مۇسۇلمانلار

ئىخلاس ئىبادەتنىڭ روھىدۇر

ئىخلاس ئىبادەتنىڭ روھىدۇر
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. تەقۋادارلار ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشسۇن. رەسۇلۇللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، ساھابىلىرى ۋە پۈتۈن ئەگەشكۈچىلىرى رەھمەتكە چۆمسۇن. 
مۆھتەرەم مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالا ئىخلاسسىز قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئىخلاسسىز قىلىنغان دۇئا-تىلەكلەرنى ئىجابەت قىلمايدۇ. بۇنى نۇرغۇن ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخلاسنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش، شۇنداقلا ئەمەل-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەكنى ئىخلاس بىلەن قىلىش ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىمىز:
ئىخلاسنىڭ مەنىسى
ئىخلاس دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ، لۇغەتتە ئادالىماق، ئېرىغدىماق، پاكلىماق، سادىق بولماق، سەمىمىي بولماق، ساپ قىلماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىخلاس دېگەن سۆز ئىشەنچ قىلماق، چىن كۆڭلىدىن بېرىلمەك، كۆڭۈل قويماق، بىر ئىشقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشمەك، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلمەك، ئەستايىدىل بولماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. سىلەر ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتا تىرىلىسىلەر›.»- ئەئراف 7/29.
«إِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ. أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ»
«ئى مۇھەممەد! بىز بۇ كىتابنى ساڭا ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. شۇڭا سەن دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىل. بىلگىنكى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/ 2-3.
«قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ (11) وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ الْمُسْلِمِينَ (12) قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ (13) قُلِ اللَّهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَهُ دِينِي (14) فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُمْ مِنْ دُونِهِ قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَلَا ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ (15) لَهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِنَ النَّارِ وَمِنْ تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ذَلِكَ يُخَوِّفُ اللَّهُ بِهِ عِبَادَهُ يَا عِبَادِ فَاتَّقُونِ (16)»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم›. ئېيتقىنكى: ‹رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن›. ئېيتقىنكى: ‹مەن ئاللاھقا دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىمەن. سىلەر ئاللاھدىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار›. ئېيتقىنكى: ‹ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ ئاشكارا زىياندۇر. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ ئوتتىن سايىلەر، ئاستىدىمۇ سايىلەر بولىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەنە شۇ ئازاب بىلەن قورقۇتىدۇ›. ئى بەندىلىرىم! مەندىن قورقۇڭلار»- زۇمەر 39/11- 15.
«فَادْعُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ (14)»
«دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار»- غافىر 40/14.
«هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ (65)»
«ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن»- مۇئمىن 40/65.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىملىرىدە ئۆتكەن «دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەسلىسى بولغان مۇخلىسەن لەھۇددىنە («مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ») ۋە مۇخلىسىينە لەھۇددىنە («مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ»)لەرنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ھالەت قوشۇمچىسىدۇر، بۇ يەردە ھالەت ئوبيېكتى (ساھىبۇلھال) ھەرىكەت ئىگىسىدۇر (فائىلدۇر)، ھەرىكەت (پېئىل) ئىبادەتتۇر ۋە دۇئادۇر. بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق دېگەن بولىدۇ:
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ياكى ئاللاھقا دۇئا قىلىشتىن ئىبارەت پېئىلنى قىلغان كىشى (فائىل) بۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالەتتە بولسۇن، يەنى پەقەت ئاللاھقىلا ئىشەنچ قىلسۇن، چىن كۆڭلىدىن بېرىلىپ قىلسۇن، كۆڭۈل قويۇپ قىلسۇن، پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشسۇن، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلسۇن، ئەستايىدىل بولسۇن، پەقەت ئاللاھقىلا بويۇن ئەگسۇن، نىيىتىنى رىيادىن پاكلىسۇن، مەقسىتىنى دۇنيالىقتىن ئېرىغدىسۇن، دىلىنى ھەسەتتىن ۋە يامان غەرەزدىن تازىلىسۇن، تىلىنى يالغان، بىدئەت، خۇراپات ۋە شېرىك قاتارلىق مەينەتلەردىن پاك تۇتسۇن. ئەگەر ئىبادەت قىلغۇچى ئىبادىتىنى، دۇئا قىلغۇچى دۇئاسىنى مەزكۇر شەرتكە رىئايە قىلماستىن قىلسا ئۇنىڭ ئىبادىتى قوبۇل بولمايدۇ، دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ.
ئۇ شەرت تىلىمىزدا ئىخلاس، ئىخلاسمەنلىك دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى كىتابلاردا «ئاللاھ ئىخلاس بىلەن قىلىنمىغان ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئىخلاس بىلەن قىلىنمىغان دۇئانى ئىجابەت قىلمايدۇ» دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز ئەنە شۇ مەنىلەرنىڭ خۇلاسىلەنگەن شەكلى بولۇپ يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىدۇ.   
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر
1- «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق. كىم نېمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ھىجرەتنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن قىلغانلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ. ھىجرەتنى، بىر دۇنيالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى بىر خوتۇننى ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلار، شۇ دۇنيالىق ئۈچۈن ياكى شۇ خوتۇن ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ»- (قاراڭ: بۇخارى، بەدئۇلۋەھيى 1، ئىتق 6، مەناقىبۇلئەنسار 45، نىكاھ 5، ئەيمان 23، ھىيەل 1؛ مۇسلىم ئىمارەت 155، (1907)؛ ئەبۇداۋۇد، تالاق 11، (2201)؛ تىرمىزىي، فەدائىلۇلجىھاد 16، (1647)؛ نەسەئىي، تاھارەت 60، (1، 59، 60).
2- «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ سۈرەتلىرىڭلارغا ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ. لېكىن سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ»- (قاراڭ: مۇسلىم، بىرر 33؛ ئىبنى ماجە زۆھد. مۇسنەدى ئەھمەد 2/285، 539).
بۇ ھەدىسلەردىنمۇ پۈتكۈل ئەمەللەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن نىيەتنىڭ خالىس بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى، نىيەت خالىس بولمىسا، تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ ۋە مال-مۈلكنىڭ بىر نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ.
3- قىيامەت كۈنى، مەسىلىسى ئەڭ ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئۈچ كىشى بار:
بىرىنچىسى شەھىد. شەھىد مەيدانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇمۇ تونۇيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا «مەن بۇ نېمەتلەرنى ساڭا ئاتا قىلدىم، سەن بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىغا نېمە ئىش قىلدىڭ» دەيدۇ. ئۇ «سېنىڭ يولۇڭدا كۈرەش قىلىپ شېھىت بولدۇم» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا «يالغان ئېيتتىڭ! سەن باتۇر دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭ ۋە شۇنداق نام چىقاردىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
ئىككىنچىسى ئىلىمنى ئوقۇپ باشقىلارغا ئۆگەتكەن ۋە قۇرئاننى ئوقۇغان كىشى. بۇ كىشى مەيدانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇمۇ تونۇيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا «مەن بۇ نېمەتلەرنى ساڭا ئاتا قىلدىم، سەن بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىغا نېمە ئىش قىلدىڭ» دەيدۇ. ئۇ كىشى «ئىلىمنى ئۆگەندىم، ئىلىمگە ئەمەل قىلدىم، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى ئوقۇدۇم» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە «يالغان ئېيتتىڭ، سەن ئىلىمنى ئالىم دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن ئۆگەندىڭ، قۇرئاننى قارىي دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇدۇڭ ۋە شۇنداق نام چىقاردىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
ئۈچىنچىسى ئاللاھ تائالا ھەر خىل مال-دۇنيا ئاتا قىلغان كىشى. بۇ كىشى مەيدانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇمۇ تونۇيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا «مەن بۇ نېمەتلەرنى ساڭا ئاتا قىلدىم، سەن بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىغا نېمە ئىش قىلدىڭ» دەيدۇ. ئۇ «سەن پۇل-مال سەرپ قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىكى يولغا سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن پۇل-مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە «يالغان ئېيتتىڭ، سەن سېخى دەپ نام چىقىرىش ئۈچۈن پۇل-مال سەرپ قىلدىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ. (قاراڭ: مۇسلىم ئىمارەت 852، تىرمىزىي زۇھد 48، نەسەئىي جىھاد 22، مۇسنەدى ئەھمەد 2/ 322).
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قەھرىمانلىق قىلىپ ئۇرۇشىدىغان، ئۇرۇشقا ھەۋەس قىلىپ ئۇرۇشىدىغان ۋە رىياكارلىق قىلىپ ئۇرۇشىدىغان ئادەملەرنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا «پەقەت ئاللاھنىڭ سۆزىلا ئۈستۈن بولسۇن دەپ ئۇرۇشقان كىشى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. (قاراڭ: بۇخارى ئىلىم 45، تەۋھىد 28؛ مۇسلىم ئىمارەت 849؛ ئەبۇ داۋۇد جىھاد، 24؛ تىرمىزىي جىھادنىڭ پەزىلەتلىرى 86؛ نەسەئىي جىھاد 28؛ ئىبنى ماجە جىھاد 83).
خۇلاسە
قېرىنداشلار! ئىسلامىي ھاياتىمىزدا ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئەۋزەل ۋە ئەڭ ساۋابلىق دەپ بىلىنىدىغان ئۈچ ئىش بار: بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ شەھىد بولۇش، يەنە بىرى ئىلىم ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، ئۈچىنچىسى بولسا ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىش. يۇقىرىقى ھەدىسلەر بۇ ئۈچ خىل ئەمەلنىڭمۇ ئىخلاس بىلەن قىلىنمىسا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ھەتتا جەھەننەمگە ھەممىدىن بۇرۇن تاشلىنىشقا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزدا ياخشى ئىشنىڭ ياخشى ئىش قاتارىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدا ياخشى ئىش دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇشىدىن سىرت، ئۇ ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ خالىس نىيەتلىك بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
نىيەتنىڭ خالىس بولۇپ بولمىغانلىقىنى پەقەتلا ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ اللَّهَ لَا يَخْفَى عَلَيْهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ»
«زېمىن بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ»- ئال ئىمران 3/5.
«وَأَسِرُّوا قَوْلَكُمْ أَوِ اجْهَرُوا بِهِ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ. أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ»
«سۆزۈڭلارنى يوشۇرۇن قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر، چۈنكى ئۇ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!»- مۇلك 67/13،14.
«وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ. إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ. مَا يَلْفِظُ مِنْ قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ»
«شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىندۇرمىز. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر. ئۇ قانداق سۆز قىلسا، يېنىدا يېزىشقا تەييار بىر كۆزەتكۈچى بار»- قاف 50/16-18.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل-ئىبادىتىمىزنى، دۇئا-تىلىكىمىزنى ۋە ئىستەك-ئارزۇلىرىمىزنى خالىس نىيەت، ھۇزۇرىقەلب ۋە سەمىمىيلىك بىلەن قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، شۇنداقلا ھەر سۆزىمىزگە ۋە ھەر ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
 ئۆز ۋاقتىدا ئىبلىس ئاللاھ تائالاغا مۇنداق دېگەن:
«…رَبِّ بِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ. إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ»
«رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سېنىڭ ئىخلاسلىق بەندىلىرىڭ مۇستەسنا»- ھىجر 15/39-40.
دېمەك، ئىخلاسمەن كىشىگە شەيتاننىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر