مۇسۇلمانلار

تويلۇقىنى ئۆزى ئالىدۇ

چۆرە توي قىلسا تويلۇقىنى ئۆزى ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَنْ لَمْ يَسْتَطِعْ مِنْكُمْ طَوْلًا أَنْ يَنْكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِنْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ مِنْ فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِكُمْ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ فَانْكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ مُحْصَنَاتٍ غَيْرَ مُسَافِحَاتٍ وَلَا مُتَّخِذَاتِ أَخْدَانٍ فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنْكُمْ وَأَنْ تَصْبِرُوا خَيْرٌ لَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ»
«سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. سىلەر بىر-بىرىڭلاردىنسىلەر. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىڭلار. ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى، زىنادىن ساقلىنىشى ۋە ئاشنا تۇتماسلىقى لازىم. ئۇلار ياتلىق بولغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ سىلەردىن قىيىنچىلىق تارتىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[1]. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا4/25.
ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەر مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە بەدەلسىز ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ذَلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَكِنْ لِيَبْلُوَ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَنْ يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ»
«جەڭ مەيدانىدا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرۇڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»- مۇھەممەد 47/4.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىسلام مۇجاھىدلىرىنىڭ باشلىقلىرى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇرغان ۋە فىدىيەلىرىنى دەرھال تۆلىيەلمىگەن ئەسىرلەر مۇجاھىدلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ ئەسىرلەر فىدىيەلىرىنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدلارنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەزكۇر مۇجاھىدلار قامدايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆي ئىشلىرىغا قاملىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇلار خۇددى ئۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىدەك بولۇپ كېتىدۇ.
ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەسىر ئاياللار ئۆزلىرى خالىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئائىلىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدنىڭ) رۇخسىتى بىلەن ياتلىق بولىدۇ. تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. بۇ ئايەتتە (نىسا4/25 دە) ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەرلىرىگە «ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار» دەپ ئۇلارغا ئۆز تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى ئۇلارنىڭ فىديەلىرىنى تۆلەپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. 

[1]– چۆرىلەر بىلەن ئۆيلىنىش رۇخستى بۇيتاق ئولتۇرۇپ يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشتىن قورققانلار ئۈچۈندۇر، لېكىن بۇ رۇخسەتتىن پايدىلانماي، يەنى چۆررىلەر بىلەن ئۆيلەنمەي سەۋر قىلىش ياخشىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر