باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
«جىھاد»نىڭ مەنىسى نېمە؟ جىھاد قىلىش كىملەرگە پەرز؟ جىھادنىڭ قانداق شەرتلىرى بار؟ قوراللىق جىھاد قىلىشنىڭچۇ؟ جىھادنىڭ شەرتلىرى توشمىسا خاتالىقلارغا قانداق شەكىلدە قارشى تۇرۇش كېرەك؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
«جىھاد» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن «دىن يولىدىكى ئۇرۇش» دېگەن مەنىسى بىلەن كىرگەن. ئەسلىدە بۇ مەنە خاتا ئەمەس، لېكىن بۇ جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. چۈنكى «دىن يولىدا ئۇرۇش» جىھادنىڭ مەنىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاۋابتا جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ھۆكمى، دۈشمەنلەر ۋە ئۇلار بىلەن جىھاد قىلىش يوللىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز، ئاندىن چارىسىز مۇسۇلمانلارنىڭ خاتالىقلارغا قارشى تۇرۇش يولىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز.
1- جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
جىھاد تىرىشماق، بارلىقىنى ئىشقا سالماق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەيرەت قىلماق، قىيىنچىلىقلارغا قارشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەك، كۈچ سەرپ قىلماق، بىر ئىشنى قىلىپ چارچىماق، مۇشەققەت چەكمەك، كۈچ، قابىلىيەت، ئىقتىدار، دېگەن مەنىلەردىكى جەھد ۋە جۇھد سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، لۇغەت مەنىسى تىرىشماق، تىرىشچانلىق كۆرسەتمەك، غەيرەت قىلماق، شۇغۇللانماق دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھىي (تېرىم) مەنىسى بولسا ئىسلامنىڭ يۈكسىلىشى، قوغدىلىشى ۋە تارقىلىشى ئۈچۈن، ئىسلام دىيارىنىڭ قوغدىلىشى ۋە قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ زالىمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قولدىن كەلگەن ئىشنى قىلماق، قولىدىن كەلگەن ئىش بىلەن مەشغۇل بولماق، قولىدىن كېلىشىچە غەيرەت قىلماق، ھەر جەھەتتىن كۈچ چىقارماق ۋە بۇ يولدا ئۇرۇش قىلماق، دېگەن بولىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا جىھاد ئاللاھ تەئالا بەرگەن بەدەنىي، مالىي ۋە زېھنىي قۇۋۋەتلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئىشلەتمەك، ئۇ يولدا پىدا قىلماق، ئىلكىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى پۈتۈن بارلىقىنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئوتتۇرىغا قويماق، ئىسلامنىڭ، مۇسۇلماننىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلماق، دېمەكتۇر- (مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، ئەسسىھاھ فىللۇغە، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە، ئەلمۇھىت، مۇھىتۇلمۇھىت، ئەلغەنى، ئەلۋەسىت، ئەلمۇئجەمۇل ئەرەبىيۇل ئاساسىيۇ (لارۇس) ۋە لىسانۇلئەرەب).
 2- جىھادنىڭ ھۆكمى
جىھاد قىلىش پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ …
«ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار…»- ھەج 22/78.
﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُوْلَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر»- ھۇجۇرات 49/15.
بىرىنچى ئايەتتە ئاللاھ تەئالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى جىھاد قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە بولسا جىھادنىڭ مال بىلەن ۋە جان بىلەن قىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت ۋە جىھاد توغرىسىدىكى باشقا ئايەت-ھەدىسلەردىن جىھادنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.
3- دۈشمەنلەر ۋە ئۇلار بىلەن جىھاد قىلىش يوللىرى
جىھادنىڭ تۈرلىرىنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى دۈشمەننىڭ تۈرلىرىنى ئۆگىنىش كېرەك. ئىنساننىڭ ئۈچ تۈرلۈك دۈشمىنى بار بولۇپ، ئۇ دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىش جىھاد قىلغانلىقتۇر. مەزكۇر دۈشمەنلەر ۋە ئۇلار بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ يوللىرى تۆۋەندىكىچە:
1- دۈشمەن نەپىس ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
نەپىس تېزلا ھاسىل بولىدىغان راھەتنى خالايدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدۇ، نەقنى كۆزلەيدۇ، كېيىن يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئويلىمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، شۇنداقلا قەلب (دىل)نى ئەقىلگە بويسۇنۇشتىن توسۇپ، ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا كۆندۈرۈپ، بەدەننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپىس شەيتاننىڭ ئەڭ بۈيۈك ياردەمچىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش ئەڭ قىيىن جىھاددۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى زور، ئۆز نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى قىيىن، ئۆز نەپسىنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلماسلىقى تەستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان جىھادنى ئالدى بىلەن ئۆز نەپسىگە قارشى قىلىدۇ. ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ غەلىبە قىلالمىغان كىشى دۈشمىنى بىلەن جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئۆزىدە كۈچ ۋە جاسارەت تاپالمايدۇ. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقىي مۇجاھىد نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغان كىشىدۇر» دېگەن- (تىرمىزى، جىھاد 2).
بۇ مەنىدە كۆپ ھەدىسلەر بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاتا ئارزۇلىرىغا، ھەتتا نەپسىنىڭ قۇرۇق ۋە مەنىسىز ئىستەكلىرىگە قارشى تۇرۇپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەي چىڭ تۇرۇشىنىڭ «نەپس بىلەن جىھاد قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش ئىسلامنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىسلامغا ئەمەل قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە بۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ
«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»- قۇرئان كەرىمنىڭ 103- سۈرىسى.
2- دۈشمەن شەيتان ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
شەيتان ئاللاھ تەئالادىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك ياشاش ۋەدىسىنى ئالغاندا مۇنداق دېگەن:
«… مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن»- ئەئراف 7/16 – 17.
دېمەككى، شەيتان ئاللاھ تەئالانىڭ يولىغا كەلگەن، ئۇ يولغا كىرگەن ۋە ئۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ دۈشمىنىمدۇر. ئۇنى دۈشمەن بىلىش ۋە دۈشمەن تۇتۇش، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ
«شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ»- فاتىر 35/6.
شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىغا پىسەنت قىلماسلىق، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَاء وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
«ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ۋە يامان سۆز-ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىنئام ۋە رەھمەت قىلمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم پاك بولالمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نۇر 24/21.
3- دۈشمەن ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشىلىق قىلىدىغان ئىنسانلار ۋە ئۇلار بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
ھەر كىشىگە مەلۇمكى، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشىلىق قىلىدىغانلار كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلار بولۇپ، ئۇلار بىلەن جىھاد قىلىش پەرزدۇر. بۇ جىھاد ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1- ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
 ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى قىلىنىدىغان جىھادنىڭ بىر تۈرى ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاددۇر. چۈنكى پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى جاھالەتتۇر. ھەقكە يەتمەكچى بولغان كىشىنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇشى لازىم، ھەقنى يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنىڭمۇ كېرەكلىك ئىلىم بىلەن پۇختا قوراللىنىشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»- نەھل 16/125.
ئىلمىي تەبلىغ ۋە ھېكمەتلىك دەۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلامىيەتتە تەبلىغ ۋە دەۋەت پائالىيىتىنىڭ ئىسمى «ئىلىم بىلەن جىھاد»دۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدە «قۇرئان بىلەن جىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُمْ بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا﴾
«كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن»- فۇرقان 25/52.
بۇ ئايەتتە قۇرئان بىلەن قىلىنغان جىھادنىڭ «چوڭ جىھاد» دېيىلىشى قۇرئاننىڭ ئىلىم بىلەن جىھاد قىلىشقا نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى قۇرئان بىلەن جىھاد قىلىش ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇنىڭدىكى ھەق ۋە ھەقىقەتنى ھېچ نەرسىدىن قورقماستىن ۋە ھېچكىمدىن تارتىنماستىن ئۆز پېتى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ بىر تۈرلۈك جىھاددۇر، ھەتتا «چوڭ جىھاد»دۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش چوڭ جىھاددۇر»- (ئىبنى ماجە، فىتەن 4011).
تەبلىغ ۋە دەۋەت قىلىش ئەسناسىدا «ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت» نىڭ پايدىسى بولماي، قارشى تەرەپ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە توغرا كېلىپ قالغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇنى «ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە» قىلىش كېرەك. يەنى كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلارغا ھەقنى ئۇيغۇن زاماندا، ئىلمىي يوسۇندا، چىرايلىق رەۋىشتە، تاتلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرۈش، زېرىكمەي-تېرىكمەي يەتكۈزۈش كېرەك. خۇددى بىر كېسەل ئادەمنى داۋالىماقچى بولغان دوختۇردەك سوغۇققانلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. مانا بۇ ئۇلارغا قارشى قىلىنغان جىھادنىڭ بىر تۈرىدۇر.
2- مال بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
مال بىلەن جىھاد قىلىش ئاللاھ بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. ھەر كىمگە مەلۇمكى، دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۇل-مال بەك مۇھىم. ھەقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، قوغدىلىشى ۋە غەلىبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇل-مالنىڭ رولى چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن مال بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، ھەقنىڭ مۇزەپپەر بولۇشى، ھەقىقەتنىڭ ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ھەر تۈلۈك مال، بايلىق ۋە پۇللارنى پىدا قىلىش «مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقتۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە «مال بىلەن جىھاد قىلىش»نىڭ «جان بىلەن جىھاد قىلىش»تىن بۇرۇن زىكىر قىلىنىشى ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «مال بىلەن جىھاد» قىلىشنى كۆپ تەكىتلىشى ساھابىلەرگە بەك تەسىر قىلغان. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرۇپ «مال بىلەن جىھاد» قىلىش پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قولىدا نېمە بولسا ھەممىسىنى ئەكېلىپ رەسۇلۇللاھقا تاپشۇرغان. مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ئايەت مۇنداق:
﴿إِنَّ الَّذِينَ آمَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَاهَدُواْ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللّهِ وَالَّذِينَ آوَواْ وَّنَصَرُواْ أُوْلَئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاء بَعْضٍ …
«شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار-يۆلەك بولغان كىشىلەر بىر-بىرلىرىنىڭ يېقىنلىرىدۇر…»- ئەنفال 8/72.
﴿… وَجَاهِدُواْ بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ فِي سَبِيلِ اللّهِ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾
«… ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلار بىلەن ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- تەۋبە 9/41.
﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُوْلَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ﴾
«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر»- ھۇجۇرات 49/15.
3- جان بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
جىھاد مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. ھەر مۇسۇلماننىڭ ئىلمى بىلەن ۋە مېلى بىلەن داۋاملىق جىھاد قىلىشى، يەنى ئىسلامنىڭ ھىمايە قىلىنىشى، ھەقنىڭ ھاكىم بولۇشى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشى پەرزدۇر. بەزىدە ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئۈستۈن قىلىنىشى، ئىسلام دىيارىنىڭ قوغدىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ياكى قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن قولغا قورال ئېلىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ جىھاددۇر ۋە شەرتى توشقاندا قەتئىي پەرزدۇر. 
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَاتِلُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبِّ الْمُعْتَدِينَ﴾
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.
بۇ ئىلاھى ئەمىر ئىسلام دىيارىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قوغداپ ئۇرۇشۇشنىڭ جىھاد بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە «غەنىيمەت قولغا كەلتۈرۈش ياكى شان-شۆھرەتكە ئېرىشىش ۋە ئىززەت-ئېتىبار قازىنىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇشنىڭ جىھاد بولمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇشۇش جىھادىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان- (بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە).
جىھادنىڭ بۇ قىسمىنىڭ قۇرئان كەرىمدە ئىككى شەرتى بار: بىرى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا تەييارلاش، يەنە بىرى ئەسكەرنىڭ سانىنى ئاز دېگەندە دۈشمەننىڭ ئەسكىرىنىڭ سانىنىڭ يېرىمىغا يەتكۈزۈش. ئەمدى بۇ ئىككى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەتلەرنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.
1- ئايەت. ئۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدْوَّ اللّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لاَ تَعْلَمُونَهُمُ اللّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لاَ تُظْلَمُونَ﴾
«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە خەجلىسەڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»- ئەنفال 8/60.
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى قۇۋۋەت تەييارلاشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ «قۇۋۋەت»نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھەدىسى مۇنداق:
ئۇقبەتەبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «بىلىڭلاركى، قۇۋۋەت ئوق ئاتماقتۇر» دېدى- (مۇسلىم، ئىمارەت 52- باب، 167 (1917)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 2514؛ تىرمىزى، تەپسىرى سۈرە ئەنفال؛ ئىبنى ماجە، جىھاد 19/2813).
دېمەككى، ئايەتتىكى «قۇۋۋەت»تىن مەقسەت، ئۇرۇشتا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلاردۇر، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مەزكۇر دۈشمەنلەرنى ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشتۇر. بۇلارنى ياساش، ئۇلار بىلەن دۈشمەننى ئېتىشنى ئۆگىنىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان پۈتكۈل لازىمەتلەرنى قىلىش «قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق»تۇر، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىقتۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا دۈشمەنگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا ئېتىلىدىغان قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە زامانىۋى شەكىلدە ياساش، ئەسكەرلەرنى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرى، پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملارغا ئايرىپ يېتىشتۈرۈش، قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى، ئەسكەرلەرنى، ئەسكىرىي ۋە ئىنسانىي لازىمەتلەرنى جەڭ مەيدانىغا يۆتكەش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاسفالتلىق يوللارنى، تۆمۈر يوللىرىنى ياساش ۋە ھاۋادا ئۇچىدىغان ئەسكىرىي ۋاسىتىلەرنى تەييارلاش، يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە پۇختا ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق» بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ.
دۈشمەنگە قارشى «تەييارلانغان قۇۋۋەت» ئەنە شۇ سەۋىيەدە بولۇپ ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە باشقا پۈتۈن ئىسلام دۈشمەنلىرىنى قورقىتىدىغان، ئۇلارنى مۇسۇلمانغا چېقىلىشتىن، ئىسلام دىيارىغا كۆز تىكىشتىن تەپ تارتقۇزىدىغان ھالەتتە بولۇشى لازىم. مۇشۇنداق بولغاندا جىھادنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنىڭ بىرىنچى شەرتى تېپىلغان بولىدۇ.
2- ئايەت. ئۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ يَغْلِبُواْ أَلْفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لاَّ يَفْقَهُونَ. الآنَ خَفَّفَ اللّهُ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُواْ أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اللّهِ وَاللّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ
«ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋرلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كاپىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كاپىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.
ئەمدى ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى ۋە سىلەردە ئاجىزلىق بارلىقىنى بىلدى. بۇندىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋرلىك يۈز كىشى بولسا، ئىككى يۈز كاپىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىككى مىڭ كاپىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- ئەنفال 8/65-66.
ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمان ئەسكەرنىڭ سانىنىڭ دۈشمەن ئەسكەرنىڭ سانىنىڭ 10 دا بىرىگە تەڭ كەلگەندە ئۇرۇش قىلىشنىڭ پەرز بولۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋەزىپىنى يېنىكلىتىپ، مۇسۇلمان ئەسكەرنىڭ سانى دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا ئاندىن ئۇرۇشنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىنى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ھۆكۈم قىلىپ يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلغان.
23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى مەككىدە ئۇرۇشسىز ئۆتكۈزگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىكى 10 يىللىق ھاياتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 60 قېتىم ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان. بۇ ئۇرۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 2000 (ئىككى مىڭ) دىن ئاشمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئەمەس، مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشلىرىدۇر.
دېمەككى، پەيغەمبىرىمىز مەجبۇر قالمىغۇچە ئۇرۇش قىلمىغان، تەييارلىق پۈتمىگۈچە ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن. مەككىدىكى چېغىدا ئاللاھ تەئالانىڭ «قۇرئان بىلەن جىھاد قىل» دېگەن ئەمرى بويىچە جىھادنىڭ ئىلىم بىلەن بولىدىغان قىسمىنى ئىجرا قىلغان، ھەقكە ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلغان، ئاندىن ھەقنى باشقىلارغا ئۆز پېتى يەتكۈزگەن، بۇ يولدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان. ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش (تەبلىغ)، غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولغانلىقى ئۈچۈن مەككىنىڭ چوڭلىرى تەكلىپ قىلغان پادىشاھلىق، بايلىق ۋە باشقا دۇنياۋى مەنپەئەتلەرنى قولىنىڭ كەينى بىلەن رەت قىلغان. (خالىغانلار سىيەر كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ).
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى: جىھاد ئىبادىتىنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن مەزكۇر قۇۋۋەتنى ھەر جەھەتتىن دۈشمەننىڭكىدىن ئۈستۈن سەۋىيەدە، دۈشمەن قورقىدىغان ئالاھىدىلىكتە تەييارلاش ۋە ئەسكەرنىڭ سانىنى دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ سانىنىڭ يېرىمىغا يەتكۈزۈش.
دۈشمەننى قورقۇتۇش ھەرگىزمۇ مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۇ يەر-بۇ يەرنى پارتلىتىش ياكى ئۇ يەر-بۇ يەرگە ئوت قويۇش بىلەن بولمايدۇ، بەلكىدە دۈشمەننى قورقۇتۇش ئەنە شۇ «قۇۋۋەت» نى دۈشمەننىڭ قۇۋۋىتىدىن پۇختا ۋە دۈشمەننىڭ قۇۋۋىتىدىن يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە سەۋىيەدە تەييارلاش، شۇنداقلا ئەسكەرلەرنى پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئۇلارنىڭدىن ئالىي سەۋىيەدە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بولىدۇ.
دۈشمەن مۇسۇلماننىڭ سۇيىقەستىدىن ئەمەس، قورال كۈچىنىڭ ئىلغارلىقىدىن، ئەسكىرىنىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن قورقۇشى لازىم. دۈشمەن مۇسۇلماننىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىشى، ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىشى، ئادىللىقىغا قايىل بولۇشى، دادىللىقىغا ھەيران قېلىشى ۋە ماھارىتىگە ھەۋەس قىلىشى كېرەك. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن دىننى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەبچى بولۇشتۇر. يەنى مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى زۇلۇم ئەمەس ئادالەت، ۋەيران قىلىش ئەمەس گۈللەندۈرۈش، بۇزۇش ئەمەس تۈزەش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس ئىسلاھ قىلىش، يوق قىلىش ئەمەس، قۇتقۇزۇپ سېپىگە قوشۇشتۇر.
4- خاتالىققا قارشى تۇرۇش
مۇسۇلمان ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئىجابىي پائالىيەتلەرگە قوشۇلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەتتا ئالدى قاتاردا ماڭىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى سەلبىي ھادىسىلەرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنى قوللىمايدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارشى تۇرۇشى ياخشى ئۇسلۇب، گۈزەل ئۇسۇل ۋە مەدەنىي يول بىلەن بولىدۇ.
جىھادنىڭ قورال-ياراغ بىلەن قىلىدىغان قىسمىنى قىلىشقا شەرتى توشمايدىغان يەنى تەلەپكە لايىق قۇۋۋىتى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكىرىي كۈچى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى پىرئەۋنگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى مىسال بولىدۇ. پىرئەۋن ئۆز ۋاقتىدا كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان خەلق بار ئىدى، پىرئەۋن ئۇ خەلقلەرنى گوللىغان ئىدى، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بويسۇنغان ئىدى. ئاللاھ تەئالا پىرئەۋننىڭ ئەمرىنى، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُّبِينٍ. إِلَى فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُواْ أَمْرَ فِرْعَوْنَ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ
«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانىمۇ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر پىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى»- ھۇد 11/96-97.
ئاللاھ تەئالا تەئالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن پاكىت قويۇشقا ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي. اذْهَبَا إِلَى فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَى. فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَى
«ئى مۇسا! سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىقىڭلار، ئەمر-پەرمانلىرىمنى يەتكۈزۈشتە بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئۆزىنى تۈزىتىشى مۇمكىن»- تاھا 20/42-44.
ئاللاھ تەئالا پىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَنَادَى فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي أَفَلَا تُبْصِرُونَ؛ أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ. فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
«پىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ياكى مەن ئۇ ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ قەدىرسىز ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بىرىدۇر. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟›.»- زۇخرۇف 43/51-53.
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوق ئەتمەكچى بولغان، لېكىن پىرئەۋن ئۇلاردىن بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق ئىش تاپالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەقىل-ھوشىنى يوق ئەتكەن ۋە ئۆز قەۋمىدىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ بىر دىكتاتور ئىدى، شۇنداقلا خالىغىنىنى ھېچكىمدىن سورىمايلا قىلالايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَى وَلْيَدْعُ رَبَّهُ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
«پىرئەۋن مۇنداق دېدى: ‹مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن›.»- مۇئمىن 40/26.
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە تاپالماي ئاخىرى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ۋە بۇ باھانە بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن، پىرئەۋننىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ھەرىكەت قىلمىغان، بەلكىدە ئۇ ئۆز قەۋمىنى سەۋر قىلىشقا، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا، نامازنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىغا نىشان قىلىپ بەرمەسلىككە بۇيرۇغان. مۇشۇنداق بولغاندا پىرئەۋن ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشقا سەۋەب تاپالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ مُوسَى يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ. فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ. وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ. وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
«مۇسا: ‹ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەتلا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار› دېدى.
ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹بىز پەقەتلا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن ۋە بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كاپىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».
بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى كامىل ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» يۇنۇس 10/84-87.
پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان ۋە تەكشۈرگەن ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇتقان يولنىڭ ئوخشىشىنى تۇتقان.
نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، مۇھەممەد ئەلەيھىمۇسسالاملارنىڭ ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر زالىم ھۆكۈمرانغا مۇئمىن جامائەتنى يوق قىلىۋېتىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، ئۇنىڭغا باھانە بولىدىغان ھېچبىر ئىش قىلمىغان ۋە ھېچبىر يولغا كىرمىگەن.
ئاللاھ تەئالا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەزلۇمنىڭ زالىمغا يامانلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
« ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىدىن باشقىسىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ[1]. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/148.
يەنى ئاللاھ بىرىمىزنىڭ باشقا بىرىگە يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى زۇلۇم قىلغۇچىغا يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلسا بولىدۇ (تەبەرى تەپسىرى 9/343).
مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ پىرئەۋن ئۇنىڭغا خانىدانىغا يامانلىق تىلەپ ئاشۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ مُوسَى رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَى أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَى قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّى يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
«مۇسا ئېيتتى: رەببىمىز! سەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال-مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتۇۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىينىغۇچى ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمىسۇن»- يۇنۇس 10/88.
نۇ ھ ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا. إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا. رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
«نۇھ ئېيتتى: ‹رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويما! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇز كورلاردىن باشقىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا-ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرگە مەغپىرەت قىل، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە زىيادە قىلما!»- نۇھ 71/26-28.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ توغرىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەلەردەك يول تۇتقان. مەككىدە تۇرغان 13 يىللىق ئۇزۇن زامان ئىچىدە مۇئمىنلارغا قوراللىق جىھاد قىلىش رۇخسىتى بەرمىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، دۈشمەنلەرگە مۇئمىنلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشىغا باھانە تېپىپ بەرگەن بولاتتى.
پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلى تۇتۇلغاندىن كېيىن ۋە ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ ئاساسى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىنى قوغداش رۇخسىتى بېرىلدى. چۈنكى بۇ چاغدا مۇئمىنلارنىڭ يامانلىق قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۇلارنىڭ يوق بولۇپ كېتىشلىرىگە سەۋەبچى بولماستىن، بەلكىدە ھەقنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاشۇراتتى ۋە باتىلنىڭ يوق بولۇشىغا ھەسسە قوشاتتى.
خۇلاسە
مۇئمىن ھەر دائىم قولىدىن كەلگەن جىھادنى قىلىدۇ يەنى مۇئمىن ئۆز نەپسى بىلەن ۋە شەيتان بىلەن ھەر دائىم كۈرەش قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، تارقىلىشى ۋە قوغدىلىشى، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ نۇرىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئىسلام دىيارىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئىلمى، پىكرى، ئەقلى ۋە مېلى بىلەن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. قوراللىق قىلىنىدىغان جىھادنىڭ شەرتلىرى ھازىرلىنىپ باشلانسا ئۇنىڭغا قېتىلىدۇ.
مۇئمىن ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆزىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى دەپ چۈشىنىپ سەۋر قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئىمانىدىن يانمايدۇ، ئىسلامىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئوڭ-سولغا بۇرۇلماستىن ئىسلام يولىدا ئۇدۇل ماڭىدۇ. 
قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان قىسسىلەر تارىخىي ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەكرارلىنىدۇ. مۇئمىن ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا تېڭىرقاپ ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتماستىن، ئىلگىرىكى مۇئمىن قېرىنداشلىرى شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا ئىمانىنى ساقلاپ قالغاندەك، ئىمانىنى ساقلاپ قالىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ جىھاد قىلغانلىقىدۇر.
مۇئمىن ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەر زامان ۋە ھەر ماكان ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن بەزى شارائىتلاردا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپ ياشىسا ياشايدۇكى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇسا ئوقۇيدۇكى، ئۆزىنى خەتەرگە ئاتمايدۇ. ئۆز جەمئىيىتىدىكى توغرا ئىشلارنى قوللايدۇ، خاتا ئىشلارغا مەدەنىي يول ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرىدۇ.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[1]– زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بۇ قائىدىنىڭ تېشىدا. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى پەرياد قىلالايدۇ؛ زالىمنىڭ زىيىنىغا، توۋلاپ دۇئايىبەت قىلالايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يامانلىقلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ؛ ھەتتا يامان سۆزلىرىگە، ئوخشاش يامان سۆزلەر بىلەن قارشىلىقمۇ بېرەلەيدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ