مۇسۇلمانلار
بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ 1

بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ

بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ 2«بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ»

توغرا، ھەر ئادەم ئۆزى بىلىدىغان كەسىپنى قىلىش كېرەك. ھەر كىشى باشقا بىرىنىڭ كەسپىگە ھەۋەس قىلىپ، ئۆز كەسپىنى تاشلاپ ئۇ باشقىسىنىڭ كەسپىنى قىلغىلى تۇرسا، كۆزىنى چاپاق باسىدۇ، يەنى ئۇ بۇ كەسىپنى بېجىرەلمەيدۇ، ئاقتۇرالمايدۇ، شۇنداقلا جېنىنى ساقلىيالمايدۇ.

مانا بۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دۇنيالىق ئىشلار توغرىسىدا يىللارچە كۆرگەن تەجرىبىلىرىدىن كېيىن ئورتاق ئەقىللىرى بىلەن سۆزلىگەن «ھېكمەتلىك سۆز»لىرىدىن بىرىدۇر. بۇ سۆز ھامان ھەر كۈن ھەر يەردە سۆزلىنىپ كەسپىنى ئالماشتۇرماقچى بولغانلارغا بىر «ئاخىرقى نەسىھەت»، كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ كۆزىنى چاپاق بېسىپ بولغانلارغا بىر «ئاتا تەنقىدى» بولۇپ كەلمەكتە.

تارىخ بويىچە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئالەمىنىڭ دىنى ساھەسىدىمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم بورىچىلار ھالۋىچى بولۇپ، ئۇلار بەزى «قارا كۈچ»لەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھالۋىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى بازارغا سېلىپ كەلدى، ئۇلارغا ھەر زامان ئۇ «كۈچ»لەر تەرىپىدىن يېڭى بورىچىلار «ئىشلەپچىقىرىلىپ» سەپلەندى.

بۇ بورىچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى كەسىپلىرىنى تاشلاپ ھەر بىرى بىرەر ھالۋىچى (يەنى دىنى ئالىم) قىياپىتىدە جەمئىيەتكە چىقىپ، بەلكىدە چىقىرىلىپ يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن مىللىتىمىزنىڭ «بېشىغا بالا» بولۇپ كەلدى. ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن «ئۆزىگىمۇ قىلدى، مىللەتكىمۇ قىلدى». كۈنىمىزدە بۇلار پەرقلىق شەكىل، پەرقلىق شوئار ۋە پەرقلىق ئۇسلۇب بىلەن كۆزگە چېلىقماقتا.

بۇ ئىشنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق كۆرىمىزكى، ئۇزۇن زاماندىن بېرى مۇسۇلمانلار ئالەمىدە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان ئىچىدىكى ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىدە لەۋزى ئوقۇپ ساۋاب قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇلۇپ كەلدى.

شۇنىڭدەك، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئېلىپ بارغان ئىش ۋە پائالىيەتلىرىنى، ئەسھابىغا سۆزلىگەن تەۋسىيە ۋە يوليورۇقلىرىنى، يېنىدىكىلەرگە قىلغان مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى، قىيامەتكىچە پۈتۈن ئۇممىتىگە قالدۇرغان نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ھاياتىمىزغا ئۆرنەك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىدە بەرىكەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇلۇپ كەلدى.

دىنىمىزنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان قۇرئان-ھەدىس مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىن ئەنە شۇ شەكىلدە يىراقلاشتۇرۇلدى. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئورنىغا مەزھەپ ۋە تەرىقەت كىتابلىرى، بىر قىسىم پارس ۋە ئەرەب ئەدەبىيات كىتابلىرى، بەزى ھىندۇ مىستىزم كىتابلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھەر زامان ۋە ھەر ماكان بىر تەرەپتە ھەقكە دەۋەت قىلىدىغان، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان ئالىملار قۇرئان–ھەدىسكە مەھكەم ئېسىلىشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتە خۇراپاتقا دەۋەت قىلىدىغان، بىدئەتنى سۆزلەيدىغان ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان ئالىمغا ئوخشاشلار تەرىقەت ۋە مەزھەپ كىتابلىرىنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىپ كەلدى.

ئالىملار ھەر پۇرسەتتە كەڭ مۇسۇلمانلارغا قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئىسلامنى تەبلىغ قىلدى . ئالىمغا ئوخشاشلار ھەر پۇرسەتتە تەرىقەت ۋە مەزھەپ ئاساسىدا بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنى بازارغا سالدى. ئالىملار ئايەت-ھەدىسكە، ئالىمغا ئوخشاشلار ھاۋايى-ھەۋەسكە ئاساسلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدىكى كۈرەش مانا بۇ شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلدى.

ئالىملارنى تونۇش ئۇنچە تەس ئەمەس، لېكىن ئالىمغا ئوخشايدىغانلارنى پەرق ئەتمەك ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇزۇندىن بېرى بۇ كۈرەشنىڭ ئىچىدە ياشىغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالىمغا ئوخشاشلارنى بىرقەدەر تونۇغاندەك قىلىمەن. تۆۋەندە ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن:

1- ئىران ئەدەبىياتىدىن، ئەرەب مەدەنىيىتىدىن ۋە ھىندۇ مىستىزمىدىن دىنى تۈس بىلەن دىيارىمىزغا ئېقىپ كىرگەن ھېكايە ۋە چۆچەكلەرنى دىنى پەند-نەسىھەتلەر سۈپىتىدە نەقىل قىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ دىنىمىزغا بولغان ھۆرمىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دىننى يېتەرلىك دەرىجىدە بىلمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ جان ساقلايدىغان رەمچى، پالچى، چىراغچى، باخشى، ئىسسىتقۇچى، سوۋۇتقۇچى قاتارلىق ئېسىل ھابداللاردۇر.

2- ئەمەۋىي ۋە ئابباسىيلار دەۋرلىرىدە مۇسۇلمانلارنى سىياسىي ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى سۇلتانلارنىڭ پەرمانلىرى بىلەن قۇرۇلغان تەرىقەت ۋە مەزھەپ، پەيدا قىلىنغان پىكىر ۋە كۆزقاراش، «ئىمپورت» قىلىنغان يول ۋە ئېقىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى قۇرئان-ھەدىستىنمۇ ئۈستۈن كۆرۈش غەپلىتىگە پېتىپ، تارىختىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىن قۇللۇقتا، ئىلمىي جەھەتتىن نادانلىقتا، مەدەنىي جەھەتتىن ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلگەن ئىشان-سوپىلاردۇر ۋە ئۇلارنىڭ پېشىنى كۆتۈرۈپ جان ساقلايدىغان ئالىم قىياپەتلىك جاھىللاردۇر.

3- بەزى كۆزى ئاجىز كىشىلەر ئىششىقنى سېمىز دەپ ئويلاپ قالغاندەك، تەرجىمە قىلالىغانلىقنى ئىلىم ئۆگەنگەنلىك، تەقلىد قىلغانلىقنى دىندار بولغانلىق، نەقىل قىلغانلىقنى دەلىل كەلتۈرگەنلىك، دەپ چۈشىنىپ قالغان موللىچاقلاردۇر.

كۈنىمىزدە ھەر خىل قىياپەتلەر بىلەن ئېقىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا «ساقال قويمىغانلار كاپىر» دەپ مۇسۇلماننى كاپىر دەۋاتقان، «ھازىرقى ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ» دەپ مەسچىت–جامەلىرىمىزنى مۇسۇلمانلاردىن «پاكىزلاپ» كۇپۇرنىڭ خىزمىتىگە تولۇق سۇنۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، «مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ پۈتكۈل ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-فابرىكا ۋە كان-كارخانىلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ «ئاكا» لىرىغا ئىش ئورنى تەييارلاشقا تىرىشىۋاتقان، «ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىق» دەپ دىيارىمىزدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقان ئۇ ئەزىز مىللەتنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا، ئۆمۈرلۈك مۇساپىرچىلىققا ۋە چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا دەۋەت قىلىۋاتقان موللىچاقلارنىڭ سەمىمىيلىرى مانا بۇ ئۈچىنچى تۈرلۈك بورىچىلاردىندۇر.

ئەسلى كەسپىنى تاشلاپ دىنى ئالىملىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى ئالداش بەدىلىگە جان ساقلاۋاتقان مەنىۋى بورىچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە مېنىڭ كۆزۈمگە چېلىققانلىرى ئەنە شۇلاردۇر. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا دىنىمىزنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى ئېغىز نەسىھەت قىلماقچىمەن.     

1- ئىسلام دىنى

بىزنىڭ دىنىمىز ئاللاھ تەئالا نازىل قىلغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىندۇر. بۇ دىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدا ھەججى ئەسناسىدا ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن تاماملانغانلىقى ۋە مۇكەممەل قىلىنىپ بولغانلىقى ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلغان ئىسلامدۇر. بۇ ئىسلامدا كەمچىلىك يوق، چالا قالغان بىرەر مەسىلىمۇ يوق. بۇ ئىسلام قىيامەتكىچە ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ بىرلا كىتابى بار، ئۇ بولسا قۇرئان كەرىمدۇر. بىرلا يولباشچىسى بار، ئۇ بولسا پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ ئىسلامدا ئەنە شۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى ۋە ئەنە شۇ پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرى دەلىل قىلىنىدۇ.

 مۇسۇلمان مانا مۇشۇ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىدۇر. بۇنداق مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمدە ھەر نەرسىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى تولۇق يەتكۈزگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا «ئىسلام» دېيىلسە، ئۇنىڭ ئەقلىگە ئەنە شۇ ئىسلام كېلىدۇ، ئۇ دىن نامىدىن قىلغان ھەر سۆزىنى ۋە ھەر پېئىلىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسلاندۇرىدۇ.

دېمەككى، ئىسلام ئاللاھقا تەسلىم بولۇش، دېمەكتۇر. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا بويسۇنۇش بىلەن ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشتە نامايەندە بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىسلامدا مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر مەزھەپكە كىرىش ياكى مەلۇم بىر تەرىقەتكە مەنسۇپ بولۇش ۋە ياكى مەلۇم بىر گۇرۇھقا ئەزا بولۇش شەرت قىلىنمىغان. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تارىخ بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ئالىملىرى ھەر دائىم بۇ ئىسلامنى ئۆگىنىش-ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن.

2- ئىككى ئېغىز نەسىھەت

مەن بۇ نەسىھەتنى ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە، ئاندىن ئۇلارغا قىلىمەن:

ئى «مۆھتەرەم»لەر!

دىن نامىدىن قىلىدىغان ئىلمىي خىزمىتىمىز تەتقىق ۋە تەھقىق بولسۇن. دىندارلىقىمىز «ئۇلۇغ زات»لارغا تەقلىد ئەمەس، پەيغەمبەرگە ئەگىشىش بولسۇن. يولىمىز مەزھەپچىلىك ئەمەس، ئىسلامچىلىق بولسۇن. دەلىلىمىز مەزھەپ كىتابلىرى ئەمەس، قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى بولسۇن. شۇئارىمىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇممىتىنى رەسۇلۇللاھنىڭ يولى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش بولسۇن.

ئۇششاق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تاشلاپ، مىللىتىمىزنى قۇرئان-ھەدىس ئاساسىدا ھەقىقىي مەنىدە تەقۋادار بولۇشقا، لايىق رەۋىشتە ئىلىم-مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىشقا ۋە چىن يۈرەكتىن بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە دەۋەت قىلايلى!

دوستلىرىمىز مۇسۇلمانلار بولسۇن. دۈشمەنلىرىمىز شەيتان ۋە شەيتاننىڭ دوستلىرى بولسۇن. ئارزۇيىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە مۇسۇلمانچە ياشىشى بولسۇن. غايىمىز رەببىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن! ئېتىقادىمىز شۇنداق بولسۇنكى:

ئىسلام ئاللاھقا تەسلىم بولماقتۇر.

قۇرئان ئاللاھ نازىل قىلغان، رەسۇلۇللاھ تەبلىغ قىلغان كىتابتۇر.

رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ شېرىكى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىگە چوقۇنۇش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر، ئەلچىلىكىگە ئەگىشىش ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانلىقتۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش، قۇرئاننى ئۆگىتىش ۋە قۇرئاننى ئىجرا قىلىشتۇر، شۇنداقلا قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇشتۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن تا ھازىرغىچە دىنىمىزغا خىزمەت قىلغان ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى ئۇستازلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن پايدىلىنايلى، ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلايلى، لېكىن دىنى مەسىلىدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاساس، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئىزاھلىغۇچى دەپ قوبۇل قىلايلى.

3- تەرسالارغا ئىككى ئېغىز سۆز

ئى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىس شەرىپلەرنىڭ تەجىمىلىرى قىلىنىپ نەشر قىلىنغىلى چارەك ئەسىردىن ئارتۇق زامان ئۆتكەن بۇ كۈنلەردە يەنىلا بىدئەت، خۇراپات ۋە شېرىكلەر پاتقاقلىرىدا ئۈزۈۋاتقان ئەقىلسىزلەر!

ئى ھاياتى بويىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشنىڭ لەززىتىنى ئالالمىغان، پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلالمىغان چارىسىزلار!

ئى دىنسىزلار مىليونلارچە پۇل خەجلەپمۇ قىلالمايۋاتقان ئىشلارنى ھىجرەت ۋە جىھاددەك تەۋەررۈكلەرنى سەرمايە قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان ئەقىلسىز دوستلار!

ئى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا مۆكۈنۈپ يۈرگەن بولۇپ، چەتئەللەردە قۇرۇلۇپ بىرەر قېتىممۇ ھاكىمىيەتكە كېلىپ باقمىغان «بالا پارتىيە» لەرنىڭ «نىزامنامە»لىرىنى تارقىتىپ، نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنىڭ سەرگەردان، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ تۇل، نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھايات تۇرۇپ يېتىم بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان سىرلىق مۇجاھىد، جاھىل مۇجتەھىد، كالتا كۆسەي موللا ۋە قۇرئاندىن خەۋەرسىز قارىمچاقلار!

سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا قايتىشىڭلارنىڭ ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟ رەسۇلۇللاھنىڭ يولىغا كىرىشىڭلارنىڭ زامانى كەلمىدىمۇ؟ سىلەر ئاللاھ، رەسۇل، قۇرئان، ھەدىس، دېگەن تەۋەررۈكلىرىمىزنىڭ مەنىلىرى ۋە ئەھمىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ياق، چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارنى بىدئەت چاپاقلىرى، كۆڭۈللىرىڭلارنى خۇراپات قاراڭغۇلۇقلىرى ئاللىبۇرۇن بېسىپ بولغان.

شۇڭا سىلەر ۋەھىي بىلەن ۋەسۋەسىنى، ھەدىس بىلەن ھەۋەسنى، مەدداھ شاھ مەمەتنىڭ ھېكايىسى بىلەن پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ ھەدىسنى ئايرىيالمايسىلەر.

شۇڭا سىلەر ئادەتنى ئىبادەت، خۇراپاتنى دىيانەت، شېرىكنى ئىمان، بىدئەتنى ئىسلام دەپ تەسەۋۋۇر قىلىسىلەر.

شۇڭا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ئىشاننى بۈيۈك ئالىم، شەيتاننى پىرى كامىل دەپ كۆرىدۇ.

شۇڭا سىلەر قۇرئان تەپسىر قىلىنغان يەردە ئولتۇرالمايسىلەر، ھەدىس ئىزاھلانغان يەردە تۇرالمايسىلەر.

شۇڭا سىلەردە بىرەر مەسىلە توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بىر نەتىجە چىقىرىش قابىلىيىتى يوق.

    شۇڭا سىلەرنىڭ «موللا» بولالىغانلىرىڭلار «ئۇلۇغ»لىرىڭلار، نېمە دەپ بەرسە شۇنى ئۈنئالغۇدەك ياكى شاتۇتىدەك نەقىل قىلىسىلەر. «موللا» بولالمىغانلىرىڭلار غەيۋەت قىلىسىلەر. سىلەرنىڭ «ئۇلۇغ»لىرىڭلار ئەمەۋىي ۋە ئابباسىي سۇلتانلىقلىرى دەۋرلىرىدە، دىنى ساھەدە قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسەن ئەمەس، «سۇلتاننىڭ پەرمانى»غا ئاساسەن يېزىلغان كىتابلارنى ئوبدان بىلگەنلىكنى «دىنى ئىلىم» دەپ گۇمان قىلىپ قالغان «زات»لار بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئەنە ئاشۇنداقتۇر. چۈنكى توخۇنىڭ بالىسى چۈجە بولىدۇ، ئەسلا قوزا بولمايدۇ. «كەم ئالەت» بىلەن «كامالەت»كە يەتكىلى بولمايدۇ.

شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى:

بىر ئىشنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئۇ نەرسىنىڭ بەزى كاللىلارغا سىغىپ-سىغمىغانلىقى بىلەن ئەمەس، قۇرئان-ھەدىستىن دەلىلگە ئاساسلىنىپ ئاساسلانمىغانلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. بىر نەرسىنىڭ بىر كىشىدە بولمىغانلىقى، ئۇ نەرسىنىڭ باشقىلاردىمۇ بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلمايدۇ.

كۆز ئەشيالارنى كۈننىڭ نۇرىدا كۆرگەندەك، ئەقىلمۇ توغرىنى ۋەھىينىڭ نۇرىدا تونۇيدۇ. ۋەھىيدىن يىراقلاشقانلارنىڭ ئەقىل كۆزى كورلىشىدۇ. دېمەككى، ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىك مەنىۋى كورلۇققا قەدەم باسقانلىقتۇر.

كېسەل كىشىگە تاتلىق تاماق ئاچچىق تېتىيدۇ. شەپەرەڭلەر كۈن نۇرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. خالادا ياشايدىغان قوڭغۇزلار ھاۋاسى پاكىز جايدا نەپەس ئالالمايدۇ. بەزى كۆنچىلەر ئەتىرچىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بۇرنى پۈتۈپ قالىدۇ.

بەزى ئىتلار خىيالى تۇرغانلارغىمۇ قاۋايدۇ. بۇ ئۇ تۇرغانلارنىڭ ئۇ ئىتلارغا قىلغان يامانلىقىدىن ئەمەس، بەلكىدە ئۇ ئىتلارنىڭ ئىتلىقىدىندۇر.

بۇ مەنىۋى ئەينەكلەرگە قاراپ ئۆزۈڭلارنى تونۇۋالغايسىلەر.

4- غاپىللارغا ئىككى ئېغىز سۆز

بىز ئۇيغۇرلاردا خىزمەت قىلغانلارنى تەقدىرلىمەسلىك، خائىنلىق قىلغانلارنى لەنەتلىمەسلىك كېسىلى خېلى ئېغىر، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. لېكىن سىلەردە توغرىنى «توغرا»، خاتانى «خاتا» دېيىش جاسارىتىمۇ قالمىدىمۇ؟ سىلەردە ئاقنى ئاق، قارىنى قارا كۆرىدىغان كۆزمۇ يوقمۇ؟

دوست تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولماسلىق پەرۋاسىزلىق بولسا، دۈشمەن تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭ «ئادۋوكاتلىق» ىنى قىلىش پەسكەشلىكتۇر. مۇسىبىتىگە يىغلاۋاتقان دوستىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يىغلىشىپ بەرمەسلىك ئەيىب بولسا، بۇ مۇسىبەتنىڭ يەتكەنلىكىگە قاراپ كۈلۈۋاتقان دۈشمەن تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۈلۈشۈپ بېرىش مۇناپىقلىقتۇر. توغرىنى بىلىپ تۇرۇپ سۆزلىمەسلىك شەيتانلىقتۇر.

خۇلاسە

دۇنيالىق جەھەتتىكى بورىچى ھالۋىچى بولسا، پەقەت ئۇنىڭ كۆزىنىلا چاپاق باسىدۇ. لېكىن دىنى جەھەتتىكى بورىچى ھالۋىچى بولسا، باشقىلارنىڭ كۆزلىرىنى چاپاق باسىدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ كۆزلىرى كور بولىدۇ. چۈنكى دۇنيالىق جەھەتتىكى بورىچى ھاياتىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھالۋا يەپ باققانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەتكىنىنىڭ ھالۋا بولمىغانلىقىنى بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى تونۇپ يېتىدۇ، شۇنداقلا ئەسلى كەسپىگە قايتىدۇ.

ئەمما دىنى جەھەتتىكى بورىچى ئەسلى ھالۋىنىڭ تەمىنى بىلمىگەنلىكى، بىلىدىغىنى پەقەت ھالۋىنىڭ كۆرۈنۈشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەتكىنىنىڭ ھالۋا ئىكەنلىكىگە ئالدى بىلەن ئۆزى ئىشىنىدۇ، ئاندىن باشقىلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپىگە قايتمايدۇ، ھەتتا زامان ئۆتكەنسېرى ئۆزىنىڭ «ئۇستا ھالۋىچى» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارغا ماغزاپنى نىشالا، زەمچىنى ناۋات، تۇزنى شېكەر، ئاتىلانى ھالۋا، دەپ سۇنۇشقا داۋام قىلىدۇ.

ئۇ نەرسىلەرنى ھالۋا نىيىتى بىلەن ئىستېمال قىلغانلارمۇ ئەسلى ھالۋىنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئىستېمال قىلغىنىنىڭ ھالۋا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ھالبۇكى، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە بۇزۇلمىلار مەيدانغا كەلگەن، بارا-بارا بۇزۇلما مېڭە ۋە يۈرەكلەرنى قاپلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ تېتىش قۇۋۋىتى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى يوقاتقان، شۇنداقلا تېتىغان نەرسىلەر ھەققىدە خاتا يەكۈن چىقىرىدىغان بولۇپ قالغان.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرۈنۈشتە ساق، لېكىن ئىچكى جەھەتتىن تامامەن ئېغىر كېسەل ئادەملەر جەمئىيىتى شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەتتە ئەسلى ھالۋىچىنىڭ ھالۋىسى ئاقمايدىغان بولغان. شۇڭا ھەر ئادەم ئۆز ئىشىنى قىلىشى كېرەك، ۋەسسالام.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر