مۇسۇلمانلار

نامازدا خۇشۇئنىڭ مەنسى

سوئال:
نامازدا خۇشۇئ قىلىش دېگەن نېمە؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
نامازغا باشلىغاندىن تارتىپ نامازدىن سالام بېرىپ چىققۇچىلىك خۇشۇئ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ. الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ»
«نامىزىدا خۇشۇئ قىلغۇچى مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ»- مۇئمىنۇن 23/1-2.
خۇشۇئ دېگەن سۆز ئەيمەنمەك، تەپ تارتماق، سۈر باسماق، تۆۋەنلىمەك، ئېھتىرام بىلدۈرمەك، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
نامازدىكى خۇشۇئ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولغانلىقى چۈشەنچىسى بىلەن تەۋازۇ كۆرسىتىپ بويۇن ئېگىشىنى ئىپادىلەيدۇ. خۇشۇئنىڭ قەلبىي تەرىپى، بەندىنىڭ جانابىي ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ قەلبىنىڭ كامالى ئېھتىرام تۇيغۇسى ئىچىدە بولۇشىدۇر. خۇشۇئنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولسا، ۋۇجۇد ئورگانلىرىدا ئۇ ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن بىر جىمجىتلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى، كۆزلەرنىڭ ئوڭ-سولغا ئەمەس، سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ باشقا بىر نەرسە بىلەن مەشغۇل بولماسلىقىدۇر[1].
نامازنىڭ قىيامىدا بولمىسۇن، باشقا يەرلىرىدە بولمىسۇن، پۈتكۈل باسقۇچلىرىدا خۇشۇئغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. باشنى ئوڭ-سولغا بۇرىماق، كۆزنى ئوڭ-سولغا قاراتماق، كىيىم-كېچەك، چاچ-باش ۋە ساقال-بۇرۇتلار بىلەن ئوينىماق، ئۇيەر-بۇيەرنى قاچلىماق، تۈگمىنى ئاچماق ياكى ئەتمەك… قاتارلىق ئىشلار خۇشۇئغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردۇر. مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇللاھدىن نامازنىڭ ئىچىدە باشنى ئوڭ-سولغا بۇراشنى سورىدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ بەندىنىڭ نامىزىدىن شەيتاننىڭ ئوغرىلىغان بىر نەرسىسىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى[2].

[1]– ئەلمالىلى مۇھەممەد ھەمدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، مەتبەئەئىي ئەبۇززىيا، ئىستانبۇل، 1936، 4- جىلد، 3428- بەت.
[2]– بۇخارى، ئەزان 93، بەدئۇل خەلق 11؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 161؛ تىرمىزى، جۈمە 59؛ نەسەئى، سەھۋ 10؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/7، 106.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر