مۇسۇلمانلار

قالامدۇق، كېتەمدۇق؟

نېمە ئىش قىلىمىز؟
سوئال: ھازىرقى زاماندا بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە تۇرۇپ جىھاد قىلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى يۇرت-ماكان ۋە ئۆي-مۈلۈكلىرىمىزنى تاشلاپ باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ھازىرقى زاماندا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا بىر جايغا كېتىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى ھىجرەت يۇرتنى تاشلاپ قارىسىغا «تەۋەككۈل»دەپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىش ئەمەس. بەلكىدە ھىجرەت ياشاۋاتقان يۇرتىدا قىلالمىغان ياخشى ئىشنى قىلىش غايىسى بىلەن، ئۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدىغان بىر يۇرتنى ئالدىن ئوقۇشۇپ، ئۇ يەرگە بېرىشنىڭ يولىنى ئېنىق بەلگىلەپ، ھەر جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق قىلىپ ئاندىن شۇ يۇرتقا بېرىشتۇر. ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت (ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنىگە قىلىنغان ھىجرەت) ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن يوليورۇق ۋە ئىجرا قىلغان تاكتىكىلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ[1].
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ جىھاد قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ جىھادى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان كاپىرلارنىڭ كۆزلىرىگە كىرگەن بىر تىكەن، يۈرەكلىرىگە سانجىلغان بىر يىڭنە بولۇپ ئۆز ماكانلىرىدا مەھكەم ئولتۇرۇشى، ۋەتىنىنى ئۇلارغا بىكارلاپ بەرمەسلىكى، ئوقۇشى، ئۆگىنىشى، بىلىم ئىگىسى بولۇشى، پەن-تېخنىكا ئىگىلىشى، شۇنداقلا ھايات يولىدا باشقىلار بىلەن ھەر جەھەتتە تەڭ ماڭالايدىغان سەۋىيەگە چىقىشى، ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆگىنىشى ۋە ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدە يۈكسىلىشى قاتارلىقلاردۇر، خالاس[2].
ئۇلارنىڭ مەككە پەتھ بولۇشتىن ئىلگىرى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلار[3] ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى كۈتۈپ مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغاندەك ياشىشى، پىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئىچىدە ئىمانىنى يوشۇرۇپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن پەيت كۈتكەن مۇئمىن[4] ئادەمدەك پەيت كۈتۈشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى لازىم. «ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[5]. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جىھاد ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق ھاياتىنىڭ تامامى جىھاد، لېكىن ھەممىسى ئۇرۇش ئەمەس. ھازىرقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇلارنى چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تونۇپ يېتىشى ئىنتايىن مۇھىم.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، «جىھاد»نىڭ مەنىسى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا مۇسۇلمان بولۇپ ياشاش ئۈچۈن ۋە ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىلمىنى، زېھنىنى، پىكرىنى، مېلىنى ۋە ئىناۋەت-ئابرۇيىنى سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. جىھادنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمى شەرتى توشقاندا پەرز بولىدۇ[6].

[1]تەتقىقاتىمىزنىڭ «ھىجرەت» بۆلۈمىدە بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇمات بار. خالىغانلار شۇ يەنى قايتا ئوقۇسا بولىدۇ.

[2]– بۇ ئىشلارنىڭ جىھاد ئىكەنلىكى يۇقىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

[3]فەتىھ 48/25.

[4]غافىر 40/28.

[5]– بەقەرە 2/286.

[6]– ئەنفال 8/60-، 65- ۋە 66- ئايەتلەرگە قاراڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر