مۇسۇلمانلار

ئاللاھتىن يوشۇرۇش مۇمكىنمۇ

سوئال:
ئاللاھدىن يوشۇرۇش دېگەن نېمە قانداق گەپ؟ سۈرە نىسانىڭ 108- ئايىتىدە شۇنداق دېيىلىپتۇ!؟
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَى مِنَ الْقَوْلِ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا»
«ئۇلار قىلمىشىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرىدۇ، ئاللاھدىن يوشۇرمايدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى كېچىدە پىلانلاۋاتقان چاغدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر- نىسا 4/108.
يەنى ئۇ خائىنلار خىيانەتلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرىدۇ، ئىنسانلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ، دەپ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ۋە خىيانەتنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇنى ئاللاھدىن يوشۇرمايدۇ، يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەر يەردە ھازىر ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىشنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھتىن ھايا قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئويلىسا ئىدى، مەزكۇر خىيانەتنى قىلمىغان بولاتتى، شۇنداقلا بۇنى ئاللاھتىن يوشۇرغان بولاتتى. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىيانەتنى ئاللاھتىن يوشۇرۇشنىڭ بىرلا چارىسى قالىدۇ، ئۇ بولسا ئۇ خىيانەتنى قىلماسلىقتۇر، خالاس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر