مۇسۇلمانلار

پاكىزلىق 2

1- مەنىۋى پاكىزلىق
مەنىۋى پاكىزلىق مەنىۋى نىجاسەت بولغان شېرىك، شەك، ھەسەت، ئاداۋەت، ساختىلىق، تەكەببۇرلۇق، ماختانچاقلىق، رىياگەرلىك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە باشقا پۈتۈن گۇناھلاردىن پاكلانماقتۇر. بۇ قەلبنى شېرىك، شەك، ھەسەت، ئاداۋەت ۋە يامان نىيەتلەردىن پاكىزلاپ ئۇنىڭغا تەۋھىد، ئىخلاس ۋە كەسكىن ئىلىم قاتارلىقلارنى يەرلەشتۈرۈش بىلەن، نەپسىنى سەمىمىي تەۋبە قىلىش ئارقىلىق گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن پاكىزلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مانا بۇ مەنىۋى پاكىزلىقتۇر، شۇنداقلا ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىس بۇ مەنىۋى نىجاسەتلەرگە دالالەت قىلىدۇ.
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلاَ يَقْرَبُواْ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَـذَا}
«ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار نىجىستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ يىلدىن كېيىن مەسجىدى ھەرامغا يېقىنلاشمىسۇن»- تەۋبە 9/28.
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنصَابُ وَالأَزْلاَمُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ}
«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- مائىدە 5/90.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ»[1].

[1]بۇخارى، غۇسل، 23، 34؛ مۇسلىم، ھەيز 115 (371)؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 97 (231)، تىرمىزى، تاھارەت 89 (121)؛ نەسەئى، تاھارەت 172 (1، 145، 146)؛ ئىبنى ماجە.، تاھارەت 80 (534).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر