مۇسۇلمانلار

نامازدا قىرائەت

سوئال:
نامازدا قىرائەت قىلىش پەرز ئىكەن. بۇ قىرائەتنىڭ مەنىسى نېمە؟ شەكلىچۇ؟ قىرائەت قايسى نامازدا مەخپىي، قايسى نامازدا ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب:
لۇغەتتە ئوقۇماق، مەنىسىدە كېلىدىغان «قىرائەت» ئومۇمەن «قۇرئان ئوقۇماق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىستىلاھى جەھەتتىن قىرائەت نامازنىڭ بىر ئەركانى بولۇپ، مەنىسى قىيامدا قۇرئاندىن مەلۇم مىقدار ئوقۇماق دېگەن بولىدۇ[1].
ئاللاھ تەئالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي»
«شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىل ۋە مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن نامازنى كامىل ئۆتە!»- تاھا 20/14.
ئاللاھ تەئالا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئەمىرنى بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ»
«ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىل، نامازنى كامىل ئۆتە. شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ»- ئەنكەبۇت 29/45.
بۇ ئىككى ئايەتتە ئۆتكەن «زىكىر» كەلىمىسى مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ كەلىمە ھەم ئاللاھنى ياد ئەتمەك، ھەم قۇرئان مەنىسىدە كېلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ»
« شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز»- ھىجر 15/9.
«فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ»
«مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار»- بەقەرە 2/152.
بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، «ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ناماز ئۆتىمەك»، ئاللاھنى ياد ئەتمەك ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇماق ئۈچۈن ناماز ئۆتىمەك دېگەن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن نامازدا قۇرئان ئوقۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر، يەنى پەرزدۇر. چۈنكى نامازدا قۇرئان ئوقۇماق ھەم ئاللاھنى ياد ئەتكەنلىك، ھەم ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇغانلىق بولىدۇ . خوش، قۇرئاندىن نامازدا ئوقۇغۇدەك مىقداردا ئايەت بىلمىگەنلەر قانداق قىلىدۇ؟ ئەمدى بۇ توغرىدا توختىلايلى:
 
داۋامى بار…

[1]– ئەبۇ بەكىر سىفىل، «قىرائەت» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 433- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر