مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا پاكىزلىق1

تاھارەت ھەققىدە ساۋات
مۇقەددىمە
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
«تاھارەت» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ لۇغەت مەنىسى پاك بولماق، تازىلانماق، دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىستىلاھىي (تېرىم) مەنىسى بولسا ماددىي كىرنى (نىجاسەتنى، خۇبسنى) ياكى مەنىۋى كىرنى (ھەدەسنى) يوقىتىش، دېگەن بولىدۇ[1]. بىرىنچىسى ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى بەدەننى، كىيىمنى ۋە ئورۇننى ماددىي نىجاسەتتىن تازىلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككىنچىسى ھاجەتخانىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن نامازغا تۇرۇشتىن ئىلگىرى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن، جۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەيز ياكى نەفاس توختىغاندىن كېيىن نامازغا تۇرۇشتىن ئىلگىرى چوڭ تاھارەت (غۇسۇل تاھارەت) ئېلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككى تاھارەت سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغان تەقدىردە تەيەممۇم قىلىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. 
 ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دىنى باشقا بارلىق دىن ۋە پۈتكۈل نىزاملارنىڭ ئىچىدە پاكىزلىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان يېگانە دىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىن ئۆز مەنسۇبلىرىنى ئىچىنى، تېشىنى، كىيىمىنى ۋە مۇھىتىنى پاكلاشقا ۋە پاك تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى دىلىنى باتىل ئېتىقاد، يامان نىيەت ۋە ھەسەت قاتارلىق مەنىۋى كىرلەردىن، تىلىنى يالغان سۆز، يامان سۆز ۋە يالغان قەسەم قاتارلىق مەنىۋى كىرلەردىن، پۇت-قول ئەزالىرىنى يامان ئىش، ھارام ئىش، ناتوغرا ئىش ۋە ناھەق ئىش قاتارلىق مەنىۋى كىرلەردىن، بەدىنىنى، كىيىم-كىچىكىنى ۋە مۇھىتىنى نىجاسەت، مەينەتچىلىك، پاسكىنىچىلىق قاتارلىق ماددىي كىرلەردىن  پاكلاشقا ۋە پاك تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ[2]. ھەتتا بۇ دىندا بەزى ئىبادەتلەر پاكىزلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلاَتَكَ سَكَنٌ لَّهُمْ وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾
«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- تەۋبە 9/103.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر نەرسىنىڭ بىر زاكىتى (پاكىزلىغۇچىسى) بار. بەدەننىڭ زاكىتى بولسا، روزا تۇتۇشتۇر»[3]
قىسقىسى بۇ دىندا ھايات پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، مەسىلەن:
1- شېرىك بىلەن بۇلغانغان ئىماننىڭ[4]، رىيا بىلەن كىرلەنگەن ئىبادىتنىڭ[5]، ناتوغرا يوللاردىن تاپقان پۇل-مال بىلەن قىلىنغان سەدىقىنىڭ[6] قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2- بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش قېتىم ئوقۇلۇشى پەرز قىلىنغان نامازنىڭ ھەر قېتىمىدا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىنى ۋە تېشىنى پاكلىشى پەرز قىلىنغان[7]. ھەج ۋە روزا ئىبادەتلىرىدە تىلنىڭ ۋە دىلنىڭ پاكلىقى شەرت قىلىنغان[8].
3- غۇسۇل قىلىش چوڭ تاھارەتسىزلىك شەرتىگىلا باغلىق قىلىنماستىن، بەلكىدە ھەر بىر مۇسۇلمان ھەپتىدە ئەڭ ئاز بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا تەشۋىق قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن جۈمە نامىزىغا كېلىدىغان كىشى يۇيۇنسۇن»[9]، «جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق كىشىگە زۆرۈردۇر»[10].
4- تاھارەت بولسۇن، غۇسۇل بولسۇن مۇكەممەل بولۇشى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش تەشۋىق قىلىنغان[11].
5- مۇسۇلمانلارغا تاھارەت سۇنمىغىچە بىر قانچە ۋاقىتنىڭ نامىزىنى بىرلا تاھارەت بىلەن ئوقۇشقا رۇخسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم–ئايرىم تاھارەت ئېلىشقا تەشۋىق قىلىنغان[12]
6- مۇسۇلمانلار قول بىلەن ئېغىزغا ئوخشاش تەن سالامەتلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەزالارنىڭ يۇيۇلۇشى تاھارەت ئالغاندىلا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى قوللارنى يۇيۇشقا بۇيرۇغان[13]
7- مۇسۇلمانلار قول بىلەن ئېغىزنى تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن يۇيۇشتىن باشقا، سۈتكە ئوخشاش ياغلىق نەرسىلەرنى يەپ–ئىچكەندىن كېيىنمۇ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان[14]. بولۇپمۇ يېتىشتىن بۇرۇن قوللارنىڭ پاكىز بولۇشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن[15]. تاھارەت بىلەن يېتىشمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان[16].
8- مۇسۇلمانلار ئېغىز تازىلىقى ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىشكە تەشۋىق قىلىنغان[17]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تەشۋىقنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن قىلغان. چۈنكى ئۇ مىسۋاكنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئىشلىتىپلا قالماستىن، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ پات–پات ئىشلىتىپ تۇراتتى[18]. ھەتتا ھەر قېتىم نامازغا چىقىشتا، ھەر قېتىم ئۆيگە كىرگەندە، كېچە ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغلىرىدا بىرىنچى قېتىم قىلىدىغان ئىشى چىشلىرىنى مىسۋاكلاش ئىدى[19]
9- مۇسۇلمانلار تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن بەدەنگە ۋە كىيىم كېچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاھارەت يوللىرىنى سۇ بىلەن[20]، سۇ يوق يەردە باشقا تازىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن تازىلاشقا بۇيرۇلغان[21].
10- بۇ دىندا بەدەن ۋە تۇرالغۇ جايلارنىڭ پاكىز بولۇشىدىن باشقا ناماز ئوقۇلىدىغان يەرلەرگە ئوخشاش ئاممىۋى ئىبادەت ۋە پائالىيەت سورۇنلىرنىڭمۇ ھەر خىل نىجاسەتتىن پاكىزلىنىشى ۋە پاك تۇتۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى يوللارغا، ئېرىق–ئۆستەڭلەرگە ئوخشاش سۇ ئاقىدىغان يەرلەرگە، تۇرغۇن سۇغا، كۆل ۋە قۇدۇق باشلىرىغا، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە، كىشىلەر سايىدايدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىلىرىغا تەرەت سۇندۇرۇشنى مەنئى قىلغان، شۇنداقلا قاتتىق لەنەتلىگەن[22].
مەيلى پاكىزلىق جەھەتتە بولسۇن مەيلى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەسىدە يەككە-يېگانە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمانلار، قولىدىكى بۇ گۆھەرنىڭ قەدرىنى بىلىپ ئۇنى نەزەرىيە شەكلىدىلا تاشلاپ قويماي ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىغاندىلا ھەقىقىي مۇسۇلمان ۋە مەدەنىيەتلىك ئىنسان بولالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق داۋاسى يالغانچىلىق بولۇپ ئاللاھ ئالدىدا ساختا مۇسۇلمان، ئىنسانلار ئالدىدا قالاق ئىنسان بولۇپ ياشايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇ قالاقلىقى ئۆزىگىلا ئەمەس بەلكىدە ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام دىنى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىزلىق نەزەرىيەسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پاكىزلىق چۈشەنچىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇساپىنىڭ بۇ قەدەر يىراقلىشىپ كېتىشى ئىنساننى ئېچىندۇرماي قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇرئان-سۈننەتتىن بىۋاسىتە پايدىلنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇرئان-سۈننەت روھى ئاستىدا «تاھارەت ھەققىدە ساۋات» نى تۈزۈپ چىقتۇق. ئەھلى ئىلمىلىرىمىزنىڭ ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[1]– تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى، ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 39- جىلد، 382- بەت، ئىستانبۇل 2010.

[2]– ئاللاھ تەئالانىڭ مۇددەسسىر (74-) سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى «وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ (كىيىملىرىڭنى پاك تۇت)» دېگەن بۇيرۇقى كىيىملەرنىڭ ھەر دائىم پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نامازنىڭ سىرتىدا پاكىز بولۇشى شەرت قىلىنغان كىيىمنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادىتى بولغان نامازدا پاكىز بولۇشىنىڭ نامازنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى بولۇشى ئېنىق. ئاللاھ تەئالانىڭ سۈرە بەقەرەنىڭ 222- ئايىتىدىكى ۋە سۈرە تەۋبەنىڭ 108- ئايىتىدىكى «ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئايەتلىرى بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىشىلەرنىڭ سىلەرگە لەنەت ئوقۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئۈچ ئىشتىن ساقلىنىڭلار: ئىنسانلار (كۆل، قۇدۇق، ئېرىق ۋە ئۆستەڭ قاتارلىقلارغا ئوخشاش) ئىنسانلار سۇ ئالىدىغان جايلارغا تەرەت سۇندۇرۇش، يولغا تاھارەت سۇندۇرۇش، سايىغا تاھارەت سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار» (ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 26؛ ئىبنى ماجھە، تاھارەت 21 (328)، «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ سۈرەتلىرىڭلارغا ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ. لېكىن سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» مۇسلىم، بىرر 33؛ ئىبنى ماجە زۆھد. مۇسنەدى ئەھمەد 2/285، 539)، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلىرى يۇقىرىدىكى پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت دالالەت قىلىدۇ.

[3]– ئىبنى ماجە، سىيام 44.

[4]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 82- ئايىتى، لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتى، زۇمەر سۈرىسىنىڭ 65- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[5]– بەقەرە سۈرىسىنىڭ 264- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[6]– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا (ئاللاھ تائالا پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ) ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ»- بۇخارى، تەۋھىد 23 (7430)؛ مۇسلىم، زاكات 19/63 (1014)؛ تىرمىزى، زاكات 28/661؛ ئىبنى ماجە، زاكات 28/1842.

[7]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى ۋە پەيغەمبر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ: «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت»- (ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 31 (61)؛ تىرمىزى، تاھارەت 3)، «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق. كىم نېمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ھىجرەتنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن قىلغانلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ. ھىجرەتنى، بىر دۇنيالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى بىر خوتۇننى ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلار، شۇ دۇنيالىق ئۈچۈن ياكى شۇ خوتۇن ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ»- (بۇخارى، بەدئۇلۋەھيى 1، ئىتق 6، مەناقىبۇلئەنسار 45، نىكاھ 5، ئەيمان 23، ھىيەل 1؛ مۇسلىم ئىمارەت 155، (1907)؛ ئەبۇداۋۇد، تالاق 11، (2201)؛ تىرمىزى، فەدائىلۇلجىھاد 16، (1647)؛ نەسەئى، تاھارەت 60، (1، 59، 60)، «تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»- بۇخارى، ۋۇدۇ 2 (135)؛ مۇسلىم، تاھارەت 2 (224)؛ تىرمىزى، تاھارەت 1.

[8]– بەقەرە سۈرىسىنىڭ 197- ئايىتى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ: «كىمكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ھەجگە بېرىپ، ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجدە ناشايان سۆزلەرنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلماي ھەجنى تاماملاپ قايتسا، خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلاردىن پاك بولۇپ قايتقان بولىدۇ» (بۇخارى، ھەج 4/1521؛ مۇسلىم، ھەج 79/438 (1350)؛ تىرمىزى، ھەج 2/811؛ نەسائى، مەناسىك 4/2627؛ ئىبنى ماجە، مەناسىك 3/2889)، «كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تەئالا موھتاج ئەمەس»- (بۇخارى، سەۋم 1903، ئەدەب 6057؛ ئەبۇ داۋۇد، سەۋم 2362؛ تىرمىزى، سەۋم 707)، «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق…»، بۇ ھەدىسنىڭ مەنبەسى 3- ئىزاھاتتا زىكىر قىلىندى.

[9]بۇخارىي، جۇمۇئە 4؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 3؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 3؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ تىرمىزىي، سالات 255.

[10]– بۇخارىي، جۇمۇئە 2، 3، 12، ئەزان 161، شاھادا 18؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 5؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ نەسەئىي، جۇمۇئە، 6، 8.

[11]– بۇخارىي، تاھارەت 24؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ تىرمىزىي، تاھارەت 37؛ نەسەئىي، تاھارەت 75.

[12]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 32.

[13]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 26؛ مۇسلىم، تاھارەت 87؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 9؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 49؛ تىرمىزىي، تاھارەت 19؛ نەسەئىي، تاھارەت 1.

[14]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 51، 52. ئەشرىبە 12؛ مۇسلىم، ھەيز 95؛ تىرمىزىي، تاھارەت 66؛ نەسەئىي، تاھارەت 124؛ ئبنى ماجە، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 12؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 39.

[15]ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 54؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 48؛ ئبنى ماجە، ئەتئىمە 22.

[16]تىرمىزىي، ساۋابۇلقۇرئان 22، دەئەۋات 9، 21، جۇمۇئە 78؛ دارىمىي، فەزائىلۇل قۇرئان 19.

[17]بۇخارىي، سەۋم 27؛ نەسەئىي، تاھارەت 4؛ ئبنى ماجە، تاھارەت 7؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 19.

[18]تىرمىزىي، سەۋم 29؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 3/455؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 3/445 – 446.

[19]ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 25، 30؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 4/116، 5/193،6/236.

[20]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 17؛ مۇسلىم، تاھارەت 70؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 11.

[21]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 15، 20، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 21، 22، 23؛ تىرمىزىي، تاھارەت 12، 13، 15؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 16، 28؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 14، 15.

[22]– مۇسلىم، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 14.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر