مۇسۇلمانلار

بىلمىگەنلەر قانداق ئوقۇيدۇ؟

قۇرئان ئوقۇشنى بىلمىگەنلەر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك نامازنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئەركانى ئاللاھقا زىكىر ئېيتىشتۇر. ئەگەر بۇ زىكىر ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىكرى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇمكىن بولسا، نامازنىڭ قىيامىدا قۇرئان (بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت) ئوقۇش لازىمدۇر. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا نامازنىڭ ئۇ ئەركانىنى باشقا شەكىلدە زىكىر ئېيتىپ ئادا قىلىش لازىم. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن قۇرئاندىن (كاللامغا) بىر نەرسە ئالالمايمەن. ماڭا قۇرئاندىن نامازدا يەتكۈدەك بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويسىلا دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى: سەن نامىزىڭدا «سُبْحَانَ اللَّهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَاللَّهُأَكْبَرُ وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ العَلِيِّ الْعَظِيْمِ» دېگەن زىكىرلەرنى ئوقۇغىن، دېدى[1].
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم: يا رەسۇلەللاھ! بۇ، ئاللاھ ئۈچۈندۇر. مەن نامىزىمدا ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە ئوقۇيمەن؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «اللَّهُمَّ ارْحَمْنِي وَارْزُقْنِي وَعَافِنِي وَاهْدِنِي» دېگەن دۇئالارنى ئوقۇغىن، دېدى[2].
ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ (يۇمۇلغان) قولى بىلەن «مانا مۇشۇنداق» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئادەمنىڭ قولى ياخشىلىق بىلەن تولدى» دېدى[3].
بۇ ھەقتە رىفائە ئىبنى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مەسچىتتە ئولتۇراتتۇق، بىر بەدەۋى كىشى كېلىپ، ناماز ئوقۇپ بولۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ سالام بەردى. رەسۇلۇللاھ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«قايتقىن! نامازنى باشقىدىن ئوقۇغىن، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ»، دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھقا سالام بەردى. بۇ ئىش مۇشۇ يوسۇندا ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. پەيغەمبىرىمىز بۇ كىشىگە ھەر قېتىمدا «قايتقىن! نامازنى باشقىدىن ئوقۇغىن، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ»، دېدى. بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنى قورقۇتتى ۋە ئۇلارغا ئېغىر كەلدى. ئاخىرقى قېتىمدا ئۇ كىشى: «يارەسۇلەللاھ! ماڭا كۆرسىتىپ قويسىلا ۋە ئۆگىتىپ قويسىلا، چۈنكى مەن ئىنسانمەن، توغرا قىلىشىممۇ مۇمكىن، خاتا قىلىشىممۇ مۇمكىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«شۇنداق، ناماز ئوقۇماقچى بولغان چېغىڭدا ئاللاھ ئەمىر قىلغان بويىچە تاھارەت ئالغىن، ئاندىن شاھادەت كەلتۈرگىن، تەكبىر كەلتۈرگىن، ئەگەر قۇرئاندىن بىر نەرسە بىلسەڭ ئوقۇغىن، بىلمىسەڭ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگىن. ئاندىن رۇكۇ قىلغىن، رۇكۇدا ئارام ئالغىن. ئاندىن رۇسلانغىن ۋە تۈپتۈز تۇرغىن. ئاندىن سەجدىگە بارغىن ۋە سەجدىدە تۈز بولغىن. ئاندىن تۈپتۈز ئولتۇرغىن، ئولتۇرۇشتا ئارام ئالغىن. ئاندىن ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە پۈتۈن رەكەتلەرنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغىن، مۇشۇنداق قىلساڭ نامىزىڭ تولۇق بولغان بولىدۇ. بۇلاردىن ھەرقانداق بىرىنى كەم قىلساڭ نامىزىڭ كەم بولىدۇ»[4].
 يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەردىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىدۇ:
 نامازدا بولمىسا بولمايدىغان ئىش ئاللاھقا زىكىر ئېيتماقتۇر. ئەگەر بۇ زىكىرنى ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىكرى بولغان قۇرئان كەرىم ئوقۇش ئارقىلىق ئادا قىلغىلى بولسا، قىيامدا قۇرئان ئوقۇش كېرەك. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا ھەدىسلەردە ئۆگىتىلگەن زىكىر ۋە تەسبىھلەرنى ئوقۇپ ئوقۇشقا بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نامازدا ئاللاھقا زىكىر ئېيتماق ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا زۆرۈردۇر. لېكىن نامازنىڭ باشقا شەرتلىرى ۋە ئەركانلىرى بەزى شارائىت ئاستىدا ئۆزگىرىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالىدۇ. مەسىلەن: سۇ بىلەن تاھارەت ئالالمىغان كىشى، تەيەممۇم قىلىدۇ. قىيام، رۇكۇ ۋە سەجدىنى قىلالمايدىغانلار ئولتۇرۇپ، ئىشارەت (ئىما) بىلەن رۇكۇ-سەجدە قىلىدۇ، لېكىن زىكىرنى ھېچقانداق ئەھۋال ئاستىدا تەرك قىلمايدۇ. 
 پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالار بەك مۇھىمدۇر. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇلار مەزمۇن جەھەتتە فاتىھە سۈرىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. فاتىھەنىڭ يېرىمى ئاللاھقا ھەمدۇسانا، يېرىمى دۇئا بولغاندەك، يۇقىرىدىكى بىرىنچى ھەدىستىمۇ قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىگە ئالدى بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى تەۋسىيە قىلىنغان. مۇھىم نۇقتا شۇدۇر:
پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە قانداق ناماز ئوقۇشنى سورىغان كىشى ئەرەب بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى ئەرەبچە زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالارنى ئۆگەتكەن. ئۇ زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالار ئايەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لەۋزىدىن بەكراق ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەر مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن نامازدا ئوقۇغۇدەك ئايەت/سۈرە بىلمەيدىغان، ئەرەبچىنىمۇ ئۇقمايدىغان كىشىلەر قۇرئاندىن نامازدا ئوقۇغۇدەك ئايەت/سۈرە ئۆگىنىپ بولغۇچە ئۆز تىلىدا زىكىر ۋە دۇئا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. مەسىلەن:
نامازنىڭ ھەر باسقۇچىدا خۇددى يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە ئۆگىتىلگەن شەكىلدە «ئاللاھنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىقتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا مېنىڭ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا يۆنىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم يوق» دېگەندەك زىكىرلەر ۋە «ئى ئاللاھ! ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ماڭا رىزىق ئاتا قىلسىلا، ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلسىلا، ماڭا ھىدايەت ئاتا قىلسىلا» دېگەندەك دۇئالارنى قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. 


[1]– مەنىسى: «ئاللاھنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىقتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا مېنىڭ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا يۆنىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم يوق».

[2]– مەنىسى: «ئى ئاللاھ! ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ماڭا رىزىق ئاتا قىلسىلا، ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلسىلا، ماڭا ھىدايەت ئاتا قىلسىلا».

[3]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 134 – 135؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 32.

[4]– تىرمىزى، سالات 226.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر