مۇسۇلمانلار

ئېتىكاپ قانداق ئىبادەت؟

سوئال:
ئېتىكاپنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ قانداق ئىبادەت؟ قانداق يەردە قانداق شەكىلدە قىلىنىدۇ؟
جاۋاب:
لۇغەتتە بىر يەردە ساقلىماق، تۇرماق ۋە ئۆزىنى ئۇ يەردە تۇتماق، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئېتىكاپ، فىقىھ ئىستىلاھىدا بىر مۇسۇلماننىڭ بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇلىدىغان بىر مەسچىتتە ئىبادەت نىيىتى بىلەن بىر مۇددەت تۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
دېمەككى ئېتىكاپ بىر ئىبادەتتۇر. بۇ ئىبادەت قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ»
«مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولماڭلار»- بەقەرە 2/187.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى رامىزان روزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتنىڭ ئىچىدە زىكىر قىلىنىدۇ. ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كېچىسىدە مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
باشقا بىر ئايەتتە بۇ ئىبادەتنىڭ ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِنْ مَقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى وَعَهِدْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلارنىڭ ساۋاب قازىنىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يېرى قىلغان ئىدۇق. سىلەر ئىبراھىمنىڭ تۇرغان يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى دۇئا يېرى قىلىڭلار. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاكىز تۇتۇڭلار› دەپ تاپىلىغان ئىدۇق»- بەقەرە 2/125.
دېمەككى، بۇ ئىبادەت (ئېتىكاپ) ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش پۈتۈن ئۇممەتلەردە بار.
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
1- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام) رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر مۇشۇنداق داۋاملاشتى. رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئاياللىرى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى[1].
2- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام) ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا ناماز بامداتنى ئوقۇپ ئاندىن ئېتىكاپخانىسىغا كىرەتتى[2].
3- ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى[3].
4- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. ۋاپات بولغان يىلى 20 كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇردى[4].  
5- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام) مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان چېغىدا بېشىنى ماڭا ئۇزىتاتتى، مەن تاراپ قوياتتىم. ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان چېغىدا ئۆيگە بىر ئېھتىياجى بولمىسا كىرمەيتتى[5].
6- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان كىشىنىڭ كېسەل يوقلىماسلىقى، جىنازىغا قاتناشماسلىقى، ئايالىغا يېقىنلاشماسلىقى، زۆرۈر ئېھتىياجدىن باشقا بىر ئىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماسلىقى لازىم. روزىسىز ئېتىكاپ بولمايدۇ، ئېتىكاپ پەقەت چوڭ جامەدىلا بولىدۇ[6].

[1]بۇخارى، ئېتىكاپ 1-18، ئەزان 12، 135، ھەيز 10؛ مۇسلم، ئېتىكاپ 1-16؛ ئەبۇ داۋۇد، رامىزان 3، سەۋم 77؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 11/67، 129.

[2]– بۇخارى، ئېتىكاپ (2041)؛ مۇسلىم، ئېتىكاپ (1173)؛ ئەبۇ داۋۇد، سەۋم (2464)؛ تىرمىزى، سەۋم (791).

[3]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[4]– بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

[5]– بۇ خارى ۋە مۇسلىم.

[6]–  ئەبۇ داۋۇد، سەۋم (2473).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر