مۇسۇلمانلار

تەيەممۇم

تەيەممۇم
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ»
 «ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار»- مائىدە 5/6.
نىسا سۈرىسىنىڭ 43- ئايىتىنىڭ بىر قىسمىمۇ بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ تاھارەت ۋە غۇسۇل ئۈچۈن سۇ ئىستېمال قىلالمىغان ياكى سۇ تاپالمىغانلارنى توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تەيەممۇم كىچىك تاھارەتنىڭ ھەمدە غۇسۇل تاھارەتنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. غۇسۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تەيەممۇم بىلەن تاھارەتنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تەيەممۇم ئوخشاشتۇر.
تەيەممۇمنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەرگە چىققانىدۇق. بەيدا ياكى زاتۇلجەيش دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەن چېغىمىزدا بويۇنچىقىم چۈشۈپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تېپىش ئۈچۈن توختىدى. شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ توختىدى. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق ئىدى. يېنىمىزدىمۇ سۇ قالمىغان ئىدى. كىشىلەر ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئائىشىنىڭ قىلغان ئىشىغا قارىمامسەن؟ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە باشقىلارنى بۇ يەردە كاشىلا قىلدى. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق. يېنىمىزدىكى سۇمۇ تۈگەپ قالغان تۇرسا! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمغا كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى يوتامنىڭ ئۈستىدە قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئۇ، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەممەيلەننى بۇ يەردە توختىتىپ قويدۇڭ. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق. يېنىمىزدىكى سۇمۇ تۈگەپ قالغان تۇرسا، دەپ ماڭا كايىدى ۋە ئاغزىغا كەلگەننى دەپ قولى بىلەن بېقىنىمغا نوقۇشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشى يوتامنىڭ ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن مەن مىدىرلىيالمىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقىچە سۇ يوق ھالەتتە ئۇخلىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا تەيەممۇم ئايىتىنى نازىل قىلدى ۋە ئۇلار تەيەممۇم قىلدى[1].
ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي بىر تەرەپتە ئايرىم تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ، «ئى پالانى نېمىشقا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمايسەن» دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن جۇنۇپ بولۇپ قالدىم، سۇ يوق، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پاك تۇپراق ئىشلەتكىن، ئۇ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى[2].
تەيەممۇمنىڭ شەكلى
تەيەممۇم ئىككى قۇلىنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ يۈزىنى سىلاش ۋە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ ئىككى قۇلىنى سىلاشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەيەممۇمدا قولىنى يەرگە ئۇرۇپ، يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى سىلىغان[3].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ تەيەممۇم ھەققىدە سوئال سورالغاندا مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا تاھارەتنى بايان قىلغاندا «يۈزلىرىڭلارنى ۋە جەينەكلىرىڭلارغىچە قوللىرىڭلارنى يۇيۇڭلار» دېدى. تەيەممۇمدا بولسا، «يۈزلىرىڭلارنى ۋە قوللىرىڭلارنى سىلاڭلار» دېدى، ئوغرىلىق ھەققىدە «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى بېغىشىدىن كەسكەن ئىدى. ئۇنداقتا تەيەممۇمدا سىلىنىدىغان يەر پەقەتلا يۈز بىلەن ئىككى قولدۇر[4].
سۇ سوغۇق بولۇپ غۇسۇل قىلسا كېسەل بولۇپ قېلىشتىن قورققانلارمۇ كېسەلنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.
ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن زاتۇسسەلاسىل ئۇرۇشىدا سوغۇق بىر كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ قالدىم. غۇسلى قىلسام ھالاك بولۇپ كېتىشىمدىن قورقتۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىپ ھەمراھلىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم. ئۇلار بۇ ھادىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئەمر، سەن جۇنۇپ تۇرۇپ ھەمرالىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟» دېدى. مەن ئۇنىڭغا مېنى غۇسۇل قىلىشتىن توسقان نەرسىنى ئېيتىپ بەردىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مېھرىباندۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كەتتى ۋە ھېچ نەرسە دېمىدى[5].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا يارىدار بىر كىشى ئېھتىلام بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كىشى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇلدى ۋە غۇسلى قىلدى. ئاندىن ئۆلۈپ قالدى. بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالسۇن! بىلمىسە سورىسا بولمامدۇ؟ بىلمەسلىكنىڭ داۋاسى سوراشتۇر. ئۇنىڭ تەيەممۇم قىلىشى ياكى يارىسىنى تېڭىپ، ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى ۋە بەدىنىنىڭ قالغان قىسمىنى يۇيۇشى يېتەرلىك بولاتتى»[6].
سۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئۇقۇغانلار ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇ تاپقان بولسا تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتا ئۇقۇش كېرەك ئەمەس. ئەگەر تاھارەت ئېلىپ قايتا ئوقۇسا ئىككى ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىككى كىشى بىر سەپەرگە چىققان ئىدى. سەپەر ئەسناسىدا نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇ تاپتى. بۇ ئىككى كىشىدىن بىرى تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇدى. يەنە بىرى ئۇنداق قىلمىدى، كېيىن بۇ ئىككى كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇمىغان كىشىگە «سەن سۈننەت بويىچە توغرا ئىش قىلدىڭ ۋە نامىزىڭ يېتەرلىكتۇر» دېدى، تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇغان كىشىگە بولسا: «ساڭا ئىككى ئەجىر بار» دېدى[7].
تەيەممۇمنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر
1 – تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر تەيەممۇمنىمۇ سۇندۇرىدۇ.
2 – سۇنىڭ تېپىلىشى تەيەممۇمنى سۇندۇرىدۇ.
3 – تەيەممۇم قىلىشقا سەۋەب بولغان نەرسىلەرنىڭ يوقىلىشى تەيەممۇمنى سۇندۇرىدۇ.

[1]– بۇخارىي، تەيەممۇم 2، فەزائىلۇسساھابە 5، 30، تەپسىر، نىسا 10، مائىدە 3، نىكاھ 65، 125، لىباس 52، ھۇدۇد 39؛ مۇسلىم، ھەيز 108، مۇۋاتتا، تاھارەت 89؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 123؛ نەسەئىي، تاھارەت 194.

[2]– بۇخارىي، تەيەممۇم 6، 8، مەناقىب 25؛ مۇسلىم، مەساجىد 317؛ نەسەئىي، تاھارەت 203.

[3]– بۇخارىي، تەيەممۇم 6، مۇسلىم، ھەيز 111.

[4]– تىرمىزىي، تاھارەت 110.

[5]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 126.

[6]ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 127؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 93.

[7]ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 128؛ نەسەئىي، غۇسل 27.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر