مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا ۋە ئەنئەنىۋى فىقىھتا مۇرتەدنىڭ جازاسى

قۇرئاندا ۋە ئەنئەنىۋى فىقىھتا مۇرتەدنىڭ جازاسى
1- كىرىش سۆز
شەرىئەتتە دائىملىق بار. مۇھەممەد (ئە.س) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس[1]. ئۇنىڭغا نازىل بولغان ۋەھىيلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان ۋەھىيلەردۇر[2]. پۈتۈن ئىلاھى كىتابلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنى تەستىقلايدۇ. قۇرئانمۇ ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنى تەستىقلايدۇ[3]. رەسۇلۇللاھ ۋەھىي نازىل قىلىنمىغان مەسىلىلەردە ئىلگىرىكى شەرىئەتلەر بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا ئەمىر قىلىنغان[4].
قۇرئان ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ زور بىر قىسمىنى ئوخشىشى بىلەن، بىر قىسمىنى بولسا تېخىمۇ ياخشىسى بىلەن مەنسۇخ قىلغان[5]. بىر ئايەت ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان باشقا بىر ئايەت بىلەن مەنسۇخ قىلىنغاندا ئىلگىرىكى ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان. مەسىلەن:
رەسۇلۇللاھ زىنا جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۆزىگە تېخى مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەھىي نازىل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ماس ھالدا رەجىم جازاسىنى بىر مۇددەت ئىجرا قىلغان. قۇرئاننىڭ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكمى كەلگەندە بۇرۇنقى ھۆكۈمنى تاشلىغان ۋە يېڭى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغان.
بىز مۇرتەدنىڭ جازاسى مەسىلىسىدىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق بولغان، دەپ قارايمىز. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا مەسىلىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، رەسۇلۇللاھتىن نەقىل قىلىنغان بەزى رىۋايەتلەر ۋە قۇرئاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىزنىڭ بۇ كۆزقارىشىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2- ئەنئەنىدە مۇرتەدنىڭ جازاسى
فىقىھتا ئىسلام دىنىدىن يېنىش ئىرتىدات (رىددەت)، ئىسلام دىنىدىن يانغان كىشى مۇرتەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنىدە ئىسلامدىن يانغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئىتتىپاق بار[6]. ھەنەفىيلەر ئىسلامدىن يانغان ئايالنى ئىستىسنا قىلىدۇ[7]. ئىسلامدىن يانغان كىشىگە ئۆلتۈرمەستىن ئىلگىرى تەۋبە تەكلىپى قىلىشنىڭ لازىملىقى، بۇنىڭ ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىدا مۇستەھەپ، باشقىلىرىنىڭ كۆزقارىشىدا پەرز بولغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ[8]. ئەنئەنىدە ئىسلام دىنىدىن يانغان كىشى ئۆلىدۇ، ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ياكى يۇرت تېشىغا چىقسا ماللىرى ئىلكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، قەرزلىرى تۆلەنگەندىن كېيىن قالغان ماللىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن غەنىيمەت ھېسابلىنىپ بەيتۇلمالغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ[9]. ئەبۇ ھەنىفىنىڭ كۆزقارىشىچە ئۇنىڭ مۇسۇلمان چېغىدا تاپقان ماللىرى ۋارىسلىرىغا يۆتكىلىدۇ، ئىمامەيننىڭچە[10] ئۇنىڭ ماللىرى ھەر ھالەتتە ۋارىسلىرىغا يۆتكىلىدۇ. مۇرتەدنىڭ نىكاھى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. شافىئىلارنىڭ كۆزقارىشىدا مۇرتەدنىڭ خوتۇنى ئىددەت تۇتۇشى كېرەك.
ئەنئەنە مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى كىتاب، سۈننەت ۋە ئىجماغا ئاساسلاندۇرۇشقا تىرىشقان. ئەمدى ئۇ دەلىللەرگە قىسقىچە قاراپ چىقىمىز:
ئا- كىتاب دەلىلى
تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتنىڭ مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە دەلىل بولىدىغانلىقى دەۋا قىلىنىدۇ:
قُلْ لِلْمُخَلَّف۪ينَ مِنَ الْاَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ اِلٰى قَوْمٍ اُوۨل۪ي بَاْسٍ شَد۪يدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ اَوْ يُسْلِمُونَ فَاِنْ تُط۪يعُوا يُؤْتِكُمُ اللّٰهُ اَجْرًا حَسَنًا وَاِنْ تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُمْ مِنْ قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا اَل۪يمًا
«ئى مۇھەممەد! ئايرىلىپ قالغان بەدەۋىلەرگە ئېيتقىنكى: سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى يۈز ئۆرۈگىنىڭلاردەك، يەنە يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئېغىر ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ.»- فەتىھ 48/16.
يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۆتكەن ئەۋ يۇسلىمۇن («اَوْ يُسْلِمُونَ- ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ») دېگەن ئىپادىنى مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ لازىملىقىغا دەلىل قىلىنغان [11].  
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ ف۪يهِ قُلْ قِتَالٌ ف۪يهِ كَب۪يرٌ وَصَدٌّ عَنْ سَب۪يلِ اللّٰهِ وَكُفْرٌ بِه۪ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَاِخْرَاجُ اَهْلِه۪ مِنْهُ اَكْبَرُ عِنْدَ اللّٰهِ وَالْفِتْنَةُ اَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتّٰى يَرُدُّوكُمْ عَنْ د۪ينِكُمْ اِنِ اسْتَطَاعُوا وَمَنْ يَرْتَدِدْ مِنْكُمْ عَنْ د۪ينِه۪ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَاُوۨلٰۤئِكَ حَبِطَتْ اَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْاٰخِرَةِ وَاُوۨلٰۤئِكَ اَصْحَابُ النَّارِ هُمْ ف۪يهَا خَالِدُونَ
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ، دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھ يولىدىن توسۇش، ئاللاھغا كاپىر بولۇش، مەسجىدى ھەرامنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. پىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ياماندۇر›. ئۇلار كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر توختىماي سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كاپىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇنداقلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ . ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ»- بەقەرە 2/217.
يۇقىرىدىكى ئايەت مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇنداق دەلىل قىلىنغان:
ئايەتتە ئۆتكەن فەيەمۇت («فَيَمُتْئاندىن ئۆلسە») دېگەن ئىپادىنىڭ بېشىدىكى ف ھەرپى تەئقىبىيدۇر. بۇنىڭ مەنىسى ئۆلۈم مۇرتەت بولۇشنىڭ ئارىسىدىنلا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. ھەر كىم بىلىدۇكى، مۇرتەت بولغان كىشى مۇرتەت بولغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ئۆلمەيدۇ. ئۇنداقتا مەزكۇر تەئقىبىييەنىڭ مەنىسى يەنى مۇرتەدنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مۇرتەت بولغاندىن كېيىنلا كېلىشى ئۇنىڭ پەقەت شەرئى بىر جازا سۈپىتىدە كېلىشى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئايەت مانا بۇ شەكىلدە مۇرتەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ لازىملىقىغا دەلىل بولىدۇ[12].
ئە- سۈننەت دەلىلى  
1- عَنْ عِكْرِمَةَ، قَالَ: أُتِيَ عَلِيٌّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ، بِزَنَادِقَةٍ فَأَحْرَقَهُمْ، فَبَلَغَ ذَلِكَ ابْنَ عَبَّاسٍ، فَقَالَ: لَوْ كُنْتُ أَنَا لَمْ أُحْرِقْهُمْ، لِنَهْيِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لاَ تُعَذِّبُوا بِعَذَابِ اللَّهِ» وَلَقَتَلْتُهُمْ، لِقَوْلِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مَنْ بَدَّلَ دِينَهُ فَاقْتُلُوهُ»
ئىكرەمەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئەلى (ر.ز)نىڭ يېنىغا بىر بۆلۈك زىندىقلار كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئەلى (ر.ز) ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئىبىن ئابباس (ر.ز) بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: مەن بولغان بولسامىدىم ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتمەيتتىم. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئازابلىماڭلار» دەپ كۆيدۈرۈشتىن مەنئى قىلغان ئىدى. مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرەتتىم، چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «كىم دىنى ئالماشتۇرسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار»[13].
2- عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ مَسْعُودٍ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لاَ يَحِلُّ دَمُ امْرِئٍ مُسْلِمٍ، يَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَأَنِّي رَسُولُ اللَّهِ، إِلَّا بِإِحْدَى ثَلاَثٍ: النَّفْسُ بِالنَّفْسِ، وَالثَّيِّبُ الزَّانِي، وَالمَارِقُ مِنَ الدِّينِ التَّارِكُ لِلْجَمَاعَةِ».
ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھالال بولمايدۇ. لېكىن جانغا جان، ئۆيلەنگەن تۇرۇپ زىنا قىلغۇچى كىشى ۋە دىنىنى تەرك ئەرك ئېتىپ جامائەتتىن ئايرىلغۇچى كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[14].
3- «أَيُّمَا رَجُلٍ ارْتَدَّ عَنِ الْإِسْلَامِ فَادْعُهُ، فَإِنْ تَابَ فَاقْبَلْ مِنْهُ، وَإِنْ لَمْ يَتُبْ فَاضْرِبْ عُنُقَهُ، وَأَيُّمَا امْرَأَةٍ ارْتَدَّتْ عَنِ الْإِسْلَامِ فَادْعُهَا، فَإِنْ تَابَتْ فَاقْبَلْ مِنْهَا، وَإِنْ أَبَتْ فَاسْتَتِبْهَا»
  «قانداقلا بىر ئەر كىشى ئىسلامدىن يانسا ئۇنى دەۋەت قىلغىن. ئەگەر ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا قوبۇل قىلغىن، تەۋبە قىلمىسا بوينىغا ئۇرغىن. قانداقلا بىر ئايال كىشى ئىسلامدىن يانسا ئۇنى دەۋەت قىلغىن، ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا قوبۇل قىلغىن، ئەگەر باش تارتسا ئۇنى تەۋبە قىلىشقا ئۈندىگىن»[15].
ب- ئىجما دەلىلى
 مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى توغرىسىدا ئىجما قىلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ[16].
3- تەۋرات ۋە ئىنجىلدا مۇرتەدنىڭ جازاسى
ئا- تەۋراتتا مۇرتەدنىڭ جازاسى
قانۇن شەرھى 13
6-7 قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى جان دوستۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدە ياكى ئۇ چېتىدە بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە، 8 ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛ 9 قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن. 10 ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئولتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛ 11 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ.
12-13 ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: ‹بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى› دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ، 14  
شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، 15 ئۇنداقتا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت. 16 ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك. 17 تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ. 18 سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمىرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ.
مىسىردىن چىقىش 32- باب
15 مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى.16 بۇ ئىككى تاش تاختىغا خۇدا ئۆزى ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى. 17- يەشۇ خالايىقنىڭ چۇقان -سۈرەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: -قارارگاھتا جەڭنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ!- دېدى. 18 مۇسا ئۇنىڭغا: – جەڭ غەلىبىسىنىڭ تەنتەنىسىگىمۇ، مەغلۇبىيەت پەريادىغىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى!- دېدى.
19 مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ساماغا چۈشكەن خالايىقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، ئېلىپ چۈشكەن ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە تاشلاپ چېقىۋەتتى. 20 ئاندىن، ئۇ خالايىق ياسىۋالغان موزاينى كۆيدۈرۈپ، تالقاندەك قىلىپ سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارنى ئۇنى ئىچىشكە بۇيرۇدى. 21 ئۇ ھارۇنغا: – بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا قويۇۋەتكۈدەك، ئۇلار ساڭا نېمە قىلغانىدى؟- دېدى. 22 ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى: – ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىشقا نىيەت باغلىغانلىقىدىن سېنىڭ خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا: 23 «بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 24 مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇمىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېگەنىدىم. ئالتۇن جابدۇقلىرى بارلار ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن جابدۇقلارنى ئوتقا تاشلىۋېدىم، ئۇ موزاي بولۇپ چىقتى.
25 مۇسا ھارۇننىڭ باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى بىلەن خەلقنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. 26 ئۇ قارارگاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: – پەرۋەردىگار تەرەپتە تۇرىدىغانلار مەن تەرەپكە كېلىڭلار!- دەپ توۋلىغانىدى، پۈتكۈل لاۋىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. 27 مۇسا ئۇلارغا: – پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە قىلىچ ئېسىپ، قارارگاھنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە ئارىلاپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، دوست-بۇرادەرلىرىڭلار ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى،- دېدى. 28 لاۋىيلار بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئۇ كۈنى تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىشىنى قىرىۋەتتى.
ئە- ئىنجلدا مۇرتەدنىڭ جازاسى
ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت
28 تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسىلا، كەڭچىلىك قىلىنماي ئۆلتۈرۈلەتتى.
يۇھاننا 15
6 مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
4- قۇرئاندا مۇرتەدنىڭ جازاسى
قۇرئاندا ئىرتىدات كەلىمىسى پېئىل فورمىسىدا سەككىز يەردە ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆتى ھەر خىل كەلىمىلەر بىلەن بىرلىكتە تەكرار كۆرۈشكە باشلىماق[17]، ئىزلارنى ئىزدەپ قايتماق[18]، كۆزنى يۇمۇپ ئاچماق[19]، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئىككىسى «دۇبۇر» كەلىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئارقىسىنى قىلماق[20]، دېگەن مەنىدە ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كېلىدۇ. ئىككىسى بولسا «دىن» كەلىمىسى بىلەن بىرلىكتە دىندىن يانماق[21] دېگەن ئىستىلاھىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئايەتلەرنى تەتقىق قىلىشتىن ئىلگىرى مۇرتەدنىڭ تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى ئۆلتۈرۈش جازاسىنىڭ قۇرئاندىن ئىزىنى ئىزدەشكە تىرىشىمىز.
   بەقەرە سۈرىسىنىڭ 54- ئايىتى مۇرتەدنىڭ تەۋراتتىكى ئۆلتۈرۈش جازاسىنى تەستىقلايدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
وَاِذْ قَالَ مُوسٰى لِقَوْمِه۪ يَا قَوْمِ اِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ اَنْفُسَكُمْ بِاتِّخَاذِكُمُ الْعِجْلَ فَتُوبُوۤا اِلٰى بَارِئِكُمْ فَاقْتُلُوۤا اَنْفُسَكُمْ ذٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ عِنْدَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ اِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّح۪يمُ
«ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: ‹ئى قەۋمىم! سىلەر موزايغا چوقۇنۇپ ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار. دەرھال ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. بۇ ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ تەۋبەڭلارنى چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر› دېگەن ئىدى»- بەقەرە 2/54.
بەنى ئىسرائىل مۇسا (ئە.س)نىڭ باشچىلىقىدا نۇرغۇنلىغان مۇسىبەتتىن قۇتۇلغان. بۇ ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئىنئامى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىلاھىي ئىنئامغا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا دىندىن يېنىشىنىڭ جازاسى چوڭ بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ چوڭ جازا تەۋرات ۋە ئىنجىلدا زىكىر قىلىنغان، شۇنداقلا قۇرئان تەستىقلىغان ئۆلۈم جازاسىدۇر.
مۇسا (ئە.س) قەۋمىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَى أَدْبَارِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
«ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان ئۇ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر»- مائىدە 5/21.
تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھۆكۈمنىڭ بىز (ئۇممەتى مۇھەممەد)دىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
وَلَوْ اَنَّا كَتَبْنَا عَلَيْهِمْ اَنِ اقْتُلُوۤا اَنْفُسَكُمْ اَوِ اخْرُجُوا مِنْ دِيَارِكُمْ مَا فَعَلُوهُ اِلَّا قَل۪يلٌ مِنْهُمْ وَلَوْ اَنَّهُمْ فَعَلُوا مَا يُوعَظُونَ بِه۪ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَاَشَدَّ تَثْب۪يتًا
«ئەگەر بىز ئۇلارغا: ‹ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار› دەپ يازساقىدۇق، بۇنى ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى قىلمايتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەملىگۈچى بولاتتى»- نىسا 4/66.
مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا دائىر كۆپ ئايەت بار. مۇرتەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:  
يَاۤ اَيُّهَا الَّذ۪ينَ اٰمَنُوا مَنْ يَرْتَدَّ مِنْكُمْ عَنْ د۪ينِه۪ فَسَوْفَ يَاْتِي اللّٰهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُۤ اَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِن۪ينَ اَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِر۪ينَ يُجَاهِدُونَ ف۪ي سَب۪يلِ اللّٰهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَاۤئِمٍ ذٰلِكَ فَضْلُ اللّٰهِ يُؤْت۪يهِ مَنْ يَشَاۤءُ وَاللّٰهُ وَاسِعٌ عَل۪يمٌ
«ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا بىر قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كاپىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، بىلگۈچىدۇر»- مائىدە 5/54.
بۇ ئايەتتىكى « ئاللاھ يېقىندا باشقا بىر قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ» ئىپادىسىنى مۇنۇ ئايەت بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش كېرەك:
 هَاۤ اَنْتُمْ هٰۤؤُۨلَاۤءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا ف۪ي سَب۪يلِ اللّٰهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ وَمَنْ يَبْخَلْ فَاِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِه۪ وَاللّٰهُ الْغَنِيُّ وَاَنْتُمُ الْفُقَرَاۤءُ وَاِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوۤا اَمْثَالَكُمْ
«سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، لېكىن سىلەردىن بەزىلەر بېخىللىق قىلىدۇ. كىم بېخىللىق قىلسا، ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ بىھاجەتتۇر، سىلەر موھتاجسىلەر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ»- مۇھەممەد 47/38.
يەنى ئىنسانلار دىنىدىن يانسا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاللىشىدۇر. بۇ دۇنيادا ئۆز تاللىشى بىلەن ياشايدۇ ۋە بىر كۈنى ئۆلىدۇ، ھېسابى ئاخىرەتكە قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاللاھ قويغان قانۇن بويىچە ئۇلاردىن ياخشى بولغانلار كېلىدۇ. مۇقاتىل ئىبىن سۇلەيمان (ۋاپاتى: 150/767) ئېيتىشىچە بۇ ئايەت ئىسلامدىن يانغان 12 كىشى ھەققىدە نازىل بولدى. ئۇلار مەدىنىدىن بەدەۋى قىياپىتى بىلەن چىققان، ئاندىن مەككە يولىغا چۈشكەن ۋە مەككە كۇففارلىرىغا قوشۇلغان ئىدى. كېيىن ئۇلاردىن ھارىس ئىبىن سۇۋەيد پۇشايمان قىلىپ قايتىپ كەلدى ۋە قېرىندىشى جۇلاسقا ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق: «مەن تەۋبە قىلىپ قايتتىم، پەيغەمبەر (ئە.س)دىن سوراپ باققىنا: تەۋبە قىلىشقا ھەققىم بارمۇ؟ بولمىسا شامغا كېتىمەن» دېدى. جۇلاس ئەھۋالنى پەيغەمبەر (ئە.س)غا مەلۇم قىلدى، لېكىن جاۋاب ئالالمىدى. ئاندىن مۇنۇ ئايەتلەر نازىل بولدى:[22]   
كَيْفَ يَهْدِي اللّٰهُ قَوْمًا كَفَرُوا بَعْدَ ا۪يمَانِهِمْ وَشَهِدُوۤا اَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاۤءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَاللّٰهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِم۪ينَ  اُوۨلٰۤئِكَ جَزَاۤؤُۨهُمْ اَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ اللّٰهِ وَالْمَلٰۤئِكَةِ وَالنَّاسِ اَجْمَع۪ينَ  خَالِد۪ينَ ف۪يهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ  اِلَّا الَّذ۪ينَ تَابُوا مِنْ بَعْدِ ذٰلِكَ وَاَصْلَحُوا فَاِنَّ اللّٰهَ غَفُورٌ رَح۪يمٌ
«بۇ پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە روشەن دەلىللەرنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلار بۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازابيېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. لېكىن ئۇ ئازغۇنلۇقتىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە ئۇ جازا بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇنداقلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.»- ئال ئىمران 3/86-89.
88- ئايەتتە ئۆتكەن ئەلئازاب كەلىمىسى 87- ئايەتتە ئۆتكەن لەنەتنى كۆرسىتىدۇ. كەلىمىنىڭ بېشىدىكى ئەل (ئەلىف لام) مەرىپىدۇر (كەلىمىنى تونۇشلۇق ھالەتكە كەلتۈرىدىغان ئەلىف لامدۇر) ۋە ئەھد (بىلىنگۈچى نەرسىگە ئىشارەت قىلىش) ئۈچۈندۇر. 87- ئايەتتىكى مەئھۇدقا (بىلىنگۈچى نەرسىگە) ئىشارەت قىلىدۇ.
تەۋبە سۈرىسىنىڭ 74- ئايىتىدە مۇرتەتلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگۈچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئازاب كەلىمىسى نەكرە ھالىتىدە (تونۇشسىز ئىسىم شەكلىدە) ئەزابەن ئەلىمەن، دەپ كېلىدۇ. ئايەت مۇنداق:
يَحْلِفُونَ بِاللّٰهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ اِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا وَمَا نَقَمُوۤا اِلَّاۤ اَنْ اَغْنٰيهُمُ اللّٰهُ وَرَسُولُهُ مِنْ فَضْلِه۪ فَاِنْ يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَهُمْ وَاِنْ يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللّٰهُ عَذَابًا اَل۪يمًا فِي الدُّنْيَا وَالْاٰخِرَةِ وَمَا لَهُمْ فِي الْاَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَص۪يرٍ
«ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ‹بىز ئۇنداق دېمىدۇق› دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇ كۇفرى سۆزىنى سۆزلىدى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولدى ۋە ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇندى[23]. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئاللاھنىڭ پەزلىدىن باي قىلغانلىقىنىلا يامان كۆردى[24]. ئۇلار ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇلارغا يەر يۈزىدە ھېچبىر دوست ۋە ھېچبىر ياردەمچى يوقتۇر»- تەۋبە 9/74.
ئايەتتە ئۆتكەن «فىددۇنيا ۋەلئاخىرەتى» ئىپادىسى بۇ ئازابنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئال ئىمران سۈرىسىدىكى ئايەتتە ئۆتكەن ۋە مەرىپە بولغان «ئەلئەزاب» بولسا ئۇ ئازابنىڭ دۇنيادىكى قىسمىنى بايان قىلىدۇ. 88- ئايەتتىكى «خالىدىنە فىيھا» ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئۇ لەنەت ئىچىدە ئۆمۈر بويى قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى 89- ئايەتتە ئۇلارغا بېرىلگەن تەۋبە قىلىش پۇرسىتى ئازابنىڭ ئاخىرلىشىش ئېھتىمالىنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ ئۇ ئازابنىڭ دۇنيادا بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئايەتتە تەۋبىدىن كېيىن كەلگەن ئىسلاھ ئىپادىسى بولسا مەزھەپلەرنىڭ دېگىنىدەك تەۋبە مۇددىتىنىڭ بىرقانچە كۈن ئەمەس، كىشىنىڭ ئۆزى تۈزەتكەندىن كېيىن بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى كاللىسى ئېلىشىپ مۇرتەت بولغان كىشىنىڭ زېھنىنى يىغىپ ئۆزىنى تۈزىتىشى ئومۇمەن ئۇزۇن بىر زامان تەلەپ قىلىدۇ.
  مۇرتەت بولغان كىشىگە ئىنسانلار ئىجرا قىلىدىغان بىر جازا يوق. ئۇنىڭ جازاسى ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ لەنىتىدۇر. دۇنيادىكى لەنەتنى بۇ ئىنسانلارنىڭ چەتكە قېقىلىشى، مۇئمىنلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇلماسلىقى ۋە بىر قىسىم ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قىلىنىشى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تەۋبە قىلغانلار لەنەتتىن قۇتۇلىدۇ. مۇرتەدنىڭ جازاسى توغرۇلۇق ھۆكۈم بۇ ئىكەن، مەزھەپلەرنىڭ مۇرتەتنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى سىياسىي بېسىملاردا ئىزدەش كېرەك.
مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ داۋامى يەنى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 90- ۋە 91- ئايەتلىرى مۇنداق:
اِنَّ الَّذ۪ينَ كَفَرُوا بَعْدَ ا۪يمَانِهِمْ ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَنْ تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ وَاُوۨلٰۤئِكَ هُمُ الضّاَۤلُّونَ  اِنَّ الَّذ۪ينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْ اَحَدِهِمْ مِلْءُ الْاَرْضِ ذَهَبًا وَلَوِ افْتَدٰى بِه۪ اُوۨلٰۤئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ اَل۪يمٌ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِر۪ينَ
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولۇپ، كافىرلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتكەنلەر بارغۇ، ئۇلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردۇر. شۈبھىسىزكى، كافىر بولۇپ كافىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زېمىنغا بىر كەلگۈدەك ئالتۇن بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېغىر بىر ئازاب بار، ئۇلارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. »- ئال ئىمران 3/90-91.
ئايەتلەردە ئىمان ئېيتقاندىن كاپىر بولغان ۋە كاپىرلىقىنى ئارتتۇرغانلار زىكىر قىلىنىدۇ. بۇلار تەۋبە قىلماي كاپىر پېتى ئۆلسە ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدۇ. دېمەككى، تەۋبە ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، لېكىن بۇ تەۋبىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەسلىكى لازىم. ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قىلىنغان تەۋبىنىڭ پايدىسى يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذ۪ينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّـَٔاتِ حَتّٰىۤ اِذَا حَضَرَ اَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ اِنّ۪ي تُبْتُ الْـٰٔنَ وَلَا الَّذ۪ينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ اُوۨلٰۤئِكَ اَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا اَل۪يمًا
«يامانلىقلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.  بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»- نىسا 4/18.
پىرئەۋننىڭ تەۋبىسى ئەينى سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلىنمىغان[25].
مۇقاتىل ئىبىن سۇلەيمان نەقىل قىلغان رىۋايەتتە ئىسمى زىكىر قىلىنغان ھارىس ئىبىن سۇۋەيدنىڭ مۇرتەد بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقۇشىنىڭ ئارقىسىدا ئۇ كۈنكى جەمئىيەتتە مۇرتەتلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر مەلۇمات ۋە ئىجرائاتلارنىڭ بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەزكۇر رىۋايەت توغرا بولسا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بىر مۇددەت جاۋاب بەرمەي كۈتۈشى مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر ھۆكۈمنىڭ كەلمەسلىكى ۋە ئىلگىرىكى ھۆكۈمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
باشقا بىر ئايەت مۇنداق:  
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ ف۪يهِ قُلْ قِتَالٌ ف۪يهِ كَب۪يرٌ وَصَدٌّ عَنْ سَب۪يلِ اللّٰهِ وَكُفْرٌ بِه۪ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَاِخْرَاجُ اَهْلِه۪ مِنْهُ اَكْبَرُ عِنْدَ اللّٰهِ وَالْفِتْنَةُ اَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتّٰى يَرُدُّوكُمْ عَنْ د۪ينِكُمْ اِنِ اسْتَطَاعُوا وَمَنْ يَرْتَدِدْ مِنْكُمْ عَنْ د۪ينِه۪ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَاُوۨلٰۤئِكَ حَبِطَتْ اَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْاٰخِرَةِ وَاُوۨلٰۤئِكَ اَصْحَابُ النَّارِ هُمْ ف۪يهَا خَالِدُونَ
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ، دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھ يولىدىن توسۇش، ئاللاھغا كاپىر بولۇش، مەسجىدى ھەرامنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. پىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ياماندۇر›. ئۇلار كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر توختىماي سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كاپىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇنداقلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.»- بەقەرە 2/217.
ئايەتتە ئىسلام دىنىدىن يانغان ۋە بۇ ھالىتى بىلەن يەنى كاپىر پېتى ئۆلگەن كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. لېكىن بۇ كىشى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن يېنىپ تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە دۇنيادىكى ئەمەللىرىنى ۋە ئاخىرەتىنى قۇتقۇزغان بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە ئۆزىنى تۈزىتىشى بىرقانچە كۈن ئەمەس، ئايلار، بەلكىدە يىللار ئالىدۇ.
ئايەتتە ئۆتكەن «فەيەمۇت- ئاندىن ئۆلسە» ئىپادىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» ھەرپى تەئقىبىييە ئەمەستۇر. ئوخشاش بىر ئايەت مۇنداق:
هُوَ الَّذ۪ي خَلَقَكُمْ فَمِنْكُمْ كَافِرٌ وَمِنْكُمْ مُؤْمِنٌ وَاللّٰهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَص۪يرٌ
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ياراتتى. ئاندىن بەزىڭلار كاپىر، بەزىڭلار مۇئمىنسىلەر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- تەغابۇن 64/2.
ئەگەر بۇ ئايەتتە ئۆتكەن «ف» تەئقىبىييە بولسا، ھەر ئىنسان تۇغۇلار تۇغۇلماس يا مۇئمىن يا كاپىر بولۇشى كېرەك بولاتتىكى، بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ.
باشقا بىر ئايەت مۇنداق:
اِنَّ الَّذ۪ينَ ارْتَدُّوا عَلٰىۤ اَدْبَارِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَاَمْلٰى لَهُمْذٰلِكَ بِاَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذ۪ينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللّٰهُ سَنُط۪يعُكُمْ ف۪ي بَعْضِ الْاَمْرِ وَاللّٰهُ يَعْلَمُ اِسْرَارَهُمْ  فَكَيْفَ اِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلٰۤئِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَاَدْبَارَهُمْ  ذٰلِكَ بِاَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَاۤ اَسْخَطَ اللّٰهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَاَحْبَطَ اَعْمَالَهُمْ
«توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن كەينىگە يېنىۋالغانلار بارغۇ، شەيتان ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسەتتى ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بەردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرگەنلەرگە: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ۋاپات قىلدۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن نەرسىگە ئەگەشتى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى»- مۇھەممەد 47/25-28.
دىندىن يېنىش مەسىلىسى قۇرئاندا ئىرتىدات كەلىمىسىدىن باشقا ئىپادىلەر بىلەنمۇ ئۆتىدۇ. بىرى مۇنداق:
اَمْ تُر۪يدُونَ اَنْ تَسْـَٔلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسٰى مِنْ قَبْلُ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْا۪يمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاۤءَ السَّب۪يلِ وَدَّ كَث۪يرٌ مِنْ اَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ ا۪يمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ اَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتّٰى يَاْتِيَ اللّٰهُ بِاَمْرِه۪ اِنَّ اللّٰهَ عَلٰى كُلِّ شَيْءٍ قَد۪يرٌ
«ياكى سىلەر پەيغەمبىرىڭلارغا، ئىلگىرى مۇساغا قويۇلغاندەك تەلەپلەرنى قويماقچىمۇ؟ كىم ئىماننى ئورنىغا كۇفرغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. ئەھلى كىتابنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىچ- ئىچىدىن ھەسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى ئەمرى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كۆرمەسكە سېلىڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- بەقەرە 2/108-109.
5– قۇرئاندا دىن ئەركىنلىكى
قۇرئان ئىنسانلارغا دىنغا ئېتىقاد قىلىش قىلماسلىقتا ئەركىلىك بەرگەن[26]. دىندا زورلاش يوقتۇر[27]. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ[28]، ئاگاھلاندۇرىدۇ، خۇش خەۋەر بېرىدۇ[29] ۋە ئەسلىتىدۇ[30]. لېكىن بېسىم ئىشلەتمەيدۇ[31]. ئاللاھ ئاخىرقى ئەلچىسىگە: «سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»[32] دەيدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان ۋە ئۆزىگە ھاقارەت قىلغان بەندىلىرىگىمۇ ياشاش ھەققى بەرمەكتە ۋە ھېسابىنى ئاخىرەتكە قويماقتا[33]. قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن قايتا-قايتا كاپىر بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ[34]. ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىپ ۋە چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ يېڭىدىن ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىنىشى ئەمىر قىلىنىدۇ[35]. مۇئمىنلارنىڭ دۇنيادىكى ئىمتىھاننىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئازار ئىشتىدىغانلىقى، بۇلارغا سەۋر قىلىشنىڭ لازىملىقى ۋە ئاخىرىدا «بىزنىڭ ئەمەلىمىز بىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار سىلەرگە»، «سىلەرنىڭ دىنىڭلار سىلەرگە، مېنىڭ دىنىم ماڭا» دېيىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ[36]. قۇرئان نىشانلىغان پەزىلەتلىك ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىشىنىش ئەركىنلىكىنىڭ بولۇشى ۋە ئىشەنمىگەنلەرنىڭ بۇ ئېتىقادىنى ئاشكارا سۆزلىيەلىشى كېرەك. ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولمىغان بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىشەنگەنلىكلىرىنى بايان قىلىشلىرىنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى بولمىغاندەك، مۇناپىقلار كۆپەيگەن بىر جەمئىيەت مەيدانغا كېلىدۇ. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى: قۇرئان تەشەببۇس قىلغان ئىمان بېسىم بىلەن ئەمەس، تەپەككۇر، تەزەككۇر ۋە تولۇق بىر ئىشەنچ تۈرتكىسى بىلەن شەكىللەنگەن ئىماندۇر[37].
قۇرئان ئوتتۇرىغا قويغان دىن ھۆرىيىتى ئىلگىرىكى ئىلاھىي كىتابلاردىمۇ بولۇشى لازىم دەپ قارالسا، تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە دائىر ھۆكۈمنىڭ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتى بىلەن بولغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ، چۈنكى مائىدە سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلمەكتىدۇر. ئوخشاش ئەھۋال مۇسا (ئە.س) بىلەن خىزىر (ئە.س) قىسسىسىدىمۇ مەۋجۇتتۇر[38]. يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق بىر ھۆكۈمنى بەنى ئىسرائىلغا خاس دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئۇلار شۈكۈر قىلمىغان.
6- خۇلاسە
 تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ھۆكمى شۇكى، مۇرتەت ئۆلتۈرۈلىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) تېخى ۋەھىي نازىل بولمىغان مەسىلىلەردە ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن بىر مۇددەت مۇرتەتنى ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. بىراق كېيىن بۇ ھۆكۈم قۇرئان بىلەن مەنسۇخ قىلىنغان (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان). ئەسلىدە ئەنئەنە دىققەت قىلماستىن رەجىم مەسىلىسىدە بولغاندەك مۇرتەتنى ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىدىمۇ ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ ھۆكمىنى داۋاملاشتۇرماقتىدۇر. بۇنىڭ تېگىدە مەسىلىلەرگە قۇرئان مەركەز قىلىپ تۇرۇپ قارىماسلىق ئادىتى بار. ئەنئەنىدە سۈننەت مۇستەقىل بىر ئاساس ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسلەر قۇرئان ئاساسىدا تەھلىل قىلىنمايدۇ. قۇرئاندا يوق دېيىلگەن كۆپ نەرسىنىڭ سۈننەت بىلەن يولغا قويۇلغانلىقى قوبۇل قىلىنماقتىدۇر. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ۋە سۈننەتتە پەرقلىق ئىككى ھۆكۈم كۆرۈلگەندە ھەر ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىر مەسىلىنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىنى تەرتىپكە سالغانلىقى چۈشىنىلمەكتىدۇر. ئەنئەنىدە قۇرئان-سۈننەت مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان، سۈننەت مۇستەقىل بىر دەلىل دەپ قوبۇل قىلىنغان، مۇرتەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە بولغاندەك نۇرغۇنلىغان مەسىلىدە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە قارىماستىن، قۇرئانغا زىت ھۆكۈملەر چىقىرىلغان. بۇ چۈشەنچە مۇسۇلمانلارنى تۇرمۇشنىڭ تېشىغا ئىتتەرگەن.
قەلەمگە ئالغۇچى: فاتىھ ئورۇم

[1]– ئەھقاف 46/9.
[2]– شۇرا 42/13.
[3]– ئال ئىمران 3/2-3، 50.
[4]– ئەنئام 6/90.
[5]– بەقەرە 2/106.
[6]– ئابدۇلئەزىز بايىندىر، دوغرۇ بىلدىغىمىز يانلىشلار، 3- باسمىسى، 296- بەت ۋە داۋامى.
[7]– سەرەخسىي، ئەلمەبسۇت، 10/98؛ كاسانى، بەدائىئ 7/134.
[8]– مەيدانىي، ئەللۇباب، 4/148؛ ئىبىن رۇشد، بىدايەتۇلمۇجتەھى، 2/448؛ شىربىينىي، مۇغنىلمۇھتاج، 149- بەت ۋە داۋامى؛ ئىبىن قۇدامە، ئەلمۇغنىي، 7/124.
[9]– مۇغنىلمۇھتاج 149- بەت ۋە داۋامى؛ مۇغنىي، 7/124.
[10]– ئەبۇ ھەنىفىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىمام ئەبۇ يۇسۇف ۋە ئىمام مۇھەممەد.
[11]– سەرەخسىي، مەبسۇت 10/98.
[12]– ئىبىن ئاشۇر، ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر 2/272.
[13]– بۇخارى، ئىستىبانە 2.
[14]– بۇخارى، دىيات 6؛ مۇسلىم، قەسامە 6.
[15]– زەيلەئىي، نەسبۇررايە 3/457.
[16]– مۇغنىي 10/72.
[17]– يۇسۇف 12/96.
[18]– كەھف 18/64.
[19]– ئىبراھىم 14/43؛ نەمل 27/40.
[20]– مائىدە 5/21؛ مۇھەممەد 47/5.
[21]– بەقەرە 2/217؛ مائىدە 5/54.
[22]– تەفسىرۇ مۇقاتىل ئىبىن سۇلەيمان، تەھقىق: ئەھمەد فەرىد، بېيرۇت 1424/2002، 1/180-181.
[23]– بۇ مۇنافىقلار رەسۇلۇللاھ ئەلەھەيھىسسالامغا سۇيىقەست پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى. 
[24]– رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ پەزلىدىن باي بولغان مۇنافىقلار تۇزكورلۇق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ پەزلىدىن باي قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا پەيغەمبەرگە يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشقان ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باي بولۇپ قىلىشىنى يامان كۆرۈشلىرى بولۇپ ھېسابلاندى.
[25]– يۇنۇس 10/90-91.
[26]– كەھف 18/29.
[27]– بەقەرە 2/256.
[28]– نەھل 16/35.
[29]– مائىدە 5/19.
[30]– غاشىيە 88/21.
[31]– غاشىيە 88/21-26.
[32]– قەسەس 28/56.
[33]– ئال ئىمران 3/181؛ ياسىن 36/47؛ مەريەم 19/88 ۋە داۋامى.
[34]– نىسا 4/137.
[35]– نەھل 16/125.
[36]– ئال ئىمران 3/186؛ قەسەس 28/55؛ كافىرۇن 109/1 ۋە داۋامى.
[37]– ئەنئام 6/149.
[38]– كەھف 18/80.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر