مۇسۇلمانلار

ھىجرەت

1- ھىجرەت
ئا- «ھىجرەت»نىڭ مەنىسى
لۇغەتتە «ھىجرەت» سۆزى «تەرك ئەتمەك، ئايرىلماق، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك» دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ھەجر، ھىجران» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ مەنىسى «كىشىنىڭ بىر نەرسىدىن بەدىنى بىلەن ياكى تىلى بىلەن ۋە ياكى قەلبى بىلەن ئايرىلىپ يىراقلىشىشى» دېگەن بولىدۇ. لېكىن بۇ سۆز (ھىجرەت) «بىر يەرنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يەرگە كۆچمەك» دېگەن مەنىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز دىنى ئاتالغۇدا ئومۇمەن غەيرى مۇسۇلمانلار دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈپ بېرىشنى، خۇسۇسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مەككىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە كۆچۈپ بېرىشىنى ئىپادىلەيدۇ[1].
ئە- ھىجرەتنىڭ ھۆكمى
بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىشى مۇھىمدۇر. ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشالمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەرنى تاشلاپ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا كۆچۈپ كېتىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا فَأُولَئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
«شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان چاغدا ئۇلارغا: ‹قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھىجرەت قىلساڭلارئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟› دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»- نىسا 4/97.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ياشاۋاتقان يېرىدە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىيالمىغانلار دىنىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلمىسا دوزاخقا تاشلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا قادىر بولالمىغانلارنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئىككى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا. فَأُولَئِكَ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَعْفُوَ عَنْهُمْ وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا﴾
«پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/98-99.
 ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن قادىر بولالىغانلارنىڭ دەسلەپتە ھەبەشىستانغا، كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن. ئاخىرىدا ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان[2]. قادىر بولالمىغانلار مەككىدە قالغان. ئۇلار تا مەككە پەتىھ بولغانغا قەدەر مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان[3].
ب- ھىجرەتنىڭ شەرتى
ھىجرەتنىڭ ئۈچ شەرتى بار:
1- ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشى ياشاۋاتقان يېرىدە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغان تەقدىردە زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇشى.
2- دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جاينىڭ بولۇشى ۋە ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇ جاينى بىلىشى.
3- ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان جايغا بېرىشقا قادىر بولۇشى.
بۇ شەرتلەرنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھىجرەت شەكلى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ[4]. بۇ شەرتلەرگە دالالەت قىلىدىغان باشقا دەلىللەر:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق»[5]. چۈنكى مەككە پەتىھ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەندىشىسى قالمىغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھىجرەت توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بۈگۈن ھىجرەت يوق. بۇرۇن مۇئمىن زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ دىنى بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرەپكە قاچاتتى. لېكىن ھازىر ئاللاھ تائالا ئىسلامنى غالىب قىلدى. مۇئمىن كىشى پەرۋەردىگارىغا خالىغان يېرىدە ئىبادەت قىلالايدۇ».[6] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ يۇرتنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشتىن ئىبارەت بولغان ھىجرەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ «زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇش» شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاللاھ تائالا نىسا سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتىدە ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ، 98- ۋە 99- ئايەتلىرىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، 100- ئايىتىدە بولسا ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە دەرىجىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَنْ يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً وَمَنْ يَخْرُجْ مِنْ بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
«كىم ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، زېمىندا پاناھلىنىدىغان كۆپ جاي ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىم ئۆيىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپ ئۆلۈپ قالىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/100.
دېمەككى، ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ تارچىلىقتا ياشىغان، كەڭچىلىكتە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جاينى تاپقان ۋە ئۇ جايغا كېتىشكە قادىر بولغان كىشى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان يېرىنى تاشلاپ مەزكۇر جايغا بارسا، ئۇ جايدا پاناھلىنىدىغان كۆپ يەر ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ، ناۋادا ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتسە ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ.
بۇ ئايەتمۇ كۆرسىتىدۇكى، ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشى ياشاۋاتقان يېرىدە پاناھلىنىدىغان يەر تاپالمايدۇ، تارچىلىقتا ياشايدۇ، كەڭچىلىكتە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا كېتىشكە قادىر بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ شۇ جايغا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ، يولدا ئۆلۈپ قالمىسا يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا پاناھلىنىشقا يەر تاپىدۇ ۋە كەڭچىلىككە ئېرىشىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىل بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىدە ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن، ھەجگە كەلگەن بىرقانچە مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار (چۈنكى مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن مەدىنىلىكلەر مۇسۇلمان بولغان) بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا ئىككى قېتىم توختام تۈزۈشكەن.
ئۇلار بۇ توختامدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ھەرقانداق شارائىتتا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا پۇل–مال چىقىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا ھېچكىمدىن قورقماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە خوتۇن–بالىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداش قاتارلىقلار»غا قەتئىي ۋەدە بەرگەن.[7]
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھىجرەتنىڭ يەنى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئىشتا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

[1]– تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1998، 17- جىلد، 458- بەت؛ لىسانۇلئەرەب، ئەلقامۇسۇلمۇھىت، ئەسسىھاھۇ فىللۇغە، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە.

[2]– بۇخارى، لىباس 5807؛ رەھىقۇلمەختۇم ۋە باشقا سىيەر كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.

[3]– فەتھ سۈرىىسنىڭ 24- ۋە 25- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «ئۇ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقان كىشىلەردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئېغىر ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.

[4]– بۇ ئىككى ھىجرەتنىڭ بىرى «ھەبەشىستانغا ھىجرەت»، يەنە بىرى «مەندىنىگە ھىجرەت»دۇر. ماقالىنىڭ كېيىنكى بەتلىرىدە بۇ ھىجرەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىدۇ.

[5]بۇخارى، جىھاد 1، 27، 194، جىزيە 22. ھەج 43، جەزائۇسسەيد 10؛ مۇسلىم، ئىمارەت 85 (1353)، ھەج 445 (1353)؛ تىرمىزى، سىيەر 33 (1590)؛ نەسەئى، جىھاد 15 (7/146)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 64 (2480).

[6]بۇخارى، مەناقىب 3900.

[7]سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 138- 146- بەتلەر ۋە باشقا پۈتۈن سىيەر كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر