مۇسۇلمانلار

فاتىھەسىز ناماز بولمايدۇ

فاتىھە سۈرىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇ سۈرىنى، ئوقۇغان ھەر نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە ئوقۇشى كېرەك[1]. بۇنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنداق: «ئۇممۇلقۇرئاننى يەنى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماستىن ناماز ئۆتىگەن كىشىنىڭ نامىزى كەمدۇر، كەمدۇر، تولۇق ئەمەستۇر»[2].
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ناماز ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ئۆتىلىدۇ. زىكىر دېگەن سۆز ھەم ئاللاھنى ياد ئەتمەك، ھەم ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان مەنىسىدە كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازدا ئاللاھنى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى ئوقۇپ ياد ئېتىش كېرەك بولىدۇ. فاتىھە سۈرىسىنىڭ باشقا سۈرىلەرگە قارىغاندا ئايرىم بىر ئالاھىدىلىكى بار. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ»
«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[3]»- ھىجر 15/87.
بۇ ئايەتتىكى «مەسانىدىن يەتتە ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» نىڭ فاتىھە سۈرىسى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىز مۇنۇ سۆزى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى[4] ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»[5].
 ئەنە شۇ سەۋەبتىن نامازنىڭ ھەر رەكىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى بۇ ئاللاھنى ئاللاھنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان[6]» نىنى ئوقۇپ ياد ئەتكەنلىك بولىدۇ.
فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغان كىشىنىڭ «ئامىن» دېيىشى سۈننەتتۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئامىن دېگەندە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار»[7].
بۇخارىدا ئۆتكەن باشقا بىر رىۋايەت مۇنداق: «نامازدا فاتىھەنى ئوقۇغان كىشى (ئىمام) ئامىن دېگەندە سىلەر ئامىن دەڭلار…»[8].
ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ «غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين» ئايىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سوزغان ھالدا «ئامىين!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم[9].

 


[1]– فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق ھەنەفىيە مەزھىپىدە نامازنىڭ ئەركانى يەنى نامازنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئاساسى ئەمەس، ۋاجىبىدۇر. باشقا ئۈچ مەزھەپتە نامازنىڭ قىرائىتىنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى ھەر رەكەتتە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتۇر. بۇ مەزھەپلەرگە نىسبەتەن فاتىھە ئوقۇش نامازنىڭ بىر ئەركانىدۇر.

[2]– مۇسلىم، سالات 38 (395).

[3]– «مەسانى» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن بىر سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى…» دەيدۇ. ئۇ ئايەتتە «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مەسانى» دېگەن كەلىمىدۇر. قۇرئان كەرىمگە مەسانى دېيىلىشى ھۆكۈم، قىسسە ۋە نەسىھەتلەرنىڭ تەكرارلانغانلىقى ۋە ھەر ئايىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئوخشىشى بىلەن «ئىككىدىن-ئىككىدىن» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ئايەتتىكى «مەسانىدىن يەتتە» دىن مەقسەت فاتىھە سۈرىسىدۇر. بۇ يەردىكى «من (دىن)» بەيانىي (ئېنىقلاش) ئۈچۈندۇر. يەنى «مەسانىدىن يەتتە» نىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىسى «مەسانىدىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە» دۇر. بۇنىڭ مەنىسى، مەسانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئاننىڭ تامامى بۇ يەتتە ئايەتنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت، دېمەكتۇر. «ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» ئەتفى تەپسىر بولۇپ «مەسانىدىن يەتتە» نىڭ يەنى فاتىھە سۈرىسىنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان» نىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى فاتىھە سۈرىسى ھەم «مەسانى» دەپ ئاتىلىدىغان ھەم «ئۇلۇغ قۇرئان» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ تامامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، فاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ خۇلاسىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن (يەنى سۈرە فاتىھە) ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»- بۇخارى، تەپسىر 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 26؛ تىرمىزى، فاتىھەنىڭ پەزىلىتى بابى 2875- نومۇرلۇق ھەدىس. «سەبئۇلمەسانى» نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن-ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ.

[4]– «سەبئۇلمەسانى» نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن-ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ.

[5]– بۇخارى، تەپسىر 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 26؛ تىرمىزى، فاتىھەنىڭ پەزىلىتى بابى 2875- نومۇرلۇق ھەدىس.

[6]– قۇرئان ئەسلىدە مەسدەر (تومۇر سۆز) بولۇپ مەنىسى «ئوقۇماق» دېگەن بولىدۇ. لېكىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئوقۇلىدىغان كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى مەپئۇل (ھەرىكەت ئوبيېكتى نامى) مەنىسىدە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى «قۇرئان» دېيىلگەندەك، بىر قىسمى، ھەتتا بىر ئايىتىگىمۇ «قۇرئان» دېيىلىدۇ. (قۇرئان كەرىم ۋە ئاچىقلامالى مەئالى، خەيرۇددىن قارامان ۋە ھەيئىتى، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2005، 7- بەت.

[7]– بۇخارى، ئەزان 112؛ مۇسلىم، سالات 72 (410)؛ مۇۋەتتا، سالات 44؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 172؛ تىرمىزى، سالات 185؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 34-35؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 14.

[8]– بۇخارى، دەئەۋات 63.

[9]– تىرمىزى، سالات 184؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 167-168. نۇرغۇن ئۆلىمالار بۇ ئاخىرقى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ، فاتىھەنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىمام بولسۇن، جامائەت بولسۇن ھەر كىشىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «ئامىين!» دېيىشى لازىم دەپ قارايدۇ. ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ بولسا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئامىين» نى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى «ئامىين» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىل» دېمەكتۇر، يەنى بۇ سۆز بىر دۇئادۇر. «رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار» (ئەئراف 7/55) دېگەن مەنىدىكى ئايەتكە ئاساسەن، دۇئادا ئاۋازنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدى سەپلەردىكىلەرگە ئاڭلاتقۇدەك بىر شەكىلدە «ئامىين» دېيىشى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن فاتىھەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىماممۇ جامائەتمۇ پەقەت ئۆزلىرى ئاڭلىغۇەدك بىر ئاۋاز بىلەن «ئامىن» دېيىشى لازىم.- قاراڭ: ئەھمەد نەئىم، سەھىھ بۇخارى مۇختەسەرى تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى، تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى نەشرىياتى، 6- باسمىسى، ئەنقەرە، 1980، 2- جىلد، 779- بەت، 435- ھەدىسنىڭ شەرھى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر