مۇسۇلمانلار

قايتۇرۇۋېلىش ھەققى بارمۇ

سوئال:
ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن بەرگەن مال-مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىشى توغرا بولامدۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ئايال ئاتا-ئانىسىنىڭ مىراسىدىن ئالغان پۇل-مېلىدىن ياكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بەرگەن ھەدىيەلەردىن ئۆز ۋاقتىدا ئېرىگە بەرگەن بولسا ياكى ئۆيىگە خەجلىگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئېرىگە بەرگەن ياكى ئۆيىگە نەرسىلىرىنى ئېرىدىن تەلەپ قىلىپ ئېلىش ھەققى بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئايال كىشى ئۆز مۈلكىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ئۆز رازىلىقى بىلەن سەرپ قىلغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ كېيىنچە سەرپ قىلغان نەرسىسىنى ئېرىدىن تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە سەرپ قىلغىنى ئېرىنىڭ تۆلىشى كېرەك بولغان بىر قەرز ئەمەس. بەلكىدە ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە قىلغان بىر ياخشىلىقى ۋە بىر ياردىمىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً فَإِنْ طِبْنَ لَكُمْ عَنْ شَيْءٍ مِنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَرِيئًا}
«ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار كۆڭۈللىرى خالاپ تويلۇقنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە بېرىۋەتسە، ئۇنى يەڭلار، مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق بولسۇن»- نىسا 4/4.
ئايال كىشى توي قىلغان چېغىدا ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكىدۇر. ئەگەر بىر ئايال ئۆز رازىلىقى بىلەن تويلۇقىدىن ئېرىگە بىر نەرسە بەرسە، ئېرىگە ئۇ نەرسىنى يېيىش ھالال بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئايال كىشى ئېرى يەپ بولغان نەرسىنى ئېرىدىن تەلەپ قىلالمايدۇ، دېگەن بولىدۇ.
دېمەككى، ئايال كىشى خالىسا ئېرىگە ئۆزىنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىنى بەرسە بولىدۇ، لېكىن بېرىپ بولۇپ قايتۇرۇۋالالمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر