مۇسۇلمانلار

ساقال ئىسلامنىڭ شەرتىمۇ

سوئال:
ساقال قويۇش ئىسلامنىڭ شەرتىمۇ؟ يەنى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ساقال قويۇش كېرەكمۇ؟
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە ئەرلەرنى ساقال قويۇشقا بۇيرۇيدىغان ياكى ساقالنى چۈشۈرۈشتىن مەنئى قىلىدىغان بىر ئايەت يوق. لېكىن قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە ساقال دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان لىھيە («لحية») كەلىمىسى ئۆتىدۇ[1]. بۇنىڭدىن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ساقال قويىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ساقال قويۇش ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىمەسسالامنىڭ ئەۋلادى بولغان مەككىلىكلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ كەلگەن.  
ساقال قويۇش ئەرلەرنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىتىگە ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقالنى تەبىئىي خىسلەتتىن ھېسابلىغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ساھابىلىرى بۇ تەبىئىي خىسلەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ساقال قويغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقال توغرۇلۇق قىلغان تەۋسىيەلىرى مۇنداق:
1- «بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار، ساقالنى قويۇڭلار»[2]    
2- «ساقالنى تولۇق قويۇڭلار، بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار ۋە مۇشرىكلارغا مۇخالىپلىق قىلىڭلار»[3].
3- «بۇرۇتنى قىرقىڭلار، ساقالنى ئۇزارتىڭلار ۋە مەجۇسىيلارغا مۇخالىپلىق قىلىڭلار»[4].
بۇ ھەدىسلەردىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقالنى قويۇۋېتىشقا ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىشقا چاقىرغانلىقىنى چىقىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ بۇ ھەدىسلەرگە قاراپ ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام، دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى مۇشرىكلارغا ۋە مەجۇسىيلارغا مۇخالىپلىق قىلىش پەرز بولغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر ئەھۋال ئۇنداق بولسا ئىدى، چاچنى بوياش قەتئىي پەرز بولغان بولاتتى. بۇ ھەقتە كۆپچىلىك رىۋايەت قىلغان ھەدىس مۇنداق:
«شۈبھىسىزكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالار چاچلىرىنى بويىمايدۇ، ئۇلارغا مۇخالىپلىق قىلىڭلار»[5].
ھېچكىم «چاچنى بوياش پەرز»، دېمەيدۇ ۋە دېيەلمەيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ساھابىلەر چاچلىرىنى بويىغان، بەزىسى بويىمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقال قويۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن پەرزلىكنى ئەمەس، سۈننەتلىكنى چۈشىنىش توغرا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە ھەققىدە ھالال ياكى ھارام، دېيىشى پەقەت قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «ساقال قويۇش پەرز» ياكى «ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئايەت يوق.
«ساقال قويۇش پەرز، چۈشۈرۈش ھارام» دېگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان چاغلىرىدا ياكى بۇ دەۋالىرىغا قۇرئان كەرىمدىن دەلىل كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان چاغلىرىدا نىسا سۈرىسىنىڭ 119- ئايىتىنى دەلىل قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنْ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا إِنَاثًا وَإِنْ يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَرِيدًا (117) لَعَنَهُ اللَّهُ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا (118) وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ وَمَنْ يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُبِينًا (119)»
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ پەقەت چىشىلەرگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىسيانكار شەيتانغا دۇئا قىلىدۇ[6]. ئاللاھ شەيتاننى لەنەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹سېنىڭ بەندىلىرىدىن مۇئەييەن بىر نېسىۋە ئالىمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىمەن. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى يارىدۇ. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ›. كىم ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئاشكارا زىيان تارتقان بولىدۇ.»- نىسا 4/117-119.
ئۇلار دەيدۇكى: ساقالنى چۈشۈرۈش ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئۆزگەرتكەنلىك، شۇنداقلا شەيتاننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر.
ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك ساقالنى چۈشۈرۈش ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولسا ئىدى، باشنى چۈشۈرۈشمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقال قويۇشقا دەۋەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇشرىكلارغا ۋە مەجۇسىيلارغا مۇخالىپلىق قىلىش، دەپ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ دەۋىتى ئىجتىمائىي شارائىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. يەھۇدىيلارغا ۋە باشقا دىنلەرنىڭ مەنسۇبلىرىغا مۇخالىپلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئەمەس، بەلكىدە قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىنى تەستىقلىغۇچىدۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا ساقال قويۇش چاچ بوياشقا ئوخشاش ئىش بولۇپ، بۇ ئىشلاردا ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللار بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى دەۋىتىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ساقال قويسا ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ، تەبرىكلىنىدۇ. بىر كىشى بۇنىڭ ئەكسىنى چۈشىنىپ ساقال قويمىسا ئەۋزەلنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ، ئەيىبلەنمەيدۇ.

[1]– تاھا سۈرىسىنىڭ 94- ئايىتىدە ئۆتىدۇ.
[2]– ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 2/229.
[3]– بۇخارى، لىباس، 5892؛ مۇسلىم، تاھارەت 259؛ تىرمىزى، ئەدەب 2764؛ ئەبۇ داۋۇد، تەرەججۇل 4199.
[4]– مۇسلىم، تاھارەت 260؛ مۇسنەدى ئەھمەد، 2/366.
[5]– بۇخارى، 5899؛ مۇسلىم، 2103؛ ئەبۇ داۋۇد، 4203؛ نەسەئى، 8/185؛ ئىبنى ماجە، 3621.
[6]– يەنى مەككە مۇشرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى مۇئەننەس (چىشى جىنسلىق) ئىسىملار بىلەن ئاتايتتى ۋە بىر ئارزۇغا يېتىش ياكى بىر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا دۇئا قىلاتتى. ئۇلار بۇ ئىشتا شەيتانغا ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدە دۇئانى شەيتانغا قىلغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر