مۇسۇلمانلار

نامازنىڭ ئەركانلىرى2

4- رۇكۇ:

لۇغەتتە «ئېگىلمەك» مەنىسىدە كېلىدىغان رۇكۇ كەلىمىسىنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى نامازدا قىرائەت تاماملانغاندىن كېيىن باش ۋە بەل تۈپتۈز بىر ھالەتتە، قوللار تىزلەرگە يېتىدىغان شەكىلدە ئېگىلىش، دېگەن بولىدۇ[1].

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِنْ مَقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى وَعَهِدْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»

«ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلارنىڭ ساۋاب قازىنىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يېرى قىلغان ئىدۇق. سىلەر ئىبراھىمنىڭ تۇرغان يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى دۇئا يېرى قىلىڭلار. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاكىز تۇتۇڭلار› دەپ تاپىلىغان ئىدۇق»- بەقەرە 2/125.

«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»

«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت»- ھەج 22/26.

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- ھەج 22/77.

بۇ ئايەتلەردە رۇكۇ سەجدىدىن ئىلگىرى زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمىي مەنىدە بويۇن ئېگىشنى ئەمەس، ناماز ئىچىدىكى خۇسۇسىي بىر پېئىلنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى بۇ ئايەتلەر نامازدا ئالدى بىلەن قىيام، ئاندىن رۇكۇ، ئاندىن سەجدە قىلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

4. 1- رۇكۇنىڭ قىلىنىش شەكلى:

ناماز ئوقۇغان كىشى قىيام ۋە قىرائەتنى تاماملىغاندىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئالدىغا ئېگىلىدۇ، بېشى ۋە ئۇچىسى ئەينى سەۋىيەدە يەرگە پاراللېل بىر شەكىلدە تۈپتۈز تۇرىدۇ، ئىككى قولى بىلەن ئىككى تىزىنى مەھكەم تۇتىدۇ، پۇتلىرى ئېگىلىپ كەتسە بولمايدۇ ۋە بۇ ھالەتتە تۇرۇپ «سۇبھانە رەببىيەلئەزىم» دەپ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە ناماز ھەققىدە تەلىم بېرىۋېتىپ مۇنداق دېگەن:

«نامازغا تۇرۇپ قىبلىگە يۈز كەلتۈرگەن چېغىڭدا تەكبىر كەلتۈرگىن، ئاندىن فاتىھە بىلەن ئۆزۈڭ خالىغان مىقداردا قۇرئان ئوقۇغىن، رۇكۇغا بارغان چېغىڭدا ئىككى ئالىقىنىڭنى ئىككى تىزىڭنىڭ ئۈستىدە قويغىن، ئۇچاڭنى تۈپتۈز ھالەتكە كەلتۈرگىن»[2].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغان چېغىدا بېشىنى نە يۇقىرىغا كۆتۈرمەيتتى، نە تۆۋەنگە ساڭگىلاتمايتتى. ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا تۇتاتتى»[3].

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھۇمەيد، ئەبۇ ئۇسەيد، سەھل ئىبنى سەئىد ۋە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بىر ئارىغا كېلىپ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ھەققىدە سۆزلەشتى. ئەبۇ ھۇمەيد مۇنداق دېدى:

«ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقۇغان نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنى مەندۇرمەن. رەسۇلۇللاھ رۇكۇغا بارغان چېغىدا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئۇلارنى مەھكەم تۇتقاندەك قوياتتى»[4].

4. 2- رۇكۇدا تەئدىل ئەركان:

لۇغەتتە «رۇسلىماق، تۈز ھالەتكە كەلتۈرمەك، ياخشىلىماق» دېگەن مەنىدە كېلىدىغان تەئدىل كەلىمىسى بىلەن «بىر نەرسىنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم تەرىپى» دېگەن مەنىدە كېلىدىغان «رۇكن»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «ئەركان»دىن تەركىب تاپقان «تەئدىل ئەركان» سۆزى، فىقىھ ئىستىلاھىدا نامازنىڭ قىيام، رۇكۇ ۋە سەجدىگە ئوخشاش ئەركانلىرىنى ئۆز جايىدا، ئالدىرىماستىن، ئۆز ئارامىدا تۇرۇپ ئادا قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ[5].    

نامازدا تەئدىل ئەركانغا دىققەت قىلىش كېرەك بولغان يەرلەرنىڭ بېشىدا رۇكۇ كېلىدۇ. ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«سىلەردىن بىرى رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە بېلىنى تولۇق رۇسلىمىغىچە نامىزى يېتەرلىك بولمايدۇ»[6].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«نامازغا تۇرغان چېغىڭدا ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغاننى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن، رۇكۇدا بەدەن ئورگانلىرىڭ ئارام ئالغانغا قەدەر تۇرغىن…»[7].

نامازنى تەئدىل ئەركانغا رىئايە قىلماستىن ئالدىراپ ئوقۇغانلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوغرىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى ناماز ئوغرىسىنىڭ ئوغرىلىقىدۇر» دېگەن ئىدى، ساھابىلەر: يا رەسۇلەللاھ! ئىنسان نامازدىن قانداق ئوغرىلايدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە تەئدىل ئەركانغا رىئايە قىلماي، ئۇلارنى ئالدىراپ قىلىش بىلەن» دەپ جاۋاب بەردى[8].

بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن رۇكۇغا بارغاندىن كېيىن ئالدىراپ باشنى كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ. رۇكۇدا ۋۇجۇد ئۈگىلىرى ئارام ئالغۇچىلىك ساقلاش كېرەك. بۇ ساقلاش ئەسناسىدا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە تەسبىھلەر بار. رۇكۇ قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئوقۇش لازىم.

4.3- رۇكۇدا تەسبىھ   

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، نامازدا ئاساسلىق ئەركان ئاللاھقا زىكىر ئېيتماقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنىڭ ھەر باسقۇچىدا ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش كېرەك. رۇكۇمۇ نامازنىڭ بىر باسقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردىمۇ ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ رۇكۇدا خىلمۇخىل ۋە بىر-بىرىدىن پەرقلىق زىكىر ۋە تەسبىھلەرنى ئوقۇغانلىقى بىلىنىدۇ. لېكىن ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 74- ئايىتى بولغان «فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ»[9] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، رۇكۇدا بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ»[10] دېيىشكە باشلىغان ۋە ساھابىلىرىنىمۇ مۇشۇنداق دېيىشكە بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

«فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ»[11] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بۇنى رۇكۇئۇڭلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈڭلار…» دېدى[12].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ»[13] نى ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم دېيىشنى تەۋسىيە قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار رۇكۇغا بارغان چېغىدا رۇكۇ ھالىتىدە تۇرۇپ ئۈچ قېتىم سۇبھانە رەببىيەلئەزىم «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» دېسە، قىلغان رۇكۇسى تامام بولىدۇ، لېكىن بۇ ئەڭ ئېزىدۇر…»[14].

بۇ ھەدىستىن رۇكۇدا سۇبھانە رەببىيەلئەزىم «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» دېگەن تەسبىھنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

4. 4- رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈش:

ناماز ئوقۇغۇچى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە رۇكۇنى تاماملىغاندىن كېيىن سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ»[15] دەپ رۇكۇدىن باش كۆتۈرىدۇ. نامازنى يالغۇز ئوقۇغان كىشى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، تىك ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن رەببەنا لەكەلھەمدۇ «رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ»[16] دەيدۇ[17].

جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان نامازدا ئىمام پەقەت سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» نىلا دەيدۇ.  جامائەت رەببەنا لەكەلھەمدۇ «رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ» نىلا دەيدۇ. خالىغانلار ھەمدەن كەسىرەن تەييبەن مۇبارەكەن فىيھ «حَمْدًا كَثِيرًا طَيِّبًا مُبَارَكًا فِيهِ»[18] نى قوشۇپ دېسىمۇ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

 «ئىمام سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ دېگەن چاغدا سىلەر رەببەنا لەكەل ھەمدۇ دەڭلار…»[19].

رۇفائە ئىبنى رافىئ ئەززاركى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن تۇرغان چېغىدا: ‹سەمىئەنلاھۇ لىمەن ھەمىدە» دېگەن ئىدى، جامائەتتىن بىرى «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ، ھەمدەن كەسىرەن تەييىبەن، مۇبارەكەن فىيھ» دېدى. نامازدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بايىقى سۆزنى قىلغان كىم؟» دېدى. ئۇ كىشى: «مەن» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوتتۇز نەچچە پەرىشتىنىڭ ئۇنى بەس-بەستە يېزىشقا ئالدىراپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى[20].

پەيغەمبىرىمىزنىڭ رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىدىن ھەر بىرى ئۆز جايىغا كەلگەنگە قەدەر تۈپتۈز تۇرغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ[21].

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، پەيغەمبىرىمىز رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەن چېغىدا بىز سەجدىگە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟ دەپ قالغۇدەك مىقداردا ئۆرە تۇراتتى، دېگەن مەزمۇندا بىر سۆزى رىۋايەت نەقىل قىلىنىدۇ[22].

4. 5- قوللارنى كۆتۈرۈش (رەفئىيەد)

رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر بار. بەزى رىۋايەتلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قوللىرى كۆتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەزى رىۋايەتلەر بولسا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەردىن ئىككىسى مۇنداق:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ نامازغا تۇرغان چېغىدا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەيتتى، رۇكۇغا بارماقچى بولغان چېغىدا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەن چېغىدىمۇ قوللىرىنى كۆتۈرەتتى، لېكىن بۇنى (قول كۆتۈرۈشنى) سەجدىدىن باش كۆتۈرگەن چېغىدا قىلمايتتى[23].

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئوقۇغان نامازدەك بىر ناماز ئوقۇپ بېرەيمۇ؟ دېدى ۋە ناماز ئوقۇدى. نامازدا قوللىرىنى پەقەت ئەڭ باشتىكى ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈردى[24].

بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەر ئەنە شۇنداق پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن فىقىھ ئالىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىمۇ پەرقلىقتۇر:

ھەنەفىي ۋە مالىكىيلار: «ئىفتىتاھ تەكبىرىدىن باشقا يەردە قوللار كۆتۈرۈلمەيدۇ» دەيدۇ.  شافىئىي ۋە ھەنبەلىيلەر: «رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە قوللار كۆتۈرۈلىدۇ» دەيدۇ[25].

بىزنىڭچە قول كۆتۈرۈش (رەفئىيەت قىلىش) مەسىلىسى نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇشۇنداق قىلساڭ نامىزىڭ تولۇق بولىدۇ. بۇلاردىن بىرىنى كەم قىلساڭ نامىزىڭ كەم بولىدۇ»[26] دەپ نامازنى چۈشەندۈرگەن ھەدىسىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ھەدىستە ئىفتىتاھ تەكبىردىن كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىملىقى زىكىر قىلىنمايدۇ. دېمەك، قول كۆتۈرمەسلىك (رەفئىيەد قىلماسلىق) نامازدا بىر نۇقسانلىق مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ.

قول كۆتۈرۈش (رەفئىيەد قىلىش) بەزى ئالىملار[27] دېگەندەك سۈننەت بولۇپ، ئۇنى تەرك ئېتىش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ. شۇڭا خالىغانلار كۆتۈرسە بولىدۇ، خالىغانلار كۆتۈرمىسە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى ئەيىبلىمەسلىكى لازىم.




[1] – نىھات دالغىن، «رۇكۇ» دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 2008، 35- جىلد، 286- بەت.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 143-144.

[3] – مۇسلىم، سالات 240 (498).

[4] – تىرمىزى، سالات 193.

[5] – ئابدۇللاھ قەھرىمان، «تەئدىل ئەركان» دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2010، 39- جىلد، 366- بەت.

[6] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 148؛ تىرمىزى، سالات 196؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 88.

[7] – بۇخارى، ئەزان 122.

[8] – مۇۋاتتا، قەسرۇسسالات 72.

[9] – مەنىسى: «ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن».

[10] – مەنىسى: «ئۇلۇغ رەببىم پاكتۇر».

[11] – مەنىىس:  «ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن».

[12] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 146-147؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 20.

[13] – مەنىسى: « ئۇلۇغ رەببىم پاكتۇر».

[14] – تىرمىزى، سالات 194.

[15] – مەنىسى: «ئاللاھ ئۆزىگە ھەمد ئېيتقان كىشىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلىدى› دېگەن بولىدۇ ».

[16] مەنىسى: «رەببىمىز! ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن!».

[17] – بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: رەببەنا لەكەلھەمدۇ «رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ» نى، رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ «رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ» دەپ «ۋە» ھەرپىنى قوشۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەدىسلەردە ھەر ئىككىلىسى بار.

[18] – مەنىسى: «رەببىم! ساڭا كۆپ ۋە بەرىكەتلىك ھەمدۇسانالار بولسۇن».

[19]– بۇخارى، ئەزان 125.

[20] – بۇخارى، ئەزان 126؛  ئەبۇ داۋۇد، سالات 770- نومۇرلۇق ھەدىس؛ نەسەئى، تەتبىق 22.

[21] – بۇخارى، ئەزان 127.

[22] – بۇخارى، ئەزان 127.

[23] – بۇخارى، ئەزان 83-86؛ مۇسلىم، سالات 22 (390)؛ مۇۋەتتا، سالات 16؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 117؛ تىرمىزى، سالات 190؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 1، 2، 3؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 15.

[24] – تىرمىزى، سالات 191؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 116.

[25] – نامازدا قول كۆتۈرۈش (رەفئىيەد قىلىش) مەسىلىسى ھەنەفىيە ۋە مالىكىيە مەزھىپى بىلەن باشقا ئىككى مەزھەپنىڭ ئارىسىدا بولۇشىچە ئىختىلاپ قىلىنغان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە ئاساس قىلىنىدىغان پىرىنسپلەردۇر. ھەنەفىيىلەرنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ مەسىلىدە قائىدە شۇدۇر: بىر ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان كىشى تەلەپكە لايىق فەقىھ يەنى ھەر جەھەتتىن ئىجتىھات قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلىش بىلەن تونۇلغان بولسا، ئۇ كىشى رىۋايەت قىلغان ھەدىس قىياسقا مۇۋاپىق بولسۇن بولمىسۇن قوبۇل قىلىنىدۇ… ساھابىلەردىن تۆت خەلىپە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر، زەيد ئىبنى سابىت، مۇئاز ئىبنى جەبەل ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەر ئەنە شۇنداق راۋىلاردىندۇر… خەبىرى ۋاھىد قاتارىدىن بولغان بىر ھەدىسنىڭ راۋىسى ھەدىس رىۋايەت قىلىش بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ تەلەپكە لايىق فەقىھ بولمىغان تەقدىردە ئۇ كىشىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى قىياسقا مۇۋاپىق بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ. ساھابىلەردىن ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مانا مۇشۇنداق راۋىلاردىندۇر. (ئۆمەر نەسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىيە ۋە ئىستىلاھاتى فىقھىييە قامۇسى، 1- جىلد، 136-137- بەتلەر). بۇنداق مەسىلىلەردە ھەنەفىيە مەزھىپى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتلەرنى ئاساس ئالىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئالىملىرى قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى ۋە مۇسلىمدە كەلگەن بولسىمۇ دەلىل قىلمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن نامازدا قوللار پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرۈلىدۇ. ھەنەفىييە مەزھىپىنىڭ باشقا بىر دەلىلى شۇدۇر: قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەدىسلەر مەنسۇختۇر (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان). چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مۇددەت رەفئىيەد قىلغانلىقى، كېيىن بۇنى تەرك ئەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى بولسا مۇنۇ رىۋايەتتۇر:  ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوللىرىنى كۆتۈردى، بىزمۇ كۆتۈردۇق. ئۇ تەرك ئەتتى، بىزمۇ تەرك ئەتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قول كۆتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئەلىي ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئاساسلىنىدۇ. ئاسىم ئىبنى كۇلەيب مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە ئىككى يىل ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ قوللىرىنى پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرەتتى. تابىئىنلاردىن مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە ئىككى يىل ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ قوللىرى پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ قول كۆتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ مەنسۇخ  قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ توغرىدا رىۋايەت قىلىنغان خەۋەرلەر بىر-بىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن قول كۆتۈرمەسلىك ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئەگەر قول كۆتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى داۋاملاشقان بولسا بۇنىڭ دەرىجىسى سۈننەت بولىدۇ، داۋاملاشمىغان بولسا بىدئەت بولىدۇ. بىدئەتنى تەرك ئەتمەك، سۈننەتنى ئادا قىلماقتىن مۇھىمدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قول كۆتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ قول كۆتۈرمەسلىك نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. لېكىن داۋاملاشمىغان تەقدىردە قول كۆتۈرۈش نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ . چۈنكى ئۇ نامازغا زىت بىر ئىشنى ئىككى قول بىلەن قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ بولسا «ئەمىلى كەسىر» (كۆپ ئىش) ھېسابلىنىدۇ. (كاسانى، بەدائىئ 2- جىلد، 54- بەت). ئۆزى مەدىنىلىك بولغان ۋە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى مەزھىپىدە دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغان ئىمام مالىك بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە كەلتۈرۈلگەن تەكبىرلەر بىلەن بىرلىكتە قول كۆتۈرۈشنى تونۇمايمەن. قوللار پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرۈلىدۇ»- (سەھنۇن ئىبنى سەئىد ئەتتەنۇخىي، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 1- جىلد، 68- بەت).

[26] – تىرمىزى، سالات 226.

[27] – ھەنەفىيىلەردىن ئەبۇ جەئفەر ئەتتاھاۋى (ۋاپاتى: 321- ھىجرىيە) ھەر ئىككى كۆزقاراشقا دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەرنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى ئېيتىدۇ: «ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قول كۆتۈرۈش ۋە ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىردە قول كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىدۇ. لېكىن رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ۋە رەكەت باشلىرىدىكى تەكبىرلەردە قول كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىدۇ. بىر تەرەپ بۇ تەكبىرلەرنى ئىفتىتاھ تەكبىرى بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپ ئۇ تەكبىرلەرنى ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىرلەر بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىم كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئىفتىتاھ تەكبىرى نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ تەرك ئېتىلىشى نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىر بولسا ئۇنداق ئەمەستۇر. بۇنى تەرك ئېتىش نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ۋە رەكەت باشلىرىدا ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەر نامازنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ تەرك ئېتىلىشى نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. بۇ تەكبىرلەر نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىندۇر. بۇ تەكبىرلەر ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىرگە ئوخشاش نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا قول كۆتۈرۈش كېرەك بولمىغاندەك، بۇلاردىمۇ قول كۆتۈرۈش كېرەك بولمايدۇ» ـ ئەبۇ جەئفەر ئەتتاھاۋى، شەرھۇ مەئانىلئاسار، تەھقىق: مۇھەممەد سەييىد جادۇلھەق، مۇھەممەد زۇھرى ئەننەججار، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 2- باسمىسى، بېيرۇت، 1987، 1- جىلد، 228- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر