مۇسۇلمانلار

ئەجەلدىن بۇرۇن ئۆلۈم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

خەلقىمىز ئىچىدە بىر ئادەم مەلۇم ھادىسە بىلەن قازا قىلسا، بىئەجەل ئۆلۈپ كەتتى. شۇ ئىشنى قىلمىسا، شۇ يەرگە بارمىسا ئۆلمەيتتى. داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. دېگەن كۆزقاراشلارغا قۇرئان بويىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇللاھ

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

ئۇ كۆزقاراشلار توغرىدۇر. چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆمۈرنى تولۇق ياشىشى ئۈچۈن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك. پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلماسلىق بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

بەزى ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ «بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە» كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، «ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلار ‹بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە› كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بەلگىلەنگەن ئەجەل كەلمەستىن ئۆلۈپ كېتىدۇ»، دېگەن بولىدۇ. ئۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

«إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ (2) وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ (3) إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (4)»

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن. رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە گۈزەل بىر شەكىلدە ياشىتىدۇ ۋە ھەر پەزىلەتلىك كىشىگە پەزىلەتلىك ئىشىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بېشىڭلارغا چوڭ كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن. ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر›.»– ھۇد 11/2-4.

«قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى …»

«بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلىرى مۇنداق دېدى: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن (ھەق دىنغا) دەۋەت قىلىدۇ›…»ـ ئىبراھىم 14/10.

«قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ (2) أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ (3) يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (4)»

«نۇھ ئېيتتى: ‹ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار›.»ـ نۇھ 71/2-4.

«…وَمَا يُعَمَّرُ مِنْ مُعَمَّرٍ وَلَا يُنْقَصُ مِنْ عُمُرِهِ إِلَّا فِي كِتَابٍ إِنَّ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ»

«…ھەرقانداق ئۆمرە بېرىلگەن ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارتىلىشى، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن قىسقارتىلىشى چوقۇم بىر كىتابقا يېزىلىدۇ. بۇ، ئاللاھغا بەك ئاساندۇر»- فاتىر 35/11.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دىنىمىز قىساس ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ. يەنى بىر كىشى بىر كىشىنى قەستەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلتۈرگۈچى (قاتىل) كىشىگە ئۆلتۈرۈلگۈچى (مەقتۇل) كىشىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈش ۋە دوزاختا مەڭگۈ كۆيۈش جازاسى بېرىلىدۇ.- (بەقەرە سۈرىسى 178 ـ ئايەت بىلەن نىسا سۈرىسىنىڭ 93 ـ ئايىتىگە قاراڭ).

ئەگەر بىر كىشى بىر كىشىنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭغا بىر مۇئمىن قولنى ئازاد قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش جازاسى بېرىلىدۇ. (نىسا سۈرىسىنىڭ 92 ـ ئايىتىگە قاراڭ).

بۇ بىر گۈلنى ئۈزۈش ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئۈزۈۋاتقانلىققا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ گۈل ئۈزۈۋېتىلمىگەن بولسا، دەرىخى ئۈستىدە مەلۇم مۇددەتكىچە قالاتتى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئۆلگەن ئىنسانمۇ خۇددى ئاشۇ گۈلگە ئوخشاش باشقا بىر ئىنسان تەرىپىمدىن ئۆلتۈرۈلمىسە ياكى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرمىسە ۋە ياكى ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىش يۈز بەرگەن يەرگە بارمىسا، ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغىچە ياشايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەجىلى كېلىشتىن بۇرۇنمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىر مەخلۇق قىلىپ ياراتقان. شۇڭا زەھەر ئىچىۋالغان، ماشىنا ئاستىغا ئۆزىنى ئاتقان، ئۆلۈش ئۈچۈن بىر يەرگە بوينىدىن ئېسىلغان، ئۆزىنى بىرەر ئۇرۇش قورالى بىلەن ئېتىۋالغان… كىشىلەر ئۆلىدۇ ۋە گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇنداق قىلمىسا ئۆلمەيتتى، ياشايتتى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر