باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

كىرىش سۆز

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

بىزگە بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلىپ ھەر كۈن بەش قېتىم ئۆزىگە تەزىم قىلىشىمىزنىڭ، ئۆزىگە مۇناجات ئېيتىشىمىزنىڭ ۋە نەپسىمىزنى تەربىيەلىشىمىزنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، بىزنى ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇپ خۇشال بولغان چاغلىرىمىزدىمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇماسلىقىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، ھەپتىلىك ۋە يىللىق مۇھىم تەلىماتلاردىن ۋاقىپ بولۇش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىمىز بىلەن دىدارلىشىپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن، بىزنى ئۆلۈپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا ماھىيىتىدە بىر خىل ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇپ ئۆلۈكلىرىمىز بىلەن ۋىدالىشىش ۋە ئۇلارنى ئۇزىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويغان، بىزنى خالىغان چېغىمىزدا خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇشقا تەرغىب قىلىپ روھىمىزنى پاكلاشنىڭ، شۇنداقلا ئۆزىگە يېقىنلىشىشنىڭ قائىدىسىنى بىلدۈرۈپ قويغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان (تەقۋادار) لارغا بولسۇن. ئاللاھ تەرىپىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن.

﴿إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللّهِ الإِسْلاَمُ...﴾ «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دىن پەقەتلا ئىسلام»[1] بولغانلىقى ئۈچۈن بەش ۋاخ ناماز تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە، يەنى بارلىق ئىنسانىيەتكە پەرز قىلىنغان[2].

شۇڭا تارىختا ئۆتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق ئۇممەتلەر بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان[3]. جۈملىدىن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان ۋە ئوقۇشقا ئەمىر قىلغان. پەيغەمبىرىمىز بەش ۋاخ نامازدىن باشقا يەنە «رۋاتىب سۈننەتلەر» دەپ ئاتىلىدىغان نەپلە نامازلارنى ئوقۇغان، مەسجىدكە كىرىپلا ئىككى رەكەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇغان، ئىچى پۇشۇپ قالسا ناماز ئوقۇغان[4]، سەپەردىن قايتىشىدا ئۇدۇل مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان[5]، شۇنداقلا ئوقۇشقا تەشۋىق قىلغان.

پەيغەمبىرىمىز يەنە كۈن تۇتۇلغاندا كۇسۇف نامىزى، ئاي تۇتۇلغاندا خۇسۇف نامىزى، يامغۇر ياغمىغاندا ئىستىسقا نامىزى ئوقۇغان. ساھابىلىرىگە قۇرئاندىن ئايەت ئۆگەتكەندەك ئىستىخارە قىلىشنى (بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئۇ ئىشنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆڭلىگە سېلىشنى ئاللاھتىن تىلەشنى) ئۆگەتكەن. ئىككى ھېيت كۈنىنىڭ ھەر بىرىدە ھېيت نامىزى ئوقۇغان، كېچە تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان، ئەتىگىنى چاشگاھ نامىزى ئوقۇغان[6].

شۇڭا ھەر بىرى ئىسلامنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى نامازسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا نامازنىڭ شەرت، شەكىل ۋە ئەركانلىرىنى بىلىش، شۇنداقلا باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەر مۇسۇلماننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر. تارىخ بويىچە ئۆتكەن مۇسۇلمانلار بۇ ۋەزىپىنى يېزىش، سۆزلەش ۋە ئاغزاكى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئورۇنداپ كەلگەن.

مەن مۇسۇلمانلار تورى (www.musulmanlar.com) ئېچىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ناماز توغرۇلۇق بەرگەن پەتىۋا، يازغان ماقالە ۋە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىمنى جەملەپ بىر كىتاب ھالىتىدە بېسىپ تارقىتىشنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ئورۇندىلىشىغا بىر ئاسانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن ئوي بىلەن بۇ «ئىسلامدا ناماز» كىتابىنى تەييارلاپ چىقتىم.

كىتابىمدا ھەر مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. مەزھەپ ئىختىلاپلىرىغا ئورۇن بەرمىدىم، لېكىن ئۆلىمالارنىڭ بەزى ئۇششاق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پەرقلىق كۆزقاراشلىرىنى بەت ئاستىدا زىكىر قىلدىم.     

بۇرۇن يازغانلىرىمنى رەتلەپ، ئۇلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ دەلىللىرىنى كۈچلەندۈرۈشتە، دەلىل بىلەن مەسىلىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشتە ۋە ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشتە قولۇمدىن كەلگەننى قىلدىم. شۇنداقتىمۇ بۇ كىتابنى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. كىتابخانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇستاز ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

داۋامى بار…

 


[1] – ئال ئىمران 3/19.

[2] – سۈرە ئەئرافنىڭ 31- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا ئادەمنىڭ بالىلىرىنى ھەر سەجدە قىلىدىغان چېغىدا يەنى ھەر ناماز ئوقۇيدىغان چېغىدا چىرايلىق كىيىنىشكە بۇيرۇغان. بۇ نامازنىڭ يەر يۈزىگە ئادەمزات پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەرز قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

[3] – جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:  «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر». بۇ دالالەت قىلىدۇكى، پۈتۈن پەيغەمبەر ۋە بارلىق ئۇممەتلەر بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان.- قاراڭ: بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.

[4]«رەسۇلۇللاھقا بىر ئىش قاتتىق كەلسە ناماز ئۆتەيتتى»- ئەبۇ داۋۇد، سالات 1319.

[5]«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن كەلسە دەسلەپتە مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئۆتەيتتى»- بۇخارى، سالات 59، مەغازى 4418؛ مۇسلىم، سالاتۇلمۇسافىرىن 74 (716)، تەۋبە 53 (2769)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 178 (2781)؛ نەسەئى، مەساجىد 731.

[6] – بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ