مۇسۇلمانلار

پاكىزلىق 3

2- ماددىي پاكىزلىق
 ماددىي پاكىزلىق بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ قىلىشى پەرز بولغىنى ھەدەستىن ۋە خۇبستىن پاكلىنىشتۇر. ئالدى بىلەن پاكىزلىق قورالىنى، بۇ ئىككى كىرنى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش يوللىرىنى ئوتۇرىغا قويىمىز، ئاندىن باشقا پاكىزلىقلار ئۈستىدە بىر-بىرلەپ توختىلىمىز.
ئا- پاكىزلىق قورالى
1- سۇ
سۇ پاك ۋە باشقا نەرسىلەرنى پاكىزلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سۇيۇق جىسىمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَأَنزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً طَهُوراً}
«بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق»- فۇرقان 25/48.
بۇ ئايەتتىكى سۇ- يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر سۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دېڭىز سۈيى بىلەن تاھارەت ئالساق بولامدۇ» دەپ سورىغان كىشىگە: «دېڭىزنىڭ سۈيى پاكتۇر ۋە پاكلىغۇچىدۇر»[1] دېگەن سۆزىدىن دېڭىز–ئوكيان سۇلىرىنىڭمۇ پاكلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر چېلەك زەمزەم سۈيى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىچكەنلىكى ۋە تاھارەت ئالغانلىقى مەلۇم [2]. بۇ قۇدۇق ۋە بۇلاق سۇلىرىنىڭ پاكىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېرىق–ئۆستەڭ ۋە دەريالارنىڭ سۇلىرى قار، يامغۇر ياكى بۇلاق سۇلىرىدىن ھاسىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارمۇ پاك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولىدۇ.
2- پاك تۇپراق
تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغان كىشى ئۈچۈن پاك تۇپراق سۇنىڭ ئورنىدا بولىدۇ ۋە ئۇ كىشى پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ نامىزىنى ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە كېيىنچە قايتا توختىلىمىز.
 ئە-ھەدەس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش
 ھەدەس تاھارەتسىزلىك ياكى جۇنۇپلۇق سەۋەبىدىن ئىنساندا پەيدا بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان پاسكىنىلىق (ھۆكمىي نىجاسەت) دېگەن بولىدۇ[3]. بۇنى يوقىتىش ئەھۋالغا قاراپ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ۋە ياكى تەيەممۇم قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن چاغدا ئۇ نامازنى قىلماقچى بولغانلار تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا بىر ھۆكۈم، كېسەللىك ياكى يولۇچىلىقدەك سەۋەبلەرنىڭ تۈپەيلىدىن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتەلمەيدىغانلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىشلىرىغا رۇخسەت بېرىلىشىدۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىسى مۇنداق:
«تاھارەتسىز ئوقۇلغان ھېچبىر ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»[4].
«تاھارىتى سۇنغان كىشىنىڭ نامىزى قايتا تاھارەت ئالمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايدۇ»[5].
يۇقىرىدىكى ئايەت مەزكۇر ھەدەستىن پاكلىنىشنى (تاھارەتنى) تەرىپلەش بىلەن بىرگە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللارنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ. ئايەتكە ئاساسەن، تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرىنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. يەنى ئالدى ۋە ئارقا تەرەت يوللىرىدىن چىققان  ھەر نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بۇ نەرسىلەر ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا چىقسىمۇ ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.
كىشى ئۇخلىغان چېغىدا تۇيماستىن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ دەرىجىسى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يېتىپ ياكى بىر نەرسىگە يۆلۈنۈپ ئۇخلاش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۈگدەش بولسا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ.
غۇسۇل پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى جۇنۇپلۇقتۇر. سۇ تاپالمىغانلىقتىن ياكى سۇنى ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن تاھارەت ئالالمىغان ياكى غۇسۇل قىلالمىغان كىشى پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاھارەتنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم بىلەن غۇسۇلنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم ئوخشاشتۇر.
 ب-خۇبس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش
خۇبس ماددىي نىجاسەت دېگەن بولۇپ مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى پاكىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلار ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ، ناماز ئوقۇلىدىغان كىيىمنىڭ ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ بۇ نىجاسەتتىن پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
1- ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ پاكىز بولۇشى
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَعَهِدْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«بىز ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاكىز تۇتۇڭلار› دەپ تاپىلىغان ئىدۇق»- بەقەرە 2/125.
«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«بىز ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: ‹ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت›»- ھەج 22/26.
 مانا بۇ ئايەتلەر ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
2- ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنى ۋە كىيىمىنىڭ پاكىز بولۇشى
ئاللاھ تائالانىڭ مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى «كىيىملىرىڭنى پاك تۇت)» دېگەن مەنىدىكى سۆزى كىيىملەرنىڭ ھەر دائىم پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نامازنىڭ سىرتىدا پاكىز بولۇشى كېرەك بولغان كىيىمنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادىتى بولغان نامازدا پاكىز بولۇشىنىڭ نامازنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى بولۇشى ئېنىق.
ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە بەقەرەنىڭ 222- ئايىتىدىكى ۋە سۈرە تەۋبەنىڭ 108- ئايىتىدىكى «ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى يۇقىرىدىكى پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»[6] دېگەن سۆزى پۈتۈن بۇ پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

[1]– مۇۋاتتا، تاھارەت 12، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 41، تىرمىزىي، تاھارەت، 52، نەسەئىي، مىياھ 5.

[2]– مۇسنەدى ئەھمەد، دارۇلفىكر باسمىسى، 1 – توم، 76 – بەت.

[3]– رەھمى ياران، «ھەدەس»- دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1997، 15- جىلد، 1- بەت.

[4]– مۇسلىم، تاھارەت 2 (224)؛ تىرمىزى، تاھارەت 1؛ نەسەئى، تاھارەت 103، زاكات 48؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 2؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/51، 73.

[5]– بۇخارى، ھىيەل 2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2 (225)؛ تىرمىزى، تاھارەت 56؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/318.

[6]– مۇسلىم، تاھارەت 1 (223).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر