مۇسۇلمانلار

تەرەت ھەققىدە سوئال-جاۋابلار

سوئال-جاۋابلار
تۆگە گۆشى يېسە تەرەت سۇنامدۇ
سوئال: مەن بۈگۈن بىر ماقالە ئوقۇدۇم. ئۇ ماقالىدە تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنىڭ تاھارىتى سۇنىدۇ، ناماز ئۇقۇش ئۈچۈن قايتا تاھارەت ئىلىش كېرەك ، دەپ يېزىلغان ئىكەن (بۇنداق گەپنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن)، ئەمما مەن تازا ئىشەنچ قىلالماي سىلەردىن بۇ ھەقتە تەلىم ئىلىشنى توغرا كۆردۈم، مالال كۆرمەي چۇشەندۇرۇش بەرگەن بولساڭلار، رەھمەت.
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنى قايتا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى» توغرۇلۇق سەھىھ مۇسلىمدا بىر ھەدىس بار. بۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ ھەنبەلىي مەزھىپى ئۆلىمالىرى «تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللاردىندۇر» دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى ئەرەبىستان ئۆلىمالىرىمۇ مۇشۇ كۆز قاراشتا.
ھەنەفىيە، شافىئىيە ۋە مالىكىيە مەزھەپلىرىنىڭ ئۆلىمالىرى تۆگە گۆشى يېيىش بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تۆگە گۆشى يېگەن كىشى تاھارەت ئالسۇن» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسىنى «تۆگە گۆشى يېگەن كىشى قوللىرىنى يۇيۇۋاتسۇن» دېگەن بولىدۇ ياكى «تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىۋېتىشى ياخشى بولىدۇ» دېگەن بولىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆت خەلىپىسى (ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) ۋە ئۆلىما ھېسابلىنىدىغان نۇرغۇن ساھابە (ئىبن ئابباس، ئىبن مەسئۇد، ئۇبەي ئىبىن كەئب…رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) قاتارلىقلارنىڭمۇ بۇ كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتى تاھارەتنى ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ سۇندۇرۇدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1-  ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ (بۇ ئىشلار ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق). مەسىلەن: سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ياكى ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىرى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.
بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
2- جۇنۇپ بولۇش، ھەيز كۆرۈش، نىفاس (تۇغۇتتىن كېيىنكى قان) كۆرۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.
بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ.
1- «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتىكى «ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار،» دېگەن ئىپادە نامازغا ئېلىنىدىغان كىچىك تاھارەتنى، «ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار،» دېگەن ئىپادە غۇسۇل تاھارەتنى كۆرسىتىدۇ.
2- «وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُواْ النِّسَاء فِي الْمَحِيضِ وَلاَ تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىَ يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللّهُ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار ئوبدان پاك بولغان چاغدا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى،  ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاكلانغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ›»- بەقەرە 2/222.
بۇ ئايەتتىكى «پاك بولمىغىچە» دېگەن ئىپادە ھەيز ياكى نىفاس كۆرۈۋاتقان ئاياللارنىڭ پاك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ئۇلار ئوبدان پاك بولغان چاغدا» دېگەن ئىپادە بولسا ھەيز ياكى نىفاس كۆرگەن ئايالنىڭ قېنى توختىغاندىن كېيىن غۇسۇل تاھارەت ئېلىشىنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
ئايەتتە مەسىلە بۇ قەدەر ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئۈچ مەزھەپنىڭ ئالىملىرى، تۆت خەلىپە ۋە نۇرغۇنلىغان ساھابە تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنى تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇشى، ئۇنى قوللىرىنى يۇيۇۋېتىشقا بۇيرۇغانلىقىدۇر ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ بۇيرۇقى پەرزلىكىنى (تۆگە گۆشى يېيىش بىلەن تاھارەت سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قايتا تاھارەت ئېلىشنىڭ قەتئىي زۆرۈر ئىكەنلىكىنى) ئەمەس، مۇستەھەبلىكىنى (تۆگە گۆشى يېگەن كىشى تاھارەت ئېلىۋاتسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ) ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
قۇرت تەرەتنى سۇندۇرامدۇ
سوئال: مەن ھازىر 30 ياشقا كىرىپ قالدىم ئاللاھقا شۈكۈر 5 ۋاخ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيمەن. لېكىن مېنىڭ ئىچىمدە قۇرت يەنى مەددە بولۇپ نۇرغۇن دورىلارنى يەپ باققان بولساممۇ چۈشۈپ كەتمىدى. بەزىدە تاھارەت ئىلىپ مەسچىتكە كىرىپ ئولتۇرسام كېلىپ قالىدۇ. چىقىپ قايتا تاھارەت ئېلىشقا بىئەپ بولۇپ قالىدۇ. ئالدىنقى سەپلەردە بولۇپ قالسام چىقىپ تاھارەت ئېلىش ئەپسىز بولىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا مەددە كېلىپ قالسىمۇ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب: تاھارەت ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى خالادا بولىدىغان ئىشلاردۇر، يەنە بىرى جۇنۇپ بولۇشتۇر.
خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن كىشىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. يەنى كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن يۈزىنى ۋە قوللىرىنى يۇيىدۇ، بېشىغا مەسىھ قىلىدۇ ۋە پۇتلىرىنى يۇيىدۇ. «تاھارەت ھەققىدە ساۋات» تا بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بار.
جۇنۇپ بولۇش (ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش ياكى ئېھتىلام بولۇش) بىلەن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن كىشىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا …»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تاھارەت ئىنساندا نورمال يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. لېكىن بىر كىشىدە بۇ ئادەتتە يۈز بېرىدىغان ئىشلار نورمالسىز يۈز بەرسە ئۇ كىشى ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ ۋە ھەر نامازغا بىر قېتىم تاھارەت ئالىدۇ. شۇ نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئۇ ئىش يۈز بەرسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئايال ئادەتتە ھەيز كۆرىدىغان كۈندىن ئارتۇق قان كۆرسە بۇ ئارتۇق كۈندە كۆرگەن قېنى ھەيز ئەمەس، ئىستىھازە قېنى (خۇن كېسىلى قېنى) ھېسابلىنىدۇ. خۇن كېسىلى قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم مۇنداق:
خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللار خۇن كېسىلى بولۇشتىن بۇرۇنقى ئايلىق ئادەت مەزگىلىدە ناماز ئوقۇمايدۇ، باشقا كۈنلەردە كۆرگەن قېنى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىپ ئۇ ئايال يۇيۇنۇپ نامىزىنى ئوقۇۋېرىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبى ھۇبەيش: يا رەسۇلۇللاھ! مەندىن دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتتە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان].
بۇنىڭغا ئاساسەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قاننىڭ كېلىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەل ياكى سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ۋە ياكى سىزدىكىگە ئوخشاش مەقئىتىدىن قۇرت كېلىدىغان كىشىلەر ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ناماز ئۈچۈن بىر تاھارەت ئالىدۇ.
قۇرت مەسىلىسى ئۈستىدە قايتا توختىلايلى:
ئەگەر ئۇ قۇرتقا نىجاسەت (پوق) يۇقمىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ. نىجاسەت يۇقۇپ چىققان بولسا يەنى ئۇ قۇرت مەقئەتتىن ئاز بولسىمۇ بىر مىقدار نىجاسەت بىلەن بىللە چىققان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى ئۆزرىلىك ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەر ناماز ئۈچۈن بىر تاھارەت ئالىدۇ. نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئۇ قۇرتنىڭ چىقىشى ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتىنى سۇندۇرمايدۇ.
قان چىقسا تەرەت سۇنامدۇ
سوئال: بۇرنى قانايدىغان كىشىلەر، دائىم سۆل چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەر تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەرىتى سۇنۇپ كېتەمدۇ-يوق؟ تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بەدەندىن ئاز مىقداردا قان چىقىپ كەتسە تەرەت سۇنۇپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب: ئىنساندا ئىككى تۈرلۈك تاھارەت بولىدۇ: بىرى كىچىك تاھارەت، يەنە بىرى چوڭ تاھارەت:
1-  كىچىك تاھارەت. بۇ ھاجەتخانىدىن كېلىش بىلەن يەنى خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
2- چوڭ تاھارەت. بۇ جۇنۇپ بولۇش، ھەيز كۆرۈش، نىفاس (تۇغۇتتىن كېيىنكى قان) كۆرۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە چوڭ تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ َأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَينِ وَإِن كُنتُمْ جُنُباً فَاطَّهَّرُواْ…»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتىكى «يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار»، دېگەن ئىپادە نامازغا ئېلىنىدىغان كىچىك تاھارەتنى، «ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار»، دېگەن ئىپادە غۇسۇل تاھارەتنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن كىچىك تاھارەت خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن: سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، تەرەت يوللىرىدىن باشقا يەردىن چىققان قاننىڭ تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
يارىدار بولغان ساھابىلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تاھارەت ئالماستىن ياكى تەيەممۇم قىلماستىن نامازلىرىنى ئوقۇۋېرىشى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ نەيزە سانجىلغان يېرىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ نامىزىنى ئوقۇۋېرىشى، بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر ھەدىس ۋە سىيەر كىتابلىرىدا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ھەنەفىيە مەزھىپى ھەرقانداق يەردىن قان چىقسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇلار دەلىل قىلغان بىر ھەدىس بار. بۇ ھەدىسنى بۇ مەزھەپنىڭ ئالىملىرىدىن زەيلەئى دېگەن كىشى نەسبۇررايە ناملىق كىتابىنىڭ «تاھارەت» بۆلۈمىدە «زەئىپ (دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە ئەمەس)» دەپ يازىدۇ.
قىبلىگە ئالدى بولۇپ قالسا بولمامدۇ
سوئال: بىنا ئۆيلەردىكى ھاجەتخانىنىڭ ھاجەت قاچىسى قىبلە تەرەپكە قاراپ ئورنىتىلىپ قالىدىكەن. شۇ بويىچە ئىشلىتىۋەرسەك گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب: گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى «تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، ئارقاڭلارنىمۇ قىلماڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەر ئەتراپى ئوچۇق جايلاردا تەرەت سۇندۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
بىنالاردا تەرەت سۇندۇرغۇچىنىڭ ئالدى ياكى ئارقىسى قىبلە تەرەپكە بولۇپ قالسا گۇناھ بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ھەدىسلەرمۇ بار.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىرىڭلار تەرەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئولتۇرغاندا، قىبلىگە ئالدىنىمۇ قىلمىسۇن، ئارقىسىنىمۇ قىلمىسۇن»- مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
2- ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ھەفسەنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە ئالدىنى، كەبە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلغان ھالدا تەرەت سۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»- تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
3- مەرۋان ئەلئەسغەر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەرنىڭ، تۆگىسىنى چۆكتۈرۈپ قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ سىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن ئۇنىڭدىن: ئەبا ئابدۇراھمان! بۇنداق قىلىش چەكلەنمىگەنمىدى؟ دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«ئەلۋەتتە چەكلەنگەن، لېكىن ئۇ چەكلىمە ئەتراپى ئوچۇق جايلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەمما سەن بىلەن قىبلە ئارىسىدا سېنى يۆگەپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولسا، قىبلىگە ئالدىڭ ياكى ئارقاڭ بولۇپ قالسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ»- ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
غۇسۇلدىن ئىلگىرى تەرەت ئېلىش شەرتمۇ؟
سوئال: ھەيىزدىن ياكى نىفاستىن (تۇغۇت قېنىدىن) پاك بولغۇچى ئايال غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تاھارەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ غۇسۇل قىلغان كىشى شۇ غۇسلى بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ ياكى غۇسۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئايرىم بىر تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولامدۇ؟
جاۋاب: غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇۋەرسە بولىدۇ. ئايرىم تاھارەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا (كىچىك تاھارەتسىز بولساڭلار) يۈزۈڭلارنى ۋە جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار. بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار ۋە ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ پۇتۇڭلارنى يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار، ئوبدان پاكلىنىڭلار»- مائىدە 5/6.
«وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّى يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار ئوبدان پاكلانغان چاغدا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاكلانغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»- بەقەرە 2/222.
بىرىنچى ئايەتتە، ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى تاھارىتى بولمىسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا ئوبدان پاكلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 43 – ئايىتىدىكى: «جۇنۇپ بولساڭلار غۇسۇل قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن ئىپادە بۇ ئايەتتىكى «ئوبدان پاكلىنىش» نىڭ غۇسۇل قىلىش ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى ئايەتتە، ھەيز ياكى نىفاس (ئايەتتىكى ھەيز كەلىمىسى نىفاسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ پاك ئەمەسلىكىگە ۋە پاك بولغان چېغىدا غۇسۇل قىلىشىنىڭ لازىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى: «ئوبدان پاكلىنىش»مۇ غۇسۇل قىلىش دېگەن بولىدۇ.
يەنى بۇ ئىككى ئايەت جۇنۇپنىڭ، ھەيزدىن پاك بولغۇچى ئايالنىڭ ۋە نىفاستىن پاك بولغۇچى ئايالنىڭ غۇسۇل قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بىرىنچى ئايەتتە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ، تاھارىتى بولمىسا، تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلۇشى، ناماز ئوقۇماقچى بولغان جۇنۇپ كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشقا ئەمەس، غۇسۇل قىلىشقا بۇرۇلغانلىقىغا ۋە بۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقىغا ناھايىتى ئېنىق دالالەت قىلىدۇ.
تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئادەم يا تاھارەتلىك بولىدۇ، بۇ تەقدىردە ئۇ بار بولغان تاھارىتى بىلەن نامىزىنى ئوقۇۋېرىدۇ ياكى تاھارەتسىز بولىدۇ، بۇ تەقدىردە ئۇنىڭ تاھارەتسىزلىكى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك تاھارەتسىزلىكتىن بىرى بولىدۇ:
1- يا كىچىك تاھارەتسىزلىك، بۇ تەقدىردە ئۇ كىچىك تاھارەت ئالىدۇ. بۇ كىچىك تاھارەت، بىرىنچى ئايەتتە كۆرسىتىلگىنىدەك يۈزىنى يۇيۇش، قوللىرىنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، بېشىغا مەسىھ قىلىش ۋە پۇتلىرىنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
2- يا چوڭ تاھارەتسىزلىك، بۇ تەقدىردە ئۇ چوڭ تاھارەت ئالىدۇ. بۇ چوڭ تاھارەت، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئېغىز – بۇرنىنى ئوبدان چايقاش ۋە پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
كىچىك تاھارەت بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولغاندەك، چوڭ تاھارەت بىلەنمۇ ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:
1- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسۇلدىن كېيىن تاھارەت ئالمايتتى» (نەسەئى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، بەيھەقى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان).
2- ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال يا رەسۇلەللاھ! مەن چېچىمنى بەك قاتتىق ئۆرىمەن؛ ئۇنى غۇسۇل ئۈچۈن چۇۋۇيمەنمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «چېچىڭنىڭ تېگىگە ئۈچ قېتىم سۇ تۆككىن، ئاندىن بەدىنىڭنى يۇغىن. شۇنداق قىلساڭ پاكلىنىسەن» (مۇسلىم، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمە بىنتى ھۇبەيشكە: «ھەيزىڭ توختىغاندا غۇسۇل قىل ۋە ناماز ئوقۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىسلەرمۇ غۇسۇلنىڭ پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئېغىز – بۇرۇننى ئوبدان چايقاش ۋە پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
لېكىن غۇسۇلنىڭ بىرقانچە سۈننىتى بار. غۇسۇل قىلغاندا بۇ سۈننەتلەرمۇ ئادا قىلىنسا، ياخشى بولىدۇ؛ ئەگەر ئادا قىلىنمىسا غۇسۇلغا ھېچقانداق دەخلى يەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ سۈننەتلەر غۇسۇلنىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتلىرى ئەمەس. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئۇ سۈننەتلەر: ئالدى بىلەن «بىسمىللاھ…» دېيىش، ئاندىن ئىككى قولنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش، ئاندىن بەدىنىدە نىجاسەت بولسا يۇيۇش، ئاندىن نامازغا ئالغاندەك بىر كىچىك تاھارەت ئېلىش، ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش، سۇنى بېشىدىن باشلاپ قۇيۇش، يۇيۇشنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاش، قولى يەتكەن يەرلەرنى ئۇۋىلاپ يۇيۇش قاتارلىقلاردۇر. (بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ سۈننەتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا غۇسۇل قىلغان كىشى ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. يۇقىرىدىكى شەكىلدە غۇسۇل قىلغان كىشى پەرزلەرنى ئادا قىلىپ غۇسۇل قىلغان بولىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى غۇسۇل قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا جۇنۇپلۇقتىن ياكى ھەيزدىن ۋە ياكى نىفاستىن پاكلانغان بولىدۇ. ھەر ئىككى تۈرلۈك غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ.
ھەيز دېگەن نېمە؟
سوئال: ھەيز دېگەن قانداق نەرسە؟ ئۇ قانداق ئىشلارغا توسالغۇ بولىدۇ؟ ئۇنىڭ مۇددىتى قانچە كۈن؟
جاۋاب: ھەيز ھەر ئاينىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە قىز-خانىملارنىڭ رەھىملىرىدىن مەخسۇس سۈپەتتە كېلىدىغان قاندۇر. ئۇ ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇشقا ۋە ناماز ئوقۇشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُواْ النِّسَاء فِي الْمَحِيضِ وَلاَ تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىَ يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللّهُ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار ئوبدان پاك بولغان چاغدا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى،  ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاكلانغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ›»- بەقەرە 2/222.
بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ھەيز بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ(ھەيز) مەزگىلدە ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئەزىيەتتۇر (زىيانلىقتۇر).
يەنە بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ھەيزدار ئايال ھەيز مەزگىلىدە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە ئاللاھ تائالا ناماز ئۈچۈن تاھارەت (پاكلىق) نى شەرت قىلىدۇ.
قىز-خانىملار ھەيزنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىشى بىلەن كۆرگەنلىكى، ئاللاھ تائالا ھەيزدار ئايالنى پاك ھېسابلىمىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نامازغا تاھارەتنى شەرت قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەيزدار ئايال ھەيز كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە پاك بولغاندىن كېيىن ئۇ كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ئاداسىنى قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان بىر ئىبادەتنىڭ كېيىن قازاسىنى قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بولۇشى بىر زۇلۇمدۇر. ئاللاھ زۇلۇمدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
ھەيزنىڭ مۇددىتى
ھەيزنىڭ مەلۇم مىقداردا بەلگىلەنگەن مۇقىم بىر ۋاقتى يوق. ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيزنىڭ ۋاقتى ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرۈش ئادىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ 3 كۈن، بەزىسىنىڭ 4 كۈن، بەزىسىنىڭ 5 كۈن،…..
بىر ئايال ئادەتتە ھەيز كۆرىدىغان كۈندىن ئارتۇق قان كۆرسە ئۇنىڭ بۇ ئارتۇق كۈندە كۆرگىنى ھەيز ئەمەس، بەلكىدە ئىستىھازە قېنى (خۇن كېسىلى قېنى) ھېسابلىنىدۇ. ئىستىھازە قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم مۇنداق:
ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئاياللار ئىستىھازە بولۇشتىن بۇرۇنقى ئايلىق ئادەت مەزگىلىدە ناماز ئوقۇمايدۇ، باشقا كۈنلەردە كۆرگەن قېنى ئىستىھازە ھېسابلىنىپ ئۇ ئايال ئۈچۈن ئىستىھازەنىڭ (خۇن كېسىلىنىڭ) ھۆكۈملىرى بېرىلىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئايالنىڭ ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئالتە كۈن ھەيز كۆرىدىغان ئادىتى بولسا، ئۇ ئايال ئالتە كۈندىن كېيىنمۇ قان كۆرسە، ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى ئالتە كۈن ئۇ ئايالنىڭ ھەيز ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. قالغان كۈنلەر(دىكىسى بولسا) ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) ھېسابلىنىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبى ھۇبەيش:« يا رەسۇلۇللاھ! مەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالدىم، دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتتە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ ھەبىبىگە: «ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئايال ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قاننىڭ كېلىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ.
بەزى ئاياللاردا ئىستىھازە بولۇشتىن بۇرۇن مەلۇم ئايلىق ئادەت كۈنى بولمايدۇ. تۇنجى قېتىم قان كەلگەندىن تارتىپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. بۇنداق ئاياللار ھەيز بىلەن خۇن كېسىلىنىڭ قېنىنىڭ ئارىسىنى قاننىڭ رەڭگىگە قاراپ ئايرىيدۇ. ھەيزنىڭ قېنى قارامتۇل بولىدۇ. قارامتۇل كەلگىنى ھەيزنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ، قالغانلىرى خۇن كېسىلىنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئايالدىن تۇنجى قېتىم قان كەلدى ۋە بۇ داۋاملاشتى. لېكىن 10 كۈن قاننىڭ رەڭگى قارامتۇل، 20 كۈن قاننىڭ رەڭگى قىزىل كېلىدۇ. رەڭگى قارا بولغىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. قالغانلىرى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاتىمە بىنتى ئەبى ھۇبەيشكە:
«ھەيزنىڭ قېنى رەڭگىنىڭ قارامتۇللىقى بىلەن بىلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ناماز ئوقۇمايسىز، بۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇيسىز. بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك» دېگەن سۆزىدۇر. [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن].
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر