مۇسۇلمانلار

سۈرە فاتىھە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

سوئال:
ھىجر سۈرىسىنىڭ 87- ئايىتىدە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ھەدىسىدە فاتىھە سۈرىسى «سەبئۇلمەسانى» ۋە «ئۇلۇغ قۇرئان» دېيىلىپتۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ»
«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق»- ھىجر 15/87.
«مەسانى» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن بىر سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ ذَلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ»
 «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ»- زۇمەر 39/23.
بۇ ئايەتتە «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مەسانى» دېگەن كەلىمىدۇر. يەنى ھىجر سۈرىسىنىڭ 87- ئايىتىدىكى كەلىمىنىڭ ئەينىسىدۇر.
بۇ كەلىمىنىڭ مۇفرەدى (بىرلىكى) بولغان مەسنا («مَثْنى») سۈرە نىسانىڭ 3- ئايىتىدە ئۆتىدۇ. مەسنا دېگەن كەلىمە ئەسلىدە ئىككى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «سىنتەين»نىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئورنىغا كەلگەن كەلىمىدۇر، يەنى مەسنا ئەسلىدە سىنتەين سىنتەين («ثنتين ثنتين») دېگەن بولۇپ، مەنىسى ئىككى ئىككى دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىم كىتابەن مۇتەشابىھەن مەسانىيە («كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ») مەسانى دېيىلىشى، ئۇنىڭ ھۆكۈم، قىسسە ۋە نەسىھەتلىرىنىڭ تەكرارلانغانلىقى ۋە ھەر ئايىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئوخشىشى بىلەن «ئىككىدىن-ئىككىدىن» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
بۇ ئايەتتىكى «مەسانىدىن يەتتە» دىن مەقسەت فاتىھە سۈرىسىدۇر. بۇ يەردىكى مىن «من (دىن)» بەيانىي (ئېنىقلاش) ئۈچۈن بولۇپ، مەنىسى «مەسانىدىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە» دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، مەسانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئاننىڭ تامامى بۇ يەتتە ئايەتلىك فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت، دېمەكتۇر.
«ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» ئەتفى تەپسىر بولۇپ «مەسانىدىن يەتتە» نىڭ يەنى فاتىھە سۈرىسىنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان»نىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى فاتىھە سۈرىسى ھەم «مەسانى» دەپ ئاتىلىدىغان ھەم «ئۇلۇغ قۇرئان» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ تامامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دېمەككى، فاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ خۇلاسىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن (يەنى سۈرە فاتىھە) ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»- بۇخارى، تەپسىر 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 26؛ تىرمىزى، فاتىھەنىڭ پەزىلىتى بابى 2875- نومۇرۇق ھەدىس.
«سەبئۇلمەسانى»نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن-ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك سۈرە فاتىھە قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن مەقسەتلىرىنى ۋە باشقا سۈرىلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ يىغىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولغان تەۋھىد، ئىبادەت، قىسسە، قىيامەت، ھېساب، مۇئمىنلارغا مۇكاپات، ئاسىيلارغا جازا قاتارلىقلارنىڭ خۇلاسىسى مۇجەسسەملەنگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۈرە ھەققىدە «سۈرە پاتىھە قۇرئاننىڭ ئانىسىدۇر»، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى). بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىدىكى مەنىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر