مۇسۇلمانلار

كىتاب ۋە ھېكمەت

كىتاب ۋە ھېكمەت
قۇرئان ۋە ئەنئەنىدە كىتاب ۋە ھېكمەت
ئاپتورى : پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
گۇمان قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالا پۈتۈن نەبىيلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83- ئايەتتە ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە نۇھ (ئە.س)دىن ئىيسا (ئە.س)غىچە 18 نەبىينى زىكىر قىلىدۇ (1)، ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىمۇ تاللىدۇق. ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق»- ئەنئام 6/87.
ئاللاھ تائالا پۈتۈن نەبىيلەرگە ئەنە شۇنداق ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن: «ئۇلار بىز كىتاب، ھۆكۈم ۋە نەبىيلىك بەرگەن كىشىلەردۇر»- (ئەنئام 6/89) دەيدۇ.
ئادەتتە تۆت ئىلاھى كىتابنىڭ نازىل بولغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلار تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئاندۇر. پەيغەمبىرىمىزگە نىسبەت بېرىلگەن بىر رىۋايەتتە ئادەم (ئە.س)گە 10 سۇھۇف، شىت (ئ.س)گە 50 سۇھۇف، ئىدرىس (ئە.س)كە 30 سۇھۇف، ئىبراھىم (ئە.س)گە 10 سۇھۇف بولۇپ جەمى 100 سۇھۇفنىڭ نازىل بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ (2). بۇنداق بولغاندا 8 نەبىيگە كىتاب بېرىلگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پۈتۈن نەبىيلەرگە كىتاب ۋە ھۆكۈم بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتىدۇر. ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم مۇنۇ ئايەتتە ھېكمەت دېيىلگەن:
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُوا أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئېلىپ، ‹مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر رەسۇل كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ› دېگەن ئىدى. ئۇلار: ‹ئەھدە بەردۇق› دېدى. ئاللاھ: ‹ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىن› دېدى»- ئال ئىمران 3/81.
نەبىيلەرنىڭ ۋەزىپىسى قەۋملىرىگە ئۇ كىتابنى ھاكىم قىلىشتۇر
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
«ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى. لېكىن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى (3). ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»- بەقەرە 2/213.
ئۆزلىرىگە كىتاب كەلگەن قەۋملەرنىڭ چوڭلىرىمۇ ئۇ كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلىشلىرى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
«شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى بۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇنداقلار كاپىرلاردۇر»- مائىدە 5/44.
ھېكمەت توغرا ھۆكۈم دېمەكتۇر(4). پەيغەمبىرىمىز قۇرئاندىن توغرا ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئۇلارنى ئىجرا قىلغان، بىزگىمۇ ئۇنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن. قۇرئاندا ناھايىتى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇ يولغا ئاساسەن ئىش قىلىنسا كىتاب بىلەن سۈننەت ئارىسىدا تولۇق بىر مۇناسىپلىق بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئايىتى بار: بىرى ياراتقان ئايەتلىرى بولۇپ، پۈتۈن ئىلىملەرنىڭ مەنبەسى بۇلاردۇر. ئىلىم ئەربابلىرى بار بولغان بىلىملەرنى ياخشى ئۆگەنسە، توغرا بىر ئۇسۇل بىلەن ئىش قىلسا ۋە سابىت قەدەم تۇرسا يارىتىلغان ئايەتلەردىكى ھېكمەتلەرنى تاپالايدۇ.
    يۇقىرىدىكى ئايەتتە «ئۆلىمالار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ھىبرنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان ئەھباردۇر. ھىبر ئەسەر قالدۇرغان ئالىم دېگەن بولىدۇ(5). بۇلار ئاللاھ ياراتقان ئايەتلەر بىلەن نازىل قىلغان ئايەتلەرنى بىرلىكتە تەھلىل قىلسا ھېكمەتكە ئاسانلىق بىلەن ئېرىشىدۇ. چۈنكى ھېكمەت دىن بىلەن بىلىم ئارىسىدىكى ئورتاق زېمىندۇر. ئاللاھ ئۆز دىنىنى فىترەت يەنى تەبىئىيلىك دەپ تونۇتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ.
«سەن بۇ توغرا دىنغا-ئاللاھنىڭ فىترىتىگە يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ، توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- رۇم 30/30.
تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ فىترەتكە يەنى يارىتىلىش قانۇنىغا دىققەت جەلپ قىلىشى مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ (1) خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ (2) اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ (3) الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ (4) عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ (5)
«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/1-5.
قۇرئاننىڭ بۈيۈك بىر قىسمى تەبىئەتتىكى ئايەتلەرگە دىققەت جەلپ قىلىدۇ. قۇرئاننى، ئەرەبچىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك فىترەت ئايەتلىرىنى بىلگەنلەر قاتناشقان بىرقانچە پائالىيەت ئېلىپ باردۇق. كۆردۇقكى، بۇ ئۇسۇل مەۋجۇت بىلىمگە ئۇلۇغۋار غايىلەر كۆرسىتىدۇ.
     ئاللاھ تائالا ئادەم (ئە.س)گە دەسلەپتە فىترەتنى، ئۆزى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە يوشۇرغان بىلىمنى ئۆگەتكەن ئىدى.چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ: « وَعَلَّمَ آدَمَ الأَسْمَاء كُلَّهَائادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى-» دېگەن سۆزىدە ئىسىملارنى كۆرسەتكەن ئالماش (زەمىر) ئەقىلسىز مەخلۇقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «ھا»دۇر. ئادەم (ئە.س) مەخلۇقاتلاردا بولغان، لېكىن پەرىشتىلەر بىلمەيدىغان بىلىملەرنى ئۆگەنگەندە «ھا» ئالمىشىنىڭ ئورنىنى ئەقىللىك مەخلۇقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «ھۇم» ئالمىشى ئالدى ۋە ئىپادە: «ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلاَئِكَةِ – ئاندىن ئۇلارنى (ئۇ بىلىم مەنبەلىرىنى) پەرىشتىلەرگە تەڭلىدى» دېگەن شەكىلگە ئۆزگەردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەقىل ئىنسان پايدىلىنىدىغان بىلىم مەنىسىدىمۇ (مۇفرەدات) كېلىدۇ. پەرىشتىلەر ئەقىلسىز دەپ گۇمان قىلغان مەخلۇقاتلاردا ئۇلار بىلمىگەن بىلىم بار ئىدى. ئۇ بىلىم سىرتتىن قاراشتا كۆرۈنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا «غەيب» دېدى ۋە پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېدى: {أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إنِّي أَعْلَم غَيْب السَّمَاوَات وَالْأَرْضمەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبنى بىلىمەن-}- بەقەرە 2/33.
ئاللاھ ئادەمنى بۇ بىلىم بىلەن پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن قىلدى. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئادەمگە سەجدە قىلدى. بۇ بىلىم ئىنساننى بىلىم ئىجاد قىلىدىغان ۋە مەدەنىيەت قۇرىدىغان مەخلۇققا ئايلاندۇردى. ئەڭ بىلىملىك ئىنسان ئادەم (ئە.س)دۇر. ئۇ بىلىم ئۇنىڭغا يېزىق بىلەن ئۆگىتىلگەن. «رەببىڭ قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئۇ ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/4-5.
توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى    
توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە ھېكمەت دېيىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:
يُؤتِي الْحِكْمَةَ مَن يَشَاء وَمَن يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلاَّ أُوْلُواْ الأَلْبَابِ
«ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېكمەتنى بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە ئۇنىڭ كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇ زىكىر (بىلىم)نى پەقەت سابىت قەدەم تۇرغانلارلا(6) ھاسىل قىلالايدۇ»- بەقەرە 2/269.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
لاَ حَسَدَ إِلَّا فِي اثْنَتَيْنِ: رَجُلٌ آتَاهُ اللَّهُ مَالًا فَسُلِّطَ عَلَى هَلَكَتِهِ فِي الحَقِّ، وَرَجُلٌ آتَاهُ اللَّهُ الحِكْمَةَ فَهُوَ يَقْضِي بِهَا وَيُعَلِّمُهَا
«مۇنداق ئىككى ئادەمدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا بولىدۇ: بىرى ئاللاھ پۇل-مال ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، بۇ كىشى پۇل-مېلىنى ئورۇنلۇق سەرپ قىلىپ تۈگىتىدۇ. يەنە بىرى ئاللاھ ھېكمەتنى ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، بۇ كىشى ئۇ ھېكمەت بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ»- (7).
ئىبىن ئابباس (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى باغرىغا باستى ۋە: «ئى ئاللاھ! بۇنىڭغا ھېكمەتنى ئۆگەتكىن» دېدى (8).
بۇ رىۋايەت ۋە ھەدىسلەر ھېكمەتنىڭ يەنى توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆگەنگىلى بولىدىغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم (ئە.س) كەبىنى بىنا قىلغاندىن كېيىن مەككە خەلقى ھەققىدە مۇنۇ دۇئامۇ ئەينى مەنىنى تەكىتلەيدۇ:
رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
«رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكى، سېنىڭ ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بەرسۇن، كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگەتسۇن، ئۇلارنى پاكلىسۇن. شۈبھىسىز، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»- بەقەرە 2/129.
ئىبراھىم (ئە.س)نىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئايەت شۇدۇر:
لَقَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
«ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ناھايىتى چوڭ ئىنئام قىلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق بىر ئازغۇنلۇقتا ئىدى»- ئال ئىمران 3/164.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندىن ھۆكۈم چىقىرىش توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دەپ ئەمىر قىلىدۇ:
إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللّهُ وَلاَ تَكُن لِّلْخَآئِنِينَ خَصِيمًا
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. خائىنلارغا يان بېسىپ گۇناھسىزلارغا دۈشمەن بولمىغىن!»- نىسا 4/105.
پەيغەمبىرىمىز ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلغان سۆز، پائالىيەت ۋە ماقۇللۇقلارنىڭ ھەر بىرى ئۇ قۇرئاندىن چىقارغان بىرەر ھېكمەتتۇر. ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بىرلىكتە بېرىلدى(9).
مەن سىلەردىن ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇۋاتقان چېغىدا مەن قىلغان ئەمىرلەردىن بىر ئەمىر ياكى مەن چەكلىگەن چەكلىمىلەردىن بىرى كەلسە «بىلمەيمىز، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا تاپقىنىمىزغا ئەگىشىمىز» دەيدىغان بىرىنى ئۇچراتماي (10).
قۇرئاننىڭ ئىچىدىكى ھېكمەت يەر ئاستىدىكى مەدەنگە ئوخشاشتۇر. يەردىن مەدەن چىقىرىش ئۈچۈن بىلىم بىرىكمىسىگە، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە ۋە كوللېكتىپ ئىشلەشكە قانداق ئېھتىياج بولسا، قۇرئاننىڭ ھېكمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياج بار. قۇرئاندا بايان قىلىنغان بۇ ئۇسۇلنىڭ قىسقا مۇددەتتە ئۇنۇتۇلغانلىقى ھېس قىلىنماقتىدۇر. چۈنكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان، بارغان يەرلىرىگە ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى فەتىھ قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنى قىيىنچىلىق مەنبەسى بولغان ۋە مۈشكۈللۈكلەر پەيدا قىلغان مۇسۇلمانلار ئالغان. پەيغەمبىرىمىز ھېكمەتنى ئۆگەتكەن ساھابىلەر بارغان يەرلىرىدە ھاكىم ئۇنسۇرنىڭ ھېلىمۇ مۇسۇلمانلار بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ساھابىلەردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار بارغان يەرلەردە پەقەت ۋاقىتلىق ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلالىغان. چۈنكى ئۇ يەرلەرگە ھېكمەت ئاپىرىلمىغان.
ھېكمەت-سۈننەت ۋە سۈننەت ۋەھىي مۇناسىۋىتى
 ئىمامى شافىئىي سۈننەتنىڭ ھېكمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ بىر قىسمى مۇنداق:
مەن قۇرئاننى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھېكمەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر». مېنىڭ «سۈننەت ھېكمەتتۇر» دېگەن سۆزۈم ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئوخشاشتۇر (توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). چۈنكى (مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە) قۇرئان زىكىر قىلىنىدۇ، ئارقىسىدىن ھېكمەت زىكىر قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىش بىلەن ئىنئام قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن (ئاللاھ توغرىسىنى بىلىدۇ) ھېكمەتنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن باشقا بىر نەرسە دېيىش توغرا بولمايدۇ(11).
بۇ سۆزلەرگە قوشۇلماسلىق مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز ئۇممىتىگە ئۆگەتكەن ئىككى نەرسىدىن بىرىنىڭ قۇرئان، يەنە بىرىنىڭ سۈننەت بولغانلىقىدا ئىتتىپاق بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا سۈننەت ھېكمەتتۇر، ئەلۋەتتە. لېكىن ئىمام شافىئىينىڭ مۇنۇ سۆزىگە قوشۇلۇش ئىمكانى يوق:
رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ مۇرادىنىڭ مەنىىسنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇ مەنىنىڭ خۇسۇسىي بولغىنىغا ۋە ئومۇمىي بولغىنىغا دالالەت قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ سۈننەت دېگەن بولىدىغان ھېكمەتنى ئۆز كىتابى بىلەن بىر يەردە زىكىر قىلىدۇ، يەنى ئاللاھ (مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە) كىتابنى زىكىر قىلىپ ئاندىن ھېكمەتنى زىكىر قىلىدۇ. ئاللاھ بۇنى مەخلۇقاتى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئەلچىسىدىن باشقا بىرى ئۈچۈن قىلمىغان(12).
ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 81- ئايىتىدە كىتاب ۋە ھېكمەتنىڭ پۈتۈن نەبىيلەرگە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئىمام شافىئىنيىڭ ئاخىرقى جۈملە بۇنىڭغا خىلاپ كېلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر سۈننەت ئاللاھنىڭ مۇرادىنى بايان قىلغۇچى ۋەھىي بولسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئاننى تەتبىقلىغاندا خاتالاشماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئالدى بىلەن خاتالاشتۇرۇپ ئاندىن ئاگاھلاندۇرمايدۇ.
بىر كۈنى ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدا بىر تىجارەت كارۋىنىنىڭ شامدىن كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بىر بۆلۈك ساھابىسى بىلەن ئۇ كارۋاننىڭ ئىزىنى قوغلاش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ خەۋىرىنى ئالغان مەككىلىكلەر كارۋاننى قوغداش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا يا كارۋاننى ياكى مەككە قوشۇنىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ (7) لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ (8)
«ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، ‹ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ› دەپ ۋەدە قىلاتتى. سىلەر قورال-ياراغسىز ۋە كۈچ-قۇۋۋەتسىز بولغىنىنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى. بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار خالىمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى»- ئەنفال 8/7-8.
   مۇسۇلمانلار كارۋاننى قاچۇرۇپ قويدى ۋە ئويلىمىغان يەردىن بەدىردە تۇيۇقسىز مەككە قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى، لېكىن ئاللاھ ئۇرۇش ئۈچۈن قويغان قانۇنغا بويسۇنمىدى. ئۇ قانۇن مۇنداق:
فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ذَلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَكِنْ لِيَبْلُوَ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَنْ يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ
«جەڭ مەيدانىدا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرۇڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»- مۇھەممەد 47/4.
فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِمْ مَنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
«شۇڭا ئەگەر ئۇلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالساڭ، ئۇلارنى ئارقىلىرىدىكىلەر ئۈركۈپ قاچقۇدەك شەكىلدە جازالىغىن. شۇنداق قىلساڭ ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى مۇمكىن»- ئەنفال 8/57.
وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ إِنْ تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
«قەۋمنى ئىزدەشتە بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئەگەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەر قىينالغاندەك قىينىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/104.
بەدىردە مۇسۇلمانلار جان تىكىپ ئۇرۇشۇپ دۈشمەنگە ئېغىر زەربە بەردى. لېكىن كەينىگە چېكىنگەن دۈشمەننى قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلمىدى. يەنە كېلىپ ئۇلاردىن قالغان غەنىمەتنى ۋە بىرقانچە ئەسىرنى ئېلىپ قايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآخِرَةَ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ (67) لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ (68)
«ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار»- ئەنفال 8/67-68.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ يەردىكى قىلمىشى ھېكمەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. «ئاللاھ ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى(14)» ئىرادە قىلاتتى، لېكىن مۇسۇلمانلار ھېكمەتكە بويسۇنمىغانلىقتىن ئۈچۈن مەككىگىچە بېرىپ ئۇ يەرنى فەتىھ قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
 ھىجرەتنىڭ 6- يىلىدا ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى بىلەن بۇ پۇرسەتنى قايتا قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مەككىدىن قايتىشىدا نازىل بولغان فەتىھ سۈرىسى مۇنداق باشلىنىدۇ:
إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُبِينًا (1) لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا (2)
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا روشەن بىر فەتىھ ئاتا قىلدۇق. بۇ ئاللاھنىڭ، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈندۇر»- فەتىھ 48/1-2.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەبەسە سۈرىسىنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر گۇناھى بار ئىدى:
عَبَسَ وَتَوَلَّى (1) أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَى (2) وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّى (3) أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَى (4) أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَى (5) فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّى (6) وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّى (7) وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَى (8) وَهُوَ يَخْشَى (9) فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّى (10)
«مۇھەممەد تەرىنى تۈردى ۋە يۈز ئۆرىدى، يېنىغا كور ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن. ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىشى ياكى بىلىم ئېلىپ پايدىلىنىشى مۇمكىن. ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن. ئۇ پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھدىن قورققان ھالدا كېلىدۇ، سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن»- ئەبەسە 80/1-10.
ئاللاھ تائالا «بىر نەرسە تەلەپ قىلغان ۋە سورىغان كىشىگە پەرۋاسىزلىق قىلما(14)» دېگەن سۆزى بىلەن بۇ مۇئامىلىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىك ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق بىر چەكلىمىسى بار ئىدى:
وَلاَ تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِم مِّن شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
«ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئەتە- ئاخشام ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا بىر مەسئۇلىيەت يوق. سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا بىر مەسئۇلىيەت يوق. ئۇنداق بولىدىغان بولسا قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن»- ئەنئام 6/52.
«بۇ، ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈندۇر» دېگەن مەنىدىكى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان گۇناھلار بۇلار بولسا كېرەك.
فەتىھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستىغپارنىڭ زامانى مەككە فەتىھ بولۇشتىن ئىلگىرى نازىل بولغان (15) مۇنۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ:
إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ (1) وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا (2) فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا (3)
«ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە فەتىھ كەلگەن چاغدا، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر»- نەسر 110/1-3.
«ئالدى بىلەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭ تۈزەتكىن، ئاندىن مەغپىرەت تىلىگىن». بۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇ ئايەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا ئىنقىلاب پەيدا قىلىدىغان ماھىيەتتىدۇر. لېكىن ئايەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قۇرۇلۇپ ھېكمەتنىڭ تېپىلىشى ئەمرى ئۇنتۇلغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تامامەن ئۆزگەرتىلگەن. مەسىلەن: ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن، ھەم تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى تەرىپىدىن مىليونلارچە نۇسخا بېسىلغان «قۇرئان كەرىم ۋە ئاچىقلامالى مەئالى»دا فەتىھ سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇ ئىزاھاتنىڭ تولۇق چۈشىنىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇ ئايەتلەرگە بېرىلگەن مەنىنى كۆرەيلى:
«بىز ساڭا توغرىسى ئوپئوچۇق بىر فەتىھ ئېھسان ئەتتۇق. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سېنىڭ بۇرۇنقى ۋە كەلگۈسىدىكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ساڭا بولغان نېمەتلىرىنى تاماملايدۇ ۋە سېنى توغرا بىر يولغا ئېرىشتۈرىدۇ. ۋە ساڭا شانلىق بىر زەپەر بىلەن ياردەم قىلىدۇ»- فەتىھ 48/1-3.
ئىزاھات ئەينەن مۇنداق:
«ئۆتمۈشتە ۋە كېلەچەكتە گۇناھدىن يىراق بولغان پەيغەمبەرگە تاماملانغان ئىلاھى نېمەت مەككە ۋە تائىفنىڭ فەتھى، دۇنيادا شەنىنىڭ ئۈستۈن قىلىنىشى، ياردەم ۋە زەپەرگە نائىل بولۇشى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ بويۇن ئېگىشى شەكلىدە نامايان بولغان…
 ئاللاھ مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان تۇرسا، ئۇلار مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ ئۆتمۈشتە ۋە كېلەچەكتە گۇناھتىن يىراق بولغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئەجەبا ئۇلار بۇ ئىپادىسى بىلەن ئاللاھقا بىر نەرسىنى ئەسلىتىپ ئۇنىڭ بىر خاتالىقىنى تۈزىتەمدۇ؟
ئۇلار مەزكۇر ئايەتكە «پەيغەمبىرىمىزنىڭ كېلەچەكتىكى گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى، دەپ مەنە ئېيتقاندا ئۆزلىرى مۇنداق تەرجىمە قىلغان ئايەتنى ھېچ ئەسلىمىدىمۇ:
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئويدۇرما پەيغەمبەر ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.»- ئەھقاف 46/9.
ئەپسۇسكى، بۇ ئۇ كىشىلەرگە خاس بىر خاتالىق ئەمەس.
كىتاب-سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاستىدا سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئىي
ئىمامى شافىئىي مۇنداق دەيدۇ:
 نەبىينىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق كۆزقارىشى بولغان بىر ئالىمنى بىلمەيمەن. ئالىملار ئۇلاردىن ئىككىسىدە ئىتتىپاقلاشقان. بۇ ئىككىسى بىر غولنىڭ ئىككى شېخىغا ئوخشايدۇ:
1– ئاللاھ قۇرئاندا ئوچۇق زىكىر قىلغان، رەسۇلۇللاھ ئەينەن بايان قىلغان سۈننەت.
2- ئاللاھ قۇرئاندا مۈجمەل قويغان، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئاللاھتىن ئېلىپ ئاللاھ مۇرادىنى بايان قىلغان سۈننەت.
ئالىملار بۇ ئىككى تۈرلۈك سۈننەتتە ئىختىلاپ قىلىشمىغان.
3- قۇرئاندا نەس بولمىغان مەسىلىلەردە رەسۇلۇللاھ قويغان سۈننەت.
(ئىختىلاپ مانا بۇ ئۈچىنچى قىسىمدىدۇر).
بۇ ھەقتە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا قۇرئاندا نەس بولمىغان مەسىلىلەردە سۈننەت قويۇش ھەققى بەرگەن.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ قويغان ھەر سۈننەتنىڭ قۇرئاندا چوقۇم ئاساسى بولىدۇ. مەسىلەن: نامازنىڭ پەرزلىكى قۇرئاندا بار، رەسۇلۇللاھ نامازنىڭ سان ۋە تەتبىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن سۈننەت قويغان.
بەزىلەر: بەلكىدە رەسۇلۇللاھقا ئاللاھتىن رىسالەت (ۋەھىي) كېلىپ ئۇنىڭ سۈننىتىنى مۇستەھكەملىگەن، دەيدۇ.
بەزىلەر: رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىگە سېلىنغان ھېكمەتتۇر، دەيدۇ(16).
رەسۇلۇللاھ قۇرئاندا نەس بولمىغان مەسىلىلەردە سۈننەت قويىدىغان بولسا كىتاب-سۈننەت پۈتۈنلۈكىدىن گەپ قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
ئۇلار ئاشۇنداق دەيدۇ، لېكىن ئىش ئىجرائاتقا كەلگەندە ئۇ سۆزىدىمۇ تۇرمايدۇ: بەزىدە كىتابتىكى ئوچۇق ھۆكۈمنى بىر چەتتە قويۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا خىلاپ كۆرۈلگەن بىر ھەدىسنى ئالىدۇ. بەزىدە ئايەتنىمۇ ھەدىسنىمۇ تاشلىۋېتىپ يېڭى بىر يول بەلگىلەيدۇ. تەتقىقاتلىرىمىزنى ئوقۇغانلار بۇنىڭ ئونلارچە مىسالىنى كۆرىدۇ. تۆۋەندە سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىينى مىسال قىلىش ئارقىلىق ھېكمەتنى چۈشىنەلمەسلىكنىڭ فەقىھلەرنى قايسى ئەھۋالغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈشكە تىرىشىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
«سافا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ، قىلمىشىنى بىلىدۇ»- بەقەرە 2/158.
«سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق» دېگەن سۆز ھېچكىمگە سەئىي قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىمەيدۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
اسْعَوْا فَإِنَّ اللَّهَ كَتَبَ عَلَيْكُمْ السَّعْي
«سەئىي قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلغان(17)».
 ئىمام نەۋەۋى مۇسلىمنىڭ شەرھىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ساھابە، تابىئىن ۋە كېيىنكى ئۆلىمالاردىن زور بىر قىسىمغا كۆرە ساپا بىلە مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىش ھەجنىڭ ئەركانلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭسىز ھەج بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنى قان قىلىش بىلەن (بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە ئۆلتۈرۈش بىلەن) ياكى باشقا نەرسە بىلەن تولۇقلانمايدۇ. مالىك، شافىئىي، ئەھمەد، ئىسھاق ۋە ئەبۇ سەۋر بۇ كۆزقاراشتا بولغانلاردۇر. سەلەفلەرنىڭ بەزىلىرى بولسا سەئىينىڭ نەپلە (تەتەۋۋۇئ) ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەبۇ ھەنىفە: سەئىينى ۋاجىپتۇر، تەرك ئەتكۈچى گۇناھكار بولىدۇ، لېكىن ئورنىغا بىر قان قىلسا قىلغان ھەججى سەھىھ بولىدۇ(18).
نەۋەۋى ئەلمەجمۇئ ئاتلىق كىتابىدا مۇنۇ ئىلاۋەلەرنى زىكىر قىلىدۇ:
 ئىبىن مەسئۇد، ئۇبەي ئىبىن كەئب، ئىبىن ئابباس، ئىبىن زۇبەير، ئەنەس ۋە ئىبىن سىرىن سەئىينىڭ تەتەۋۋۇئ (نەپلە) بولغانلىقى، ئەركان ياكى ۋاجىپ بولمىغانلىقىنى، تەرك ئەتكۈچىگە قان كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىزنىڭ مەزھىپىمىزدە سەئىي ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ئەركانلىرىدىندۇر. ئۇ بولماستىن ھەج ۋە ئۆمرە تامام بولمايدۇ. قان قىلىش ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرمايدۇ. بىر قەدەم چالا قالسا ھەج تامام بولمايدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقىشقا بولمايدۇ. ئائىشە، مالىك، ئىسھاق، ئەبۇ سەۋر، داۋۇد ۋە بىر رىۋايەتتە ئەھمەد بۇ كۆزقاراشتىدۇر.
ئىبنۇلمۇنزىر دېدىكى، ئەبۇ تىجراھنىڭ قىزى رىۋايەت قىلغان ھەدىس سابىت بولىدىغان بولسا، سەئىي ئەركاندۇر. ھەدىس شۇدۇر: «سەئىي قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلغان». شافىئىي دېدىكى: بۇ ھەدىس بولمىسا ئىدى، سەئىي نەپلە بولاتتى. ئۇنىڭغا نەپلە دېگۈچىلەر ئايەتكە ئاساسلانغان. چۈنكى «سەئىينىڭ گۇناھ بولماسلىقى» پەرز ئىكەنلىكىنى ئەمەس، مۇباھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ(19).
ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىنى سەرەخسىي مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
 شافىئىينىڭچە سەئىي ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ئەركانلىرىدىندۇر. ئۇنىڭسىز ھېچكىمنىڭ ھەججى ۋە ئۆمرىسى تامام بولمايدۇ. ئۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلغاندىن كېيىن ساھابىلىرىگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزىدۇر: «ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلدى، سەئىي قىلىڭلار». پەرز قىلىنغان نەرسە ئەركاندۇر. پەيغەمبىرىمىز يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ساپا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلمىغان كىشىنىڭ نە ھەججىنى نە ئۆمرىسىنى تامام ھېسابلىمايدۇ».
 بىزنىڭ دەلىلىمىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:
فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
«كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق»- بەقەرە 2/158.
بۇنداق سۆز ۋاجىپ ئۈچۈن ئەمەس، مۇباھ ئۈچۈندۇر. بۇ سەۋەبتىن ئايەتنىڭ زاھىرى سەئىينىڭ ۋاجىپ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بىز ۋاجىپ ئىكەنلىكى ھۆكمىدە ئايەتنىڭ زاھىرىنى تەرك ئېتىپ ئىجمائغا ئاساسلاندۇق(20).
يۇقىرىدىكى مىسالدا كۆرۈنگىنىدەك، تۆت مەزھەپ سەئىي توغرىسىدا ئايەت بىلەن ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق كۆرىدۇ. شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەپلىرى بىر رىۋايەتتە ھەنبەلىي مەزھىپى قۇرئاننى تاشلاپ ھەدىسنى ئالىدۇ. ھەنەفىيلەر ھەدىسنى تاشلاپ ئايەتكە ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ، لېكىن بۇ سۆزىدە تۇرماي ئايەتنىمۇ تاشلايدۇ ۋە بولمىغان بىر ئىجماغا ئاساسلىنىپ سەئىينى ۋاجىپ ھېسابلىغان. ھەنەفىيلەرنىڭ ۋاجىپ ئاتالغۇسىغا بەرگەن ئۇقۇم باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق بىر مەسىلىدە ئىجما دەۋاسى قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. دېمەككى، گۇمان قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە بۇ مەزھەپلەر تەتبىقلىغان ھېچقانداق ئۇسۇل ۋە يول يوقتۇر.
 مەسىلىگە قۇرئان-سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا قارالسا كۆرۈلىدۇكى، جاھىلىيەت دەۋرىدە سافا بىلەن مەرۋەنىڭ تۆپلىرىدە قۇرەيشنىڭ ئىساف ۋە نائىلە ئىسىملىك ئىككى دانە بۇتى بار ئىدى21)، ئۇلار ئۇ ئىككى بۇتنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلاتتى. مۇسۇلمانلار «جاھىلىيەت خەلقى سەئىينى بۇتلارنىڭ ئارىسىدا قىلىدۇ» دەپ سەئىينى تەرك ئەتتى(22).
يۇقىرىدىكى ئايەت سەئىينىڭ بۇتلار ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى، سافا بىلەن مەرۋىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ سىۋوللىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«سەئىي قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلدى»(23) دېگەن ھەدىسنىڭ قۇرئاندىن بىر ھېكمەت بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئايەتنى بايان قىلغان ئىككىنچى ئايەتنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ھېكمەتكە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى بۇدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
«ئەلىف، لام، را. بۇ ئايەتلىرى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھكەم قىلىنغان ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بۇ ئاللاھدىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ھۇد 11/1-2.
بۇ مەقسەت بىلەن قۇرئانغا قارىغان ۋاقتىمىزدا مۇنۇ ئايەتنىڭمۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى كۆرىمىز:
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ
«ھەجنى ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار»- بەقەرە 2/196.
ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنىڭ ئورتاق ئەركانلىرى تاۋاپ ۋە سەئىيىدۇر. ئايەتتە «كىم ھەج ياكى ئۆمرە نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا» دېيىلگەنلىكىگە قارىغاندا تاۋاپ كەم ئەمەس. ئۇنداقتا بىرلا كەم نەرسە گۇناھكار بولماسلىق ئۈچۈن تەرك ئېتىلگەن سەئىيدۇر. ئۇ كەملىكنىڭ تاماملىنىشى ئەمىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مۇنۇ سۆزلىرى ئۇ ئەمىرنىڭ تەقەززاسىدۇر:
«ئاللاھ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلمىغان كىشىنىڭ نە ھەججىنى نە ئۆمرىسىنى تامام ھېسابلىمايدۇ».
«ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلدى، سەئىي قىلىڭلار».
ئائىشە (ر.ز)نىڭ مۇنۇ سۆزى بۇ مەسىلىنى ساھابىلەرنىڭ چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
«دىنىم بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلمىغان كىشىنىڭ نە ھەججىنى نە ئۆمرىسىنى تامام ھېسابلىمايدۇ»(24).
مەسىلە مانا مۇشۇنداق تەھلىل قىلىنسا قۇرئان بىلەن ھەدىس، قۇرئان بىلەن ساھابە سۆزى ئارىسىدا تولۇق بىر پۈتۈنلۈكنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قۇرئاندا بار بولغان ۋە رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەن ھېكمەتنىڭ بىر مىسالى ئەنە شۇدۇر.
     قۇرئان كۆرسەتكەن يول بىلەن ھېكمەتكە ئېرىشىش ئۇسۇلى ساھابىلەردىن كېيىن ئۇنتۇلغانلىقىنى ئۈچۈن تەپسىرلەردە بەقەرە 196- ئايەتنىڭ «وَأَتِمُّواْ الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلّه» دېگەن بۆلۈمى ئىزاھلىنالمىغان .
     كىتاب بىلەن سۈننەت ئارىسىدىكى پۈتۈنلۈكنىڭ كۆرۈلمەسلىكى دىننى چۈشىنى ۋە ئىجرا قىلىشتا پۈتمەس-تۈگىمەس خاتالىقلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋەب بولغان. سۈننەتنىڭ ۋەھىي غەيرىي مەتلۇۋ ھېسابلىنىشى، كىتاب بىلەن سۈننەتنىڭ ئايرىم ئىككى مەنبە دەپ قوبۇل قىلىنىشى ۋە سۈننەتنىڭ كىتاب ئۈستىدە ھاكىم («السنة قاضية على الكتاب») دە ئېتىقاد قىلىنىشى بۇ خاتالىقلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدۇر.
نەبى چاقىرغان ھېكمەت بىلەن ئىنسانلار چاقىرغان ھېكمەتنىڭ پەرقى
  بەدىر ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كۆرۈلگىنىدەك پەيغەمبىرىمىز بەرگەن ھۆكۈملەرنىڭ توغرىلىقى ئاللاھ تەرىپىدىن تەپتىش قىلىناتتى ۋە بىر خاتالىق سادىر بولسا ئايەت بىلەن تۈزىتىلەتتى. ئۇنداق رەسۇلۇللاھ چىقارغان ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن تۈزىتىلمىگەنلىكى ئېنىقلانغان ھۆكۈملەرنىڭ تامامى ھېكمەتتۇر، مۇسۇلمانلار ئۇلارغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
«ئى مۇھەممەد! ئىش ئۇ مۇناپىقلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىلىرىدا چىققان تالاش-تارتىشلاردا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەيىنلەپ ئاندىن سەن چىقارغان ھۆكۈمگە دىللىرىدا قىلچە غۇم ھېس قىلماستىن تولۇق تەسلىم بولمىغۇچە ھەرگىز مۇئمىن بولمايدۇ»- نىسا 4/65.
مۇسۇلمانلاردا ئۇنداق بىر تەپتىش ۋە تۈزىتىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار چىقارغان ھۆكۈملەر كىتاب-سۈننەتكە تەپتىش قىلدۇرۇش لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە  ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىر نەرسىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. بۇ ناھايىتى خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.»- نىسا 4/59.
دېمەككى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن بولغان ئىختىلاپلىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارىتا بىر تەرەپ قىلغان مۇئەسسەسىلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ ئايەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. لېكىن تارىخىمىزدا بۇنداق بىر مۇئەسسەسەنىڭ بارلىقىنى تېخىچە بىلمەيمىز.
يېغىپ ئېيتقاندا مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىدىن كىتاب-سۈننەتكە قايتىشى، شۇنداقلا ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىماستىن بىر پۈتۈن ھالدا چىڭ تۇتۇشى لازىم.
مەنبە ۋە ئىزاھلار
(1) ئايەتلەردىكى تەرتىپ مۇنداق: ئىبراھىم، ئىسھاق، يەقۇب، داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇن، نۇھ، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، ئىلياس، ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇت (ئەلەيھىمۇسسالام).
(2) ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبىن جەرىر ئەتتەبەرى (310 ھ)، تارىخۇلئۇمەم ۋەلمۇلۇك (تارىخۇتتەبەرى)، بېيرۇت 1407، 1- ج، 187- بەت؛ ئەززەمەخشەرى (467-538 ھ)، ئەلكەششاف، ئەئلا سۈرىسىنىڭ تەپسىرى.
(3) كىشى ئۆز ئەھۋالنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا توغرىلاپ باقمىسا ئۆزىنىڭ ئازغۇن بولغانلىقى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇنى چۈشەنگەنلەرنىڭ بەزىسى يولىنى تۈزىتىدۇ، بەزىسى بىلىپ تۇتۇپ ئازغۇنلۇق ئىچىدە قالىدۇ. بۇ ئەھۋال كىتاب نازىل قىلىنغان ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن قەۋملەردە ئىختىلاپقا سەۋەبچى بولىدۇ.
(4) ھېكمەت، ھۆكۈم سۆز تومۇرىدىن تۈرەتىلگەن مەسدىرى نەۋئى بولۇپ، مەنىسى توغرا ھۆكۈم دېگەن بولىدۇ.
5- مۇتەرجىم ئاسىم، قامۇس ھىبىر ماددىسى.
(6) ألَبَّ بالمكان، أي أقام به ولزِمه. ئىسمائىل ئىبىن ھەمماد ئەلجەۋھەرى، ئەسسىھاھ، تەھقىق ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتار، 3- باسما، بېيرۇت؛ (لب). أصلٌ صحيح يدلُّ على لزومٍ وثبات، وعلى خلوص وجَوْدة، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە. لۇبب كەلىمىسىنىڭ يىلتىز مەنىسى يېپىشىپ قالماق، ساپ ۋە ياخشى بولماق، دېمەكتۇر. بىر يەرگە ئورۇنلاشقان كىشى ئۈچۈن ألَبَّ بالمكان دېيىلىدۇ. بىر ئىشتا سۇبات كۆرسەتكەن كىشى ئۈچۈن رجلٌ لَبٌّ بهذا الأمردېيىلىدۇ.
(7) بۇخارى، ئىلىم 15.
(8) بۇخارى، فەزائىلۇسساھابە 24.
(9) ئەبۇ داۋۇد، سۈننەت 6، لۇزۇمۇسسۈننە. ھەدىسنىڭ راۋىلىرىدىن ئەبۇ ئەمر ئىبىن كەسىر ئىبىن دىنار ھەققىدە خەلىل ئەھمەد ئەسسەھارەنفورى مۇنداق دەيدۇ: بۇ كىشىنىڭ قاچان ياشىغانلىقى بىلىنمەيدۇ. قولۇمدىكى ھەدىس ۋە رىجال كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئىزدىدىم، قانچە تىرىشقان بولساممۇ تاپالمىدىم.- (خەلىل ئەھمەد ئەسسەھارەنفورى، بەزلۇلمەجھۇد فى ھەللى ئەبى داۋۇد، 18- جىلد، 126- بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت). بۇ ھەدىس سەنەدىدە مەسىلە بولۇش بىلەن بىرگە مەنىسى سەھىھدۇر.
(10) ئەبۇ داۋۇد، سۇننە 6 (4605).
(11) ئىمام شافىئىي (150-204 ھ)، ئەررىسالە، تەھقىق ۋە شەرھ: ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر، بېيرۇت، پاراگراف 252، 254، 78- بەت.
(12) ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە، پاراگراف 257، 79- بەت.
(13) ئەنفال 8/7.
(14) دۇھا 93/10.
(15) بۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆزقارىشىدۇر.- ئەبۇسسۇئۇد ئەلئىمدادى (ۋاپاتى: 982 ھ)، ئىرشادۇل ئەقلىس سەلىم ئىلا مەزايال قۇرئانىل كەرىم، بېيرۇت، 9- جىلد، 208- بەت.
(16) ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە، پاراگراف 299-305، 91- ۋە 93- بەت.
(17) ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/421؛ ئىبىن خۇزەيمە 2765.
(18) ئەبۇ زەكەرىييا مۇھيىددىن ئىبىن شەرەف ئەننەۋەۋىي، سەھىھۇ مۇسلىم بىشەرھىننەۋەۋىي، بېيرۇت، ھەج، 43، 9/20-21.
(19) ئەننەۋەۋىي، كىتابۇل مەجمۇئ، تەھقىق: نەجىب ئەلمۇتىئىي، بېيرۇت، 8/65-66.
(20) سەرەخسىي، ئەلمەبسۇت، مىسىر 1324/1906 4/50.
(21) ئىسمائىل ئىبىن ھەمماد ئەلجەۋھەرىي (ۋاپاتى: 393 ھ)، ئەسسىھاھ، تەھقىق: ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتا، 4- باسمىسى، بېيرۇت، 1404/1984.
(22) ئەھمەد ئىبىن ئەلى ئىبىن ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (773-852 ھ)، فەتھۇلبارى شەرھۇ سەھىھىل بۇخارى، بېيرۇت، 3/500، ھەج 79، ۋۇجۇبۇسسەفا ۋەلمەرۋە.
(23) ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل 6/421؛ ئىبىن خۇزەيمە، 2765.
(24) مۇسلىم، ھەج 2260 (1277).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر