مۇسۇلمانلار

كەينىگە كىرمەڭلار2

سوئال:

نەپسىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمىلەردۇر؟ قانداق قىلساق ئۇنى ياخشى تەربىيە قىلالايمىز؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.

جاۋاب:

نەپىس راھەتنى خالايدۇ، ھالاۋەتنى تاللايدۇ. شۇڭا نەپىس تېز ھاسىل بولىدىغان مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدۇ، نەق پايدىنى كۆزلەيدۇ، كېيىن يۈز بېرىدىغان زىيان ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئويلىمايدۇ، شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، قەلب (دىل)نى ئەقىلگە بويسۇنۇشتىن توسۇپ، ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا كۆندۈرۈپ، بەدەننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپىس شەيتاننىڭ ئەڭ بۈيۈك ياردەمچىسىدۇر.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى زور، ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى قىيىن، تەلەپلىرىگە قوشۇلماسلىقى تەستۇر. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:

«ھەقىقىي مۇجاھىد نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغان كىشىدۇر» دېگەن- تىرمىزى، جىھاد 2.

بۇ مەنىدە كۆپ ھەدىسلەر بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاتا ئارزۇلىرىغا، ھەتتا نەپسىنىڭ قۇرۇق ۋە مەنىسىز ئىستەكلىرىگە قارشى تۇرۇپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەي چىڭ تۇرۇشىنىڭ نەپس بىلەن جىھاد قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش ئىسلامنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىسلامغا ئەمەل قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە بۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ

«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»- قۇرئان كەرىمنىڭ 103- سۈرىسى.

بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك سەرمايىسى بولغان ئۆمرىنى نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ تۈگىتىش ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان زىياندۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىك كىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەللەرنى قىلىدۇ. ئەقىلسىز كىشى ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قۇرۇق ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ ئۇ يەردىكى جاۋابنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولىسىز:

http://www.musulmanlar.com/?p=1700

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر