مۇسۇلمانلار

يامانغا يامان بولماڭ

سوئال:

بىز بىر قىسىم ياشلاردۇرمىز. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ۋە «ياخشىلار باغچىسى» دەك ھەدىس كىتابلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئوقۇپ توغرا يولنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىمىز. لېكىن ئەتراپىمىزدا بىزنى پەقەت ئايەت-ھەدىس ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈنلا تىللاۋاتقانلار بار. مەسىلەن: بەزىلەر بىزنى، بەتمەزھەپ، ۋاھابىي، دىنسىز، زىندىق… دېگەندەك تىللار بىلەن تىللاۋاتىدۇ. ئۇلارغا قارشى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب:

ئۇلارغا قارشى سەۋر قىلىمىز. چۈنكى ئىتنى چىشلىدى دەپ چىشلىگىلى، تورپاقنى ئۈستى دەپ ئۈسكىلى بولمايدۇ. يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. سەۋر قىلىمىز ۋە يولىمىزغا مېڭىۋېرىمىز. بەلكى ئۇلار بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى ھەقنى چۈشىنىپ سېپىمىزگە قوشۇلىدۇ ياكى ئاللاھ تەئالا بىزنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ. وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ»

«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. مۇشۇنداق قىلساڭ، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ»- فۇسسىلەت 41/34-35.

خۇراپاتنى تاشلاپ قۇرئانغا قايتىشنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەخسىيىتىگە چوقۇنۇشتىن يېنىپ ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئەگىشىشنى تەشەببۇس قىلغانلارنى بەزى ئىنسانلارنىڭ تىللىشى ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُواْ أَذًى كَثِيراً وَإِن تَصْبِرُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الأُمُورِ‏».

 «سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كۆپ ئازار ئىشىتىسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار ئىرادىلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىسىلەر»- ئال ئىمران 3/186.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر