باش بەت > پەتىۋالار > گۇناھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھىمىز نېمە؟ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز نېمە سەۋەبتىن بۇ كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىمىز؟ بىز مۇسۇلمانغۇ! نېمە قىلىشىمىز لازىم؟ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
جاۋاب:
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھىمىز شۇكى:
بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردۇق، مەسچىت-جامەلىرىمىزنى يىقىپ تاشلىدۇق، ئالىم ۋە زىيالىيلىرىمىزنى ئۆلتۈردۇق.
بىز بىر زامانلار «كونىلىقچى» دېگەن «قالپاق» بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا سالمىغان زۇلمىمىز قالمىدى: ئۆزىمىزگە ئىش بەرگەن باينى، مەسچىتنىڭ ئىمام-مەزىنلىرىنى، ئۆيىدىكى قۇرئاننى كۆيدۈرۈشكە بەرگىلى ئۇنىمىغان مۇسۇلمانلارنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بويىچە كىيىم كىيگەن قوشنىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ «پىپەن» قىلدۇق، «كۈرەش» قىلدۇق، بەزىلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتۇق، بەزىلىرىنى چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلىۋەتتۇق، قولى باغلانغان «بۇزۇق ئۇنسۇر» لارنىڭ يېنىغا بارالىغانلىرىمىز بىرەردىن بولسىمۇ ئۇرۇۋېلىپ ئەنتىمىزنى ئېلىۋالدۇق، بارالمىغانلىرىمىز تىل-ھاقارەت قىلىپ ياكى تەرىگە تۈكۈرۈپمۇ بولسا قورساقلىرىمىزنى بوشىتىۋالدۇق.
قۇرئان ئوقۇغان، ناماز ئۆتىگەن، روزا تۇتقان مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چېقىپ «جاجىسىنى» بەرگۈزدۇق، بالا ئوقۇتقان ئەھلى ئىلىملەرگە كۆز ئاچتۇرمىدۇق. بۇ خىل كىشىلەرنى تۇرمىلارغا سۇلاتقۇزۇۋېتىپمۇ دەردىمىز چىقماي ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى سۆرەپ يۈرۈپ «لوگەي پىڭزىنىڭ خوتۇنى»، «بۇزۇق ئۇنسۇرنىڭ بالىسى» دەپ جەمئىيەتتە ئۇلارغا ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمىدۇق.  
مانا بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن زامانلاردا قىلغان گۇناھلىرىمىزدىن بىرقانچىسى.
ئەمدى بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايلى:
بۈگۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر كۈندە ياشاۋاتقان ئىنسانلار شەك-شۈبھىسىز بىز ئۇيغۇرلاردۇرمىز. لېكىن بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئەھۋالىمىزنى ھېس قىلمايۋاتىمىز ياكى ھېس قىلىشنى خالىمايۋاتىمىز. ھەتتا ئارىمىزدا ھازىرقى تۇرمۇشىنى «ئەڭ بەختلىك تۇرمۇش» دەپ ئويلايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ يوق ئەمەس. مانا بۇ ئەڭ چوڭ غاپىللىقتۇر. ھازىرقى ئىللەتلىرىمىزگە مىسال كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە مۇنۇ مىساللارنى كەلتۈرۈش كۇپايە قىلىدۇ:
1-بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئەمەل–ئىبادەت بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىلىم-مەرىپەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلار يوق دېيەرلىك. ئەمەلىيەت شۇكى: مەسچىت–جامەلەرنى توپا بېسىپ كەتكەن، كىنوخانا ۋە تانسا خانىلارغا ئادەم سىغمايۋاتقان.
2- مەكتەپلەردە باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئوقۇپ پۈتۈن ئىدارە-ئورگانلاردىكى ئىشلارنى قوللىرىغا ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى كوچىلاردا ئويناۋاتقان، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ «بالىمىزنى مەكتەپكە بەرمىدۇق، مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالدۇق…» دېيىشىپ ئۆزىچە خۇشال بولۇشۇۋاتقان.
3- ئۆسمۈرلىرىمىز ئىلىم ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا قاۋاقخانا، ئويۇنخانا، تاۋكا، ۋاڭبا ۋە دىبالاردا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى نابۇت قىلىۋاتقان.
4- چەتئەلدە ئايلىق مائاشىدىن ئىقتىساد قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قىلىدىغان، ھەتتا گېزىت-ژۇرناللاردا بۇ توغرىدا ئېلان بېرىدىغان ئادەملەر بار. ئۇلاردىن سورىسىڭىز «ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بايلىرى تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ھەممىسى راھەت-پاراغىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كەلگۈسى نەسلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.
بىزچۇ؟ بايلىرىمىزچۇ؟ پۇلى يوقلۇقتىن ئوقۇيالمايۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى خوتۇن ئېلىشىدىن ۋاز كەچكەن بايلىرىمىزدىن قانچىسى بار؟
بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئالدىدىكى كىبىرلىرىنى ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى خۇشامەت ۋە كەمتەرلىكى ئىنسانغا «xxxنىڭ پىستىسى»نى ئەسلىتىدۇ.
5- دىنىمىزغا خىزمەت قىلىش شارائىتى بولغان نۇرغۇن ئاياللىرىمىز مودا قوغلاشتا ۋە مېھمان چاقىرىشلاردا بىربىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دىنى ئەنئەنەلىرىمىز، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز كۈندىن–كۈنگە يوقىلىۋاتىدۇ.
6- رېستورانلاردىكى ئىسراپچىلىقلار ۋە ئايرىمخانىلاردىكى قەبىھ ئىشلار دۇنيادا بىزدىن باشقا قايسى مىللەتتە تېپىلار؟
7- ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا داۋاملىق يۆنىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار. دىنىنى پارچىلاپ، پىرقە-پىرقە بولۇپ كەتكەنلەردىن بولماڭلار. ئۇلاردىن ھەر گۇرۇھ ئۆزىنىڭكى بىلەن خۇشالدۇر»- رۇم 30/ 31-32.
لېكىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىگە ئەمەل قىلدۇقمۇ؟ جاۋاب: ياق. مەسىلەن:
ئا- بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار يەنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش، دىنى ئۆلىمالارنى ئۆلتۈرۈش، مەسچىت-جامەلەرنى يىقىش ئارقىلىق ئەڭ قەبىھ گۇناھلارنى قىلغان بولسا، ھازىرقى ئۇيغۇرلار يەنى بىز قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن ئىش قىلمايۋاتىمىز، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدا ماڭمايۋاتىمىز. ئەھۋالىمىز شۇكى:
موللىرىمىز تەمەخور، زىيالىيلىرىمىز ھەسەتخور،
دېھقانلىرىمىز پىتنىخور، يازغۇچىلىرىمىز غەيۋەتخور،
 تەقۋالىرىمىز گۇمانخور، پاسىقلىرىمىز ھارامخور،
ئاياللىرىمىز دورامچى، بالىلىرىمىز ئويۇنچى،
ياشلىرىمىز بىكارچى، قېرىلىرىمىز سۇخەنچى.
ئە- كۆپىنچىمىز ھەقىقەتنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ئەمەس، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام دىنىدىن خەۋەرسىز، لېكىن ئۆزىنى ئەھلى ئىلىم كۆرسىتىپ ئۇلارغا خاتا يول كۆرسىتىۋاتقان، خاتا پەتىۋا بېرىۋاتقان موللاچاقلاردىن «كۆڭلىمىزدىكىدەك پەتىۋا» بېرىدىغان بىرەر موللا چاقنى تېپىپ ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ موللىسى قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە «نان تاشلاپ بېرىپ»، ھەر ئىشىنى ئۇ موللا چاقتىن «پەتىۋا» ئېلىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنى ئالداۋاتقان بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ «تەقۋادار بىر زات» ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىشنى ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتىغا ئۇيغۇن ھالدا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە تىرىشماقتىمىز.
ھەر باينىڭ ياكى ھەر گۇرۇھنىڭ موللاچېقىمۇ ئاللاھدىن قورقمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەم يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلمىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان پەتىۋالارنى بېرىپ، «نان تېپىپ» يەۋاتماقتا.
بىز ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئېغىر كۈنلىرىمىزدىن قۇتۇلۇپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنى خالىساق، ھەممىمىزنىڭ تەۋبە قىلىپ «ياخشىلىق قىلغۇچىلار» بولۇشىمىز شەرت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»-]ئەئراف 7/56].
«ئاللاھ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»-[رەئد 13/11.
چۈنكى بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەت، ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تۈپەيلىدىن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت، ئۆزۈڭلار قىلغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن يېتىدۇ، ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ» شۇرا 42/30.
ئەسكەرتىش:
بۇ يەردىكى ئەيىبلەشلەردىن قۇرئان-سۈننەتنى يەتكۈزۈۋاتقان، بۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتقان، شۇنداقلا دىيارىمىزدا ئىسلامنىڭ نۇرىنى ياشارتىشقا تىرىشىۋاتقان سەمىمىي مۇسۇلمانلار مۇستەسنا.
خوش! ئەنە شۇ بۇزۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ياشاشقا مۇپتىلا بولۇپ قالغان بىر سەمىمىي مۇسۇلماننىڭ نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟ جاۋاب:
ھەقنى قۇرئان-سۈننەتتىن پۇختا ئۆگىنىپ ئۇلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بىر يامان ئىشنى كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئۇ يامان ئىشنى قىلغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشتۇر. ئۇلار بۇ تەقدىردىلا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە 5/105.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىشىمىز كېرەك. بىز قانچىلىك مۇسۇلمان؟ قانچىلىك ئىنسان؟ ئائىلە-تاۋابىئاتىمىزنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى قايسى دەرىجىدە؟…… مانا بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرشىمىز كېرەك.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم 66/6.
يا رەببى! بىز ئۇيغۇرلارنى غەپلەتتىن ئويغۇنۇشتىن ئىبارەت نېئمىتىڭدىن مەھرۇم قىلما، «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، سەن بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، سەن بىزنى ئەپۇ قىلمىساڭ بىز زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز!»، ئى ئالەملەرنىڭ رەببى مېھرىبان ئاللاھ! ئارىمىزدىكى ئەقىلسىزلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلما! ئامىن!

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ