مۇسۇلمانلار

قېرىنداشلار! ئۇ كەلدى…!

رامىزاننى قارشى ئېلىش ھەققىدە ئۇيغۇرچە يېزىلغان بىر خۇتبە
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بىزنى بۇ رامىزانغا يەتكۈزگەن ئاللاھقا بولسۇن ھەمدۇسانالار. ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشسۇن تەقۋادارلار. بىزنى ياخشىلىقلارغا يېتەكلىگەن رەسۇلۇللاھقا بولسۇن سالاتۇسالاملار. رەھمەتكە چۆمسۇن ئۇنىڭ ئائىلە-تەۋەسى، ساھابىلىرى ۋە پۈتۈن ئەگەشكۈچىسى.  
قېرىنداشلار! مۇئمىنلار تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن مېھمان كەلدى، ئۇ مېھمان رەھمەتكە تەشنا قەلبلەرگە رەھمەت، مەغپىرەتكە موھتاج نەپىسلەرگە مەغپىرەت، بەرىكەتكە تەلمۈرگەن كۆزلەرگە بەرىكەت، شەپقەتكە تەلپۈنگەن كۆڭۈللەرگە شەپقەت ئېلىپ كەلدى.
يەنى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتلىدىغان، شەيتانلار باغلىنىدىغان چاغ كەلدى. ئىبادەت مەۋسۇمى، شۈكۈر پەيتى، ياخشىلىق زامانى كەلدى. ئوچۇق ئېيتقاندا مۇبارەك رامىزان ئېيى كەلدى!
شۇنداق ئايكى رامىزان! ئۇنىڭدا چۈشكەن ئۇلۇغ قۇرئان، ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك قۇياشى ئۇنىڭدا تۇغقان، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدا قۇچقان زەپەرنى، مۇشرىكلارغا تار قىلغان بەدىرنى. ھۆرمەتلىك شەھەر مەككە ئۇنىڭدا پەتىھ بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار تارقالغان.
بۇ ئايدا تىلاۋەت قىلىنىدۇ قۇرئان، بۇ ئايدا بېرىلىدۇ پېقىرلەرگە ئاش-نان. بۇ ئايدا ئەسلىنىدۇ مىسكىنلەر، بۇ ئايدا كۆرىدۇ ياردەم يېتىملەر. بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ دەرسلەر، بۇ ئايدا پاكلىنىدۇ نەپىسىلەر. بۇ ئايدا يۈكسىلىدۇ روھلار، بۇ ئايدا ساقىيىدۇ بەدەنلەر.
بۇ ئايدا ئۆيلەر ئىبادەت بىلەن جانلىنىدۇ، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ ھاياجانلىنىدۇ. زولۇق تەييارلىغان خانىملار غودۇڭشىماس، چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيىتى ئىبادەت ھارغىنلىق ھېس قىلماس. زولۇقنى تەخ قىلىپ ئاندىن ئويغىتىدۇ مېھرىبانلىق بىلەن ئۆي ئەھلىنى، چۈنكى ئۇلار ئۈمىد قىلىدۇ تولۇق ئىنشەنچ بىلەن ئاللاھدىن ئەجرىنى.
بۇ ئايدا رەسۇلۇللاھ بەك سېخىي بولاتتى، ئىلكىدىكىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلاتتى. ساھابىلەر رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە مۇسابىقىلىشەتتى، موھتاجلارغا ياردەم بېرىشەتتى. ئۇلار بۇ ئاينىڭ كەلگىنىگە بەك سۆيۈنەتتى، گوياكى ئۆيلىرىدە بايرام ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار بۇ ئاينىڭ كېچىلىرىدە ناماز ئوقۇيتتى، كۈندۈزلىرىدە روزا تۇتاتتى. ئۇلار بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە، ئۇلارغا ئەگىشىش ياخشى ئادەملىككە بەلگە.
قېرىنداشلار! تۇتايلى بىز روزا رامىزان، بولسۇن بۇ ئايدا ئىشىمىز تىلاۋىتى قۇرئان. بۇ ئايدىكى پۇرسەتلەرنى بىلەيلى غەنىيمەت، ھەممەيلەن قىلايلى ئىبادەتكە ھىممەت. ئۆيىمىز يورۇسۇن قىرائەت بىلەن، قەلبىمىز نۇرلانسۇن ھىدايەت بىلەن.
قولىمىزنى كۆتۈرەيلى دۇئاغا، دەردىمىزنى تۆكەيلى ئاللاھغا. تىلەيلى ياخشىلىق ئۆزىمىزگە، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە بۇرادەرلىرىمىزگە. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمايلى دۇئايىمىزدا، بولسۇن ئۇلار دائىم كۆز ئالدىمىزدا. بۇ ئايدا قىلايلى يەنە كۆپ خەير-ساخاۋەت، كۆرسىتەيلى پېقىر-مىسكىنلەرگە سەمىمىي ساداقەت.
قۇربى يەتكەنلەر سەدىقىنى كۆپ قىلسۇن، يەتمىگەنلەر دۇئاغا كۈچىسۇن. بايلار زاكاتنى ئايرىسۇن، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئالسۇن. بېرەلمىسە پېقىرلەر ئاللاھ يولىدا كۆڭلىدىكى ماددىياتنى، چىڭ تۇتسۇن ھەر دائىم مەنىۋىياتنى. ھەممىمىز گۇناھىمىزغا پۇشايمان قىلىپ ئىستىغپار ئېيتايلى، غەپلەتتىن ئويغىنىپ ئەقلىمىزنى تاپايلى. ھەر كىمگە يۈكلەنگەن سەدىقە پىتىر، بېرىدۇ ئەر-ئايال، باي ھەمدە پېقىر. بېرەيلى بۇ سەدىقىنى ئۆز جايىغا، يەتسۇن بۇ ئارقىلىق ئىبادىتىمىز ۋايىغا.     
قەلبىمىزدىن يوقالسۇن مۇسۇلمانغا بولغان نەپرەت، يەرلەشسۇن ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەببەت. بولايلى بىز بىر-بىرىمىزگە قولداش، ئۇنتۇمايلىكى، بىز ئۆزئارا قېرىنداش. چىرايلىق بولسۇن ئۇلارغا گەپ-سۆزلىرىمىز، كەڭ بولسۇن ئۇلارغا كۆڭلى-كۆكسىمىز. كۆرسىتەيلى ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت، شۇنىڭ بىلەن كەلسۇن بىزگە ئىلاھى رەھمەت.
رامىزان بولسۇن بىز ئۈچۈن بىر ئالىي مەكتەپ، ئالايلى دەرسلەرنى بۇ مەكتەپتىن بولۇپ سەپ-سەپ. ساقلايلى تىلىمىزنى يالغاندىن، قوغدايلى دىلىمىزنى ياماندىن. ئالايلى بۇ ئايدا ئىماندىن خامان، بولسۇن نائۈمىد بىزدىن مەلئۇن شەيتان. ئاخىرى بولايلى تەقۋادار مۇئمىن، قويۇپ بەرمەسلىككە بەلنى ئېتەيلى يەمىن. بىلەيلىكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسىمۇ بىر ئېقىن، ئۇ پەقەت «ياخشىلىق قىلغۇچىلارغىلا يېقىن»- (ئەئراف 7/56).
ئاللاھ تەئالا تەۋپىق بەرگەي
 
ئەسكەرتىش:
بۇ تور بېتىمىزدە رامىزاننىڭ بېشىدا سىلەر زىيارەتچىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى كېرەك بولغان بىر خۇتبە بولۇپ، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىكىپ قالدى. مەئزۇر بىلگەيسىلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر