باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 

قۇربانلىق ھەققىدە ساۋات
 
كىرىش سۆز
قۇربانلىققىلىش، يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قىلىنىپ كەلگەن بىرئىبادەتتۇر[1]. ئىنسانلاربۇ ئىبادەتنى پەيغەمبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە قىلغاندا ئاللاھقائاتاپ، پەيغەمبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن يىراقلاشقان چاغلىرىدا ئاللاھتىن غەيرىيگە ئاتاپ قىلىشقان[2].
ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىمەسسالامنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان، شۇنداقلا دىنغا ئۆزلىرى چاغلاپ شەكىل بېرىشكەن مەككە مۇشرىكلىرى ئىبادەتلەرنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى ئۆزگەرتكەن[3]، ھەتتا بەزى ئىبادەتلەرنى ئاللاھقا قىلماي، ئاللاھقا يېقىن، دەپ ئويلىغان خىيالى كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىگە قىلغان[4]. ئۇلار جۈملىدىن قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭمۇ شەرت ۋە شەكىللىرىنى ئۆزگەرتكەن. ئاللاھقىلا قىلىنىشى كېرەك بولغان قۇربانلىقنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن يەردە بۇتلىرىغا ئاتاپ قىلىشقان[5]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَجَعَلُواْ لِلّهِ مِمِّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُواْ هَذَا لِلّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَذَا لِشُرَكَآئِنَا فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمْ فَلاَ يَصِلُ إِلَى اللّهِ وَمَا كَانَ لِلّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَى شُرَكَآئِهِمْ سَاء مَا يَحْكُمُونَ﴾
«مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: ‹بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر[6]› دېدى. ئۇلارنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى ئاللاھنىڭكىگە قوشۇلمايتتى. ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى شېرىكلىرىنىڭكىگە قوشۇلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان![7]»- ئەنئام 6/136.
ئاللاھ تائالا بۇتلارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ھارام قىلغان[8]، بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنىش ئۈچۈن تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىشنى ۋە ئۇ يەردە قىلىنغان قۇربانلىقلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنى پاسكىنىچىلىق ۋە شەيتاننىڭ ئىشى، دەپ سۈپەتلەپ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان[9]، شۇنداقلا ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد (ئە.س)نى ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىنى ئاللاھقا قۇربانلىق قىلىشقا ئەمىر قىلغان[10]. شۇڭا مۇھەممەد (ئە.س) ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى قۇربانلىق قىلغان.[11]
قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىبادەتنىڭ ھۆكمى ھەققىدە روشەن ئايەتلەر بار بولسىمۇ مەزھەپلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى پەرقلىق. مەسىلەن: ھەنەفىيە مەزھىپىدە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ[12]، قالغان ئۈچ مەزھەپتە سۈننەت[13]. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەت دەپ قىلغان ئىشىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكمىنى ۋە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ سۈننىتىدىكى تەتبىقىنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا قۇربانلىق ھەققىدە ئىزدەندىم ۋە ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىمنى «قۇربانلىق ھەققىدە ساۋات» سەرلەۋھەسى ئاستىدا جەملىدىم. بۇ تەتقىقاتنىڭ كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پايدىلىق بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
 
1- قۇربان (قۇربانلىق) نىڭ مەنىسى
ئا- قۇربان «قربان» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى:
قۇربان «قربان»دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدىكى قەرىبە، يەقرەبۇ، قەرۇبە يەقرۇبۇ «قرب يقرب» پېئىلىنىڭ مەسدىرى (سۆزتومۇرى) بولۇپ، لۇغەت مەنىسى يېقىنلاشماق، يېقىن بولماق، يېقىنچىلىققىلماق، دېگەنلىكتۇر[14]. ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 28 – ئايىتىدىكى قۇربانەن «قُرْبَانًا» كەلىمىسى مانا مۇشۇ مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ قُرْبَانًا آلِهَةً بَلْ ضَلُّوا عَنْهُمْ وَذَلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ﴾
«ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ، دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى، نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇ مەبۇدلار ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ئۇ سۆز، ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسى ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانىدۇر»- ئەھقاف 46/28.
ئە- قۇربان «قربان» سۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى
قۇربانئاللاھ تائالانى رازى قىلىپ، يېقىنلىقىنى قازىنىش ئۈچۈن ھايۋان بوغۇزلىماقتۇر ۋە بۇ نىيەتتە بوغۇزلانغان ھايۋاندۇر. ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 183 – ئايەتىدىكى قۇربانىن «قُرْبَانٍ» ۋە مائىدە سۈرىسىنىڭ 27ئايەتىدىكى قۇربانەن «قُرْبَانًا» كەلىمىلىرى مانا بۇ مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَا أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّى يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ النَّارُ قُلْ قَدْ جَاءَكُمْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِي بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالَّذِي قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
«ئۇلار: ئاللاھ بىزنى، ئاسماندىن چۈشكەن ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگىچە ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇغان، دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئوچۇق مۆجىزىلەرنى ۋە سىلەر دېگەن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار توغرا بولسا، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟.»- ئال ئىمران 3/183.
﴿وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئەينەن ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىرەردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: ‹مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن› دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: ‹ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ›.»- مائىدە 5/27.
 دېمەك، قۇرئان كەرىمدە 3 يەردە «قۇربان» دېگەن سۆز كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى لۇغەت مەنىسىدە، ئىككىسى ئىستىلاھ مەنىسىدىدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 196- ئايتىدىكىۋە ئەنئام سۈرىسىنىڭ 162 – ئايىتىدىكى نۇسۇك «نسك» كەلىمىسى، ھەجسۈرىسىنىڭ 34 – ۋە 67- ئايەتلىرىدىكى مەنسەك «منسك» كەلىمىسى ئەنە شۇ «قۇربان» دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
ب- قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئى مەنىسى:
قۇربانلىققىلىش، ئىقتىسادى يار بەرگەن كىشىلەر ھەر يىلى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچەزۇلھەججە (12- ئاي) نىڭ 10 – كۈنى ۋە داۋامىدىكى 3 كۈن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋەئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە تۆگە، كالا، قوي ۋەئۆچكە قاتارلىقھايۋانلاردىن بوغۇزلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەتتۇر.[15]
زۇلھەججەئېيىنىڭ 10 – كۈنى يەنى قۇربان ھېيت كۈنى ۋە داۋامىدىكى 3 كۈن ئىچىدەئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىق،ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردە ئۆلتۈرۈشكە قۇربانلىققىلىش دېيىلىدۇ.
2- قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى 
قۇربانلىققىلىش، ئۇممەتنىڭ ئىچىدىن قادىر بولالىغانلارغاپەرزدۇر، قادىر بولالىغانلار قىلسا قادىر بولالمىغانلارنىڭ زىممىلىرىدىن ساقىت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
1- ﴿قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ. لَا شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ
«ئېيتقىنكى: مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەنمۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»- ئەنئام 6/162-163.
بۇئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قۇربانلىققىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ بۇيرۇقنى كەۋسەر سۈرىسىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
2- ﴿إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ. فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ. إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ
«ئىمۇھەممەد! بىز ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنداقتا رەببىڭئۈچۈن ناماز ئوقۇ ۋە قۇربانلىق قىل. نەسلى ئۈزۈك كىشى سېنى دۈشمەن تۇتقۇچى كىشىدۇر»- قۇرئان كەرىمنىڭ 108- سۈرىسى كەۋسەر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇلغانبىر ئىبادەت تەھەججۇد نامىزىدا بولغاندەك «بۇ ساڭا مەخسۇس» دېگەن مەنىدە بىر ئەسكەرتىش بىلەن كەلمىگەنلا بولسا، ئۇنىڭغا ئەينى زاماندا پۈتۈن ئۈممەتمۇ بۇيرۇلىدۇ[16]. ئۇنىڭئۈستىگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ پۈتكۈلئۈممەتكە پەرز قىلىنغانلىقىغا، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭئۈممىتىگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىغا كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ:
3- ﴿وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ فَإِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُوا وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ
«بىزھەر ئۈممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھرىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت تۆت پۇتلۇقھايۋانلىرىنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگى»- ھەج 22/34.
يەنى ئاللاھ تائالا ھەر ئۇممەتكە، جۈملىدىن مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ ئۇممىتىگل قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىگەن.
4- ﴿وَأَذِّنْ فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَى كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِنْ كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ. لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ. ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ.
«ئنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار پىيادە ۋە يىراق يوللاردىن كەلگەن ئۇرۇق ئۇلاغلار ئۈستىدە يېنىڭغا كېلىپ، مەنپەئەتلىرنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن بىلىنگۈچى كۈنلەردە بىسمىللاھ، دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەفەسىنى[17] ئادا قىلسۇن، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن ۋە كونا ئۆي بولغان كەبىنى تاۋاپ قىلسۇن»- ھەج 22/27-29.
بۇ ئايەتلەردىن مۇنداق مەنىلەر چىقىدۇ: ئىبراھىم (ئە.س)نىڭ ھەجنى ئېلان قىلىشنى تۇيۇپ مەككىگە كەلگەنلەر ئۇ يەردە مۇنۇ تۆت ئىش ئۈچۈن كېلىدۇ:
1- مەنپەئەتلىرىنى كۆرۈش،
2- ئۆزلىرى بىلىدىغان كۈنلەردە قۇربانلىقلىرىنى بوغۇزلاش،
3- تەپەسىنى ئادا قىلىش،
4- كەبىنى تاۋاپ قىلىش. دېمەككى، قۇربانلىق ئىبادىتى ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىلىنىپ كەلگەن بىر ئىبادەت، ئۇلار ئۇنىڭ قايسى كۈنلەردە بوغۇزلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
3- قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېكمىتى
ئا- ئاللاھقا يېقىنلىشىش
قۇربانلىق قىلىش، ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغاندەك ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ «قۇربانلىق قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرى: «مۇئەييەن سۈپەتلەردىكى ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ، دەپ بوغۇزلاش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىڭلار» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتلەر «قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى»دە زىكىر قىلىندى.
ئە- گۆش يېيىش ۋە يېگۈزۈش
ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ گۆشلىرىدىن قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى يەيدۇ، شۇنداقلا ھېيتلاپ كەلگەنلەرگە سۇنۇلىدۇ ۋە پېقىر- مىسكىنلەرگە ھەدىيە قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُم مِّن شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ كَذَلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾
«بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھاياۋنلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا ھازىر ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ، دەپ بۇغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈكۈر ئېيتقايسىلەر»- ھەج 22/36.
 ئە-ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش
قۇربانلىق قىلىش ئاللاھ تائالا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى بىزگە بويسۇندۇرۇپبەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھايۋانلاردىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ يولىدا سويۇشئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقانلىق بولىدۇ. ھەج سۈرىسىنىڭ 36- ئايىتىنىڭ ئاخىرى يەنى ئۈستتە زىكىر قىلغان ئايەتنىڭ ئاخىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ب- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى تىرىلدۈرۈش
ئاللاھ تائالا ئەلچىلىرىدىن ئىبراھىم (ئە.س)دىن بىر ئىمتىھان ئالغان ۋە ئىبراھىم (ئە.س)نىڭ ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئەنە شۇ ئىلاھىئىمتىھان ئەسلىنىدۇ ۋە زېھىنلەردە جانلاندۇرۇلىدۇ. ئۇ ئىمتىھاننىڭ جەريانى مۇنداق:
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىقۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرگەن ۋەپەيغەمبەرلەرگە خاس ئىمانى ۋە ئاتىلارغاخاس مېھرى بىلەن ئوغلى ئىسمائىلغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن سېنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دەيدۇ، ئوغۇل دادىسىغا: «دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن. ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن: «دادا- بالا ئىككىيلەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزىدۇ»، دەل بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئىبراھىمئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئىبراھىم! سەن چۈشۈڭنى ئەمەلگەئاشۇردۇڭ!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئاندىن: «شۈبھىسىزكى بۇ، ئوپئوچۇق بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز ئىبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق بەردۇق» دەپئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنىئېلان قىلىدۇ[18].
4- قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرى
ئەنئام سۈرىسىنىڭ 162- ۋە 163- ئايەتلىرى، كەۋسەرسۈرىسىنىڭ 2 – ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 34 – ئايىتى قۇربانلىق قىلىشنىڭپەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيسا، ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتى قۇربانلىققىلىنىدىغان ماللارنىڭ شەرتلىرىنى ۋە قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرىنىڭ قانداققىلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىنىڭ بېشىدىكى ئەلبۇدنە دېگەن سۆز ئۈستىدە بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُمْ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ كَذَلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ كَذَلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ
«بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا ھازىر ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ، دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈكۈر ئېيتقايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ يەتمەيدۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»- ھەج 22/36-37.
بۇ ئايەتلەرنىڭ قۇربانلىقنىىڭ شەرتلىرىگە دالالەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرى:
1- ئەلبۇدنە الْبُدْنَ») دېگەن كەلىمە. بۇ كەلىمە بەدەنە «بدنة» كەلىمىسىنىڭ جەمئىسى (كۆپلۈك شەكلى) بولۇپ، مەنىسى «گەۋدىلىك، بەستلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ سۈپەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ كەلىمىنىڭ بېشىدىكى ئەل «ال»،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭگەۋدىلىك، بەستلىك، كېلىشكەن ۋە چىرايلىق ماللار بولۇشىنىڭ شەرتئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئۇ ماللارنىڭ مەلۇم ياشقا كىرگەن، سېمىز ۋە بېجىرىم بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ .
2- ﴿فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ
«ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار».
قۇربانلىقتىن قان ئېقىتىشلا مەقسەت ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋاننىڭ قېنى چىقسىلا كۇپايە قىلغان بولاتتى. لېكىن قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆزى يېيىشكە ۋە موھتاجلارغا يېگۈزۈشكە بۇيرۇلۇشى قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋاننىڭ سېمىز ۋە تېنى ساق بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. 
3- ﴿لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ
«ئاللاھقاقۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ نە گۆشلىرى يەتمەيدۇ، نە قانلىرى يەتمەيدۇ. ئاللاھقاسىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ».
قۇربانلىقتىن ئاللاھقا يېتىدىغىنى ئۇنىڭ گۆشى ياكى قېنى ئەمەس، ئەكسىچە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ تەقۋادارلىقىدۇر، خالاس. قۇربانلىق قىلىشتا ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىق ئەڭ قىممەتلىك ھايۋاننى يەنى سۈپەتلىك، ساغلام، سېمىز، بېجىرىم ۋە چىرايلىق ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلار ۋە بولمايدىغان ھايۋانلارتوغرىسىدىكى ھەدسىلىرى ئەنە شۇ ھەج سۈرىسىنىڭ 36- ئايىتى بىلەن 36-ئايىتىنىڭ مەنىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئا- قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلار:
1- قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىقھايۋانلاردىن بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەج سۈرىسىنىڭ 28 – ۋە 34ئايەتلىرىدەقۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى «ئەنئام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى تۆگە، كالا، قوي ۋەئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىلا ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىقۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك، بېلىق، كەپتەر ۋە توخۇ… قاتارلىق ھايۋانلارھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىنقۇربانلىق قىلمىغان.
2- يېشىغا توشقان بولۇشى لازىم. چۈنكى يېشىغا توشمىغان ھايۋان تاكامۇللاشمايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۈپەتتە بولمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەقەت چىشىگەن ھايۋاننىلا قۇربانلىققىلىڭلار. لېكىن چىشىگەن ھايۋان تاپالمىساڭلار، قوينىڭ 6 ئاينى توشقۇزۇپ بولغىنىنى قۇربانلىق قىلىساڭلار بولىدۇ»[19].
ھەدىستىكى «چىشىگەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلاردا پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: تۆگىنىڭتۆت ياشنى توشقۇزۇپ بەش ياشقا ماڭغىنى، كالىنىڭ ئىككى ياشنىتوشقۇزۇپ ئۈچ ياشقا ماڭغىنى، قوي بىلەن  ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى توشقۇزۇپ ئىككى ياشقا ماڭغىنى «چىشىگەن» بولىدۇ. لېكىن ھەدىستىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بۇنداق «چىشىگەن ھايۋان» تاپالمىغانلار 6 ئايلىقتىن ئاشقا پاقلاننى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.
 ئە- قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدىغان ھايۋانلار:
كور،توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزىسۇنۇق، كېسەل ۋە بەك ئۇرۇق ھايۋانلارنىقۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلار ھەج سۈرىسىنىڭ 36 – ئايىتىدىكى ئەلبۇدنە «گەۋدىلىك» دېگەن سۈپەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:
ئەلى ئىبىن ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س)بىزنى قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋانلىرىمىزنىڭ كۆز ۋە قۇلاقلىرىغا دىققەت قىلىشقا، قۇلىقى ئۇچىدىن ياكى ياندىن كېسىلگەن، قۇلىقى يېرىلغان ياكى تېشىلگەن ھايۋاننى قۇربانلىق قىلماسلىققا بۇيرۇدى[20].
بەرائ ئىبىن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «توكۇرلۇقى ئېنىق بولغان توكۇر، كورلۇقى ئېنىق بولغان كور كېسەللىكى ئېنىق بولغان كېسەل ۋە يىلىكى قۇرۇغان ئورۇق ھايۋان قۇربانلىق قىلىنمايدۇ»[21].
يەزىد زۇ مىسىر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇتبە ئىبنى ئابدۇسسۇلەمىنىڭ يېنىغا كېلىپ: يا ئەبەۋەلىد! قۇربانلىق ئالاي دەپ چىققان ئىدىم، بولغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدىم، چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر نەرسە بار ئىدى، ئۇنىڭغا كۆڭلۈم رازى بولمىدى. سىز بۇ ئىشقا نېمە دەيسىز؟ دېدىم،
 ئۇتبە: ئۇنى ماڭا ئەكەلمىدىڭىزمۇ؟ دېدى،
مەن: سۇبھاناللاھ! ئۇ سىز ئۈچۈن جايىز، مەن ئۈچۈن جايىز ئەمەس؟ دېدىم،
ئۇ مۇنداق دېدى: ھەئە، شۇنداق، سىز شەكلىنىۋاتىسىز، مەن شەكلەنمەيمەن. بىلىڭكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنۇ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن توستى: قۇلىقى تۈۋىدىن كېسىك، مۈڭگۈزى تۈۋىدىن چىقىپ كەتكەن، بىر كۆزى قۇيۇۋېتىلگەن، ئورۇقلۇقىدىن ياكى كۈچسىزلىكىدىن پادىدىن ئايرىلىپ يېتىپ قالغان، پۇتى سۇنۇپ كەتكەن[22].     
5- قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ
«ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن بىلىنگۈچى كۈنلەردە بىسمىللاھ، دەپ قۇربانلىق قىلسۇن»- ھەج 22/28.
      ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھاجىلارنى يۇرتلىرىدا چېغىدا قىلىپ كەلگەن قۇربانلىقلىرىنى ھەج ئەسناسىدا ئەييامى مەئلۇمات («أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ»)دا يەنى ئۆزلىرى بىلىدىغان كۈنلەردە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 203- ئايىتىدە ئۇلارنى ئەييامى مەئدۇدات («أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ– ساناقلىق كۈنلەر»)دە زىكىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاذْكُرُواْ اللّهَ فِي أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلاَ إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلا إِثْمَ عَلَيْهِ لِمَنِ اتَّقَى وَاتَّقُواْ اللّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
«ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھقا زىكىر ئېيتىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. بۇ، تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر»- بەقەرە 2/203.
ئەييام («كۈنلەر») يەۋم («يوم-كۈن»)نىڭ كۆپلۈك شەكلى (جەمئىسى) دۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك شەكىل ئاز بولغاندا ئۈچنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر قەرىنە (قوشما دەلىل) بولسا ئۈچتىن ئارتۇق ساننى ئىپادىلەيدۇ.
     ئاللاھ تائالانىڭ «أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ-ساناقلىق كۈنلەر» دېگەن سۆزى، داۋامىدىكى ﴿فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلاَ إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلا إِثْمَ عَلَيْهِكىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ ھېچ گۇناھ قالمايدۇ دېگەن سۆزىنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈچ كۈن تەشرىق كۈنلىرى دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇ كۈنلەردىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ»[23].
تەشرىق كۈنلىرى نەھىر كۈنىنى (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنى) ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. چۈنكى ھاجىلارنىڭ «ساناقلىق كۈنلەر»دە ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش (يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپ شەيتانغا تاش ئېتىش) پائالىيىتى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11- كۈنى يەنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلىنىپ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. «ساناقلىق كۈنلەر»دىن ئىبارەت بولغان بۇ ئۈچ كۈنگە نەھىر كۈنى (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى) قوشۇلسا «بىلىنگۈچى كۈنلەر» بولىدۇ. بۇ «بىلىنگۈچى كۈنلەر»نىڭ تۆت كۈن ئىكەنلىكىگە، «ساناقلىق كۈنلەر»نىڭ ئۈچ ئىكەنلىكى ۋە نەھىر كۈنىنىڭ بۇ ئۈچ كۈننىڭ ئىچىگە كىرمەيدىغانلىقى دەلىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئۇقبەتەبنى ئامىر (ر.ز) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئەرەفە كۈنى، نەھىر كۈنى (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى) ۋە تەشرىق كۈنلىرى بىز ئەھلى ئىسلامنىڭ بارىمىمىزدۇر. ئۇ كۈنلەر يېمەك ۋە ئىچمەك كۈنلىرىدۇر»[24].
پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىپ، ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. لېكىن ھېيت كۈننىڭ چىقىشى بىلەن ئەمەس، ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلانغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغان ۋاقىتتۇر. رەسۇلۇللاھ «ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«قۇربانلىقىنى ھېيت نامازدىن ئىلگىرىكى بوغۇزلىغان كىشى بىلسۇنكى، بوغۇزلىغىنى، ئائىلىسىگە تەقدىم قىلغان گۆشتۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ قۇربانلىق ئەمەستۇر»[25].
 
6- قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر
 1- بىر قوي قۇربانلىق قىلىش پۈتۈن بىر ئائىلىگە كۇپايە قىلىدۇ. ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدە بىر كىشى ئۈچۈن ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى. ئۇلار قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۆزلىرى يەيتتى ۋە باشقىلارغا يېگۈزەتتى[26].
2-تۆگە يەتتە كىشىگە، كالا يەتتە كىشىگە قۇربانلىق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر تۆگە يەتتە كىشى ئۈچۈن، بىر كالا يەتتەكىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[27].
3- قۇربانلىقنى ئۆلتۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭغا ئەزىيەت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پىچاقنى چاقلاش يا بىلەش ئارقىلىق ئىتتىكلىتىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە ياخشىلىق قىلىش سۆيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مال بوغۇزلىساڭلار ياخشى بوغۇزلاڭلار، بىرىڭلار پىچىقىنى يىتتىكلەتسۇن ۋە بوغۇزلىماقچى بولغان مېلىغا راھەتلەتسۇن»[28].
4- مالغا پىچاق سۈرۈشتىن بۇرۇن «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش لازىم. بۇ پەرزدۇر. ھەج سۈرىسىنىڭ 34- ۋە 36- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
5- قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچكە تەقسىم قىلىپ، بىر قىسمىنى ئائىلىسىگە يېگۈزۈش،بىر قىسمىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش، بىر قىسمىنى ئۇرۇقتۇغقان، قولۇم – قوشنا ۋە دوست – بۇرادەرلىرىگە ھەدىيە قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى ھەج سۈرىسىنىڭ 36- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
6- قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ياكى سېتىپ پۇلىنى ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق ھايۋىنىنى ئاللاھ يولىدا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھايۋاننىڭ بىر پارچىسى بولغان تېرىسىنى ئاللاھ يولىدا بېرىۋېتىشى ياخشى ئىشتۇر.
7- قۇربانلىقنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ياكى باشقائەزالىرىدىن (مەسىلەن: كاللا – پاچىقىنى، تېرىسىنى) ئەجرىگە ھېسابلاپبېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئەجرىگە ھېسابلىماي بېرىشكە بولىدۇ.
ئەلىرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مېنى ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ قۇربانلىق تۆگىلىرىنى قۇربانلىققىلىشىمغا، ئۇلارنىڭ گۆش، تېرە ۋە يوپۇقلىرىنى سەدىقە قىلىشىمغا، ئۇلاردىن قاسساپقا بىر نەرسە بەرمەسلىكىمگە بۇيرۇدى». ئەلى (ر.ز): قاسساپنىڭ ھەققىنى يېنىمىزدىن بېرەتتۇق، دەيدۇ. [29].
بۇ ھەدىس يۇقىرىدىكى ئىككى مەسىلىگە دەلىل بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ ئەسەر (تۈركچەسى) 2014- يىلى سۈلەيمانىيە ۋاقفى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «كىتاب ۋە ھېكمەت» ژورنىلىنىڭ  7 سانىدا نەشىر قىلىنغان.

[1]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 27 – ئايىتىدە ئاتىمىز ئادەمئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قۇربانلىق قىلغانلىقىنىڭ بايان قىلىنىشىبۇنى كۆرسىتىدۇ. ئايەت مۇنداق: ﴿وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئەينەن ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىرەردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: ‹مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن› دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: ‹ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ›.﴾- مائىدە 5/27.
 

[2]– قۇرئان كەرىمدە ئاللاھدىن غەيرىيگە ئاتاپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.- بەقەرە 2/173؛ مائىدە 5/3؛ ئەنئام 6/145؛ نەھل 16/115.

[3]– بەقەرە 2/189، 196؛ ئەنفال 8/35.

[4]– زۇمەر 39/3؛ يۇنۇس 10/18.

[5]– جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلاپ بولۇپ ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۇۋاپ قويۇلاتتى – (فەخرىددىن رازى (544 – 606 ھ، 1150 – 1210م)، ئەتەپسىرۇلكەبىر، 5/285).

[6]– مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: «لَبَّيْكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ إِلاَّ شَرِيْكٌ ھُوَ لَكَ تمَلِكُهُ وَ مَا مَلَكَ خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «لەببەيك لا شەرىيكە لەك- خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى.- مۇسلىم، ھەج 22، ھەدىس نومۇرى 1185. دېمەككى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ بۇتىنى ئاللاھنىڭ شېرىكى، دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ۋە ئېكىنلىرى بىلەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىيتتى. ئايەتتە پۈتۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇ باتىل قىلمىشى ئەيىبلىنىدۇ.
 

[7]– ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلار ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئايرىيتتى. ئۇلار بۇتلىرى ئۈچۈن ئايرىغىنىنى بۇتقا چىقىم قىلاتتى. ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنى بىلەن ئۆسمۈر بالىلارنى ۋە يوقسۇللارنى تەمىنلەيتتى ۋە ئۆزلىرى بۇنىڭدىن يېمەيتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەتتى ۋە: «ئاللاھ بۇنىڭدىن بىھاجەت» دەيتتى. ئەگەر بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە ئۇنى ئېلىپ بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى ۋە: «بۇ پېقىر» دەيتتى. (فەخرىددىن رازى (544 – 606 ھ، 1150 – 1210م)، ئەتەپسىرۇلكەبىر، ج 5 /158).

[8]– بەقەرە 2/173؛ مائىدە 5/3؛ ئەنئام 6/145؛ نەھل 16/115.

[9]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 3- ۋە 90- ئايەتلىرى.

[10]– ئەنئام 6/162- ۋە 163- ئايەتلەر، ھەج 22/34-، 36- ۋە 67- ئايەتلەر، كەۋسەر سۈرىسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[11]– جۇندۇب ئىبنى سۇفيان ئەلبەجەلى (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇربانلىق قىلدۇق. قارىساق، بىرقانچە كىشى قۇربانلىقلىرىنى ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى بوغۇزلاپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىنى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «كىمكى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان بولسا ئورنىغا باشقا بىرىنى بوغۇزلىسۇن، كىمكى بىز ناماز ئوقۇپ بولغۇچە بوغۇزلىمىغان بولسا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلىسۇن»- بۇخارى، زەبائىھ ۋەسسەيد 5500؛ مۇسلىم، سەيد ۋە زەبائىھ ۋە ما يۇئكەلۇ مىنەلھەيۋان 1 – (1960)، 2 – (1960)، 3 – (1960)؛ نەسەئى، داھايا 3/ 4368، 4398؛ ئىبىن ماجە، ئەداھى 12/ 3152.
ئەنەس (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (س.ل.م) يەتتە دانە تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىدى. مەدىنىدە مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.- بۇخارى، ھەج 117، 119، جىھاد 104، 126؛ مۇسلىم ئەداھى 17 (1966)؛ تىرمىزى، ئەداھى 2 (1494)؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەداھى 4 (2793، 2794)؛ نەسەئى، داھايا 28-31 (7، 219-230)؛ ئىبىن ماجە، ئەداھى 1 (3120).
ئەبۇ سەئىد (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. قوچقار قارىسىنىڭ ئىچىدە قارايتتى، قارىنىڭ ئىچىدە ماڭاتتى ۋە قارىنىڭ ئىچىدە يەيتتى (يەنى قوچقارنىڭ تۇمشۇقى، كۆزلىرىنىڭ چۆرىسى ۋە پۇتلىرىنىڭ ئۇچلىرى قارا ئىدى)- مۇسلىم، ئەداھى 19 (1967)؛ تىرمىزى، ئەداھى 4 (1496)؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەداھى 4 (2796)؛ نەسەئى، داھايا 14 (7، 221)؛ ئىبىن ماجە، ئەداھى 1 (3120).

[12]– ھەنەفىيە مەزھىپىدە قۇربانلىق قىلىش ۋاجبتۇر- (مەبسۇت 6/171)؛ ئەلكىتاب 1/204؛ فىقھۇلئىبادات- ھەنەفىيى 1/205.

[13]– ئەتتەلقىن 1/262؛ ئەشرەفۇلمەسالىك 1/121؛ بىدايەتلمۇجتەھىد 1/595؛ فىقھۇلئىبادات- مالىكى 1/396؛ مۇغنىلمۇھتاج 4/282؛ ئەلئۇم 2/348؛ مۇختەسەرۇلمۇزەنى 1/299؛ ئەلمۇھەززەب 1/74؛ مەتن ئەبى شۇجائ 1/347؛ كىفايەتۇلئەخيار 1/695؛ فىقھۇلئىبادات- شافىئى 1/793؛ ئەلمۇغنى 11/95؛ ئەلئىقنائ 1/408؛ مەنارۇسسەبىل 1/189؛ ئەررەۋدۇلمۇربىئ 1/291؛ ئەلئۇمدە 1/206؛ ئەلكافى فى فىقھى ئىبنى ھەنبەل 1/542؛ فىقھۇلئىبادات- ھەنبەلىي 1/493.

[14]– لىسانۇلئەرەب،مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغەت، مۇفرەدات ئەلفازىلقۇرئان، ئەسسىھاھ،ئەلقامۇسۇلمۇھىت قاتارلىق لۇغەت كىتابلىرىنىڭ «ق ر ب» بۆلۈمىگە قاراڭ.

[15]– ھەج سۈرىسىنىڭ 28- ئايىتىدىن 37- ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[16]– ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا– كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغىنىپ قۇرئان بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن، بۇ ناماز ساڭا ئارتۇقچە بىر ۋەزىپىدۇر. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان بىر مۇقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن– ئىسرا 177/79.
 

[17]– «تەفەسىنى ئادا قىلسۇن» نىڭ مەنىسى توغرىسىدا تەپسىرلەردە ئاساسلىق ئىككى كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ. بىر كۆزقاراشقا ئاساسەن تەفەسنى ئادا قىلماق، ئېھرام سەۋەبىدىن بەدەندە پەيدا بولغان كىرلەرنى تازىلىماق، خۇسۇسەن تىرناقلارنى ئالماق، بۇرۇتنى كەسمەك، چاچنى چۈشۈرمەك/ قىرقىماق، دېمەكتۇر. يەنە بىر كۆزقاراشقا ئاساسەن تەفەسنى ئادا قىلماق، ھەم بۇ ئىشلارنى قىلماق ھەم ھەجنىڭ مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلماق، دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزچە بۇ «تەفەسىنى ئادا قىلسۇن» نىڭ ئەڭ توغرا مەنىسى، «ھەجنىڭ مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تازىلىق قىلسۇن» دۇر.

[18]– بۇ قىسسە ساففات سۈرىسىنىڭ 102 – ئايىتىدىن 107 – ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.

[19]– مۇسلىم، سەيد ۋە زەبائىھ ۋە ما يۇئكەلۇ مىنەلھەيۋان 13 – (1963)؛ ئەبۇ داۋۇد، داھايا 5/2797 ؛ نەسەئى، داھايا 12/ 4378؛ ئىبىن ماجە، ئەداھى 7/3141.

[20]– تىرمىزى، ئەداھى 6 (1498)؛ ئەبۇ داۋۇد، داھايا 6 (2804, 2805, 2806)؛ نەسەئى، ئەداھى 10 (7, 21711,12؛ ئىبىن ماجە ئەداھى 8 (3142).

[21]– مۇۋەتتا، داھايا 1 (2,482)؛ تىرمىزى، ئەداھى 5 (1497)؛ ئەبۇ داۋۇد، داھايا 6 (2802)؛ نەسەئى، داھايا 5، 6، 7 (7,214, 215).

[22]– – ئەبۇ داۋۇد، داھايا 6 (2803).

[23]– مۇسنەد ئەھمەد، 27/316، 317؛ بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇسسەغىر مەناسىك 1832، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا داھايا 9/497، 498.

[24]– ئەبۇ ۋادۇد، سەۋم 49 (2419)؛ تىرمىزى، سەۋم 59 (773)؛ نەسەئى، مەناسىك 195 (5, 252).

[25]– بۇخارى، ئەداھى 1، 4، 12، ئىيدەين 5، 23؛ مۇسلىم ئەداھى 16 (1962)؛ نەسەئى، ئىيدەين 30 (3,193). 

[26]– تىرمىزى، ئەداھى 10 (1505)؛ ئىبىن ماجە، ئەداھى 2 (3125)، 10 (3147)؛ مۇسنەد ئەھمەد 29/582.

[27]– مۇسىلىم، ھەج 62/350 (1318)؛ مۇۋەتتا، داھايا 9؛ ترمىزى، ھەج 66؛ ئەبۇ داۋۇد، داھايا 7؛ نەسەئى، داھايا 16. ئەبۇ داۋۇدنىڭ سۈنەن ناملىق ئەسىردىكى مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت مۇنداق: جابىر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدە بىر كالىنى يەتتە كىشى، بىر تۆگىنى يەتتە كىشى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلاتتۇق.- ئەبۇ داۋۇد، داھايا 6 ()2807.

[28]– نەسەئى، داھايا 21 (4405)، 26 (4412)؛ مۇسنەد ئەھمەد 28/342؛ دارىمى، ئەداھى 10 (2013)؛ بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا 23 (4479).

[29]– بۇخارى، ھەج 112، 120، 122، ۋاكالەت 1؛ مۇسلىم، ھەج 348 (1317)؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 20 (1769)؛ ئىبىن ماجە، مەناسىك 97 (3099).
 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ