىدە ئەقىلنى يۆگەيدىغان نەرسە (مەست قىلغۇچى نەرسە) خەمر، باشنى يۆگەيدىغان نەرسە (رەخت پارچىسى) خىمار دەپ ئاتىلىدۇ[37].
ھىننە ﴿ِهِنََّّ ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالمىشى بولۇپ، خۇمۇرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىدۇر (مۇدافۇ ئىلەيھىدۇر). بۇ تەركىبدە خۇمۇر شاخلانما ئىسىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىقلانغۇچى (مۇداف) بىلەن ئېنىقلىغۇچى (مۇدافۇ ئىلەيھ) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەنىۋىدۇر، يەنى بۇ يەردە ھىننە تونۇشسىز ئىسىم بولغان خۇمۇر بىلەن بىرىكىپ ئۇنى تونۇشلۇق ھالەتكە كەلتۈرگەن، چۈنكى ھىننە ئالماشتۇر، ئالماشلار تونۇشلۇق ئىسىمدۇر، خۇمۇر تونۇشسىز ئىسىمدۇر. نەتىجىدە «ياغلىقلار» «ياغلىقلىرى» بولىدۇ. بۇ سىنتاكسىس قائىدىلىرى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان جەلابىبىھىننەدە ۋە بۇنىڭدىن كېيىن زىكىر قىلىنىدىغان جۇيۇبىھىننەدە ئەينەن كۈچكە ئىگىدۇر.
4- ﴿عَلَى جُيُوبهِنَّ﴾
ئەلا﴿عَلَى ئۈستىگە، غا، كە، گە دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمە جۇيۇبىھىننە ﴿جُيُوبِهِنَّنىڭ بېشىدا كېلىپ بۇيرۇق پېلىنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ.
جۇيۇب ﴿جُيُوب جەيب «جيب»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ جەيب «جيب»، كىيىمنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئۇچۇق يەرنى (يەنى كىيىمنى كىيگەندە باشنى چىقىرىدىغان ئۇچۇق يەر نى) كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە جەيبدىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان بويۇن، گەدەن، گال، كۆكرەكنىڭ ئۈستى تەرىپى قاتارلىق يەرلەر مەقسەت قىلىنىدۇ[38]. ئىستىلىستىكىدا بۇ ئۇسۇل «زىكىر مەھەل، ئىرادە ھال» دەپ ئاتىلىدۇ. ھىننە ﴿هِنََّّ ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالمىشى بولۇپ، جۇيۇبنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىدۇر (مۇدافۇ ئىلەيھىدۇر).
پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى ﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «مۇئمىن ئاياللار ياغلىق دەپ ئاتىلىدىغان رەخت پارچىلىرىنى باشلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ‹ياغلىقلىرى› ھالىتىگە كەلتۈرسۇن، ئاندىن ئۇ ياغلىقلىرىنىڭ بەزىسى بولغان ئەتراپىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنى بويۇن، گەدەن، گال ۋە كۆكرەك قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرسۇن» دېگەن بولىدۇ.
مۇپەسسىرلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جاھىلىيەت ئاياللىرى ياغلىقلىرىنى ئارقىسىدىن چېگەتتى، ئۇلارنىڭ ياقىلىرى ئالدىدا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گاللىرى ۋە بۇلاپكىلىرى ئوچۇق قالاتتى، بۇ ئايەت بىلەن ئۇلار ياغلىقلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا بۇيرۇلدى. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى، گەدەنلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىدىكى زىننەتلىرىنى، گاللىرىنى ۋە گاللىرىنىڭ ئەتراپىنى يۆگىشى ئۈچۈن ئىدى»[39].
بۇ تەپسىرمۇ يۇقىرىدىكى مەنىنى تەكىتلەيدۇ.
خۇلاسە
ئاللاھ تائالا نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتىدە مۇئمىن ئاياللارنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قارىماسلىققا، ئىپپەتلىرىنى ساقلاشقا، باش، بويۇن ۋە كۆكسلىرىنى يۆگەشكە بۇيرۇش ئارقىلىق ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتىنى تەپسىر قىلىدۇ.
پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى بۇ ئىككى ئايەتتىن چىقىرىلغان ھېكمەتتۇر:
«شۈبھىسىزكى، قىز بالا بالاغەتكە يەتسە ئۇنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا يەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى توغرا بولمايدۇ»[40].
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئايەتتە «يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار» دېيىلىدۇ، ئاندىن «بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار» دېيىلىدۇ. دېمەككى، يۈز باشنى، باش يۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
يەنى نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتىدە مۇئمىن ئاياللارنىڭ باشلىرىغا چوڭ بىر ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق باش، بويۇن، گەدەن، گال ۋە كۆكس قاتارلىق يەرلىرىنى يۆگەشكە ئەمىر قىلىنىشى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىمۇ يۆگەشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.
 
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

 


[1]– ھۇجۇرات 49/13.

[2]– ئەئراف 7/128؛ ھۇد 11/49؛ تاھا 20/132؛ قەسەس 2/83.

[3]– ئەئراف 7/158؛ سەبەئ 34/28؛ ئەنبىيائ 21/107.

[4]– ئەھزاب 33/40.

[5]– ئەھزاب 33/56.

[6]– ئەھزاب 33/33.

[7]– تەۋبە 9/100.

[8]– نىسا 4/1.

[9]– بەقەرە 2/21؛ ئال ئىمران 3/32، 132؛ نىسا 4/59؛ مائىدە 5/92؛ ئەنفال 8/20، 46؛ نۇر 24/54، 56؛ مۇھەممەد 47/33؛ مۇجادەلە 58/13؛ تەغابۇن 64/12.       

[10]– ئىمان ئېيتقان (نىسا 4/136)، پۈتكۈل ئىبادىتىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئاللاھ ئۈچۈن، دېگەن ئېتىقاددا بولغان (ئەنئام 6/162).

[11]– نىسا 4/124؛ تەۋبە 9/72؛ نەھل 16/97؛ غافىر 40/40؛ فەتىھ 48/5؛ ھەدىد 57/12.

[12]– ئەنئام 6/151-153؛ ئىسرا 17/22-39؛ ھەج 22/77؛ فۇرقان 25/63-77؛ زۇمەر 39/10، 16.

[13]– ئەھزاب 33/21، مۇجادەلە 58/5، 20.

[14]– ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام ئەركانلىرى، ئەخلاق پېرىنسىپلىرى ۋە مۇئامىلە ئەھكاملىرى ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش يۈكلەنگەن.- تەۋبە 9/71؛ ئەھزاب 33/35.

[15]– بەقەرە 2/233.

[16]– نىسا 4/34.

[17]– نۇر 24/30-31.

[18]– بەقەرە 2/208.

[19]– ئال ئىمران 3/104، 110، 114؛ تەۋبە 9/71، 112؛ ھەج 22/41؛ ئەسىر 103.

[20]– ئەئراف 7/56.

[21]– دىنىمىز ئىسلامدا ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، ھەقنى ۋە ھەق يولىدا سەۋرچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشىش قاتارلىقلارنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ ھېكمىتى مانا بۇدۇر.

[22]– ھىجر 15/9.

[23]– ھۇد 11/1-2.

[24]ئەنئام 6/106؛ يۇنۇس 10/109؛ ئەھزاب 33/2. ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.

[25] مائىدە 5/99. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: مائىدە 5/92، 67؛ رەئد 13/40؛ نەھل 16/82؛ نۇر 24/54؛ ئەنكەبۇت 29/18؛ شۇرا 42/48؛ تەغابۇن 64/12.

[26]– ئەھزاب 33/21.

[27]– بەقەرە 2/129؛ ئال ئىمران 3/124؛ جۇمۇئە 62/2.

[28] قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى مۇھكەم ئايەتلەردۇر، بۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىرى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر، بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ئايەتلەردۇر- (ئال ئىمران 3/7). مۇھكەم ئايەتلەر مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەر مەنا جەھەتتىن مۇھكەم ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەردۇر. زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىنىڭ «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت بولسا بۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى ھەم ئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە ھۆكۈم ئىپادىلەيدۇ، ھەم بىر-بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان ئاللاھ قۇرئاننى مۇشۇنداق نازىل قىلدى دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككىنچى ئايەتتە «بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن» دەپ بايان قىلىدۇ. دېمەككى، قۇرئاننى ئاللاھتىن غەيرىي تەپسىر قىلغان تەقدىردە بۇ تەپسىرنى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت (قۇللۇق) قىلغان بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھكەم ئايەتنى ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىدىغان باشقا ئايەتلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ، چىققان نەتىجىنى ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈشتۇۇر. تەبلىغنىڭ مەنىسىمۇ ئەنە شۇدۇر.

[29]مۇھيىددىن ئەددەرۋىش، ئىئرابۇلقۇرئان، دارۇلئىرشاد ھىمىس- سۈرىيە، ئۈچىنچى نەشرى، 1992/1412، 8- جىلد، 45- بەت.

[30]شەيخ ھۈسەين مۇھەممەد مەخلۇف، سەفۋەتۇلبايان لمەئانىلقۇرئان.

[31]– كەششاف ئەھزاف 33/59؛ بەيداۋى ئەھزاب 33/59.

[32]– لىسانۇلئەرەب، ئەلمۇئجەمۇلۋەسىت، ئەلۇئجەمۇززائىد، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان، شەيخ ھۈسەين مۇھەممەد مەخلۇف، سەفۋەتۇلبايان لمەئانىلقۇرئان.

[33]-ئەبۇلقاسىم مەھمۇد ئىبىن ئەمر ئىبىن ئەھمەد ئەززەمەخشەرى (ۋاپاتى: 538 ھ) تەپسىرى كەششاف، ئەھزاب 33/59.

[34]– رازى، تەپسىرى كەبىر نۇر 24/31.

[35]– راغىب ئەل ئىسفەھانى: مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان (تەھقىق: سەفۋان ئەدنان داۋۇدى)، دەمەشىق، بېيرۇت 1412/1992، ض ر ب ماددىسى.

[36]– مۇھيىددىن دەرۋىش، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە بەيانۇھۇ، نۇر 24/31.

[37]ئەبۇلھۇسەين ئەھمەد ئىبنى فارىس ئىبنى زەكەرىييا، مۇئجەمۇل مەقايىس فىللۇغە، تەھقىق: شىھابۇددىن ئەبۇ ئەمر، دارۇلفىكر، بېيرۇت؛ راغىب ئەل ئىسفەھانى: مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان (تەھقىق: سەفۋان ئەدنان داۋۇدى)، دەمەشىق، بېيرۇت 1412/1992؛  مۇھەممەد ئىبنى مۇكەررەم ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب، دارۇ سەدر بېيرۇت 1990/1410. خ م ر ماددىسى.

[38]شەيخ ھۈسەين مۇھەممەد مەخلۇف، سەفۋەتۇل بەيان لىمەئانىلقۇرئان.

[39]– فەخرۇددىن رازىي، تەپسىرى كەبىر، دارۇ ئىھيائىت تۇراسىلئەرەبىي، ئۈچىنچى نەشرى، 1999- يىلى بېرۇت، 8- جىلد، 364- بەت.

[40]– ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، لىباس 4104، مەراسىل 437؛ بەيھەقى، ئەلئاداب 589، ئەسسۇنەنۇسسەغىر، نىكاھ 2358، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا، سالات 3218، نىكاھ 13496، شۇئەبۇل ئىمان، ھايا 7409، مەئرىفەتۇسسۇنەن ۋەلئاسار، سالات 4059.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر