مۇسۇلمانلار

ياخشى كۆرۈشۈم گۇناھمۇ

سوئال:
مەن يېقىندا مۇسۇلمان بولغان، ئاتا-ئانامنى ئىسلامغا قانچە دەۋەت قىلغان بولساممۇ قوبۇل قىلمىدى. ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋاتىمەن. ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن گۇناھكار بولامدىمەن؟ گۇناھكار بولسام ئۇلارنى تاشلىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟
 جاۋاب:
ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆز دىنى ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزسۇن، سىزگە ياردەم قىلسۇن.
سىز ئاتا-ئانىڭىزنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئۇلارغا قارشى مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلىپسىز، چۈنكى سىز مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن باشقىلارنى بۇ دىنغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇلىسىز، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىڭىز ۋە تۇغقانلىرىڭىزنى دەۋەت قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. بۇنى قىلىپسىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنى ئۇيغۇن پۇرسەتتە، ئىلمىي يوسۇندا، سەمىمىي ئۇسلۇبتا، تاتلىق تىل بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ تۇرغايسىز. ئۇلارغا ئاللاھ ھىدايەت بەرگەي.
سىز ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن گۇناھكار بولمايسىز. ئۇلارنى تاشلىۋېتىشىڭىز كېرەك ئەمەس، بەلكىدە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭىز كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ. وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ دەرگاھىمغا كېلىسىلەر. ئەگەر ئۇلار سېنى، سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›.»- لۇقمان 31/14-15.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئۇلار سىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلماڭ، لېكىن يەنىلا دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىڭىزدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىڭ.
ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَاناً إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيماً. وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيراً»
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف!›[1] دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بول، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا- ئانامغا ئىككىسى مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگەندەك مەرھەمەت قىل»- ئىسرا 17/23- 24.
دېمەككى، قۇرئان كەرىمدە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پەرزلىكى ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ياكى تەقۋادار بولۇشىغا باغلىق قىلىنمىغان. ئەكسىچە، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا بولۇشىغا باغلىق قىلىنغان. يەنى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانا بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، خالاس.
سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنى ياخشى كۆرۈشىڭىزگە كەلسەك، بۇ بىر تەبىئىي تۇيغۇدۇر. تەبىئىي تۇيغۇ پەرمانغا بويسۇنمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇشرىك تۇغقانلىرىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ توغرا يولغا كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، كەلمىگەنلەر ئۈچۈن قايغۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ»
«سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»- قەسەس 28/56.
ئىسلامنىڭ مەنئى قىلدىغىنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشىڭىزدۇر. دوست تۇتۇش باشقا، ياخشى كۆرۈش باشقىدۇر. چۈنكى دوست تۇتۇش ئىنساننىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىدىغان ئىشتۇر. ياخشى كۆرۈش ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الْإِيمَانِ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ}
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار ۋە قېرىنداشلىرىڭلار، كافىرلىقنى مۇئمىنلىقتىن ئارتۇق كۆرسە، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. سىلەردىن كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر»- تەۋبە 9/23.
مۇسۇلمان مۇسۇلماننى دوست تۇتۇشى، مۇسۇلماننىڭ دوستلۇقى پەقەت مۇسۇلمانغىلا بولۇشى لازىم، لېكىن مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىق قىلىشى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، ھەتتا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز مەخلۇقاتقا بولۇشى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ۋەزىپىسىمۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشى ئۈچۈندۇر.   

[1]–  بۇ سۆز بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر