مۇسۇلمانلار

سەجدە قانداق قىلىنىدۇ

5- سەجدە 
لۇغەتتە «ئېگىلمەك، بويۇن ئەگمەك، تەۋازۇ بىلەن پېشانىنى يەرگە قويماق» دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان سەجدە، فىقىھ ئىستىلاھىدا نامازدا پېشانە، بۇرۇن، ئىككى ئالىقان، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتنىڭ بارماقلىرى زېمىنغا تېگىدىغان شەكىلدە يەرگە يىقىلىشنى ئىپادىلەيدۇ[1].
رۇكۇنىڭ پەرزلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئايەت ئەينى ۋاقىتتا سەجدىنىڭ پەرزلىكىگىمۇ دەلىل بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت»- ھەج 22/26.
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- ھەج 22/77.
 
بۇ ئايتلەر نامازدا سەجدە قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بىر رەكەتتە ئىككى سەجدە قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە سەجدىنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
5. 1- سەجدىنىڭ قىلىنىش شەكلى:
ناماز ئوقۇغۇچى كىشى رۇكۇدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ باش كۆتۈرىدۇ ۋە تۈپتۈز ھالەتكە كېلىپ «رەببەنا لەكەل ھەمدۇ» دەيدۇ. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. سەجدىدە پېشانىسىنى، بۇرنىنى، ئالىقانلىرىنى، تىزلىرىنى ۋە پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى يەرگە قويىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇرۇلدۇم» دېگەن ۋە قولى بىلەن پېشانىسى ، بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچلىرىغا ئىشارەت قىلغان[2].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«شۈبھىسىزكى، ئىككى قول، خۇددى يۈز سەجدە قىلغاندەك سەجدە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرىڭلار سەجدىدە يۈزىنى (پېشانىسىنى ) يەرگە قويسا قوللىرىنىمۇ قويسۇن. يۈزىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنىمۇ كۆتۈرسۇن»[3]
 بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سەجدە قىلغان چېغىڭدا قوللىرىڭنى يەرگە قويغىن، جەينەكلىرىڭنى يەردىن كۆتۈرگىن»[4].
ئابدۇللاھ ئىبنى مالىك ئىبنى بۇھەينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدا سەجدىگە بارغان چېغىدا قوللىرىنىڭ ئارىسىنى قولتۇقلىرىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگەنگە قەدەر ئاچاتتى»[5].
ئەبۇ ئىسھاق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەرائ ئىبنى ئازىبتىن رەسۇلۇللاھ سەجدە قىلغاندا يۈزىنى قەيەردە قوياتتى؟ دەپ سورىدىم، ئۇ «ئىككى قولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا» دەپ جاۋاب بەردى[6].
5. 2- سەجدىدە تەئدىل ئەركان:
رۇكۇدا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە تەئدىل ئەركانغا رىئايە قىلىش كېرەك بولغاندەك، سەجدىدىمۇ ۋە ئىككى سەجدە ئارىسىدىمۇ تەئدىل ئەركانغا رىئايە قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن بىرى رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە بېلىنى تولۇق رۇسلىمىغىچە نامىزى يېتەرلىك بولمايدۇ»[7].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«نامازغا تۇرغان چېغىڭدا ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغاننى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن ۋە رۇكۇدا بەدەن ئورگانلىرىڭ ئارام ئالغانغا قەدەر تۇرغىن. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىڭنى كۆتۈرگىن. ئاندىن رۇسلىنىپ بەدەن ئورگانلىرىڭ ئارام ئالغانغا قەدەر ئۆرە تۇرغىن. ئاندىن سەجدە قىلغىن ۋە سەجدىدە ئارام ئالغىن. ئاندىن سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرگىن ۋە تۈز ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىن. نامازنىڭ پۈتۈن رەكەتلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغىن»[8].
پەيغەمبىرىمىز رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى ئالدىراپ تەئدىل ئەركانغا رىئايە قىلماستىن ئوقۇغانلارنىڭ «ناماز ئوغرىسى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىم[9].
5. 3- سەجدىدە تەسبىھ
رۇكۇدا ۋە نامازنىڭ باشقا يەرلىرىدە بولغاندەك سەجدىدىمۇ تەسبىھ بار. ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەجدىدە خىلمۇخىل ۋە بىر-بىرىدىن پەرقلىق زىكىر ۋە تەسبىھلەرنى ئوقۇغانلىقى بىلىنىدۇ. لېكىن ئەئلا سۈرىسىنىڭ (87- سۈرە) بىرىنچى ئايىتى بولغان «سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى»[10] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا پەيغەمبىرىمىز سەجدىدە «سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى»[11]دېيىشكە باشلىغان ۋە ساھابىلىرىنىمۇ مۇشۇنداق دېيىشكە بۇيرۇنغان.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ»[12] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بۇنى رۇكۇئۇڭلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈڭلار» دېدى. «سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى»[13] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا «بۇنى سەجدەڭلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈڭلار» دېدى[14].
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: سۇبھانە رەببىيەلئەئلا «سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى»[15] نى ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم دېيىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىرىڭلار رۇكۇغا بارغان چېغىدا رۇكۇ ھالىتىدە تۇرۇپ ئۈچ قېتىم سۇبھانە رەببىيەلئەزىم «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» دېسە، قىلغان رۇكۇسى تامام بولىدۇ، لېكىن بۇ ئەڭ ئېزىدۇر. سەجدە بارغان سەجدىلىرىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانى ئۈچ قېتىم دېسە سەجدىسى تامام بولىدۇ، لېكىن بۇ ئەڭ ئېزىدۇر»[16].
بۇ ھەدىستىن رۇكۇدا سۇبھانە رەببىيەلئەزىم «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» دېگەن تەسبىھنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.
5. 4- سەجدىدە قۇرئان ئۇقۇشنىڭ چەكلىنىشى
زىكىر ۋە تەسبىھ يېرى بولغان رۇكۇ ۋە سەجدىدە قۇرئان ئوقۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«مەن رۇكۇ ۋە سەجدىدە قۇرئان ئوقۇشتىن مەنئى قىلىندىم. رۇكۇدا ئاللاھقا تەزىم قىلىڭلار. سەجدىدە دۇئا قىلىشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى سەجدىدە قىلغان دۇئايىڭلار ئىجابەت بولۇشقا بەك لايىقتۇر»[17].
تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزىنى تەكىتلەيدۇ:
«إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِآَيَاتِنَا الَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِهَا خَرُّوا سُجَّدًا وَسَبَّحُوا بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ»
«بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ»- سەجدە 32/15.
«قُلْ آَمِنُوا بِهِ أَوْ لَا تُؤْمِنُوا إِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهِ إِذَا يُتْلَى عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا. وَيَقُولُونَ سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنْ كَانَ وَعْدُ رَبِّنَا لَمَفْعُولًا»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قۇرئانغا خالىساڭلار ئىشىنىڭلار، خالىساڭلار ئىشەنمەڭلار. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ ۋە: رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى راستتىنلا ئەمەلگە ئاشتى، دەيدۇ»- ئىسرا 17/17-18.
بۇ ئايەتلەردە سەجدىدە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشنىڭ قۇرئان ئوقۇش ئەمەس، «ئاللاھ پاكتۇر» دېگەن مەزمۇندا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
5. 5- سەجدىدە دۇئا قىلىش:
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر سەجدىدە يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقاندىن كېيىن دۇئا قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»[18].
ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ سەجدىدە ھەر خىل دۇئالارنى قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن ئىككىسى مۇنداق:
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي»
«ئى ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىل!».
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي ذَنْبِي كُلَّهُ دِقَّهُ وَجِلَّهُ وَأَوَّلَهُ وَآخِرَهُوَعَلاَنِيَتَهُ وَسِرَّهُ»
«ئى ئاللاھ! چوڭ-كىچىك، ئاۋۋال-ئاخىر ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىل!»[19].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ دۇئالىرىغا قارالسا ئۇلارنىڭ ئايەت بولمىغانلىقى، يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەجدىدە كۆڭلىگە كەلگەن بويىچە دۇئا قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ سەجدىدە تەسبىھلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئانى خالىغان تىلدا قىلىشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ھەدىسلەردىن بىلىنىشىچە سەجدىدە دۇئا قىلىشتا پەرز ياكى نەپلە ناماز دەپ بىر پەرق يوقتۇر. ھەرقانداق نامازنىڭ سەجدىسىدە خالىغانچە دۇئا قىلىشقا بولىدۇ.
5. 6- سەجدىدىن باش كۆتۈرۈش:
ناماز ئوقۇغان كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە سەجدىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بېشىنى كۆتۈرىدۇ ۋە ئولتۇرىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشتىمۇ تەئدىل ئەركانغا رىئايە قىلىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامىزىنى تەرىپلەپ بەرگەن ساھابىلەر: «رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇسى، سەجدىسى ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئولتۇرۇشى بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى» دەيدۇ[20].
ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۇ ئولتۇرۇشتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر خىل دۇئالارنى قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەردىن بىر قىسمى مۇنداق:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق دەيتتى:
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَاجْبُرْنِي وَاهْدِنِي وَارْزُقْنِي» دەيتتى.
«ئى ئاللاھ! مېنى ئەپۇ قىل، ماڭا رەھىم قىل، تېنىمنى ساق قىل، مېنى ھىدايەت قىل، ماڭا رىزىق ئاتا قىل»[21].
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئولتۇرۇشتا مۇندا دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«رَبِّ اغْفِرْ لِي رَبِّ اغْفِرْ لِي»
«رەببىم! مېنى ئەپۇ قىل، رەببىم! مېنى ئەپۇ قىل!»[22].
بۇ يەرگە قەدەر بىر رەكەت نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئۆگىنىشكە تىرىشتۇق. نامازنىڭ باشقا رەكەتلىرىمۇ بۇ بىر رەكەتكە ئوخشاش ئوقۇلىدۇ. نامازنىڭ پەرز ۋاجىپ ، سۈننەت ياكى نەپلە ناماز بولۇشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ھەممىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئوقۇلىدۇ. بىر نامازنىڭ يەنە بىر نامازدىن پەرقى نىيەتتىلا ئايرىلىدۇ، خالاس. لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى: پېشىن، ئەسىر، شام  ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكەتلىرىدە سۈرە فاتىھەلا ئوقۇلىدۇ، سۈرە زەم قىلىنمايدۇ.

 


[1]– نىھات دالغىن، «سەجدە» دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2009، 36- جىلد، 271- بەت.

[2]– بۇخارى، ئەزان 133، 134، 137؛ مۇسلىم، سالات 227-231؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 155؛ تىرمىزى، سالات 203؛ نەسەئى، تەتبىق 40، 43، 44؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 19.

[3]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 155.

[4]– مۇسلىم، سالات 234 (494).

[5]– بۇخارى، ئەزان 130؛ مۇسلىم، سالات 235 (195)؛ نەسەئى، تەتبىق 52.

[6]– مۇسلىم، سالات 234 (494)؛ تىرمىزى، سالات 202.

[7]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 148؛ تىرمىزى، سالات 196؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 88.

[8]– بۇخارى، ئەزان 122.

[9]– مۇۋاتتا، قەسرۇسسالات 72.

[10]– مەنىسى: «ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن».

[11]– مەنىسى: «ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىم پاكتۇر».

[12]– مەنىسى: « ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن».

[13]– مەنىسى: «ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن».

[14]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 146-147؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 20.

[15]– مەنىسى: «ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىم پاكتۇر».

[16]– تىرمىزى، سالات 194.

[17]– مۇسلىم، سالات 207 (479)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 147-148، ئەدەپ 88؛ تىرمىزى، رۇيا 2؛ نەسەئى، تەتبىق 8، 62؛ ئىبنى ماجە، رۇيا 1.

[18]– مۇسلىم، سالات 215 (482)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 152.

[19]مۇسلىم، سالات 216 (483)؛ ئەبۇ داۋۇت، سالات 152.

[20]– بۇخارى، ئەزان 140؛ مۇسلىم، سالات 193-194 (471)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 142-143.

[21]– تىرمىزى، سالات 211؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 23.

[22]– ئىبنى ماجە، ئىقامەت 23.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر