مۇسۇلمانلار

سۈرىيەدىكى ئۇرۇش

سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېرەكمۇ؟ 
سوئال: ھەممىزگە مەلۇم 2011- يىلى سۇرىيەدە ئۇرۇش پارتلىغان بولۇپ، ئۇ ئۇرۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. باشقا جايلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سۇرىيەگە بېرىپ ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن سۇرىيەدە بولمىسۇن ياكى باشقا بىر جايدا بولمىسۇن كۈنىمىزدە بولۇۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى، كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى، ئەتراپىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە جۇغراپىيەۋى مۇھىتنى بىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇ ئۇرۇشلار مۇسۇلمانلار بىلەن تاجاۋۇزچى كاپىرلار ئارىسىدا بولۇۋاتقان ئۇرۇشلار بولسا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇزىنى مۇسۇلمانلاردىن توسۇش ئۈچۈن قادىر بولالىغانلارنىڭ ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى لازىم. ناۋادا ئۇ ئۇرۇشلار بىر ۋەتەننىڭ قانداش ۋە قېرىنداش بولغان ئەۋلادلىرى ئارىسىدا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش بولسا، ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشۇشى كېرەك.
بىلىشىمىز لازىمكى، بۈگۈن دۇنيادا بىر ۋەتەننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا مەزھەپ ياكى ئىرق پەرقى تۈپەيلىدىن ۋە ياكى ئىش بېشىدىكىلەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنداق ئىچكى ئۇرۇشلار بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبىدىن مىليونلارچە مەسۇم خەلق ھەر جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ.
ئەسلىدە «ئىسلامىي جىھاد» باشقا، «ئىچكى ئۇرۇش» باشقىدۇر. چۈنكى ئىسلامىي جىھادنىڭ غايىسى قارشى تەرەپنى قۇتقۇزۇۋېلىش، ياشىتىش، ھەر جەھەتتىن جانلاندۇرۇش، ئۇنىڭ دىلىغا ئىمان نۇرى كىرىپ يورۇشىغا، دىيارىغا ئىسلام ئادالىتى كىرىپ گۈللىنىشىگە سەۋەبچى بولۇش، شۇنداقلا ئۇنى دوستقا ئايلاندۇرۇپ سەپكە قوشۇشتۇر. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غايىسى بولسا، قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈش، يوق قىلىش ۋە ۋەيران قىلىشتۇر.   
سۇرىيەدە 2011- يىلى باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان مەزكۇر ئۇرۇش، دەسلەپتە دۆلەت باشلىقى بەششار ئەسەدنىڭ زۇلۇم ۋە ئىستىبدات ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت تۈزۈمىگە قارشى قوزغالغان خەلقنى نامايىش مەيدانلىرىدا ئەسەدنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قوغداش مەقسىتى بىلەن قوراللانغان بىر قىسىم ياشلار بىلەن ئەسەدنىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدا باشلانغان بىر ئىچكى ئۇرۇشتۇر. كېيىن ئۇلارغا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرگىلى ئۇنىمىغان بىر بۆلۈك ئەسكەرلەر قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇرىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئارىسىدا قالدى، بىر تەرەپ ئەسەدنىڭ ئارمىيەسى، يەنە بىر تەرەپ قوراللانغان خەلق بىلەن دۆلەت ئارمىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان «ئازاد سۇرىيە ئارمىيەسى».
مەزكۇر ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بەزىلەر ئۇ ئۇرۇشنى «ئىسلامىي جىھاد»، ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى پەرز ھېسابلاپ سۇرىيەگە كەلدى. كەلگەنلەر «ئازاد سۇرىيە ئارمىيەسى»گە قوشۇلۇپ ھەممىسى بىر گەۋدە بولۇپ ئەسەدكە قارشى ئۇرۇشۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئالدىغا قىسىملار قۇرۇشقا، شۇنداقلا ئۆزئارا ئۇرۇشۇشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇرۇشۇۋاتقان ئەجنەبىي قىسىملارنىڭ ئىچىدە سۇرىيە خەلقىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇۋاتقانلارمۇ بار. چۈنكى ئۇلار كىم دۈشمەن، كىم دوست بىلمەيدۇ، يەرلىك تىلنى ئۇقمايدۇ، بەلكىدە ئەرەبچىنى بىلمەيدۇ. شۇنداق، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشۇۋاتىدۇ، ئەسەدنىڭ تەختى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ. نەتىجە:
پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزلىرى ئالدىدا سۇرىيەنىڭ خەلقى قالايمىقان ئېتىلغان بومبا ۋە ئوقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۆلمەي قالغانلىرىنىڭ قاچالىغانلىرى تۈركىيە، ئىئوردانىيە ، ئىراق، لىۋان ۋە مىسىرگە ئوخشاش قوشنا ئەللەرگە كېلىپ پاناھلىق ئىزدەۋاتىدۇ. سۇرىيەنىڭ شەھەرلىرى خاراب قىلىنىۋاتىدۇ، مەھسۇلات مەنبەلىرى ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سۇرىيەدە بولۇۋاتقانلار ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. يەنى بۈگۈن سۈرىيەدە بولۇۋاتقان ئۇرۇش «ئىسلامى جىھاد» بولماستىن، بەلكىدە بىر ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئەمەس، ئۇنى توختىتىش كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر