مۇسۇلمانلار

پاكىزلىق 4

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
1- مىھسەننىڭ قىزى ئۇممۇ قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېخى تاماق يەپ باقمىغان بوۋاق ئوغلۇمنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزدى، بوۋاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ ئەكەلدۈرۈپ، كىيىمىگە سۇ سەپتى، يۇمىدى»[1].
2- لۇبابە بىنتى ھارىس مۇنداق دەيدۇ: «ئەلىي رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ھەسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇچىقىدا ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى. مەن: «يا رەسۇلەللاھ! باشقا بىر كىيىم كىيىپ، ئۈستىلىرىدىكى كىيىمنى ماڭا بەرسىلە يۇيۇپ بېرەي» دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا جاۋاب بېرىپ، «قىز بالىنىڭ سۈيدۈكى بولغان بولسا، يۇيۇۋېتىش كېرەك ئىدى، لېكىن ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكى سۇ سېپىۋېتىش بىلەن پاكىزلىنىدۇ» دېدى[2].
3- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتىكى چېغىمىزدا بىر سەھرالىق ئەرەب كېلىپ، مەسچىتنىڭ ئىچىگە سىيىشكە باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭغا: «توختا، ھەي! توختا!» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشقا ئارىلىشىپ «ئۇنى سىيىشتىن توسماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. ئۇ كىشى ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېنىغا چاقىردى ۋە: «بۇ مەسچىتلەر سۈيدۈك ۋە نىجاسەت ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈنلا ياسالغان» دېدى ۋە جامائەتتىن بىرىنى بۇيرىدى، بۇيرۇققا ئاساسەن ئۇ كىشى دەرھال بىر چېلەك سۇ ئەكېلىپ، سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋەتتى[3].
بۇ ھەدىسلەر سۈيدۈكنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا بەدەندىن ۋە كىيىمدىن سۈيدۈك يۇقۇپ قالغان يەرلەرنى يۇيۇپ پاكلاشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
4- ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال ماڭا: مەن ئېتىكى ئۇزۇن كىيىم كىيىمەن ۋە پاسكىنا يەردە ماڭىمەن، دېدى. مەن ئۇ ئايالغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇنى كېيىنكىسى پاكلايدۇ» دېگەن سۆزىنى سۆزلەپ بەردىم[4].
5- بەنى ئابدۇل ئەشھەل قەبىلىسىدىن بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ مەسچىتكە بارىدىغان يولىمىز سېسىقچىلىق بىر يول. يامغۇر ياغسا قانداق قىلىمىز؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يولدىن كېيىن باشقا پاكىزراق يول يوقمۇ؟» دېدى. مەن: ھەئە بار، دېگەن ئىدىم. ئۇ، «مانا بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاكلىنىدۇ» دېدى[5].
6- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بىر كىشى ئاياغ كىيىمى بىلەن نىجاسەتكە دەسسىگەن بولسا، بىلسۇنكى توپا ئۇنى پاكىزلايدۇ»[6].
7 –ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە يۇقۇپ قالغان مەنىينى يۇياتتىم. ئۇ كىيىمىنىڭ يۇيۇلغان يېرى قۇرۇماستىن نامازغا چىقاتتى»[7].
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە ئائىشە رەزەيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىدىن يۇقۇپ قالغان مەنىينى ئۇۋۇلاپ چىقارغانلىقىمنى بىلىمەن. ئۇ، شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇيتتى». باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ كىيىمىدىن قۇرۇق مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىمەن»[8].
8 –ئەسما بىنتى ئەبى بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، كىيىمىگە ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاۋۋال سۈرتىۋېتىدۇ، ئاندىن كېيىن سۇ تۆكۈپ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن قاننىڭ ئىزى يوقالغانغا قەدەر ئۇۋۇلايدۇ. ئاخىرىدا يۇيىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋېرىدۇ»[9].
9- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىرىمىزنىڭ بىر دانىدىنلا كىيىمى بولاتتى. ئۇنىڭدا ھەيز كۆرەتتى. ئۇنىڭغا ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالسا، ئۇنى تۈكۈرۈكى بىلەن ھۆل قىلاتتى. ئاندىن ئۇنى تىرنىقى بىلەن ئۇۋۇلۇۋېتەتتى»[10]. يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىرىمىز ھەيز كۆرەتتى. كېيىن پاك بولغان چېغىدا يۇقۇپ قالغان قاننى ئۇۋۇلاپ يۇياتتى ۋە كىيىمىنىڭ قالغان قىسمىغا سۇ سېپىۋېتەتتى. ئاندىن شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇيتتى»[11].
10 –ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قاچىغا ئىت چېپىلىپ قويسا، ئۇ قاچا يەتتە قېتىم يۇيۇش بىلەن پاكىزلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق يۇيۇش توپا بىلەن بولۇشى لازىم»[12].
11 –ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئىتلار مەسچىتكە كىرىپ – چىقاتتى، بۇ سەۋەبتىن ساھابىلەر ھېچبىر يەرگە سۇ سەپمەيتتى»[13].
12 – ئىبنى ئەبى قەتادەنىڭ ئايالى كەبەشە بىنتى كەئب ئىبنى مالىك مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ قەتادە يېنىمغا كىردى. ئۇنىڭغا تاھارەت سۈيى ھازىرلىدىم. بۇ ئەسنادا تاھارەت سۈيىدىن ئىچىش ئۈچۈن بىر مۈشۈك كەلدى. ئەبۇ قەتادە مۈشۈككە قاچىنى تەڭلەپ تۇردى. ئەبۇ قەتادە مېنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ، ئى قېرىندىشمىنىڭ قىزى! ھەيران قېلىۋاتامسەن؟ دېدى. مەن، – ھەئە، دېدىم. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۈشۈك نىجىس ئەمەس. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا ئايلىنىپ يۈرگۈچىلەردىن» دېگەن، دېدى[14].
13- داۋۇد ئىبنى سالىھ ئىبنى دىنار ئەت – تەممار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ كىشىنىڭ ئانىسى مۇنداق دېگەن: خوجايىنىم مېنى ھەرىيسە[15] بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. كەلسەم ئائىشە ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، ماڭا قولۇڭدىكىنى قويۇپ قوي، دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. مەن قويۇپ قويغان ئىدىم بىر مۈشۈك كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېدى. ئائىشە نامازدىن پارىغ بولۇپ، مۈشۈك يېگەن يەردىن يېدى ۋە مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۈشۈك نىجىس ئەمەس. ئۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا ئايلىنىپ يۈرگۈچىلەردىن» دېگەن ئىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشۈك ئىچىپ ئېشىپ قالغان سۇ بىلەن تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم»[16].
14- مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سېرىق مايغا چۈشۈپ كەتكەن چاشقان توغرۇلۇق سوئال سورالغان ئىدى، ئۇ «چاشقاننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپ مېيىڭلارنى يەۋېرىڭلار» دېدى[17]. ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان باشقا بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر چاشقان چۈشۈپ كەتكەن ماي ئۇيۇغان ماي بولسا، چاشقاننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار. ئەگەر ماي سۇيۇق بولسا، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار» دەيدۇ[18].
15 –ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قوينى ئوبدان سويالمايۋاتقان بىر خىزمەتچىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا: «بۇياققا ئۆت، مەن ساڭا كۆرسىتىپ قوياي» دېدى. ئاندىن دەرھال قولىنى تېرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ، قولىنى قولتۇقىغىچە تىرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىغا ماڭدۇردى. كېيىن بېرىپ تاھارەت ئالماستىن كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى[19].
 16- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ قالغان بىر قوينىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، «بۇنىڭ تېرىسىدىن نېمىشقا پايدىلانمىدىلار؟» دېگەن ئىدى. كىشىلەر، – چۈنكى بۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بىر ھايۋان، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: – «ئۇنى يېيىش ھارام»، دېدى[20].
17 –ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «تېرە ئاشلانسا پاك بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم[21].   
18 –ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن مەزىيى كۆپ بىر كىشى ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى مەندە بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى سوراشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ كىشى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «تاھارەت ئالغىن ۋە زەكىرىڭنى يۇيۇۋەتكىن» دېگەن[22].

[1]– بۇخارىي، كىتابۇل ۋۇدۇئ 59؛ مۇسلىم، تاھارەت 103؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 110؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 139؛ تىرمىزىي، تاھارەت 54؛ نەسەئىي، تاھارەت 189.

[2]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 137.

[3]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 57 – 58، ئەدەب 35؛ مۇسلىم، تاھارەت 99؛ نەسەئىي، تاھارەت 45.

[4]– مۇۋاتتا، تاھارەت 16؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 140؛ تىرمىزىي، تاھارەت 109.

[5]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 140.

[6]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 141.

[7]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 64-65؛ مۇسلىم، تاھارەت 108؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 136؛ تىرمىزى، تاھارەت 85-86؛ نەسەئىي، تاھارەت، 187-188.

[8]– مۇسلىم، تاھارەت 105- 109.

[9]– بۇخارىي، ھەيز 9، ۋۇدۇ 63؛ مۇسلىم، تاھارەت 110؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 103؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 132؛ تىرمىزىي، تاھارەت 104؛ نەسەئىي، تاھارەت 185.

[10]– بۇخارىي، ھەيز 11؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 132.

[11]– بۇخارىي، ھەيز 9؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 107، 142؛ نەسەئىي، تاھارەت 179.

[12]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 33؛ مۇسلىم، تاھارەت 97؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 35؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 37؛ تىرمىزىي، تاھارەت 68؛ نەسەئىي، تاھارەت 7.

[13]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 33؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 139.

[14]– مۇۋاتتا، تاھارەت 13؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 38؛ تىرمىزىي، تاھارەت 69؛ نەسەئىي، تاھارەت 54.

[15]– يارما ۋە گۆش بىلەن ياسىلىدىغان بىر خىل تاماق.

[16]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 38.

[17]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 67، زەبائىھ 34؛ مۇۋاتتا، ئىستىئزان 20؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 49؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 8؛ نەسەئىي، فەرئ ۋە ئەتىرە 9 (4258).

[18]– ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 49 (3842). بۇ رىۋايەت نەسەئىيدىمۇ ئۆتىدۇ- نەسەئىي، فەرئ ۋە ئىتىرە 9 (4260).

[19]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 73.

[20]– بۇخارىي، بۇيۇ، 101، زەكات 61؛ زەبائىھ 30؛ مۇسلىم، ھەيز 100، 103، 104؛ مۇۋاتتا، سەيد 16؛ ئەبۇ داۋۇد، لىباس 41؛ تىرمىزىي، لىباس 7؛ نەسەئىي، فەرئ ۋە ئەتىرە 9.

[21]– مۇسلىم، ھەيز 105.

[22]– بۇخارىي، غۇسل 13.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر