مۇسۇلمانلار

قاتناش ۋاسىتىسىدا ناماز

سوئال:
بۇ توردا ناماز توغرۇلۇق بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن سەپەر ئۈستىدە چېغىمىزدا تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇشنى، تاھارەت ئېلىشقا ياكى غۇسۇل قىلىشقا سۇ تاپالمىغان چېغىمىزدا ۋە سۇ بار بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا ياكى غۇسۇل قىلىشقا قادىر بولالمىغان چېغىمىزدا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنىڭدەك ناماز توغرۇلۇق كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشتىم. ئەمدى سورايدىغىنىم شۇكى:
سەپەر ئۈستىدە ئەمەس، شەھەر ئىچىدە قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە يولدا كېتىۋاتقان چېغىمىزدا بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالسا ۋە ئۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ ئۇ نامازنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىمىز بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟ نامازنى شۇ قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە مۇمكىن بولغان شەكىلدە (ئولتۇرۇپ، يېتىپ، ئىشارەت قىلىپ، دېگەندەك شەكىللەرنىڭ بىرىدە) ئوقۇيمىزمۇ؟ ياكى كېيىن قازاسىنى قىلىمىزمۇ؟ تاھارىتىمىز بولمىسىچۇ؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھنىڭ دىنىدا نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماي كېيىن قازاسىنى ئوقۇشقا رۇخسەت يوق.
ئاللاھ تائالا سۈرە نىسانىڭ 101- ئايىتىدە سەپەر ئۈستىدە دۈشمەننىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورققان مۇسۇلمانلارنى، سەپەردە ئوقۇپ كەلگەن ئىككى رەكەت نامىزىنى قىسقارتىپ بىر رەكەتكە چۈشۈرۈپ، جامائەتنى ئىككىگە بۆلۈپ ئوقۇسا گۇناھكار بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، 102- ئايىتىدە بۇنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن 103- ئايىتىدە يەنە ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن،
«…إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«…شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر» دەيدۇ.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى كۆرسىتىدۇكى:
ھەر ناماز ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىنىشى پەرزدۇر. بىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنى كەينىگە قايتۇرۇپ ئەكېلىش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنىمۇ ئۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بەش ۋاقىت نامازنى بەلگىلەن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشى لازىم. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەش ۋاقىت ناماز، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھېچبىر ئىشقا توسالغۇ بولمايدىغان شەكىلدە، ۋاقىتلارغا بۆلۈنۈپ پەرز قىلىنغان ۋە بۇ نامازلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئاسانلىقلار يولغا قويۇلغان. مەسىلەن:
ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنى، قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمىغانلارغا ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشنى، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئادەتتىكىدەك قىلىپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا باش ئىشارىتى بىلەن ناماز ئوقۇشنى، بىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇشنى، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغانلارغا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى، ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغانلارغا يېتىپ ناماز ئوقۇشنى، بەزى زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغاندا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ (جەمئىي قىلىپ) ئوقۇشنى يولغا قويۇپ بەرگەن.
پۈتۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى،
«…إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«…شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/103.
ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238- ئايىتىدە بەش ۋاخ نامازنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، 239- ئايەتتە قورققۇچىلارغا نامازلىرىنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇشلىرىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەر مۇنداق:
«حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ. فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ»
«نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار. ئەگەر قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى قانداق ئۆگەتكەن بولسا ئاللاھنى شۇنداق ياد ئېتىڭلار»- بەقەرە 2/238-239.
دېمەككى، بەش ۋاقىت نامازنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەر ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئوقۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنى شارائىتقا قاراپ بىر يەردە مۇقىم تۇرغان ياكى مېڭىۋاتقان ۋە ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋاتقان ھالەتلەردە ئورۇنداش لازىمكى، ھېچبىر نامازنى ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ ئوقۇشقا بولمايدۇ.
خوش، يولدا كېتىۋاتقان بىر كىشى تاھارىتى بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَى حَتَّى تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّى تَغْتَسِلُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا»
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر مەست چېغىڭلاردا نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار. جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار، يول ئۈستىدە بولغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر كېسەل بولساڭلارياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا تەيەممۇم قىلىڭلار: يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/43.
بۇ ئايەتتە، پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ چوڭ ياكى كىچىك تاھارىتى بولمىسا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشلىرىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى غۇسۇل چوڭ تاھارەتتۇر، چوڭ تاھارىتى بولمىغان كىشىلەرگە بۇ رۇخسەتنىڭ بېرىلىشى كىچىك تاھارىتى بولمىغانلارغىمۇ بۇ رۇخسەتنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، بۇ يەردىكى «يول ئۈستىدە بولۇش» بىلەن «سەپەر ئۈستىدە بولۇش» پەرقلىق ئۇقۇملاردۇر. «يول ئۈستىدە بولۇش» سەپەر ئۈستىدە بولغانلارنى ۋە سەپەر ئۈستىدە بولماي ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەر ۋە كەنتلەردە پىيادە يول مېڭىۋاتقان ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «يول ئۈستىدە بولۇش» بۇ يەردە پەقەت شەھەر ۋە كەنت ئىچىدە سەپەر ھېسابلانمىغۇدەك مۇساپىدە يول مېڭىۋاتقانلارنىلا كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئايەتتە «سەپەر ئۈستىدە» بولغانلار ئايرىم زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئۇقۇم («سەپەر ئۈستىدە بولۇش») پەقەت مۇساپىرلارنىلا يەنى ئۇزۇن سەپەرگە چىققۇچىلارنىلا كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتىكى «يول ئۈستىدە» دېگەن ئىپادە دالالەت قىلىدۇكى:
تاھارىتى يوق ياكى غۇسۇل تاھارىتى يوق بىر كىشى مۇساپىر ھېسابلانغۇدەك سەپەردە ئەمەس، لېكىن شەھەر ۋە كەنتلەرنىىڭ ئىچىدە پىيادە مېڭىۋاتقان ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە كېتىۋاتقان چېغىدا بىر پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالسا ۋە ئۇ كىشى توختاپ ياكى ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئۇ نامازنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، تەيەممۇم قىلىپ نامىزىنى ئوقۇيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر