مۇسۇلمانلار

نامازنىڭ شەرتلىرى

نامازنىڭ شەرتلىرى نامازغا تەييارلىنىش ئۈچۈن ئادا قىلىش كېرەك بولغان پەرزلەردۇر. بۇلار نامازغا باشلاشتىن بۇرۇن ئادا قىلىنىدىغان پەرزلەر بولغانلىقى ئۈچۈن «نامازنىڭ شەرتلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
ھەدەس لۇغەتتە «يېقىن زاماندا مەيدانغا كەلگەن نەرسە، كېيىن پەيدا بولغان نەرسە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، فىقىھ ئىستىلاھىدا تاھارەتسىزلىك ياكى جۇنۇپلۇق سەۋەبىدىن ئىنساندا پەيدا بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەنىۋى پاسكىنىلىق ياكى بۇ پاسكىنىلىقنىڭ سەۋەبى دېگەن بولىدۇ[1]. ھەدەستىن تاھارەت بولسا، ئەھۋالغا قاراپ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ۋە ياكى تەيەممۇم قىلىش ئارقىلىق بۇ مەنىۋى پاكىزلىقنى ھاسىل قىلىش دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن چاغدا ئۇ نامازنى قىلماقچى بولغانلار تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا بىر ھۆكۈم، كېسەللىك ياكى يولۇچىلىقدەك سەۋەبلەرنىڭ تۈپەيلىدىن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتەلمەيدىغانلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىشلىرىغا رۇخسەت بېرىلىشىدۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىسى مۇنداق:
«تاھارەتسىز ئوقۇلغان ھېچبىر ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»[2].
«تاھارىتى سۇنغان كىشىنىڭ نامىزى قايتا تاھارەت ئالمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايدۇ»[3].
يۇقىرىدىكى ئايەت تاھارەتنى تەرىپلەش بىلەن بىرگە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللارنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ. ئايەتكە ئاساسەن، تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرىنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. يەنى ئالدى ۋە ئارقا تەرەت يوللىرىدىن چىققان ھەر نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بۇ نەرسىلەر ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا چىقسىمۇ ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.
كىشى ئۇخلىغان چېغىدا تۇيماستىن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ دەرىجىسى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يېتىپ ياكى بىر نەرسىگە يۆلۈنۈپ ئۇخلاش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۈگدەش بولسا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ.
غۇسۇل پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى جۇنۇپلۇقتۇر. سۇ تاپالمىغانلىقتىن ياكى سۇنى ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن تاھارەت ئالالمىغان ياكى غۇسۇل قىلالمىغان كىشى پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاھارەتنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم بىلەن غۇسۇلنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم ئوخشاشتۇر.
نىجاسەت «ماددىي پاسكىنىلىق» دېگەن بولۇپ نىجاسەتتىن تاھارەت، «ماددىي پاسكىنىلىقنى پاكىزلىماق» دېگەن بولىدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى پاكىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلار ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ، ناماز ئوقۇلىدىغان كىيىمنىڭ ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَعَهِدْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«… بىز ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاكىز تۇتۇڭلار› دەپ تاپىلىغان ئىدۇق»- بەقەرە 2/125.
«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«بىز ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: ‹ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت›»- ھەج 22/26.
 مانا بۇ ئايەتلەر ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ مۇددەسسىر (74-) سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى «وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ(كىيىملىرىڭنى پاك تۇت)» دېگەن بۇيرۇقى كىيىملەرنىڭ ھەر دائىم پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نامازنىڭ سىرتىدا پاكىز بولۇشى شەرت قىلىنغان كىيىمنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادىتى بولغان نامازدا پاكىز بولۇشىنىڭ نامازنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى بولۇشى ئېنىق.
ئاللاھ تەئالانىڭ سۈرە بەقەرەنىڭ 222- ئايىتىدىكى ۋە سۈرە تەۋبەنىڭ 108- ئايىتىدىكى «ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى يۇقىرىدىكى پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»[4] دېگەن سۆزى پۈتۈن بۇ پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
لۇغەتتە «ياپماق، يۆگىمەك، يوشۇرماق، مەخپىي قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سەتر «ستر» دېگەن كەلىمە بىلەن «بەدەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان ئۇياتلىق قىسمى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئەرۋەت «عورة» دېگەن كەلىمىدىن تەركىب تاپقان سەتر ئەرۋەت «ستر عورة»، نامازدا ۋە نامازنىڭ تېشىدا بەدەندىن يۆگەشكە تېگىشلىك بولغان يەرلەرنى يۆگەشنى ئىپادىلەيدۇ[5].
«يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَى ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ»
«ئى ئادەم بالىلىرى! بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم نازىل قىلىپ بەردۇق…»- ئەئراف7/26.
«يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ…»
«ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ئوقۇيدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار…»- ئەئراف 7/31.
بىرىنچى ئايەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ بىز ئادەم بالىلىرىغا بىرى ئەۋرەت يەرلىرىمىزنى ياپىدىغان، يەنە بىرى بىزگە زىننەت بولىدىغان ئىككى تۈرلۈك كىيىم نازىل قىلىپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى ئايەتتە بولسا ئاللاھ تەئالانىڭ بىز ئادەم بالىلىرىنى ناماز ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ئۆزىمىزگە زىننەت بولىدىغان كىيىمىمىزنى كىيىشكە ئەمر قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ناماز ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا «ئەۋرەت يەرلىرىمىزنى ياپىدىغان كىيىمىمىز» بىلەن بىرلىكتە «زىننەتلىنىدىغان» كىيىمىمىزنىمۇ كىيىشىمىز لازىم. كىندىك بىلەن تىز ئارىسىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىم بىلەن ياكى ئۇخلاش كىيىمى (پىجاما) بىلەن ناماز ئوقۇغانلار ئەنە شۇ ئايەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ.
سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئايال كىشىنىڭ يۈزى، ئىككى قولى (بېغىشىغىچە) ۋە ئىككى پۇتى (ئىككى ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى يۆگىلىشى كېرەك بولغان «زىننەت» دەپ بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ «زىننەتلىنىدىغان» كىيىمى ئۇنىڭ ئەنە شۇ «زىننەت» ى بولغان ۋۇجۇدىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى كىيىمى ۋە ياغلىقىدۇر.
ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە (سۈرە ئەئرافنىڭ 31- ئايىتىدە) «ئادەم بالىلىرى» بولغان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى ناماز قىلىدىغان چاغلىرىدا زىننەت بولىدىغان كىيىملىرىنى كىيىشكە ئەمىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاياللار نامىزىنى ئۆيىدە  ئوقۇسۇن سىرتتا ئوقۇسۇن، يېنىدا نامەھرەم بولسۇن بولمىسۇن «زىننەتلىنىدىغان» كىيىمى بىلەن ئوقۇشى كېرەك.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئايال كىشى نامازنى يۈزى، ئىككى قولى (بېغىشىغىچە) ۋە ئىككى پۇتى (ئوشۇقلىرىنىڭ ئاستى قىسمى) دىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى، سىرتقا چىققان چېغىدا ياكى نامەھرەم كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە يۆگىگەندەك كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش، بېشىغا چوڭ بىر ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق يۆگەپ تۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك.
لۇغەتتە «تەرەپ، يۈز كەلتۈرۈلگەن تەرەپ، يۈز كەلتۈرۈلگەن نەرسە» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «قىبلە» دېگەن كەلىمىنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى مۇسۇلمانلارنىڭ نامازدا يۈز كەلتۈرۈشى شەرت بولغان تەرەپ، كەبە دېگەن بولىدۇ[6]. ئاللاھ تەئالا مۇندق دەيدۇ:
«قَدْ نَرَى تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ»
«ئى مۇھەممەد! كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات-پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن مەمنۇن بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس»- بەقەرە 2/144.
بۇ ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن مۇسۇلمانلار نامازلىرىدا كەبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىسىگە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىۋېتىپ: «ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا كامىل تاھارەت ئال، ئاندىن قىبلىگە يۈز كەلتۈر، ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا باشلا»[7] دەپ قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىر شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرز بولسۇن، نەپلە بولسۇن ناماز قىلغاندا قىبلىگە يۈز كەلتۈرمەك نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بەزى زۆرۈرەت تېپىلغان ۋە رۇخسەت بېرىلگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇغانلار بۇ شەرتكە رىئايە قىلمىسا نامىزى توغرا بولمايدۇ[8].
تۆت مەزھەپنىڭ تۆتىلىسىنىڭ كۆرقارىشىدا مەككىدە مەسجىدى ھەرەمدە ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ يۈزىنى ۋە ئالدىنى قىبلىگە قىلىشى شەرت. ئەمما كەبىدىن يىراق جايلاردا ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ كەبىنىڭ دەل ئۆزىگە ئەمەس، كەبە بولغان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشى كۇپايە قىلىدۇ.
فىقھ ئالىملىرىنىڭ كۆزقارىشىدا بۇ يۈز كەلتۈرۈشتە كىچىك ئېغىپ كېتىشلەر «قىبلىدىن يۈز ئۆرۈش» دەپ قارالمايدۇ، شۇنداقلا كەبە بولغان نۇقتىدىن 45 دەرىجىگە قەدەر ئوڭ-سولغا ئېغىپ كېتىشلەر بۇ دائىرىدە ھېسابلىنىدۇ. يەنى نامىزىدا كەبىنىڭ ئورنىدىن 45 دەرىجە ئوڭغا ياكى 45 دەرىجە سولغا ئېغىپ كەتكەنلەر «قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش» شەرتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ[9].
لۇغەتتە «يۆنەلمەك، قەتئىي ئىرادە قىلماق، مەقسەت قىلماق، كۆڭۈلگە پۈكمەك، ئىنتىلمەك، مەقسەت» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان نىيەتنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى «ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن ئىشقا ئىنتىلگەن ئىرادە» دېگەن بولىدۇ[10].
قىلىنغان ئىباردەتلەرنىڭ ئىخلاس بىلەن قىلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەر[11] ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتلەرگە باغلىق»[12] دېگەن ھەدىسى دالالەت قىلىدۇكى، پۈتكۈل ئىبادەتلەردە نىيەت شەرتتۇر. جۈملىدىن نامازدىمۇ شەرتتۇر.
نامازنىڭ نىيىتى بولسا قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى ۋە ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆڭۈلگە پۈكمەكتۇر. نامازنىڭ نىيىتىنىڭ ئەرەبچە، پارسچە ياكى باشقا بىر تىلدا تەلەپپۇز قىلىنى شەرت ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز نامازغا تۇرغاندا «نىيەت قىلدىم، ئۆتەرمەن، پالانى نامازنىڭ مۇنچە رەكەت پەرزىنى ياكى پۇستانى نامازنىڭ شۇنچە رەكەت سۈننىتىنى…» دېگەن شەكىلدە نىيەت قىلمىغان. ساھابىلەرمۇ بۇ شەكىلدە نىيەت قىلمىغان. چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر، ئەسلا تىل ئەمەستۇر. تىل بىلەن نىيەت قىلىنمايدۇ، سۆزلەر تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. يەنى نىيەت تىل بىلەن ئوقۇلغان نەرسە ئەمەس، دىلدىكى قەتئىي ئىرادىدۇر، خالاس.
ھەدىس كىتابلىرىدا نىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەقەت يۇقىرىدىكى ھەدىسلا بار. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن مەزكۇر ھەدىستىن چىقىدىغان ھۆكۈم شۇدۇر: ناماز ئوقۇغان كىشى قايسى نامازنى ئوقۇسا ئوقۇسۇن، باشتا ئوقۇماقچى بولغان نامىزىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ باشلىشى، ئوقۇغان نامىزىنىڭ قايسى ناماز ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە ھېس قىلىشىدۇر. چۈنكى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك نىيەت تىلنىڭ ئوقۇشى ئەمەس، دىلنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدۇر.


[1]– رەھمى ياران، «ھەدەس»- دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1997، 15- جىلد، 1- بەت.

[2]– مۇسلىم، تاھارەت 2 (224)؛ تىرمىزى، تاھارەت 1؛ نەسەئى، تاھارەت 103، زاكات 48؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 2؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/51، 73.

[3]– بۇخارى، ھىيەل 2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2 (225)؛ تىرمىزى، تاھارەت 56؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/318.

[4]– مۇسلىم، تاھارەت 1 (223).

[5]– فاتىھ ئوقۇمۇش، «سەتر ئەۋرەت» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2009، 36- جىلد، 576- بەت.   

[6]– ئەھمەد گۈچ، «قىبلە» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 364- بەت.

[7]– بۇخارى، ئىستىئزان 18، ئەيمان 115؛ مۇسلىم، سالات 46؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 115؛ نەسەئى، سەھۋ 67، تەتبىق 15؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 72؛ مۇسنەد ئەھمەد 1/116.

[8]– ئەھمەد ئۆزەل، «قىبلە» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 367- بەت.

[9]– ئەھمەد ئۆزەل، «قىبلە» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 367- بەت.

[10]– ئىبراھىم كافى دۆنمەز، «نىيەت» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2007، 33- جىلد، 169-170- بەت.

[11]– بەقەرە 2/112، نىسا 4125، بەييىنە 98/5.

[12]– بۇخارى، بەدئۇل ۋەھيى 1، ئىمان 41؛ مۇسلىم، ئىمارەت 155 (1907)

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر