مۇسۇلمانلار

چوڭ تاھارەت

2 – چوڭ تاھارەت (غۇسۇل)
غۇسۇل پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان بىر خىل تاھارەت بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّى تَغْتَسِلُوا»
«جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار»- نىسا 4/43.
«وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا»
«ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار»- مائىدە 5/6.
ئاللاھ تائالا بۇ سۆزلىرىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنى چوڭ تاھارىتى بولمىسا (يەنى جۇنۇپ بولسا) غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ ئوبدان پاكلىنىپ ئاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.
جۇنۇپلۇق ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش بىلەن ياكى ئېھتىلام بولۇش بىلەن مەيدانغا كېلىدىغان بىر تاھارەتسىزلىكتۇر. بۇنىڭدا ئەر ۋە ئايال ئوخشاشتۇر.  
ھەيزدارلىق ۋە نىفاسدارلىقمۇ چوڭ تاھارەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّى يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار ئوبدان پاكلانغان چاغدا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»- بەقەرە 2/222.
بۇ ئايەتتىكى «ئوبدان پاكلىنىش»نىڭ مەنىسى غۇسۇل قىلىش، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى «ئوبدان پاكلىنىش» بىلەن مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدىكى «ئوبدان پاكلىنىش» ئوخشاش ئىپادىلەردۇر. ئۇ ئىپادىنىڭ غۇسۇل قىلىش مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى نىسا سۈرىسىنىڭ 43- ئايىتى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ھەيز جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ–يېتىلگەن قىز/خانىملارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا بالىياتقۇسىدىن قان كېلىش ھادىسىسىدۇر. ۋاقتى ئادەتتە ئۇچ كۈندىن ئون كۈنگىچە بولىدۇ. نىفاس ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالىياتقۇدا توپلانغان ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كەلگەن قان بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكمى ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئايەتتىكى ھەيز كەلىمىسى نىفاسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[1]
چوڭ تاھارەتنىڭ (غۇسۇلنىڭ) شەكلى
غۇسۇل تاھارەت ئالماقچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئىككى قۇلىنى يۇيىدۇ. ئاندىن نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئالىدۇ. ئاندىن چاچلىرىنىڭ تېگىنى ئارىلاپ يۇيىدۇ. ئاخىردا پۈتۈن بەدىنىنى ئالا قويماي يۇيىدۇ. ئەگەر غۇسۇل قىلغان سۇ پۇتىنىڭ ئەتراپىدا يىغىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا پۇتىنى ئەڭ ئاخىردا يۇيىدۇ. ئايال كىشى ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى غۇسۇل قىلغاندا چۇۋۇمىسىمۇ بولىدۇ. چېچىنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتكۈزسە كۇپايە. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنابەتتىن غۇسۇل قىلغاندا ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن كېيىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بارماقلىرىنى سۇغا تىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن چېچىنىڭ تېگىنى ئارىلايتتى. بېشىنىڭ تېرىسىگە سۇ يەتكەنلىكىگە قانائەت قىلغاندا ئۈستىگە ئۈچ قېتىم سۇ تۆكەتتى. ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان قىسىمىنى يۇياتتى. ئاندىن ئىككى پۇتىنى يۇياتتى»[2].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر بىر تۈكنىڭ تېگىدە جۇنۇپلۇق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن چاچلارنى يۇيۇڭلار، تېرىنى پاكىزلاڭلار[3].
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جىنابەت ئۈچۈن قىلىنىدىغان غۇسۇل توغرىسىدا سوئال سورالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: غۇسلى قىلىدىغان كىشى ئەر بولسا، چېچىنى چۇۋۇپ سۇ چاچلىرىنىڭ تېگىگە يەتكەنگە قەدەر يوسۇن . ئايال بولسا، چېچىنى چۇۋۇمىسمۇ بولىدۇ. بېشىغا ئۈچ ئوچۇم سۇ تۆكسۇن[4].
ئېھتىلام بولغان كىشىنىڭ غۇسۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئېھتىلام بولغانلىقىنىڭ ئېسىدە بولۇپ بولمىغانلىقى ئەمەس بەلكى مەنىنى كۆرۈشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، بىر كىشى كىيىم-كېچىكىدە ھۆللۈك ئۇچراتسا، لېكىن ئېھتىلام بولغانلىقى ئېسىدە بولمىسا، غۇسۇل قىلىشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغان ئىدى، «ھەئە، غۇسۇل قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئېھتىلام بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھۆللۈك ئۇچراتمىسىچۇ؟ دەپ سورالدى، «غۇسلى قىلىشى كېرەك ئەمەس» دېدى. ئۇممى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى ئايال كىشى كۆرسىمۇ غۇسلى قىلىشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، بۇنىڭغىمۇ «ھەئە، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئوخشاشلىرىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى[5].
ھەيزدار ۋە نىفاسدارنىڭ غۇسلى
ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايالنىڭ غۇسلى قىلىشىمۇ جۇنۇپنىڭ غۇسلى قىلىشىغا ئوخشايدۇ. لېكىن ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئاياللار غۇسۇل قىلىش جەريانىدا پاكىز بىر لاتا بىلەن قاننىڭ ئىزلىرىنى سۈرتىدۇ ۋە خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىدۇ[6].
 يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن كىشى غۇسۇل قىلىدۇ
قەيس ئىبنى ئاسىم مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇسۇلمان بولماقچى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ مېنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن غۇسۇل قىلىشقا بۇيرىدى[7]. تىرمىزىي بىلەن نەسەئىي ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولۇپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئۆلۈپ قالغان مۇسۇلمان كېپەنلىنىشتىن بۇرۇن غۇسۇل قىلدۇرۇلىدۇ
ئۇممۇ ئەتىييە ئەل ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى (زەينەپ) ۋاپات بولغاندا يېنىمىزغا كىرىپ، ئۇنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۈچ ياكى بەش ۋە ياكى زۆرۈر دەپ قارىساڭلار ئۇنىڭدىن كۆپرەك يۇيۇڭلار. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا كافۇر قويۇڭلار. يۇيۇش ئاخىرلاشقاندا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، دېدى. بىز ئىشنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدۇق. ئۇ بىزگە تاشقى كىيىمىنى بەردى. ئاندىن «ئۇنى ئاۋۋال بۇنىڭ بىلەن كېپەنلەڭلار» دېدى[8]. بۇخارىي بىلەن مۇسلىم يۇغۇچى ئاياللارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ چېچىنى ئۈچ ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈپ ئارقىسىغا قويغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ.
مېيىتنى يۇغان كىشىنىڭ غۇسۇل تاھارەت ئېلىۋىتىشى ياخشى ئىشتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مېيىتنى يۇغان كىشى غۇسۇل قىلسۇن» دېگەن ئىدى[9].
جۈمە نامىزى ئۈچۈن غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ بېرىش ياخشى ئىشتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالاغەتكە يەتكەن ھەر قانداق كىشى جۈمە ئۈچۈن غۇسلى قىلىشى، مىسۋاك قىلىشى ۋە تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى لازىم»[10].
غۇسلى قىلغۇچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1 – نىيەت قىلىش. لېكىن نىيەتنى ئاغزىدا تەلەپپۇز قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. غۇسلى بىلەن چوڭ تاھارەتسىزلىكنى يوقىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈش نىيەت ھېسابلىنىدۇ.
2 – ئىككى قولنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش.
3 – ئەۋرىتىنى يۇيۇش.
4 – نورمال ئەھۋالدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش. غۇسلى قىلغان يەرگە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى پۇتىنى كېيىن يۇيۇش.
5 – بېشىغا سۇ قۇيۇش ۋە ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ پۈتۈن بەدەننى مۇكەممەل ئۈچ قېتىم سىلاپ يۇيۇش.
6 – غۇسلى قىلىش جەريانىدا ئىككى قۇلاقنىڭ ئىچى، كىندىك، پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش.
7 – ئايال كىشىنىڭ غۇسلى قىلىشى ئەركىشىنىڭ غۇسلى قىلىشىغا ئوخشاش. لېكىن چېچى ئۆرۈلگەن بولسا، ئۆرۈلگەن چاچنى چۇۋۇش شەرت ئەمەس، پەقەت چاچنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتسە كۇپايە قىلىدۇ.

[1]– ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مۇددىتى ئىچىدە ھەيز كۆرمەيدۇ. بۇ مۇددەت ئىچىدىكى ھەيزلەر بالىياتقۇدا توپلىنىپ تۇغۇتتىن كېيىن كېلىدۇ ۋە ئەڭ ئارتۇق بولغاندا 40 كۈن داۋاملىشىدۇ.

[2]– بۇخارىي، غۇسل 1، 15، 19؛ مۇسلىم، ھەيز 35؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 67؛ ئەبۇ داۋدۇد، تاھارەت 98؛ نەسەئىي، تاھارەت 152، 153، 155، 156، 157؛ تىرمىزىي، تاھارەت 76.

[3]ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 98؛ تىرمىزىي، تاھارەت 78.

[4]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 100.

[5]ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 95؛ تىرمىزىي، تاھارەت 82.

[6]– بۇخارىي، ھەيز 13، 14، ئىئتىسام 24؛ مۇسلىم، ھەيز 60، 61؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 122، نەسەئىي، تاھارەت 159.

[7]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 131؛ تىرمىزىي، سالات 429؛ نەسەئىي، تاھارەت 127.

[8]– بۇخارىي، جەنائىز، 8- 17؛ مۇسلىم، جەنائىز 36؛ مۇۋاتتا، جەنەئىز 2؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 33؛ تىرمىزىي، جەنائىز 15؛ نەسەئىي، جەنائىز 28، 30-36.

[9]ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 39؛ تىرمىزىي، جەنائىز 17.

[10]بۇخارىي، جۇمۇئە 2-3، 12، ئەزان 161، شاھادا 18؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 5؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 4، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ نەسەئىي، جۇمۇئە 6، 8.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر