مۇسۇلمانلار

كۆز تېگىش بار ئىشمۇ؟

كۆز تېگىش ھەقىقەتمۇ، خۇراپاتمۇ؟
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
كۆز بىلەن ھەسەت بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان ئىككى ئاتالغۇ بولۇپ، بىرىنىڭ يېنىدا يەنە بىرىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ ياكى بىرى زىكىر قىلىنسا يەنە بىرى خاتىرىگە كېلىدۇ. چۈنكى كۆز قەلبنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىدۇر. مەسىلەن: كۆزى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەردە بىر نېمەتنى كۆرگەن شەخسنىڭ قەلبى ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەخنىڭ قاراشلىرى غەزەپلىك ھومىيىشلارغا ئۆزگىرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆزلىرى قەلبىدە يوشۇرۇلغان ھەسەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ھەسەت بەزەن ھەسەت قىلىنغۇچىغا يامانلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
كۆپچىلىك ئۆلىمالار: «غەزەپلىك قاراش قارالغان كىشىگە تەسىر قىلىدۇ (يەنى كۆز تېگىدۇ، كۆز تېگىش بار)»، دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ بۇ توغرىدىكى كۆزقارىشىمىز مۇنداق:
كۆز تېگىشنىڭ ئاساسى يوق، ئۇ بىر خۇراپات، كۆز تېگىش ئەسلىدە ھەسەتتىن ئىبارەتتۇر. كۆز تېگىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر ئىككى نۇقتىدىن كۆزنىڭ ھەسەتتىكى رولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى شۇكى، كۆز قەلبنىڭ ئەلچىسى ۋە قورالىدۇر. ھەسەت، ھەسەت قىلىنغۇچىدىكى نمېەتنى تونۇغاندىن كېيىن قەلبتە ھاسىل بولىدىغان چىدىماسلىق تۇيغۇسىدۇر. كۆز بۇ تونۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئىككىنچىسى ھەسەتنىڭ تەسىرى كۆزدە ئاشكارا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا ھەسەت قىلىش كۆز تېگىش بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك زىچ مۇناسىۋەت بار.
ھەر مۇسۇلمان كائىناتتا ئاللاھدىن باشقا تەسىر قىلغۇچىنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىدۇ، يەنى زىيان-پايدا ئاللاھدىن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ بىكىتىپ قويغان قانۇن ۋە بەلگىلەپ قويغان يول بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ تەئالا زىيان كېلىش ئۈچۈن بىكىتىپ قويغان قانۇنلارنىڭ ۋە بەلگىلەپ قويغان يوللارنىڭ ئىچىدە يامان كۆز بىلەن قاراش يوق.
ئەسلىدە كۆز تېگىشكە ئىشىنىش باشقا دىنلاردىن سىڭىپ كىرگەن بىر ئېتىقاد بولۇپ ئۇنىڭ مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. كۆز تېگىشكە ئىشىنىش پىرىنسىپى دەلىل، ئىسپات، پاكىت ۋە ھۆججەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىلىمگە، تەپەككۇرغا ۋە چۈشىنىشكە چاقىرىدىغان ئىسلامنىڭ مەنتىقى بىلەن قارىمۇقارشى كېلىدۇ. بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا ئالدى بىلەن كۆز تېگىدۇ، دەپ قارىغۇچىلارنىڭ دەلىللىرىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز، ئاندىن كۆز تېگىشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىمىز.
 كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىنغان ئايەتلەر
1- «وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ»
«كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: ‹ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر› دەيدۇ»- قەلەم 68/51.
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: كاپىرلار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق غەزەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تولۇپ تاشقان قاراشلار بىلەن قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتلىرىنى تېيىلدۇرۇپ يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. لېكىن يېقىتىۋېتەلمەيدۇ.  
بۇ ئايەت كۆز تېگىشكە دالالەت قىلمايدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك ئۆلىمالار دېگەندەك كۆز تېگىش دەيدىغان ئىش مەۋجۇت بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھقا ئۇ كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى تېگىپ يېقىلغان، ھەتتا كېسەل بولۇپ يېتىپ كەتكەن بولاتتى. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھقا كاپىرلارنىڭ يامان كۆزلىرىنىڭ تەگمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى كۆز تېگىدىغانلىققا دەلىل قىلىدۇ.
 ئەسلىدە بۇ ئايەتتە كاپىرلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ھەسەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ ھەسەتنىڭ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇنى مۇنۇ ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ:
«وَإِنْ كَادُوا لَيَفْتِنُونَكَ عَنِ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ لِتَفْتَرِيَ عَلَيْنَا غَيْرَهُ وَإِذًا لَاتَّخَذُوكَ خَلِيلًا. وَلَوْلَا أَنْ ثَبَّتْنَاكَ لَقَدْ كِدْتَ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْئًا قَلِيلًا»
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، قۇرئاندىن غەيرىينى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى قۇرئاندىن ئايرىۋېتىشقا تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى. ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ»- ئىسرا 17/73-74.
بۇ ئىككى ئايەتنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلساق ئاللاھ تەئالانىڭ: «(لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ) سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز. ئەرەبچىدە بۇ سۆز ئىشلىتىلسە قاراشنىڭ سەلبىي تەسىرى ئەمەس، بەلكىدە قاراشنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە قارىغان كىشىنىڭ پەسكەشلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئادەتتە نەپرەتلىك قاراشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا «كۆزى بىلەن يەپ كەتكىلى تاس قالدى» دېگەن سۆزمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
2- «وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ»
«يەقۇب يەنە مۇنداق دېدى: ‹ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا-باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھدىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن›.»- يۇسۇف 12/67.
كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
يەقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرىغا كۆز تېگىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەرگە بىر دەرۋازىدىن كىرىشتىن توسۇپ، باشقا-باشقا دەرۋازىلەردىن كىرىشكە بۇيرۇغان.
بىزچە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق:
يەقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىنى باشقا-باشقا دەرۋازىلەردىن كىرىشىگە بۇيرۇشى ئۇلارغا كۆز تېگىپ كېتىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىدە ئۇلارغا مىسىر پادىشاھنىڭ ياكى باشقا بىر دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى يەقۇب ئەلەيھىسسالام بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى بولغان بۇ 11 كىشىلىك قاۋۇل ئادەملەر جامائەسىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئۇلارغا ھەسەت قىلىشىدىن، شۇنداقلا بىرەر زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ»
«ئۇلار شەھەرگە دادىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھدىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمايتتى. لېكىن يەقۇب، ئىچىدىكى بىر ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- يۇسۇف 12/68.
بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، مىسىردا ئۇ بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى كۆز تېگىش ئەمەس، مۇسىبەت بولدى. يەقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەندىشە قىلغىنىمۇ بۇ ئىدى. يەقۇب ئەلەيھىسسالام بۇ مۇسىبەتنىڭ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇسىبەتكە توسالغۇ بولالمىدى. لېكىن يەقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرى يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا كۆڭلىدىكى بىر ئارزۇسىنى ئۇلارغا ئېيتقان بولدى، خالاس.
كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەر
كۆز تېگىش ھەققىدە بىرقانچە ھەدىس بار. ئۇ ھەدىسلەردىكى «كۆز»نى ھەسەت دەپ چۈشىنىش توغرا بولىدۇ. مەسىلەن:
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «كۆز ھەقتۇر» دىكى «كۆز»نى ھەسەت دەپ چۈشىنى كېرەك. بۇ ھەدىستە ھەسەت دېمەي كۆز دېيىلدى. چۈنكى كۆز قەلبنىڭ ئەلچىسىدۇر. باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك قەلبتىكى ھەسەت كۆز بىلەن كۆرگەندىن كېيىن باشلىنىدۇ ۋە كۆزدە ئەكس ئېتىدۇ. كۆز ئۆز ئىگىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالنى ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە، ھەسەت قىلغۇچى، غەمكىن بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى، ياخشى كۆرگۈچى، يامان كۆرگۈچى، قورققۇچى، يالغان ئېيتقۇچى، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى… بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزلىرىدىن تونۇلىدۇ. دېمەككى، «كۆز ھەقتۇر»، ئەسلا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ھەدىستە كۆز تېگىشكە دەلىل يوق. ئەكسىچە ئۇ ھەدىستە غەزەپلىك قاراش بىلەن قارىغۇچىنىڭ قەلبىدە ھەسەت بارلىقىغا ۋە بۇ ھەسەتنىڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئېتىدىغانلىقىغا دەلىل بار.
كۆز تەگمەيدىغانلىققا دەلىللەر  
1- قۇرئان كەرىم ھەر ئىشتا ئىلىمنى، دەلىلنى ۋە تەپەككۇرنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىنساننىڭ كۈچىگە، ئىشلەش روھىغا ۋە ئاكتىپلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق خىيالىي كۈچ ۋە سىرلىق نەرسىلەرگە ئىشىنىشكە قارشى تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن يوليورۇقلىرى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدە گۇماندىن، شۈبھىدىن ۋە شەكتىن يىراق ساغلام ئەقىللەرنى بىنا قىلىشقا قارىتىلغان. بۇنى ھەر مۇسۇلمان بىلىدۇ ۋە بىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا»
«ئۆزۈڭ بىلمىگەن نەرسىگە ئەگەشمە. شۈبھىسىزكى، قۇلاق، كۆز ۋە قەلب قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ»- ئىسرا 17/36.
بۇ ئالەمدە بىزنىڭ ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئىنسان چۈشىنەلەيدىغان قانۇن ۋە سەۋەبلەرگە باغلىق قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا بىزنى مەخپىي ئالەمدىن كېلىدىغان ھەر قانداق يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان. مەسىلەن: شەيتاننىڭ ھىيلىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەيتاننىڭ ھىيلىسىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى شەيتاننىڭ تەسىرى ماددىي ئەمەس، بەلكىدە ۋەسۋەسە قىلىش، كۈشكۈرتۈش، قىزىقتۇرۇش ۋە قۇترىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن چەكلىك بولىدۇ.
«كۆز تېگىدۇ» دەپ قارايدىغانلار قارىغۇچىنىڭ قارالغۇچىغا پەقەت كۆزلىرى بىلەن قاراش ئارقىلىقلا زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار كۆز تېگىش بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆلۈپ قەبرىستانلىققا ئۇزىتىلغان، دەيدۇ. ئۇلار بۇ سەپسەتىنى بىر ھەدىس سۈپىتىدە رىۋايەت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار كۆز تېگىپ ئەمەس، ھەسەتنىڭ نەتىجىسىدە باشقا بىر نەرسە تېگىپ ئۆلگەن. ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتكەن ھەر كىشى بۇنى شۇنداق بىلىدۇ. مەسىلەن:
مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋە سەۋەبچى بولۇۋاتقان جەڭلەر، ئۇرۇشلار ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ھەسەتتۇر. جۈملىدىن ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماسلىقى، يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ھەسەتتىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «كۆز»دىن مەقسەت ھەسەتتۇر. كۆز تېگىشتىن مەقسەت ھەسەت قىلىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزدىن (ھەسەتتىن) ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنى ھالاك بولۇشنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى كۆز يەنى ھەسەت توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ، قانلىق ئۇرۇشۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2- ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇكى، كۆزنىڭ يەنى قاراشنىڭ قارالغۇچىغا ھېچقانداق تەسىرى يوق. ئەگەر كۆز بىلەن قاراشنىڭ ھەتتا غەزەپلىك ۋە نەپرەتلىك قاراشنىڭ يامان تەسىرى بولسا ئىدى، ھېچبىر ئادەمزاتتا ھېچبىر نېمەت داۋاملاشمىغان بولاتتى ۋە يەر يۈزىدە ئىنسانىيەت قالمىغان بولاتتى. چۈنكى يەر يۈزىدىكى ھەر كىشىنىڭ دۈشمىنى بار، يەنى ھەر كىشىگە يامان كۆز بىلەن قارىغان بىر قارىغۇچى ھەتتا يامان كۆز بىلەن قارىغان بىرقانچە قارىغۇچىلار بار. لېكىن يوللاردا كۆز تېگىپ يېتىپ كەتكەن ياكى مال-مۈلكى كۆز تېگىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن ۋە ياكى ئۆزى كۆز تېگىپ ئۆلۈپ كەتكەن بىرمۇ ئىنسان يوق. بەزى مۇسىبەتلەرنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەندەك كۆرۈنىشى بىر تاسادىپىيلىق بولۇپ ئەسلىدە ئۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بار.
3- ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ (ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قېچىپ سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن)». ئاللاھ تەئالانىڭ «إِذَا حَسَدَ (ھەسەت قىلغان چاغدىكى)» دېگەن سۆزى ئارتۇق سۆز بولماستىن، بەلكىدە ئۇ سۆز ھەسەتخورنىڭ قانداق چاغدىكى يامانلىقىدىن پاناھ تەلەپ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر. دېمەك، ھەسەتخورنىڭ قەلبىدىكى ھەسىتىنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىر يامانلىقى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، لېكىن ئۇ ھەسەت ھەسەتخورنى ھەسەت قىلىنغۇچىغا قارشى بىر ھەرىكەت قىلىشقا ئېلىپ ماڭسا، ئۇنىڭ مانا مۇشۇ چاغدىكى يامانلىقى ھەسەت قىلىنغۇچىغا زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەسەت، ئۇنىڭ ئەلچىسى بولغان ھومىيىشلار ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىر زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
ئەبى ئۇمامە مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن ئاھالىسى ھالاك قىلىنغان، ئۆزى خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بىر كەنتتىن ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ مەندىن بۇ يۇرتلارنى تونۇمسەن؟ دەپ سورىدى. مەن تونۇمايمەن، دەپ جاۋاب بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى:
بۇ زۇلۇم بىلەن ھەسەت ھالاك قىلىۋەتكەن بىر قەۋمنىڭ يۇرتلىرىدۇر. ھەسەت ياخشىلىقلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ . زۇلۇم ئۇنى تەستىقلايدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ…[1]
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىدىنمۇ قەلبتىكى ھەسەتنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىر زىيىنىنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەسەت قەلبتىن چىقىپ پۇت-قول ئەزالاردا زىيانكەشلىك قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش كۈشكۈرتۈش… قاتارلىق ھەرىكەتكە ئايلانسا ئاندىن ئۇنىڭ زىيىنى بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ.
ئاللاھ تەۋپىق بەرگەي

[1] – ئەبۇ داۋۇد، ھەسەد، ھەدىس نومۇرى: 4258.

 

 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر