مۇسۇلمانلار

بۇنداق تالاق چۈشەمدۇ؟

سوئال:
شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىنمىغان تالاق چۈشەمدۇ؟ يەنى بىر كىشى ئايالىنى تالاقنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى شەرتلىرىگە رىئايە قىلماستىن تالاق قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
جاۋاب:
شەرتلىرى تولۇق مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا قىلىنغان تالاق كۈچكە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. مەسىلەن: ئايال كىشى ئادەت كۆرۈۋاتقاندا قىلغان تالاق، ئادەتتىن پاكلىنىپ ئېرى بىلەن بىر يەردە بولغان پاكىزلىق ئىچىدە قىلغان تالاق، ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلماستىن قىلغان تالاق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاچچىقىدا قىلغان تالاق، شەرتكە باغلاپ قىلغان تالاق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. بىز بۇنى «ئىسلامدا تالاق نىزامى»دا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇق.
جاۋاب:
ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن بىر مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق ئايالى بىلەنكى ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقا قانائەت قىلىدۇ، ئاندىن تالاق قىلىشنى نىيەت قىلىدۇ (كۆڭلىگە پۈكىدۇ). ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«لِلَّذِينَ يُؤْلُونَ مِنْ نِسَائِهِمْ تَرَبُّصُ أَرْبَعَةِ أَشْهُرٍ فَإِنْ فَاءُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ. وَإِنْ عَزَمُوا الطَّلَاقَ فَإِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ»
«ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولماسلىققا قەسەم ئىچكەن ئەرلەرنىڭ تۆت ئاي ساقلاش ھەققى بار. ئۇلار بۇ مۇددەت ئىچىدە قەسەملىرىدىن يانسا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىشنى نىيەت قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- بەقەرە 2/226-227.
ئاندىن ئايالىنىڭ ئادەت كۆرۈپ كۆرمىگەنلىكىنى، پاكلىق مەزگىلىدە بولسا ئۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇپ بولمىغانلىقىنى كونترول قىلىدۇ. ئەگەر ئايالى پاكلىق مەزگىلىدە بولسا ۋە بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۆزى بىلەن بىر يەردە بولمىغان (مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن) بولسا ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا (سېنى ئەمرىمدىن چىقاردىم، سېنى قويۇۋەتتىم، سۆزۈڭنى بەردىم، سېنى تالاق قىلدىم… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ بىرىنى دېيىش) بىلەن تالاق قىلىدۇ (ئايرىلىدۇ).
تالاقتىن كېيىن ئىددەت توشقۇچە ئايالىنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. ئايالمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئىددەتنى ئەر سانايدۇ، ئايال بۇ توغرۇلۇق ئېرىگە توغرا مەلۇمات بېرىدۇ. ئىددەت توشقاندا ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلىپ تۇرۇپ خالىسا قىلغان تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن يارىشىپ قالىدۇ، خالىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈشۈپ كېتىدۇ.
مانا بۇ بىر تالاق بولىدۇ. ئەر ئايالىنى بۇ شەكىلدە ئىككى قېتىم تالاق قىلىپ يېنىۋالالايدۇ. ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا يېنىۋالالمايدۇ. تالاقنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچىمى ۋە شەكلى مانا بۇدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ لَا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَلِكَ أَمْرًا. فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِنْكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ذَلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا. وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا}
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن. ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھدىن قورقسا ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى»- تالاق 65/1-3.
«وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَنْ يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ إِنْ كُنَّ يُؤْمِنَّ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ (228) الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَنْ يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ (229) فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنْ بَعْدُ حَتَّى تَنْكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يَتَرَاجَعَا إِنْ ظَنَّا أَنْ يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ (230) وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِتَعْتَدُوا وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ وَلَا تَتَّخِذُوا آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُمْ بِهِ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ (231) وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُمْ بِالْمَعْرُوفِ ذَلِكَ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ مِنْكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكُمْ أَزْكَى لَكُمْ وَأَطْهَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ (232)»
«تالاق قىلىنغان ئاياللار ئېرى بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئۈچ قۇرئ[1] ساقلايدۇ. ئۇلارنىڭ، بالىياتقۇلىرىدا ئاللاھ ياراتقان بالىنى ياكى ھەيزنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ. ئۇلار ئەگەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بولسا ئۇنى يوشۇرمايدۇ. ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار. لېكىن ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بىر دەرىجە ئارتۇقتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تالاق سۈرىسىدە بايان قىلىنغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەر ئايالىنى يا ياخشىلىق بىلەن نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىشى لازىم. ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال-مۈلكۈڭلاردىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىر نەرسە قايتۇرۇېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار، ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتكەنلەر چوقۇم زالىملاردۇر.
بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، ئۇ ئايال باشقا بىر ئەرگە تېگىپ ئۇنىڭدىن ئايرىمىغۇچە ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇ ئايال باشقا بىر ئەرگە تەگكەن بولۇپ، بۇ ئەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردە، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسە، يېڭىدىن نىكاھلىنىشلىرىدا ھەر ئىككىسىگە بىر گۇناھ يوق. ئەنە شۇلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.
ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، يا ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەرگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمىتىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەرۇفقا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار. بۇ سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە قىلىنغان بىر نەسىھەتتۇر. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.»- بەقەرە 2/228-232.
نىكاھ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر توختامدۇر، نىكاھ قۇرئان كەرىمدە «مۇستەھكەم ئەھدە»[2] دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نىكاھدا ئىككى گۇۋاھچى كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكىدە نىكاھنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن يۇرت-جامائەتكە ئېلان قىلىش شەرتتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھ مۇراسىمىدا داپ (ناغرا، دۇمباق) چېلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
ئائىشە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «نىكاھنى ئېلان قىلىڭلار، ئۇنى مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىڭلار، نىكاھ ئەسناسىدا داپ (دۇمباق، ناغرا) چېلىڭلار»[3].
يەنە ئائىشە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايالنى ئەنسارلاردىن بولغان بىر ئەر بىلەن ئۆيلىگەن ئىدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ئى ئائىشە! ئويۇنۇڭلار يوقمۇ؟ چۈنكى ئەنسارلار ئويۇننى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى[4].
مۇھەممەد ئىبنى ھاتىب ئەلجۇمەھى (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: نىكاھدا ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان نەرسە داپ ۋە ئاۋازدۇر»[5].
«مۇستەھكەم ئەھدە» بولغان نىكاھ توختامى ئايەت-ھەدىستە كۆرسىتىلگەن بويىچە يۇرت-جامائەتكە ئېلان قىلماستىن تۈزۈلمىگەندەك، ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان تالاق توختامىمۇ يەنە ئايەت-ھەدىستە كۆرسىتىلگەن بويىچە تۈزۈلمىسە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە بىر ئۆلچەم بېكىتكەندەك تالاققىمۇ بىر ئۆلچەم بېكىتكەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئۆلچەمنى تالاق سۈرىسى، دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىش ئارقىلىق بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ر.ز) ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلغان ئىدى. دادىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ر.ز) بۇنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن سورىدى. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېدى: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالى بىلەن ياراشسۇن. ئۇنى ھەيزدىن پاكلانغۇچىلىك يېنىدا تۇتسۇن. ئاندىن قايتا ھەيز كۆرۈپ پاكلانغۇچە ساقلىسۇن. ئايال ھەيزدىن پاكلانغاندا خالىسا ئۇنى نىكاھىدا تۇتسۇن، خالىسا ئۇنى بىر تۆشەكتە بولماستىن تالاق قىلسۇن. مانا بۇ تالاق سۈرىسىدە بايان قىلىنغان ئىددەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان ئەرلەرنى ئۇنىڭ ئىچىدە تالاق قىلىشقا بۇيرۇغان»[6].
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئايالىمنى ماڭا قايتۇردى، قىلغان تالىقىمنى ھېچ نەرسە ھېسابلىمىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئايالى ھەيزدىن پاكلانغاندا خالىسا ئۇنى تالاق قىلسۇن، خالىسا نىكاھىدا تۇتسۇن» دېدى، ئاندىن «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار»[7] دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى.

[1] – بىر قېتىم ھەيزدىن پاك بولۇپ يەنە بىر قېتىم ھەيز كۆرگىچىلىك بولغان ئارلىقتىكى پاكلىق زامانى بىر قۇرئ، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچ قۇرئ ساقلاش ئۈچ پاكلىق مۇددىتى ئۆتكۈچە ساقلاپ ئىددەت تۇتۇش، دېمەكتۇر.

[2]– نىسا 44/21.

[3]– تىرمىزى، نىكاھ 6 (1089).

[4]– بۇخارى، نىكاھ 63.

[5]– تىرمىزى، نىكاھ 6 (1088)؛ نەسەئى، نىكاھ 72 (6, 127, 128)؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 20 (1896).

[6]– بۇخارى، تالاق 1، 3، 44، 45؛ ئەھكام 13، تەفسىر، تالاق 1؛مۇسلىم، تالاق 1، 14؛ مۇۋاتتا، تالاق 53؛ ئەبۇ داۋۇد، تالاق 4؛ تىرمىزى، تالاق 1؛ نەسەئى، تالاق 1، 2، 3، 4؛ ئىبنى ماجە، تالاق 1.

[7]– ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن تالاق 4 (2185).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر