مۇسۇلمانلار

نېمە مۇناسىۋەت بار؟

سوئال:

ئاللاھ تەئالانىڭ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسۇشى بىلەن قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ سۈرە ئەئرافنىڭ 56- ئايىتىدە بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشىنىڭ بىرەر ھېكمىتى بارمۇ؟

جاۋاب:

ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ»

«ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئاللاھقا قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- ئەئراف 7/56.

يەنى، ئاللاھ تەئالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن يارىتىش، ئاندىن كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، سىلەر ئىبادەت، ئىتائەت ۋە دۇئا قاتارلىق قۇلچىلىقلىرىڭلارنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قارىتىش، ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش ئارقىلىق ئۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭغا يەرلەشتۈردى، مەلۇم بىر زامانغا قەدەر ئۇنى سىلەرگە قارارگاھ قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى بار قىلدى. بەختلىق ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە، بەختسىز ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا باغلىق قىلدى. نازىل قىلغان ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ، چىرايلىق بىلەن سەتنىڭ ۋە ياخشى بىلەن ياماننىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭ تۈزۈك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە بۇزۇلغان يەرلىرىنى تۈزەشكە مەسئۇل، بۇزۇشتىن ۋە بۇزۇلۇشىدىن جاۋابكار قىلدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر تىلەيدىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاللاھتىنلا تىلەڭلار. ئەگەر ئاللاھتىن غەيرىيدىن تىلىسەڭلار ئاللاھ تۈزىگەن زېمىننىڭ ئۈستىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇپ قالىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەھكۇم قىلىنىسىلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر