مۇسۇلمانلار

ئاياللار پەرقلىق ئوقۇمدۇ؟

سوئال:
ئايال مۇسۇلمانلار نامازنى ئەر مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىق ئوقۇيامدۇ؟ قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە بۇ توغرىدە بىر بەلگىلىمە بارمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب:
نامازنىڭ ئوقۇلۇشى ئاياللار ئۈچۈن پەرقلىق ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن پەرقلىق ناماز ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە ياكى سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدا ھېچقانداق بەلگىلىمە يوقتۇر. پەقەت ئەبۇ داۋۇدنىڭ مەراسىل ناملىق كىتابىدا بىر رىۋايەت بار. لېكىن بۇ رىۋايەت ھەم سەھىھ مەنبەلەردە بولمىغانلىقى، ھەمدە مۇرسەل[1] بولغانلىقى ئۈچۈن دەلىل بولالمايدۇ[2].
ئاياللارنىڭ نامىزى توغرىسىدا بەزى كىتابلاردا ئېيتىلغان پەرقلەر فىقىھ ئالىملىرىنىڭ كۆزقارىشىدۇر، خالاس. ئۇلار بۇ پەرقلەرنى ئاياللارنى ئوبدان يوشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن: ھەنەفىيە فىقىھ كىتابلىرىدا ئايا كىشىنىڭ قوللىرىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە قويۇشى، رۇكۇدا بوشراق ئىگىلىشى، سەجدىنى ئەر كىشىدىن پەرقلىق قىلىشى… زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئايال كىشى ئۈچۈن «يۆگىلىشكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بىر ئىش» بولىدىغانلىقى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بولۇپمۇ ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بولغان ھىدايە ناملىق كىتابتا بۇنىڭدەك پەرقلەرنىڭ سەۋەبى داۋاملىق «لەئەننەھا ئەستەرۇ لەھا/ بۇ ئۇلار ئۈچۈن يۆگىنىشكە تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر» دېگەن شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن پەرقلىق ناماز ئوقۇشىنىڭ «يۆگىنىشكە تېخىمۇ ئۇيغۇن» بولىدىغانلىقىغا دائىر نە بىر ئايەت، نە بىر ھەدىس يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش نامازلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇشى لازىم. چۈنكى ئۇ ئەر-ئايال ئايرىماستىن: «مېنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىمنى كۆرگەن بولساڭلار، شۇنداق ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن[3].

[1]مۇرسەل ھەدىس:سەنەدىدىن بىر ساھابە چۈشۈپ قالغان ھەدىس، تابىئىنلاردىن بىرى سەنەدىدە ساھابىنى زىكىر قىلماستىن بىۋاسىتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ رىۋايەت قىلغان ھەدىس، دېمەكتۇر. مۇرسەل ھەدىسلەر زەئىپ ھەدىسلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇرسەلنىڭ زەئىپ ھېسابلىنىشىنىڭ سەۋەبى سەنەدىنىڭ مۇتتەسىل (ئۇلىنىپ كەلگەن) بولماسلىقىدۇر. مۇرسەل دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا راۋىسىنىڭ ئۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھدىن ئاڭلىغان ساھابىنى زىكىر قىلماستىن بىۋاسىتە رەسۇلۇللاھتىن نەقىل قىلىشىدۇر.
مۇرسەل ھەدىس دەلىل بولالمايدۇ. بۇ كۆزقاراش ئۈستىدە ھەدىس ھافىز ۋە مۇنەققىدلىرى بىردەك ئىتتىپاق قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنى ئەسەرلىرىدە تىلغا ئالىدۇ. مۇسلىم، ئۆزىنىڭ «سەھىھ» ىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ۋە ھەدىسچىلەرنىڭ قەتئىي قانائىتى شۇدۇركى، مۇرسەل ھەدىس دەلىل بولالمايدۇ» (سۈبھى ئەسسالىھ، ھەدىس ئىلىملىرى ۋە ھەدىس ئىستىلاھلىرى، تەرجىمە، م. ياشار قاندېمىر، 4- باسمىسى، ئەنقەرە 1986، 137-139- بەتلەر).   

[2]– قاراڭ: ناسىرۇددىن ئەلبانى، ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ شەكلى.

[3]– بۇخارى، ئەزان 18.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر