مۇسۇلمانلار

مەن يېڭىدا ناماز باشلىغان

سوئال:
مەن بەش ۋاخ ناماز باشلىغىلى 8 ئايچە بوپ قالدى. ئىلگىرى ئوقۇمىغان نامازلىرىمنىڭ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟
2- ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا بەزىلەر سەجدە قىلغاندا پېشانە تەگكەن يەرگە قارايدىكەن، يەنە بەزىلەر ئىككى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارايدىكەن، بۇنىڭ قايسى توغرىراق؟
3- ئانامنىڭ بىر ئاچىسى بار ئىدى، يولدىشى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ھال-ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، زاكاتنى ئاشۇ ئانامنىڭ ئاچىسىغا بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب:
1- سىز ناماز باشلىغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ناماز ئوقۇمىغانلىق گۇناھىڭىز يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ نامازلارنىڭ قازاسىمۇ كەلمەيدۇ. چۈنكى ناماز بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىنىشى پەرز بولغان بىر ئىبادەتتۇر. بىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرۇپ ئەكېلىش مۇمكىن بولمىغاندەك ئۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنىمۇ ئۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
نىسا سۈرىسىنىڭ 101- ئايىتىدە سەپەردە نامازلارنىڭ ئىككى رەكەت ئوقۇلىدىغانلىقى، ئەگەر سەپەر ئۈستىدە بولغان مۇسۇلمانلار «كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقسا» ئۇ ئىككى رەكەت نامازنى بىر رەكەتكە قىسقارتىپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى، ئەينى سۈرىنىڭ (نىسا سۈرىسىنىڭ) 102- ئايىتىدە بۇ قىسقارتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن 103- ئايەتتە قادىر بولالمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇپ، يېتىپ، مېڭىپ تۇرۇپ، ئۇلاغ/قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە كېتىۋېتىپ (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 239- ئايەتمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ) ئىشارەت بىلەن بولسىمۇ نامازلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلىدۇ. 103- ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بۇنىڭ ھېكمىتى «…إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا (…شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر» دەپ بايان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر دالالەت قىلىدۇكى: دىنىمىز بەزى شارائىتلار ئاستىدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى، نامازشام بىلەن ناماز خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ[1].
دېمەككى، ھەر ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئۆز ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا سەپەر سەۋەبىدىن تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەتكە، قورقۇنچ سەۋەبىدىن سەپەردە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكەتلىك نامازنى بىر رەكەتكە چۈشۈرگەن ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان رۇخسەتلەرنى بەرگەنكى، ھېچبىر نامازنى ئۆز ۋاقتىنىڭ تېشىدا ئوقۇشقا رۇخسەت قىلمىغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تەۋبە قىلىپ يېڭى ھاياتىڭىزنى باشلىغاندىن تارتىپ نامازلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ ۋە باشقا ئىبادەتلىرىڭىزنى ئورۇندىسىڭىز بۇرۇنقى نامازلىرىڭىزنى ئوقۇمىغانلىقىڭىز ئەپۇ قىلىنىدۇ. بىر كاپىر ياكى بىر مۇشرىك ئىمان ئېيتسا بۇرۇنقى كاپىرلىقى ۋە مۇشرىكلىقى يۇيۇلۇپ كەتكەندەك ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان لېكىن ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىلەرمۇ ھەقىقەتنى تونۇپ، تەۋبە قىلىپ نامازنى باشلىسا بۇرۇنقى گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مەيلى كاپىرلىق ۋە مۇشرىكلىقتىن تەۋبە قىلغانلار بولمىسۇن، مەيلى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغانلار بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (نىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى) مۇنداق:
«مەن، تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ توغرا يولدىن ئايرىلمىغانلارنى چوقۇم ئەپۇ قىلىمەن»- (تاھا سۈرىسى 82 – ئايەت).
بۇ ئايەت كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن يېنىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولسا، گۇناھكار مۇئمىنلار تەۋبە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ گۇناھلارنىڭ ياخشىلىقلارغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 31 – ئايەت).
«ئى مۇئمىنلار ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- (تەھرىم سۈرىسى 8 ئايەت).
«مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازالىنىدۇ، قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ. تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (فۇرقان سۈرىسى 68 – 70).
بۇ يەردە شۇنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم: تەۋبىنى، شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە تەۋبە قىلغۇچى يۇقىرىدىكى ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. تەۋبىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
تەۋبە (توۋا) نىڭ مەنىسى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى قايتا قىلماسلىق ئۈچۈن ئاللاھقا ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرت بار:
1 – سەكراتقا چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ‹ئەمدى تەۋبە قىلدىم› دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز مانا مۇشۇنداقلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»- (نىسا سۈرىسى 18 – ئايەت).
2 – ئىخلاس، يەنى تەۋبىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، دوختۇر چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يامان ئىشنى قىلمىغان كىشى تەۋبە قىلغان بولمايدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 146 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
3 – گۇناھدىن تامامەن قول ئۈزۈش، چۈنكى تەۋبىنىڭ مەنىسى گۇناھ قىلىشتىن يېنىشتۇر. گۇناھ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى گۇناھ قىلىشتىن يانمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا تەۋبە قىلمىغان بولىدۇ.
4 – ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، چۈنكى تەۋبە گۇناھ ئۈچۈن قىلىنىدۇ. بۇ، تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى بىلىشىنى يەنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
5 – قىلغان گۇناھقا پۇشايمان قىلماق، چۈنكى پۇشايمانسىز تەۋبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ بىر ئەركانىدۇر.
6 – ئەگەر ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنى قىلىنغان گۇناھ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ۋە رازىلىشىش كېرەك.
7 – قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش، چۈنكى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن گۇناھنى يەنە ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەۋبە، تەۋبە ھېسابلانمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن سىز، بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن تەۋبە قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلغان بولسىڭىز، بۇرۇن ناماز ئوقۇمىغانلىق گۇناھىڭىز ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئۇ نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس.
«ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا بەزىلەر سەجدە قىلغاندا پېشانە تەگكەن يەرگە قارايدىكەن، يەنە بەزىلەر ئىككى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارايدىكەن، قايسى توغرىراق؟»
ئەتتەھىيياتۇ…دا ئولتۇرغاندا كۆزلەرنىڭ چۈشىدىغان يېرى سەجدە قىلىدىغان يەر بىلەن كۆكسىڭىزنىڭ ئارىلىرىدا بولسا بولىدۇ. باشقا يەرلەرگە چۈشۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەرىكەت نامازغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
«ئانامنىڭ بىر ئاچىسى بار ئىدى، يولدىشى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ھال-ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، زاكاتنى ئاشۇ ئانامنىڭ ئاچىسىغا بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟»
ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ، ھەتتا زاكىتىڭىزنى ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىغا بەرسىڭىز ئىككى قات ساۋاب ئالىسىز: بىرى زاكات ئايرىغاننىڭ ساۋابى، يەنە سىيلەرەھىم (ئۇرۇق-تۇغقانغا ياخشىلىق قىلىش) ساۋابى.
ئاللاھ تەئالا تەۋپىق ئاتا قىلغاي

[1]– قۇرئان كەرىمدە پېشىننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى، نامازشامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى زىكىر قىلىنمايدۇ. بۇ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ نامازلارنى مۇشۇنداق بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر