باش بەت > گۇناھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
بىر نەچچە سوئالىم بار ئىدى، مالال كۆرمەي جاۋاب بەرگەن بولسىلا:
1- مەن ئۈزۈم تۇرۇۋاتقان يۇرتتىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشقا بىر يۇرتتا خىزمەت قىلىمەن، خىزمەت ئورنۇمدا ۋاقىتلىق ياتاق ئۆيۈم بار. يەنە بىر دوستۇمنىڭ خىزمەت ئورنى تۇرۇۋاتقان يۇرتنىڭ باشقا بىر يېزىسىدا، ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ . سوئالىم: بىز ئىككىمىزگە نامازنى قەسىر قىلىش توغرا كېلەمدۇ؟ سەپەرگە چىققانلار قانچىلىك يىراققا سەپەر قىلسا ئاندىن نامازنى قەسىر قىلىش توغرا كېلىدۇ ؟
2- بانكىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكۈمى قانداق؟ ئەگەر بانكىدا ئىشلەشنى توغرا تاپماي خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ كەتسە، قېرىغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆزى تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇپ(خىزمەت سىتاجى15-16يىل بوپقالغان)پېنسىيە يېشى توشقاندىن كېيىن پېنسىيە مائاشى ئالسا بۇلامدۇ؟
3- مەن بەش ۋاقىت نامازنى باشلىغىلى ئانچە ئۇزاق بولمىدى، ئىلگىرى خىزمەتلا قىلىپ يۈرۈپ پەقەت ئەتىگەندىلا بىر قېتىم ناماز ئوقۇپ يۇرىۋىرىپتىكەنمەن، يېقىندا ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ خاتالىقىمنى تونۇپ تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ گەرچە ئاممىۋى سورۇنلارغا بارالمىساممۇ يالغۇز تۇلۇق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، لېكىن بۇندىن ئىلگىرى ئوقۇمىغان نامازلىرىم بەك كۆپ بولغاچقا قايسى تەرىقىدە ئوقۇپ تولۇقلاشنى بىلمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانىمۇ ئېنىق بولمىغاچقا ھەم قورقۇپ ھەم بېشىم قاتتى، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئېغىر كۆرمەي مېنى توغرا يولغا يېتەكلەپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
1- سوئالنىڭ جاۋابى:
 قۇرئان كەرىمنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئايىتىدە (نىسا سۈرىسىنىڭ 101- ئايىتىدە) نامازنىڭ قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلۇشى ئۈچۈن «سەپەرگە چىقىش» شەرت قىلىنىدۇ. لېكىن ھېچبىر ئايەتتە بۇ سەپەرنىڭ مۇساپىسى توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە يوق.
بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى مۇنداق:
شۇئبە يەھيا ئىبنى يەزىد ئەلھۇنائىيدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: يەھيا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازنى قەسىر قىلىش توغرۇلۇق سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ، تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇيتتى.
شۇئبە يەھيانىڭ بۇ ئىككىنىڭ (ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخنىڭ) قايسىسىنى دېگەنلىكىنى ئېنىق ئەسلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق «ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ» دەيدۇ. بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىككى مۇساپىنىڭ بىرىگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى ئېنىق.- (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلىدۇ. ھافىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى فەتھۇلبارى ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى مۇشۇ توغرىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس دەپ يازىدۇ).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىققانلىقىنى ئاساس قىلساق، ئۈچ مىل 5 كىلومېتىر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپىدۇر. چۈنكى مىل جايلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: بىر مىل بەزى جايلاردا 1609 مېتىرغا تەڭ كەلسە، بەزى جايلاردا 1848 مېتىرغا تەڭ كېلىدۇ. بۇنى ئۈچكە كۆپەيتسەك ئۈچ مىلنىڭ يۇقىرىدىكى «5 كىلومېتىر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپە» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىققانلىقىنى ئاساس قىلساق، ئۈچ پەرسەخ ئون بەش كىلومېتىر بىلەن ئون ئالتە يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپىدۇر. چۈنكى بىر پەرسەخ ئۈچ مىلغا تەڭ كېلىدۇ. ئۈچ مىل 5 كىلومېتىر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپە بولسا، بۇنى ئۈچكە كۆپەيتسەك، ئۈچ فەرسەخنىڭ «ئون بەش كىلومېتىر بىلەن ئون ئالتە يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپە» ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (ئەلبانىي، ئىرۋائۇلغەلىل 2/18؛ ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھەتۇ 1/310).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرغانلىقى ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە نامىزى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (بۇخارى ئەلئىلەلۇ كەبىر 95).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتىھ بولغان يىلى مەككىدە 15 كۈن تۇرغان ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە نامىزى قەسىر قىلىپ ئوقۇغان- (ئەبۇداۋۇد 1231).
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شامدا ئىككى ئاي تۇرغانلىقى ۋە بۇ زامان ئىچىدە نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى، بەزى ساھابىلەرنىڭ ئەزەربەيجاندا 6 ئاي قالغانلىقى ۋە بۇ زامان ئىچىدە نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇـ (ئىبنۇلمۇلەققىن، شەرھۇلبۇخارى 8/432).
يۇقىرىدا ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىقسا، نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ 16 پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىقسا نامازنى قەسىر ئوقۇيدىغانلىقى ۋە رامىزان روزىسىنى تۇرمايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (سەھىھۇلبۇخارى1/368).
يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ناماز قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلىدىغان سەپەرنىڭ مۇساپىسى توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە يوق. بۇ توغرىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىستۇر.  بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە بىر بەلگىلىمە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى بەلگىلىمە ماھىيىتىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى تەتبىقاتى پەرقلىقتۇر. بۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مەزھەپ ئالىملىرى سەپەر مۇساپىسىنى تۆگە مېڭىشىدا ئۈچ كېچە- كۈندۈزلۈك يول دەپ بەلگىلەيدۇ. بەزى ئالىملار بۇ مۇساپىنى 85 كىلومېتىر دېسە، بەزىلىرى 88، بەزىلىرى 90، بەزىلىرى 96 كىلومېتىر دەپ بەلگىلەيدۇ. بۇلار بۇ بەلگىلەشتە نە ئايەتكە، نە ھەدىسكە ئاساسلانمايدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ئېنىق بەلگىلىمە قويۇلمىغان  بىر مەسىلىدە بەلگىلىمە قويۇش، ئاللاھنىڭ كەڭ يولىنى تارلاشتۇرغانلىق بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار مەزھەپكە ئەمەس قۇرئانغا بويسۇنۇشقا، مەزھەپ ئالىملىرىغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن مەسىلىنى بىۋاسىتە قۇرئان-ھەدىستىن چۈشىنىشى، شۇنداقلا قۇرئان-ھەدىستىن چۈشەنگىنى بويىچە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
خۇلاسە
ناماز قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلىدىغان سەپەر مۇساپىسى ۋە بىر جايدا قانچە كۈن تۇرسا مۇساپىر ھېسابلىنىپ، قانچە كۈن تۇرسا مۇساپىر ھېسابلانماسلىقى، ئۆرپ-ئادەتكە قويۇلغان. يەنى ئادەتتە بىر كىشى قانچىلىق يىراقلىقتىكى بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يولغا چىقسا مۇساپىر (يولۇچى) ھېسابلىنىدۇ، قانچىلىك يولغا چىقسا مۇساپىر ھېسابلانمايدۇ، بىر جايدا قانچىلىق تۇرسا مۇساپىرلىقى داۋام قىلىدۇ، قانچىلىك تۇرسا مۇساپىرلىقى مۇقىملىققا ئۆزگىرىدۇ، بۇنى شۇ كىشى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئادىتى بەلگىلەيدۇ.
كۈنىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر كىشى ھازىرقى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بىلەن 5 كىلومېتىرلىق يولنى بىرقانچە مىنۇتتا مېڭىپ بولىدۇ ۋە ھەرگىزمۇ سەپەرگە چىقتىم دەپ ئويلىمايدۇ. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى چوڭ شەھەرلەردە سائىتىگە 150، 200 كىلومېتىر يول ماڭىدىغان شەھەر پويىزلىرى بار.
ئىنسانلار ئەتىگىنى ئۇ پويىزلارغا ئولتۇرۇپ،40، 50، ھەتتا 100، 150 كىلومېتىرلىق يىراقلىدىكى بىر فابرىكىغا بېرىپ ئىشلەپ، يەنە ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ 1 سائەتكە يەتمىگەن بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۆيىگە كېلىپ بولىدۇ. بۇ ئىشچىلار ئەتىگىنى بولسۇن ئاخشىمى بولسۇن سەپەرگە چىقتۇق دەپ ئويلاشمايدۇ. بۇ، ئۇ شەھەرنىڭ ئادىتىدىمۇ  يولۇچىلىق (سەپەر) ھېسابلانمايدۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلمان، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش كېرەك بولغان سەپەرنىڭ قانچىلىق يىراقلىقتا بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ۋە بىر جايدا قانچىلىك تۇرسا مۇساپىرلىقى مۇقىملىققا ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننىڭ ئادىتىگە قاراپ بەلگىلىۋالسا بولىدۇ.
2- سوئالنىڭ جاۋابى:
تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن باشقا ئامال تاپالمىغانلارنىڭ كۈنىمىزدىكى بانكىلاردا باشقا ئىش تېتىپ بولغۇچە ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدىكى بانكىلار جازانىخورلۇق قىلىدۇ. ئۇ بانكىلاردا بىر ئىش تېپىپ بولغۇچە ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى، چارىسىز قالغان كىشىنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر مىقدار چوشقا گۆشى يېيىشىگە رۇخسەت قىلىنغاندەك ئىشتۇر. بۇنىڭ دەلىلى مۇنداق:
1- قاتتىق ئاچلىقتا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چوشقا گۆشىدىن بىر مىقدار يېيىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. (بەقەرە 2/173، مائىدە 5/3، ئەنئام 6/145، نەھل 16/115- ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
2- كۇپۇر سۆزنى قىلمىسا ھاياتىغا دەخلى يېتىش خەۋپى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا كۇپۇر سۆزنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويۇپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ»
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا) كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.
بۇ ئايەتتە قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان، لېكىن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن چارىسىز قالغان مۇسۇلمانغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا خىلاپ كەلمەيدىغان بىر ئىش تېپىپ بولغۇچە جېنىنى ساقلاش ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بانكىدا ئىشلىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. لېكىن چارىسىز قالمىغان بىر كىشىنىڭ كۈنىمىزىدكى بانكىلاردا ئىشلىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بانكىلار ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىدۇ. يەنى جازانىخورلۇق قىلىدۇ (ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىدۇ، ئۆسۈملۈك قەرز ئالىدۇ). بانكىدا ئىشلىگۈچىلەر ئاساسلىق ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«مَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُنْ لَهُ نَصِيبٌ مِنْهَا وَمَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً سَيِّئَةً يَكُنْ لَهُ كِفْلٌ مِنْهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ مُقِيتًا»
«كىم ياخشى شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىم يامان شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەسسىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- نىسا 4/85.
«شاپائەت» باشقىسىغا بىر ئىشتا ياردەملىشىش ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، بىر ئىشقا تەرغىب-تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئىش ئەگەر توغرا ئىش بولسا مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن ساۋاب بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ساۋابنى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا قاراپ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆپەيتىپ يازىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىش يامان ئىش بولسا، مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن بىر كىشىلىك گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ بىر گۇناھنى ئۆز ئادالىتى بىلەن بىر گۇناھ ھالىتىدە يازىدۇ. ياخشى شاپائەتتە نەسىبۇن «نصيب»، يامان شاپائەتتە كىفلۇن «كفل» دېيىلىشى مانا بۇ پەرققە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
بانكىدا ئىشلىگۈچى كىشى يامان ئىشتا باشقىسىغا ياردەملەشكەن بولىدۇ، ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بولىدۇ، يامان ئىشقا تەرغىب ۋە تەشۋىق قىلغان بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«… وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ»
«…ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر»- مائىدە 5/2.
بانكىدا ئىشلىگۈچى كىشى ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ئەمەس، گۇناھقا ياردەملەشكەن بولىدۇ.
يەنە كېلىپ جازانىخورلۇق چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تەئالا چوڭ گۇناھلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا»
«ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار چەكلەنگەن گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوق قىلىۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل بىر جايغا كىرگۈزىمىز»- نىسا 4/31.
« وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى. الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنْتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ فَلَا تُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَى»
«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يامان ئىش قىلغانلارنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ، ياخشى ئىش قىلغانلارنى ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن نېرى تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. رەببىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر. ئۇ سىلەرنىڭ، سىلەرنى ئۆزى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا تۆرەلمىلەر ھالىتىدە بولۇۋاتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ»- نەجم 53/31-32.
ئاساسلىق ئىشى جازانىخورلۇق بولغان بانكىدا ئىشلىگۈچى كىشىنى «چوڭ گۇناھدىن نېرى تۇردى» دېگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆسۈم ئالغۇچىنى، ئۆسۈم بەرگۈچىنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى يېزىپ بەرگۈچىنى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىنى لەنەتلىگەن»- (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر رىۋايەت قىلغان).
سۇغۇرتا مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنى ئۆزى تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ كېيىن شەرتى توشقاندا دەم ئېلىشقا چىقسا ۋە دەم ئېلىش مائاشى ئالسا بولىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان بىر دەلىل يوق.
3- سوئالنىڭ جاۋابى:
قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا مەيلى كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن تەۋبە قىلغانلار بولسۇن، مەيلى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
«وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَى»
«مەن تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ توغرا يولدىن ئايرىلمىغانلارنى چوقۇم ئەپۇ قىلىمەن»- تاھا 20/82.
بۇ ئايەت كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن يېنىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولسا، گۇناھكار مۇئمىنلار تەۋبە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ گۇناھلارنىڭ ياخشىلىقلارغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
«… وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«…ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر 24/31.
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا عَسَى رَبُّكُمْ أَنْ يُكَفِّرَ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ …»
«ئى مۇئمىنلار ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- تەھرىم 66/8.
«وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَامًا. يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا. إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- فۇرقان 25/68–70.
بۇ يەردە شۇنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم: تەۋبىنىڭ، شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىنىشى كېرەك. ئەكسى تەقدىردە تەۋبە قىلغۇچى يۇقىرىدىكى ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. تەۋبىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
تەۋبە (توۋا) نىڭ مەنىسى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى قايتا قىلماسلىق ئۈچۈن ئاللاھقا ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرت بار:
1- سەكراتقا چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّى إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا»
 «داۋاملىق يامانلىقلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: ‹ئەمدى تەۋبە قىلدىم› دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايديدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»- نىسا 4/18.
2- ئىخلاس، يەنى تەۋبىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، دوختۇر چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يامان ئىشنى قىلمىغان كىشى تەۋبە قىلغان بولمايدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 146 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
3- گۇناھدىن تامامەن قول ئۈزۈش، چۈنكى تەۋبىنىڭ مەنىسى گۇناھ قىلىشتىن يېنىشتۇر. گۇناھ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى گۇناھ قىلىشتىن يانمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا تەۋبە قىلمىغان بولىدۇ.
4- ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، چۈنكى تەۋبە گۇناھ ئۈچۈن قىلىنىدۇ. بۇ، تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى بىلىشىنى يەنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
5- قىلغان گۇناھقا پۇشايمان قىلماق، چۈنكى پۇشايمانسىز تەۋبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ بىر ئەركانىدۇر.
6- ئەگەر ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنى قىلىنغان گۇناھ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ۋە رازىلىشىش كېرەك.
7- قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش، چۈنكى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن گۇناھنى يەنە ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەۋبە، تەۋبە ھېسابلانمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن سىز، بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن تەۋبە قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلغان بولسىڭىز، بۇرۇن ناماز ئوقۇمىغانلىق گۇناھىڭىز ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئۇ نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىزغا كېرەك يوق.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ