مۇسۇلمانلار

تاھارەت ۋە سۇندۇرغۇچىلار

سوئال:
«ھەدىس» دېگەن نېمە؟ ھەدەستىن تاھارەتچۇ؟ تاھارەتنى سۇندۇرغۇچى ئامىللار قايسى؟ قانچىلىق دەرىجىدە ئۇخلىسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ؟
جاۋاب:
ھەدەس لۇغەتتە «يېقىن زاماندا مەيدانغا كەلگەن نەرسە، كېيىن پەيدا بولغان نەرسە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، فىقىھ ئىستىلاھىدا تاھارەتسىزلىك ياكى جۇنۇپلۇق سەۋەبىدىن ئىنساندا پەيدا بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەنىۋى پاسكىنىلىق ياكى بۇ پاسكىنىلىقنىڭ سەۋەبى دېگەن بولىدۇ[1]. ھەدەستىن تاھارەت بولسا، ئەھۋالغا قاراپ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ۋە ياكى تەيەممۇم قىلىش ئارقىلىق بۇ مەنىۋى پاكىزلىقنى ھاسىل قىلىش دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
 «ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن چاغدا ئۇ نامازنى قىلماقچى بولغانلار تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا بىر ھۆكۈم، كېسەللىك ياكى يولۇچىلىقدەك سەۋەبلەرنىڭ تۈپەيلىدىن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتەلمەيدىغانلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىشلىرىغا رۇخسەت بېرىلىشىدۇر.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىسى مۇنداق:
«تاھارەتسىز ئوقۇلغان ھېچبىر ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»[2].
«تاھارىتى سۇنغان كىشىنىڭ نامىزى قايتا تاھارەت ئالمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايدۇ»[3].
يۇقىرىدىكى ئايەت تاھارەتنى تەرىپلەش بىلەن بىرگە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللارنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ. ئايەتكە ئاساسەن، تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرىنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. يەنى ئالدى ۋە ئارقا تەرەت يوللىرىدىن چىققان  ھەر نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بۇ نەرسىلەر ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا چىقسىمۇ ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.
كىشى ئۇخلىغان چېغىدا تۇيماستىن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ دەرىجىسى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يېتىپ ياكى بىر نەرسىگە يۆلۈنۈپ ئۇخلاش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۈگدەش بولسا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ.
غۇسۇل پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى جۇنۇپلۇقتۇر. سۇ تاپالمىغانلىقتىن ياكى سۇنى ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن تاھارەت ئالالمىغان ياكى غۇسۇل قىلالمىغان كىشى پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاھارەتنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم بىلەن غۇسۇلنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم ئوخشاشتۇر.

[1]– رەھمى ياران، «ھەدەس»- دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1997، 15- جىلد، 1- بەت.

[2]– مۇسلىم، تاھارەت 2 (224)؛ تىرمىزى، تاھارەت 1؛ نەسەئى، تاھارەت 103، زاكات 48؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 2؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/51، 73.

[3]– بۇخارى، ھىيەل 2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2 (225)؛ تىرمىزى، تاھارەت 56؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/318.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر