مۇسۇلمانلار

نامازنىڭ مەنىسى

سوئال:

مۇسۇلمانلار ھەر كۈن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيمىز، جۈمە، ھېيت نامىزى، مېيىت نامىزى… دېگەندەك نامازلارنىمۇ ئوقۇيمىز. سورىماقچى بولغىنىم بۇ «ناماز» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان سالات «صلاة» لۇغەتتە ئوت ياقماق، ئوتتا ئىسسىنماق، ئوتتا قىزارماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان سەليى «صَلْي» سۆز تومۇرىدىن (مەسدىرىدىن) تۈرلەنگەن بولۇپ دۇئا قىلماق، ئىبادەت قىلماق، باشقىسى ئۈچۈن بەرىكەت تىلىمەك، ئۇلۇغلىماق، مەغپىرەت تىلىمەك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[1].

سالات پارسچىدا تەزىم ئۈچۈن ئېگىلمەك، قۇللۇق بىلدۈرمەك، ئىبادەت قىلماق دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان «ناماز» سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن ۋە تۈرك تىلىغا كىرگەن[2].

سالات (ناماز) دېگەن سۆزنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى بولسا «تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، مۇئەييەن ھەرىكەت ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بەدەنىي ئىبادەت» دىن ئىبارەتتۇر[3].

قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە يۈز يىگىرمە بەش قېتىم[4] ئۆتكەن سالات كەلىمىسى دۇئا، دۇئا قىلماق[5]، پاكلىماق[6] دېگەن مەنىلەر بىلەن بىرلىكتە ئومۇمەن «ناماز» مەنىسىدە كەلگەن.

ناماز مەنىسىدە كەلگەن سالات قۇرئان كەرىمدە كۆپىنچە «ئىقامە» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر بىلەن بىرلىكتە «أَقِيمُوا الصَّلاةَ، يُقِيمُونَ الصَّلاةَ، الْمُقِيمِينَ الصَّلاةَ» دېگەندەك شەكىللەردە كېلىدۇ.




[1] – ئەبۇلھۈسەيىن ئەھمەد ئىبنى فارىس ئىبنى زەكەرىييا، مەجمۇئۇ مەقايىسۇللۇغە، دارۇلفىكر، بېيرۇت، ص ل ي ماددىسى، 572- بەت؛ راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەداتى ئەلفازىلقۇرئان، دارۇلقەلەم- دارۇششامىييە، دەمەشق-بېيرۇت 1992، ص ل ي ماددىسى، 490- 491؛ مۇھەممەد ئىبنى مۇكەررەم ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، دارۇ سەدر، بېيرۇت، 1990، ص ل ي ماددىسى، 14- جىلد، 464- 468.

[2] – م. كامىل ياشارئوغلۇ «ناماز»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2006 32- جىلد، 350- بەت.

[3]  م. كامىل ياشارئوغلۇ «ناماز»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2006 32- جىلد، 350- بەت.

[4] – مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقى، ئەلمۇئجەمۇل مۇفەھرەس لىئەلفازىل قۇرئانىل كەرىم، ئىستانبۇل 1982، ص ل ي ماددىسى 412-414.

[5] – تەۋبە 9/99، 103.

[6] – بەقەرە 2/157.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر