مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا قۇللۇق بارمۇ؟

سوئال:
ئىسلامدا قۇللۇق بارمۇ؟ يەنى ئىسلام ئۇرۇشىدا مۇجاھىدلەر خالىسا ئەسىرگە چۈشكەن ئەرلەرنى قۇل، ئاياللارنى نىكاھسىز خوتۇن قىلىدىغان، خالىسا ئۇلارنى سېتىپ خەجلەيدىغان ئىش بارمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ياق، ئىسلامدا قۇللۇق يوق. مۇھەممەد (ئە.س) ئاللاھ تەئالا تەرەپىدىن پەيغەمبەر قىلىنغان چاغدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قۇللۇق بار ئىدى. ئىسلام بۇ مەۋجۇت قۇللۇقنى قۇللارنى ئازاد قىلىش يوللىرىنى بەلگىلەپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يوق قىلدى. ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى يا بەدەلسىز قويۇۋېتىشكە ياكى ئۇلاردىن پىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يېڭىدىن قۇل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ مەسىلىنى مۇنۇ ئىككى نۇقتىدا خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
1- ئىسلام ئۆز ۋاقتىدىكى قۇللۇقنى تۆۋەندىكى يوللار بىلەن تۈگەتكەن:
ئا- قۇل ئازاد قىلىشقا زاكاتتىن فوند ئاجراتقان
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ}
«زاكاتلار پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا كۈندۈرۈلىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە ئىبنى سەبىللەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ[1]. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2]»- تەۋبە 9/60.
ئە- سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِناً إِلاَّ خَطَئاً وَمَن قَتَلَ مُؤْمِناً خَطَئاً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُّسَلَّمَةٌ إِلَى أَهْلِهِ إِلاَّ أَن يَصَّدَّقُواْ فَإِن كَانَ مِن قَوْمٍ عَدُوٍّ لَّكُمْ وَهُوَ مْؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ وَإِن كَانَ مِن قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِّيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُّسَلَّمَةٌ إِلَى أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةً فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِّنَ اللّهِ وَكَانَ اللّهُ عَلِيماً حَكِيماً}
«بىر مۇئمىننىڭ بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشىگە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن سىلەرگە دۈشمەن بىر قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان بىر قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى ۋە بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. كىمكى تاپالمىسا، ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئاللاھ تەرەپىدىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- نىسا 44/92.
ب- قەسىمىدە تۇرمىغانلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{لاَ يُؤَاخِذُكُمُ اللّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَـكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاَثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُواْ أَيْمَانَكُمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ}
«ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىكتىن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان تاماقنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر، ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئەنە شۇ قەستەن قەسەم قىلىپ بۇزغان چېغىڭلاردا، ئۇنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- مائىدە 5/89.
پ- زىھار قىلغۇچىلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِن نِّسَائِهِمْ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِّن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّا ذَلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ}
«ئاياللىرىغا: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن، ئاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدىن قايتقانلار، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قۇل ئازاد قىلىشى لازىم. مانا بۇ، سىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»- مۇجادەلە 58/3.
ت- خالىغان ئەسىر ئاياللارنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلاً أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِن مِّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ وَاللّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِكُمْ بَعْضُكُم مِّن بَعْضٍ فَانكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ مُحْصَنَاتٍ غَيْرَ مُسَافِحَاتٍ وَلاَ مُتَّخِذَاتِ أَخْدَانٍ فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنْكُمْ وَأَن تَصْبِرُواْ خَيْرٌ لَّكُمْ وَاللّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ}
«سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. سىلەر بىر-بىرىڭلاردىنسىلەر. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىڭلار. ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار[3]. ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى، زىنادىن ساقلىنىشى ۋە ئاشنا تۇتماسلىقى لازىم. ئۇلار ياتلىق بولغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ سىلەردىن قىيىنچىلىق تارتىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[4]. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/25.
ج- خالىغان ئەسىرلەرگە ھۆرلۈككە ئېرىشىش توختامى تۈزۈشكە رۇخسەت بەرگەن
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحاً حَتَّى يُغْنِيَهُمْ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ وَالَّذِينَ يَبْتَغُونَ الْكِتَابَ مِمَّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ فَكَاتِبُوهُمْ إِنْ عَلِمْتُمْ فِيهِمْ خَيْراً وَآتُوهُم مِّن مَّالِ اللَّهِ الَّذِي آتَاكُمْ وَلَا تُكْرِهُوا فَتَيَاتِكُمْ عَلَى الْبِغَاء إِنْ أَرَدْنَ تَحَصُّناً لِّتَبْتَغُوا عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَن يُكْرِههُّنَّ فَإِنَّ اللَّهَ مِن بَعْدِ إِكْرَاهِهِنَّ غَفُورٌ رَّحِيمٌ}
«توي قىلىشقا ئىمكانىيەت تاپالمىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن بىھاجەت قىلغۇچە ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مۇئەييەن بىر بەدەل تۆلەش شەرتى بىلەن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن سىلەر بىلەن توختام تۈزۈشۈش تەلىپىدە بولغانلار بىلەن، ئەگەر ئۇلاردا بىر ياخشىلىق بايقىساڭلار[5] توختام تۈزۈشىڭلار. ئۇلارغا، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن مالدىن بېرىڭلار. دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى دەپ ئىپپەتلىك قېلىشنى خالىغان چۆرىلىرىڭلارنى گۇناھ قىلىشقا زورلىماڭلار. كىم ئۇلارنى زورلىسا بىلسۇنكى، ئاللاھ ئۇلار زورلانغاندىن كېيىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- نۇر 24/33.
چ- قۇل ئازاد قىلىشنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ يوللىرىدىن قىلغان
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَكُّ رَقَبَةٍ}
«قۇل ئازاد قىلىشتۇر»- بەلەد 90/13.
يەنى ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇشەققەتلىك ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى «قۇل ئازاد قىلىشتۇر».
خ- قۇل ئازاد قىلىشنى تەقۋادارلىقنىڭ شەرتلىرىدىن قىلغان
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ}
«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق دېگەن كىشىنىڭ ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، ئىبنى سەبىللەرگە[6]، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بېرىشى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇشى، زاكاتنى بېرىشى، قىلشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى، قىيىنچىلىقتا، جاپا-مۇشەققەتتە ۋە قاتتىق ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر»- بەقەرە 2/177.
2- ئىسلام ئەسىر ئېلىشقا رۇخسەت بېرىدۇ، لېكىن…
ئىسلام ئۇرۇشتا ئەسىرگە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇرۇشنى تۈگىتىشنىڭ چارىسىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا}
«جەڭ مەيدانىدا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرۇڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى پىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»- مۇھەممەد 47/4.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار كاپىرلار بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇش قىلغان چېغىدا ئالدى بىلەن ئۇرۇش قىلىشى، شۇنداقلا دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىدا ئەسىر ئېلىشى ۋە ئەسىرلەرنى مۇستەھكەم باغلىشى (يەنى ئۇلارنى تولۇق كونترول قىلىشى) كېرەك. ئاندىن كېيىن ئۇ ئەسىرلەرنى يا بەدەلسىز، ياكى پىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىشى كېرەك.
ئۇرۇش ئەسناسىدا جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇشچى كاپىرلارنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىرگە ئېلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ}
«ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ئەنفال 8/67.
ئەسىرلەر ئەسىر ئېلىنغاندىن كېيىن ئاقىۋىتى مۇنداق بولىدۇ:
ئا- ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىنىدۇ
ئەسىرلەر ئۆزلىرىنى ئەسىرگە ئالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ، ئۇ مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلارنى يېمەك، ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن  تەمىنلەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا}
«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، ئىبنى سەبىللەرگە[7] ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- نىسا 4/36.
{وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَى حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا (8) إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنْكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا (9) إِنَّا نَخَافُ مِنْ رَبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًا قَمْطَرِيرًا (10)}
«ياخشى كىشىلەر تائامنى ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە يېگۈزىدۇ، ئۇلارغا تائام يېگۈزىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يېگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۇرمۇ كۆزلىمەيمىز. چۈنكى بىز رەببىمىزنىڭ، تۇتۇق ۋە دەھشەتلىك كۈنىدىن قورقىمىز»- ئىنسان 76/8-10.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئەمەلىي تەتبىقاتىدۇر. ئۇ تەتبىقاتلارنىڭ بەزىسى مۇنداق:
1- ئەزىز ئىبىن ئۆمەير مۇنداق دەيدۇ: مەن بەدىر ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دېدى. مەن ئەنسارلاردىن بىر جامائەنىڭ ئىچىدە ئىدىم. ئۇلار چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقلىرىنى يېگىلى تۇرغاندا ئۆزلىرى خورما يەپ ماڭا نان يېگۈزەتتى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان[8].
نان ئۇ چاغلاردا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەك ئەتىۋار ئىدى. خورما كۆپ تېپىلاتتى. شۇنداق تۇرۇپ ساھابىلەر ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇللاھنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىپ ناننى ئەسىرگە يېگۈزۈپ، خورمىنى ئۆزلىرى يېگەن.
2- ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ (ئە.س) نەجد تەرەپكە بىر ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن. ئۇلار بەنى ھەنىفە قەبىلىسىدىن بىر كىشىنى ئەسىرگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ كىشى يەمامە خەلقىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئىسمى سۇمامە ئىدى. ئۇلار ئۇ كىشىنى ئېلىپ كېلىپ مەسچىتنىڭ تۈۋۈركلىرىدىن بىر تۈۋرۈككە باغلاپ قويدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) چىقىپ: «ئى سۇمامە! قانداق خىيالغا كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. سۇمامە: مەن ياخشى خىيالغا كەلدىم!… ئۆلتۈرسەڭ قان قەرزى بار ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولىسەن! كەچۈرسەڭ، شۈكرى ئېيتقۇچىنى كەچۈرىسەن! ئەگەر ساڭا مال كېرەك بولسا، مەندىن خالىغىنىڭغا ئېرىشىسەن! دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئەينى سوئالنى سورىدى. ئۇ جاۋابەن، مەن ساڭا دېگەندەك… دەپ بۇرۇنقى گېپىدەك چىڭ تۇرۇۋالدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ساھابىلىرىغا قاراپ: «سۇمامەنى قويۇۋېتىڭلار!» دېدى. ئۇلار سۇمامەنى قويۇۋەتتى. سۇمامە، مەسچىتكە يېقىن بىر جايدىكى خورمىزارلىققا بېرىپ، يۇيۇنۇپ مەسچىتكە كەلدى ۋە: «مەن! گۇۋاھلىق بېرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دېدى ـ دە، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن يۈزىدە، مەن ئۈچۈن سەندەك سەت كۆرۈنىدىغان كىشى يوق ئىدى. بۈگۈن سەن مەن ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان كىشى بولۇپ قالدىڭ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سېنىڭ دىنىڭدەك ئۆچ كۆرۈنىدىغان دىن يوق ئىدى، ئەمدى بۈگۈن سېنىڭ دىنىڭ دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك دىن بولۇپ قالدى ۋە سېنىڭ يۇرتۇڭدەك سەت كۆرۈنىدىغان يۇرت يوق ئىدى، بۈگۈن بۇ يۇرت بارلىق يۇرتلاردىن چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى…»[9].
ئىبىن ھىشامنىڭ رىۋايىتىدە بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇنداق بىر تەپسىلات زىكىر قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) سۇمامەنى كۆرۈپ ساھابىلىرىغا: «ئەنە شۇ بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى سۇمامە ئىبىن ئۇسال. ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دېدى، ئۆيىگە بېرىپ ئائىلىسىگە: «يېنىڭلاردا قانداق تائام بولسا توپلاپ سۇمامەگە ئەۋەتىڭلار» دېدى، ئۇلارنى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ سۇمامەنىڭ چۈشتە ۋە كەچتە ئىچىشى ئۈچۈن ئەۋەتىشكە بۇيرۇدى[10].
پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتلىرىنىڭ بىرى: «نامازغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار»[11] دېگەن سۆزىدۇر.
ئە- ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلىدۇ
ئاللاھ تائالا جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇشچى كاپىرلارنى ئەسىرگە ئېلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
{فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً}
«ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار»- مۇھەممەد 47/4.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى مۇجاھىدلارغا ئەسىرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق ئىككى تاللاش سۇنىدۇ: بەدەلسىز قويۇۋېتىش، فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىش. فىدىيە پۇل-مال ياكى خىزمەتتىن ئىبارەتتۇر.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) يۇقىرىدىكى قىسسىدە زىكىر قىلىنغاندەك سۇمامە ئىبنى ئۇسال دېگەن ئەسىرنى بەدەلسىز قويۇۋەتكەن. بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئالغان مەككىلىك مۇشرىكلارنى فىدىيە ئېلىپ قويۇۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ساۋاتسىز ساھابىلەرگە ئوقۇش-يېزىش ئۆگىتىپ قويۇش بەدىلىگە قويۇۋەتكەن. بۇ مەسىلە سىيەر كىتابلىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ھېچبىر ئۇرۇشتا ھېچبىر ئەسىرنى قۇل قىلمىغان، ھېچبىر ئۇرۇشتا ھېچبىر ئەسىرنى ئۆلتۈرمىگەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئەس)نىڭ ۋەزىپىسى قۇرئانغا بويسۇنۇشتۇر، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەسىرلەرگە نىسا سۈرىسىنىڭ 36- ئايىتى، ئىنسان سۈرىسىنىڭ 8- ئايىتى ۋە مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىدىن پەرقلىق بىر مۇئامىلە قىلمىغان.

[1]– ئىبنى سەبىل مۇساپىر، يولۇچى ۋە يولدا يول خىراجىتىىدن ئايرىلىپ قالغان كىشى، قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. زاكاتلار «ئىبنى سەبىللەر ئۈچۈن»مۇ سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى زاكاتلارنىڭ بىر قىسمى يولۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن بولىدۇ. 

[2]– بۇ ئايەتتە زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇلار سەككىز بولۇپ ئاۋۋالقى تۆتىدە لام («ل») ھەرىپى، ئاخىرقى تۆتىدە فىي («في») ھەرىپى كېلىدۇ. دېمەككى، زاكات بىرىنچى تۆت كىشىنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ، ئىككى تۆت كىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئاجرىتىپ ئۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. تەرجىمىدە بۇ ئىنچىكىلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتۇق.

[3]– ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەر مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە بەدەلسىز ياكى پىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىسلام مۇجاھىدلىرىنىڭ باشلىقلىرى پىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇرغان ۋە پىدىيەلىرىنى دەرھال تۆلىيەلمىگەن ئەسىرلەر مۇجاھىدلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ ئەسىرلەر پىدىيەلىرىنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدلارنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەزكۇر مۇجاھىدلار قامدايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆي ئىشلىرىغا قاملىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇلار خۇددى ئۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەسىر ئاياللار ئۆزلىرى خالىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئائىلىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياتلىق بولىدۇ. تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەرلىرىگە «ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار» دەپ ئۇلارغا ئۆز تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى ئۇلارنىڭ پىديەلىرىنى تۆلەپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. 

[4]– چۆرىلەر بىلەن ئۆيلىنىش رۇخستى بۇيتاق ئولتۇرۇپ يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشتىن قورققانلار ئۈچۈندۇر، لېكىن بۇ رۇخسەتتىن پايدىلانماي، يەنى چۆررىلەر بىلەن ئۆيلەنمەي سەۋر قىلىش ياخشىدۇر.

[5]– مەسىلەن: ئۇلارنىڭ توختام تۈزۈشكەن بەدەلنى تاپالىشىغا ۋە ۋاقتىدا تۆلىشىگە ئىشەنچ قىلساڭلار،

[6]– ئىبنى سەبىل مۇساپىر، يولۇچى ۋە يولدا يول خىراجىتىىدن ئايرىلىپ قالغان كىشى، قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. زاكاتلار «ئىبنى سەبىللەر ئۈچۈن»مۇ سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى زاكاتلارنىڭ بىر قىسمى يولۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن بولىدۇ. 

[7]ئىبنى سەبىل مۇساپىر، يولۇچى ۋە يولدا يول خىراجىتىىدن ئايرىلىپ قالغان كىشى، قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. زاكاتلار «ئىبنى سەبىللەر ئۈچۈن»مۇ سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى زاكاتلارنىڭ بىر قىسمى يولۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، دېگەن بولىدۇ. 

[8]– ئەلمۇئجەمۇكەبىر (977)؛ مۇجمەئۇززەۋائىد 6/86.

[9]– بۇخارى (4114)، مۇسلىم (1763).

[10]– ئىبىن ھىشام، سىيرەتۇننەبەۋىييە 6/51.

[11]– مۇسنەد ئەھمەد 3/117؛ ئىبىن ماجە (1625).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر