مۇسۇلمانلار
ئەقىل ۋە دىل 1

ئەقىل ۋە دىل

ئەقىل ۋە دىل 2جان، روھ ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىكلىرى
جان ھايۋانلاردا ۋە ئىنسانلاردا بولىدۇ، روھ پەقەت ئىنسانلاردىلا بولىدۇ. جان بولغان يەردە ئەقىل بولىدۇ. روھ بولغان يەردە قارار بولىدۇ. شۇڭا ھايۋانلاردا ئەقىل بولىدۇ، ئىنساندا ھەم ئەقىل ھەم قارار بولىدۇ. چۈنكى ئىنساندا ھەم جان ھەم روھ بار.
ھايۋانلاردا ئەقىلنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ (27) لَئِنْ بَسَطْتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِي مَا أَنَا بِبَاسِطٍ يَدِيَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ (28) إِنِّي أُرِيدُ أَنْ تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ وَذَلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ (29) فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ (30) فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ (31)»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ھەق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن، بىرەردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: ‹مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن› دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: ‹ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھدىن قورقىمەن.
مەن سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىم بىلەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن. مانا بۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر›.
ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرگە چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: ‹ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى»- مائىدە 5/27-31.
«وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ (17) حَتَّى إِذَا أَتَوْا عَلَى وَادِ النَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَا أَيُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوا مَسَاكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَانُ وَجُنُودُهُ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ (18) فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَى وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَدْخِلْنِي بِرَحْمَتِكَ فِي عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ (19) وَتَفَقَّدَ الطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَا أَرَى الْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ الْغَائِبِينَ (20) لَأُعَذِّبَنَّهُ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَذْبَحَنَّهُ أَوْ لَيَأْتِيَنِّي بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ (21) فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطْتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ (22) إِنِّي وَجَدْتُ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ (23) وَجَدْتُهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ (24) أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ (25) اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ (26) قَالَ سَنَنْظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْكَاذِبِينَ (27) اذْهَبْ بِكِتَابِي هَذَا فَأَلْقِهْ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَانْظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ (28)»
«سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ھۇزۇرىدا توپلىنىپ، قىسىملارغا ئايرىلغان ئىدى.
ئۇلار ئىنتىزاملىق بىر شەكىلدە مېڭىپ، چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا كەلگەندە، بىر چۈمۈلە مۇنداق دېدى: ‹ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تۇيماستىن سىلەرنى ئېزىۋەتمىسۇن›.
سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ بۇ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە مۇنداق دېدى: ‹رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر ئېتىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن؛ مېنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن›.
سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇنداق دېدى: ‹ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۈپنى كۆرمەيمەنغۇ! يا ئۇ غايىب بولغۇچىلاردىن بولدىمۇ؟ ئۇنى قاتتىق ئازابلايمەن، يا ئۇنى بوغۇزلىۋىتىمەن، يا ئۇ ماڭا روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ›.
ھۆپۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ مۇنداق دېدى: ‹مەن سەن بىلمىگەن بىر نەرسىنى ئۆگەندىم ۋە ساڭا سەبەئدىن توغرا بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم:
مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەر نەرسىدىن بېرىپتۇ، ئۇ چوڭ بىر تەختكە ئىگە ئىكەن. مەن ئۇنى ۋە قەۋمىنى ئاللاھنى قويۇپ كۈنگە سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلىشلىرى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر›.
سۇلەيمان مۇنداق دېدى: ‹توغرا سۆزلىدىڭمۇ، ياكى يالغانچىلاردىن بولدۇڭمۇ؟ كۆرىمىز. بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن يىراقلىشىپ نېمە دېيىشىدىغانلىقىغا قارىغىن›.»- نەمل 27/17-28.
«وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ (68) ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ (69)»
«رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر ياساڭلار. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يەڭلار، ئاندىن رەببىڭلار سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا مېڭىڭلار». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭگىلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىك ئىنسانلارغا شىپا بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»- نەھل 16/68-69.
ئىنساندا ئەقىل ۋە دىل
ئىنساندا ھە جان ھەم روھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەم چۈشىنىش ۋە توغرا-خاتانى ئايرىش قورالى بولغان ئەقىل بار، ھەم قارار مەركىزى بولغان قەلب (دىل)بار. چۈنكى ئىنسان تۆرەلمە ھالىتىدە ئانىسىنىڭ رەھمىدە روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇن تولۇق يېتىلىدۇ: ئۇنىڭدا پۇت-قول، ئېغىز، بۇرۇن كۆز ۋە قۇلاق قاتارلىق تاشقى ئەزالار، ئۆپكە، جىگەر، ئۈچەي، بۆرەك ۋە يۈرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالار پەيدا بولىدۇ، باشتىن تارتىپ ئۇنىڭدا جان بولىدۇ. ئەگەر جان بولمىسا ئۇ يېتىلمەيدۇ. ئۇ ئىچىگە روھنىڭ پۇۋلىنىشى بىلەن پەرقلىق ھالەتكە كېلىدۇ[1].
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئىنسان بەدەن بىلەن جاندا ھايۋان بىلەن ئوخشاشتۇر. جاننىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئەقىل ھايۋاندىمۇ بولىدۇ[2]. ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلىق قىلغان ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ روھىدۇر ۋە روھنىڭ پۇۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىدۇر.
نەپس مەنپەئەتچى، ئەقىل يېتەكچى، كۆز بىلەن قۇلاق مەلۇمات توپلىغۇچى، قەلب قارار مەركىزى، بەدەن ئىجرا قىلغۇچىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپس راھەتنى كۆزلەيدۇ، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئەقىل ھەقنى كۆرسىتىدۇ، خاتالىقتىن توسىدۇ. قەلب قارار قىلىدۇ، بەدەن ئىجرا قىلىدۇ. دېمەككى، بەدەن ئەقىلنىڭ چاقىرىقىغا ئەمەس قەلبنىڭ قارارىغا بويسۇنىدۇ[3]. شۇڭا ئەقىل قەلبنى ھەقىقەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا چاقىرىدۇ، نەپس مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. قەلب ئەقىلگە بويسۇنۇپ قارار قىلسا توغرا قارار قىلىدۇ، ناۋادا نەپسكە بويسۇنۇپ قارار قىلسا خاتا قارار قىلىدۇ. بەدەن توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن قەلبنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ[4]. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ گۆش قەلبتۇر»[5].

[1] مۇئمىنۇن 23/12-14- ئايەتلىرى ئايەتنىڭ مەنىسى: «بىز ئىنساننى سۇغىرىلغان تۇپراقنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق. ئاندىن ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدە مۇستەھكەم بىر قارارگاھقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق بىر قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!». ئاللاھ تەئالا بۇ يەردە ئىنساننىڭ بەدەن جەھەتتىن يارىتىلىش باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغاندىن كېيىن «ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق» دەيدۇ. بۇ ئىنساننىڭ بەدەن ۋە جان بىلەنكى ھالىتىگە روھنىڭ پۇۋلىنىشى بىلەن ئادەتتىكى ھايۋاندىن پەرقلىق ھالەتكە كېلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنى ئانىسىنىڭ «قورسىقىدا ئۈستى- ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈرگەن(لۇقمان 14)» ۋاقتىمۇ ئۇنىڭ بۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن تۇغۇلغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقتىدۇر.
[2]– سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھۆپۈپنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ (نەمل 27/20-26). ھايۋاندا ئەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم سېپىلغان كۆرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ، ئەتىگەندىن كەچكىچە باشقىلارنىڭ قويلىرى بىلەن ئوتلاپ ئاخشىمى ھەر قوي باشقا قويلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدۇ، جاڭگدا ئېزىپ قالغانلار ئات، قېچىر ۋە ئېشەكلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، شۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ ئۆيلىرىنى تېپىپ كېلىدۇ.
[3]– خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر ئەقلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىماندا ئەقىل بىلەن چۈشىنىش ئەمەس، قەلب بىلەن تەستىقلاش ئاساس قىلىنغان.
[4]– بەدەن قەلنىڭ توغرا قارارىنى ئىجرا قىلغاندا كىشى ھۇزۇر ئالىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن ئىچىدە راھەتلىك ھېس قىلىدۇ. بەدەن قەلبنىڭ خاتا قارارىنى ئىجرا قىلغاندا كىشى بىئارام بولىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئىچىدە بىر سىقىلىش ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئەقىل قەلبكە ھەر دايىم توغرىنىڭ توغرىلىقىنى، خاتانىڭ خاتالىقىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
[5]بۇخارى، ئىمان 39، بۇيۇئ 2؛ مۇسلىم، مۇساقات 107 (1599)؛ ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 3 (33229، 3330)؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 1 (1205)؛ نەسەئى، بۇيۇئ 2 (7/241).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر