باش بەت > پەتىۋالار > روزا > روزا ۋە ھېيت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
 رامىزاننىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى ھېساب بىلەن بەلگىلىنەمدۇ ياكى ئاينىڭ كۆرۈنۈشى بىلەنمۇ؟ بۇنىڭغا ئاساسەن 2013- يىلى رامىزان ئېيى قايسى كۈن باشلىنىدۇ ۋە ھېيت قايسى كۈنى بولىدۇ؟
جاۋاب:
دىنى كۈنلەر ھېساب بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاي ۋە كۈن بىر ھېساب بىلەندۇر»- رەھمان 55/5.
«ئاللاھ كۈننى زىيا، ئاينى نۇر قىلغان زاتتۇر. ئاللاھ بۇنى يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ ئۇ زىياغا مەنزىللەر بەلگىلىدى. ئاللاھ بۇلارنى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/5.
زىيا كۈننىڭ شولىسى، نۇر ئىنساننى بىئارام قىلمايدىغان يورۇقلۇق دېگەن بولىدۇ. كۈننىڭ ئۆزىنى كۆرەلمەيمىز، بىزنىڭ كۈن دېگىنىمىز كۈندىن كەلگەن شولىلاردۇر.
بىز ئاينى كۆرەلمەيمىز. بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز ئايغا چۈشكەن كۈن شولىلىرىنىڭ بىزگە ئەكس ئەتكەن قىسمىدۇر. بىز ئۈچۈن ئاي مانا بۇ قىسىمدۇر. ئەكس ئېتىشتىكى تارىيىش ۋە كېڭىيىشلەرگە قارىتا ئۇنىڭغا ھىلال ئاي، يېرىم ئاي ۋە تولۇن ئاي دەيمىز. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىر مۇنداق:
«بىز ئايغا مەنزىللەر (زىيا چۈشىدىغان يەرلەر) بەلگىلىدۇق. ئۇ ئاخىرى قۇرۇق خورما شېخىغا ئوخشاپ قالىدۇ»- ياسىن 36/39.
قەمەرىيە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كۈننىڭ پېتىشىدىن كېيىن ھىلال ئاي كۆرۈنگەن كۈننىڭ ئەتىسىدۇر. ئۇ ئاي رامىزان بولسا ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«… سىلەردىن كىم رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا (يەنى ياشىسا) ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن»- بەقەرە 2/185.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن قەمەرىيە ئايلارنىڭ ھېساب بىلەن بەلگىلىنىشى لازىم. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، يېنىدا بۇ ھېسابنى قىلىدىغان بىر كىشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇنداق دېگەن:
«بىز ئۇممىي بىر جامائەدۇرمىز، يازالمايمىز، ھېسابلىيالمايمىز»، ئاندىن 10 بارمىقىنى ئۈچ قېتىم ئېچىپ، ئۈچىنچىسىدە باش بارمىقىنى يۇمۇپ تۇرۇپ: «ئاي شۇنداق، شۇنداق ۋە شۇنداقتۇر» دېگەن (29 كۈنگە ئىشارەت قىلغان). ئاندىن: «ئاي شۇنداقتۇر، شۇنداقتۇر ۋە شۇنداقتۇر» دېگەن، 30 كۈننى چۈشەندۈرمەكچى بولغان. (مۇسلىم، سىيام 1080).
پەيغەمبىرىمىز قەمەرىيە ئاينىڭ 29 كۈندىن ئاز، 30 كۈندىن ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى ئەنە شۇنداق ئىشارەت تىلى بىلەن چۈشەندۈرگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر سۆزى مۇنداق:
ھىلال ئاينى كۆرگەن چېغىڭلاردا روزا تۇتۇڭلار، قايتا كۆرگەن چېغىڭلاردا ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغاندا ئاينى ئوتتۇز قىلىپ تاماملاڭلار»- (مۇسلىم، سىيام 1081).
ھېسابنى قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولمىغاندا بىرلا چارە ھىلال ئاينى كۆزىتىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئېيتقان ۋە قىلغان. ھازىر مۇتەخەسسىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بىر جاينى مەركەز قىلىپ قۇرئان كەرىم ئەمر قىلغان ھېسابقا ئۆتۈش لازىم.
روزا سۈبھى سادىقتىن باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇممۇلقۇرا بولغان مەككىنى مەركەز ئېلىش كېرەك، شۇنداق مەككىدە سۈبھى سادىق بولغانغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە كۈننىڭ پېتىشىدىن كېيىن ھىلال ئاي كۆرۈنسە يېڭى قەمەرىيە ئاينىڭ باشلىنىشى لازىم.
قەمەرىيە ئاينىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى ھېساب بىلەن قىلىش، قۇتۇپ رايونىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ بىر زۆرۈرىيەتتۇر. چۈنكى ئۇ يەردە بەزى چاغلاردا كۈن چىقمايدۇ، بەزى چاغلاردا بولسا كۈن پاتمايدۇ. كۈن پاتمىغان چاغلاردا ھىلال ئاينى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.
قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى بۇ ئىشنى ھېساب بىلەن قىلىشىمىزنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر جايدا ئەينى كۈندە روزىغا باشلاش ۋە ئەينى كۈندە ھېيت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولىمىز.
ئاسترونوم پىروفېسسور، دوكتور ئادنان ئۆكتەن بەگنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن، ئاينىڭ ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرۈنۈشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن كۈندىن 8 گرادوس ئېچىلىش ۋە ئۇپۇقتىن 5 گرادوس يۈكسەكلىكتە بولۇش شەرتى 2013- يىلى، 8- ئىيۇلدا جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ غەربىي ساھىللىرىدە ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن 2013- يىلى، 9- ئىيۇل رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر.
ھېيتنىڭ ھىلال ئېيى 7- ئاۋغۇستتا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا كۆرۈنىدۇ. ماداغاسقاردا ياشايدىغانلار ئۇ كۈنى كۈننىڭ پېتىشىدىن كېيىن ھىلال ئاينى كۆرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن 8- ئاۋغۇست پەيشەنبە روزا ھېيتتۇر.
تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى بۇ ھەقتە توغرا ئىش قىلماقتىدۇر. قۇرئان كەرىم ھىلال توغرىسىدا ھېسابلاشقا ئەمر قىلغانلىقى ئۈچۈن قەمەرىيە كالېندارىنى ئۆز ساھەسىدە ئىلىم ئەربابلىرى ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھېسابلار بىلەن تۈزمەكتىدۇر.
ھېچبىر ئايەتتە ھىلال ئاينى كۆزىتىشىكە ئەمىر قىلىنمىغان. ئەكسىچە ئىنسانلار ھېسابقا يۆنەلدۈرۈلگەن. ھېسابنى قىلىدىغان كىشىلەر بولمىغاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىردىنبىر چارە سۈپىتىدە قىلغان، ھىلال ئېيىنىڭ كۆز بىلەن كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت تەتبىقاتىنى بىر بۇيرۇق دەپ چۈشىنىش قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس.
مەنبە: پروفېسسور، دوكتور ئابدۇئەزىز بايىندىر، «2013- يىلى رامىزان ۋە بايرام ھىلالى تەسبىتى»، كىتاب ۋە ھېكمەت ژۇرنىلى ، 1- يىل، 2- سان، 2013 (ئىيۇل-سېنتەبىر) 14-16- بەتلەر.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ